يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسەرلىرىدىكى تىبابەت كۆز قارشلىرى

2012-يىل 6-ئاۋغۇست2,6450

.......يۈسۈپ خاس ھاجىپ (تەخمىنەن 1018-1075) قارخانىلار دەۋرىنىڭ دۆلەت ئەربابى،ئەڭ ئاتاقلىق شائىرى، پەيلاسوپى، مۇتەپەككۈرى بولۇپلا قالماستىن، تىبابەتچىلىكتە خەۋرى بار ئۇلۇغ ئالىم ئىدى،ئۇنىڭ ‹قۇتاتقۇبىلىك› ناملىق چوڭ ھەجىمدىكى داستانى،11-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ياخشى نەمۇنىسى ،بىباھا گۈھەر، خەلىقىمىزنىڭ ئىپتىخارى. ئۇ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىۋى ئىلىمى بولغان 4 خىلىت يەنى سەپرا، قان، بەلغەم،سەۋدا ھەققىدىمۇ توختالغان. ھەمدە كېسەللىكنىڭ ئېغىزدىن كېسەللىكىنىڭ ئېغىزدىن كىردىغانلىغىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ، ئۇزۇقلىنىشتا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش لازىملىغىنى ئىخچام، چۈشىنىشلىك شەرھىلەپ بەرگەن: 

كېسەل گالدىن كىرەر، ئۇنى چىڭ كۈزەت،

يىگىن ئاشنى تەڭشەپ، ئاز-ئاز يە پەقەت.

غىزانى يە ئۆلچەپ، يىمە تولا كۆپ ،

ئەقىل بىر ئەزىز سۆز ئېيتتى بۇڭا خوپ:

تولا يىگۈچىنىڭ ئېشى سڭمىغاي،

ھەزىم بولمىسا ئاش، ھەر يان ئاغرىغاي.

تولايىگەن كىشى كېسەلچان بولۇر،

سېرىق يۈز، ياداڭغۇ، ئۆزىنى خار قىلۇر.

تولا كۆردۈم ئەمدى ئەزىز كىشىلەر،

گېلىنى يىغالماي بولۇپ كەتتى يەر.

كېسەل دەردى ئەرگە گېلىدىن كېرىدۇر،

ئۇنىڭ دورىسى ھەم ئېغىزدىن بولۇر.

تىرىك بولسا ئادەم ئۇ كېسەل بولۇر،

تىۋىپلار كېسەلگە داۋالار قىلۇر.

ئۇلارنى سەن ياخشى كۆرۈپ، تۇت يېقىن،

ئۇلاردۇر كېرەكلىك، كۈزەت سەن ھەقىن.

8 1

ulinix tori ئازساز