بۇ مەزمۇن 506قەۋەتتىكى kurdaxدە2012-10-17 06:59يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەن بۇ مۇنبەرگە يېڭىدىن باشقۇرغۇچى بولساممۇ، ھەمدە مۇنبەردىكى دوستلار بىلەن جىق پىكىرلەشمىگەن بولساممۇ، دوستلارنىڭ ئانا تىلىمىزدىن ئىبارەت مىللەتنىڭ تەغدىرىگە چېتىلىدىغان، قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلىلەرگە ئىنتايىن سالماقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدىن تولىمۇ سۈيۈندىم(بەزى قىزىققانلىق بىلەن دېيىلگەن ئىنكاسلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا)، لېكىن ئاشۇ ئەمەل تۇتۇپ، مىللەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن بىر ئېغىز لىللا گەپ قىلالمىغان تۇرسۇن، دىلشات، رۇستەم قاتارلىق باشلىقلارنىڭ سۆزلىرىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم. پارتىيە ۋە دۆلەت چىقارغان، خەلق قۇرۇلتىيى ماقۇللىغان شۇنچە ئادىل قانۇنلارنى ئىجىرا قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ تاجىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن قورقىۋاتقانلىقىنى، نەقەدەر بىچچارە كۈندە قېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمىز، دەرۋەقە بۇنى ئۇلاردىنمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ، گەپنىڭ نېگىزىنى ئېيتقاندا يەنىلا يوقۇرىدىكى تەدبىر بەلگۈچىلىرىمىزنىڭ مەسىلىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئانا تىل بالىلار باغچىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە قانۇنى يول قېرىندىشىمىز ھەقىقەتەن جاپا چېكىۋاتىدۇ، بۇنى ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ مېنىڭچە تۆۋەندىن يوقۇرىغا قاراپ مېڭىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمىغاندەك قىلىدۇ، ئەمدىكى گەپ-شىنجاڭنىڭ ئىشىنى ئوڭشاۋاتقان، خەلقپەرۋار، مېھرىبان كىشى دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان شۇجى جاڭ چۇنشيەن ئەپەندىمنى ئىزدەشتىن باشقا يول قالمىدى، چۈنكى ئاڭلىشىمچە جاڭ چۇنشيەن بۇ يىل 50 مىلىيون يۇەن مەبلەغ ئاجىرىتىپ، ئانا تىلىمىز بولغان ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدەبىي مىراسلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، توپلاشقا بۇيرۇق بەرگەن ئىكەن، بۇمۇ ئانا تىلنى قوغداشتىكى رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە بىر خۇشاللىنارلىق ئىش.