ھەر ئىشقا بىر باشچى كېرەك.
بۇ مۇنبەردە ئۇششاق باللا يوق، يالاڭ ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكاسلارنى ئوقۇسا بايقاپ ئالغىلى بولىدۇ. ياشلار نىڭ بولىشى تېخى ياخشى، نادىر تېمىلارنى كۆرۈپ ئۆزىدە مەلۇم ئۇقۇم ھاسىل قىلىدۇ.
مەن تۆۋەندىكى بىر ئىشىنى يازاي دەپ يازمىغان ئىدىم ،ئەمدى ئىنكاس تەرىقىسىدە يېزىشقا مەجبۇر مەن:
مەن بىر دوختۇر قىزغا 150 يۈەن قىممىتىدىكى بالىلار ئويۇنچىقىنى تەڭلىدىم، ئۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
مەن دوختۇرنىڭ يېنىغا دورا يازدۇرغىلى كىرسەم 4-5 ئادەم بار ئىكەن، ساقلاپ تۇرسام ئارىدىن 50-55لەردە بىر ئايالغا نۆۋەت كەلدى...
دوختۇرقىز: سىلى نىم بولغانتىلە ؟
بىمار ئايال: گۈەنجىيەن ( <<بوغۇم ياللۇغى>>نىڭ قوشتىلدىكى خاتا تەلەپپۇز قىلىنىشى)بولۇپ قاپتىكەنمەن شۇنىڭغىبى....
_ سىلى بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بىلمەملا يە؟ - دىدى دوختۇرقىز ناھايىتى ئىللىقلىق بىلەن ئايالغا قاراپ.
_ بىلمەيدىكەنمەن، شۇ ھەممە ئەدەم شۇنداق دىگەندىكىن...
_ تىلىمىز مۇشۇنداق مېڭىۋەرسە كېيىن ھىچنىمىنى ئۇققىلى بولمايدىغان بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ، بۇ بوغۇم ياللۇغى دىگەن گەپ، سىلى خەنزۇچىنى بىلەملا ؟
-ياق ...
مەن بۇ چاغدا كۆڭلۈمدە بىر نەرسىنى ئويلاپ سىرتقا چىقىپ كەتتىم... بىر قەغەز قاپلىق بىنەرسىنى كۆتۈرۈپ كىرسەم 2 ئادەم قاپتىكەن، قىز مەندىن:
- سىلى نىم بولغان ؟ -دىدى.
- مەن بۇلار نىڭ ئىشى تۈگىگەندە ئېيتاي - دىدىم...
ئاخىرى ئادەممۇ قالمىدى
- مەن باياتىنقى سۆزلىرڭىزدىن بەك سۆيۈندۈم، بىزدە سىزچىلىك چۈشەنچىسى بارلاردىن قانچىلىك باردۇ؟ ،سىز ئانچى -مۇنچە تورغا چىقىپ قويامسىز -دىدىم مەن .
-ھە ئە چىقىمەن ...
-توردىكى نامىڭىز ... (دەپ بولۇپلا خاتا سۇئال سورىغانلىقىمنى بايقاپ توختىۋالدىم)
- بۇ ....
ھە ياق خاتا قىپتىمەن، مەن باياتىنقى ئايالغا بەرگەن چۈشەنچىڭىزدىن تولىمۇ تەسىرلىنىپ مۇنۇ ئويۇنچۇقنى ئەكىردىم ،قوبۇل قىلمىسىڭىز بەك رەنجىيمەن، بۇ سىزنىڭ مۇكاپاتىڭىز .مەن سىزنىڭ ئوغىلىڭىز بارلقىنى بىلىمەن، يەسلىدە كۆزۈم چۈشۈپ قالغان. چوقۇم ئېلىڭ ، بولمىسا كېسىلىمنىمۇ دىمەي چىقىپ كېتىمەن.
قىز جىق گەپ قىلمىدى ئەمما كۆزلىرىدىن ئۆزىدىن ئۆزى ۋە مەندىن رازى بولغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولاتتى. مەن ئاندىن دورامنى يازدۇرۇپ ناھايىتى مەمنۇنىيەت ئىكىدە چىقىپ كەتتىم ....
مانا بۇ توردىكى ئىلغار پىكىرلارنىڭ پايدىسى بولماي نىمە. قالغانلىرىنى يولداشلار ئوقىسىلا ئەلۋەتتە بىلىۋالالايدۇ.
[ بۇ يازمىنىئەرتۈڭەدە2012-10-19 22:32قايتا تەھرىرلى ]