مەنمۇ بۇ يوليۇرۇقنى ھىس قىلغىنىمچە دەپ باقاي ،خاتا چۈشىنىۋالغان بولسام توغرىسىنى ئورتاقلىشارمىز :
1-ھەرقانداق ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى بولغىنىدەك، ھەممىگە ماس مائارىپ شەكلىمۇ بولمايدۇ. (قوللايمىز )
2-تاللاش ۋازكىچىشتىن دىرەك بىرىدۇ. يوقارقى 465-قەۋەتتىكى تورداشنىڭ ئىنكاسىدىن كۆرىۋېلىشقا بولۇدۇكى ئەسلى مائارىپ ئانا تىل ئۈگىنىش بىلەن باشلىنىپ، باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۈگىنش بىلەن تاكامۇللاشسا بولاتتى ،شۇنداق بولغاندا بىز ھەم ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا يېڭى ئىلغار مەدەنىيەت بىلىملىرىنى قۇبۇل قىلىپ مائارىپنى كەڭ دائىرلىك تەرەققى قىلدۇرالايتتۇق ،ئەمدى تاللاش ۋە ياكى ۋاز كېچىشتىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپلۇق بولغىنىمىزدا ھازىرقى شارائىتتا بىزگە قايسى تىلنى تاللاپ قايسى تىلدىن ۋاز كېچىشىمىز تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ ،بۇنداق ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ بۇنىڭغا ئىنتىلىشىمىزنىڭ كۆپ مىللەتتىن تەركىپ تاپقان مەملىكىتىمىزدە قانچىلىك ئىجابى ئەھمىيىتى بولار ؟
3-سىزنىڭچە قوش تىل مارىپى زىيانلىقمىدۇ؟ زىيانلىق ئەمەس ،پەقەت
(ئانا تىل ئۈگىنىش بىلەن باشلىنىدۇ، باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۈگىنش بىلەن تاكامۇللىشىدۇ)دىگەندەك بولسا ئەھمىيىتى زور بولاتتى
4- بىر تىلنى ئارتۇق بىلىش بىر پۇرسەتنىڭ ئارتۇق بولغىنى ئەمەسمۇ؟
ھەمىمىز پۇرسەت بولسا بىر ئىككى تىللا ئەمەس ،بەلكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك تىلنى بىلسەك ،تېخىمۇ كۆپرەك پۇرسەتلەرگە ئېرىشسەك دەپ ئۈمۈت قىلىمىز .
[ بۇ يازمىنىdilsozدە2012-10-16 18:12قايتا تەھرىرلىد ]