نەق مەيدان يازمىسى
ھۆرمەتلىك تورداشلار ،تەخمىنەن ئون مىنۇتنىڭ ئالىدىدا يوقىرىقى ئىنكاسىنى يېزىۋېتىپ دىلشات ئەپەندىمدىن يەنە بىر تېلېفون تاپشۇرۇۋالدىم ، ئۇنىڭغا مەن قۇرماقچى بولغان يەسلىنىڭ ئىسمىنى ئېيتمىغان پەقەت ئانا تىل ئىشلىتىلىدىغان يەسلى قۇرۇش ئويۇمنى ئىيىتقان ئىدىم بۇ قىتىمقى تېلېفونىدا ئۇ نەدىن ئاڭلىغاندۇ بىلمىدىم ئۇ كىشى « سىز ئانا تىل بالىلار باغچىسى قۇرماقچىمۇ» دەپ سورىدى مەن شۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشىمگە ئۇ ماڭا ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت كۆپ مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايوندا يەسلىگە بىرلا مىللەت بالىلىرى كىرمەيدۇ باشقا مىللەتلەرنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ ، بېكىنمىچىلىك ياخشى ئىش ئەمەس دەپ ئىيتىپ ماڭا ئومۇمىيلىقىنى كۆزدە تۇتىشىشمنى تەۋىسىيە قىلدى .بۇ كىشىگە ھۆرمەت قىلىپ گېپىنى بۆلۈۋەتمەي ئەستايىدىل ئاڭلىدىم .ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭغا بەزى چۈشەنچىلەرنى بېرەي دىدىميۇ گەپ سۆزىدىن ئۇنىڭ ئالدىراشلىقىنى سىزىپ تەكرار تەشەككۇرىنى بىلدۇرۇپ بولدى قىلدىم .
تور يۇزىدە دىلشات ئەپەندىمگە دېيەلمىگەن بەزى سۆزلىرىمنى دەپ ئۆتۈشۈمگە ئىجازەت قىلساڭلار .مەن ھەر قانداق بىر ئىدىلوگىيلەشكەن قاراش تونۇشلار ياكى ئاللىقانداق ىسياسەتلەرنىڭ بولۇپمۇ ئاشقۇن مىللەتچىلىكنىڭ مائارىپقا ئارلىشىشغا قارشى .مائارىپ ئىنسانچىلىق ئاساسىغا ئىلمى قاراشلار ئۈستىگە قۇرلىشى كېرەك ، ھالبۇكى ئانا تىل مىللى بايلىق بولۇشتىن ھالقىغان ،ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى بولغاچقا ئىنسانلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان مائارىپقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم مائارىپ بايلىقى ھىساپلىنىدۇ . دىيارىمىزدا مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئانا تىل مەكتەپلىرى قۇرۇش باشقا مىللەتنى چەتكە قىقىش بېكىنمىچىلىكتىن ئىبارەت مەنىسىدە ئەمەس بەلكى باشقا مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئىلىپ تەرەققى قىلالايدۇ دەپ قارايمەن مەسىلەن ئانا تىل بالىلار باغچىسىدا خەنزۇ ۋە قازاق بالىلارنى قوبۇل قىلساق ۋە شارائىت يار بەرگەنچە بۇ مىللەتلەر بالىلىرىغا ئۆز ئانا تىلدا تەربىيە بەرسەك تامامەن بولىدۇ. يەنى ئانا تىل بالىلار باغچىسى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەمەس ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئۆز ئانا تىلىنى ئانىسىدەك ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ئىزىلەيدىغان باشقا كىشلەرنىمۇ ئانا تىل باغچىسى بولالايدۇ
[ بۇ يازمىنىkanoniyolدە2012-10-15 20:04قايتا تەھرىر ]