ئوقۇشقا كېتىدىغانلار كەتتى،دادام رەت قىلغاندىن كىيىنكى ئولتۇرۇشلارنىڭ بىرىگىمۇ بارمىدىم. ئىززەت ئاتايىتىن ماڭا بىر بالىدىن گەپ ئىۋەتىپ‹‹ زۆھرە مېنى ئۇزىتىپ قويغىلى كەلسۇن، ئۇنىڭغا ئۇختۇرۇش كەلگەن بولسا ئېلىپ كەلسۇن، مەن ئىككى قۇلىقىمنى كېسىپ تەخسىگە سېلىپ رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ئۇنىڭغا تۇتىمەن›› دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ سوغۇق كۈلدۈم ۋە ئۆيدىكى تەكچىدە دادامنىڭ كىتابلىرى ئارىسىدا بېسىلىپ ياتقان ئۇختۇرۇش قەغىزىمنى ھېلىقى بالىغا تۇتقۇزۇپ قويدۇم.
-ئىززەتكە دەپ قوي، ئۇنىڭ سالپاڭ قۇلىقىنى ئىتمۇ يىمەيدۇ، ئوقۇشقا بارسا ئازراق غەرەز ئۇقۇشقا پايدىسى بولار، ئاۋايلاپ ئىشلەتسۇن، شەرقى شىمال دىگەن بەك سوغۇقمىش، ئۈششۈتىۋالمىسۇن.-دەپ گەپ خالتا قىلدىم. ئۇ بالا ئىززەتنىڭ ئىنىسى بولسا كىرەك. ئىززەتكە بەكلا ئوخشايتتى. سىنىپتا ئىززەتنى ئىززەت ئىلياس دەپ چاقىراتتىم، ئۇ ئۆلگۈدەك تېرىكىپ:‹‹مېنى قىز بالىغا ئوخشاتما››دەپ كېتەتتى. مەن بولسام مۈرەمنى قىسىپ قويۇپ‹‹كىم داداڭنى ساڭا قىزلارنىڭ ئىسمىنى قويۇپ قويسۇن ›› دەپ تۇرىۋالاتتىم. بىر قېتىم تاپشۇرۇق دەپتىرىگە يازغان ئىززت دىگەن ئىسىمنىڭ كەينىگە ‹‹گۈل ››نى قوشۇپ يېزىپ قويسام، مۇئەللىم كىرىپ تاپشۇرۇق تارقاتقاندا ‹‹ئىززەتگۈل ›› دەپ ئىسىم چاقىرغاندا ئۇ ھۆپپىدە قىزىرىپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قالغاندى. شۇندىن كېيىن ئۇ ماڭا ئۆچ بوپ قالدى. مېنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن خوشام قالمىغاندى.
9-ئاي كىردى. ھەممە ساۋاغداشلىرىم دىگۈدەك ئوقۇشقا كەتتى. پەقەت مەن ۋە ئىمتىھاندا نومۇرى كەملىگەن بىر نەچچەيلەنلا قالدۇق. كۆرۈشۈپ قالساق، ئىمكان بار ‹‹بىزگىمۇ خۇدايىمنىڭ كۈنى باردۇ ›› دىيىشىپ تەسەللىي بىرەتتۇق.
-ئاداش، مەيۈسلەنمە، ئىمتىھاندا كۆچۈرۈپ ئۆتۈپ كەتكەنلەرمۇ كىتىدىكەن جۇمۇ. ئالىيە تۆت ئەتراپىدىكىلەردىن كۆچۈرۈپ، ماتىماتىكىدا بىزگە بىر سۇئالمۇ دەپ بەرمەي چىقىپ كەتتى. شۇڭا نەتىجەم كەملەپ قالدى. سەنمۇ ئۇختۇرۇش كەلگەن كەسىپنى ياراتماي ئوقۇمىدىڭغۇ. بىز ئۇنچىۋالا يارامسىز ئەمەس. –دېدى ئايشەم. ئۇ باشقا پەنلەردە ياخشى، پەقەت ماتىماتىكىغا كەلگەندە بېشى ئاغرىيتتى. ئۇ ئالىيەدىن جىق ئۈمىد كۈتكەن ئىدى. لېكىن ئالىيە ماتىماتىكا ئىمتىھانىدا ئۇنىڭغا قەغەزنىڭ ئۇچىنىمۇ كۆرسەتمەپتۇ. شۇڭا ماتىماتىكا نومۇرى توشماي قېلىپ قالغان ئىدى.
-كىم بىلىدۇ، قانچىسى يېنىپ كېلىدۇ دەيسىلە. مانا مەن ئوقۇمايمۇ ئۆز يولۇمنى تاپىمەن. ئەمدى بىرەر ئۆي ئۆيدە ئولتۇرۇپ، ئاندىن ئۈرۈمچىگە چىقىپ ‹‹شېرىن ئاي ھۆسىن تۈزەش مەكتىپى ›› دە ئوقۇپ بىر گىرىم دۇكىنى ئاچىمەن. بىر كۈنلەردە توي قىلساڭلار، توي گىرىمىڭلارنى ئۆزۈم قىپ قويىمەن.-دېدى ئەزەلدىنلا ئوقۇش بىلەن ئانچە خوشى يۇق ھەلىمە. ھەلىمەنىڭ ئۆيىگە بىر قېتىم بارغىنىمدا ئۇنىڭ بىر چاچ مودىلىنى ئالدىغا تىكلەپ قويۇپ، چېچىنى ھەر خىل ياساپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەندىم. سىنىپتا ياكى مەكتەپتە بىرەر پائالىيەت بولسىلا، پائالىيەتكە قاتناشقۇچى، رىياسەتچىلەرنىڭ چېچىنى ياساپ قوياتتى. مەن ئۇنىڭ ئىرادىسىگە قايىل ئىدىم.
-ئوقۇشقا بارساقمۇ ئوقۇش پۇلى دەپ يىلىغا بەش ئالتە مىڭنى، تۇرمۇش پۇلى دەپ ئېيىغا ئىككى-ئۈچ يۈزنى بۇزۇپ چاچىدىكەنمىز. خىزمەت تاپالىساققۇ خوپ، تاپالماي، ئەدناسى مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرۈپ، دىپلۇم ئالالماي كەلسەك ئۆيدىكىلەرنى يىقىتىپ قويىدىكەنمىز. شۇڭا دۇنيادا ياشايدىغان يولنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئوقۇش بولمىغاندىكىن، يىتەرلىك ئوقۇدۇق، ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ يولىنى ئۆزىمىز تاپايلى. قانداق دىدىم، زۆھرە؟
ھەلىمەنىڭ ئىشەنىچ بىلەن ئېيىتقان گېپى مېنى خىيال دېڭىزىدىن تارتىپ چىقاردى. خېلى روھلىنىپ پاراڭغا قوشۇلدۇم، بىز ئوقۇشقا كەتكەنلەر، يىگىت، مودا، رەخىت، بۇ يىلقى ئېقىۋاتقان رەڭ دىگەنلەرنى گېپىنى قىلىپ خېلى كاسىلداشتۇق.
-ھەييى، بۈگۈن سادەت كەلمەي قالدى-دە، ئۇمۇ خېلى پاراڭ قىلىپ بىرەتتى.
-ئادىشىم، ئۇ يىگىتى بىلەن ئالدىراش، توي قىلىمەن دەپ يۈرىدۇ.
-نىمە دىدىڭ؟-مەن ھەيران بولۇپ سورىدىم. سىنىپتىكى سائادەت ئىسىملىك بۇ ساۋاغدىشىمىز ئىنتايىن ياۋاش، مۇلايىم قىز ئىدى. ئوقۇشتا ناچارراق بولغىنى بىلەن مۇلايىملىقى ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىگە ياقاتتى. سىنىپتا سۇئاللارغا جاۋاب بەرسىمۇ قىزىرىپ كىتەتتى. ئۇنىڭ يىگىت تېپىۋالغانلىقىدىن خەۋىرىم يوق ئىدى. توي قىلىدىكەن؟ تۆۋۋە ئۇ قىز توي قىلسا، سىنىپىمىزدىكى ئەڭ بالدۇر توي قىلغان قىز بوپ قالاتتى. توي قىلىشنى بولسا ھېچقايسىمىز ئويلىشىپمۇ باقمىدۇق دەپ ئويلايتتىم.
-ماڭغىنە، نەدىكى گەپلەرنى قىلمىغىنە.-دىدىم .
-ۋاي راست، سادەت توي قىلىمەن دەپ ئۆزى دىدى. بىز كۆرۈشكەندە يىگىتى ئا ياققا بېرىپ تۇرۇپ تۇردى. بويى ئىگىز، سەھرا چىراي، بېشىغا شەپكە كىيىۋالغان بالىكەن. ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.
قىزلار بىلەن خوشلىشىپ تارقالغاندىن كېيىن، ۋېلىسپىتىمگە مىنىپ ئۆيگە قايتتىم، يول بويى سائادەت كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. ئۇ قىز 18 ياشقا كىرىپلا توي قىلىپ كەتسە...توي.... بۇ گەپ كۆز ئالدىمغا كېلىۋىدى، تېنىم جۇغۇلداپ بىر قىسما بولدۇم. مەن ئاكىلىرىمنىڭ، تۇققانلارنىڭ بالىلىرىنىڭ تويلىرىغا قاتناشقان بىلەن ئۆزۈمنى بۇ ئوقۇمغا يېقىنلىشىشقا تېخى يىراق دەپ ئويلايتتىم. پەقەت ئاپامنىڭ ئاغىزىدىن :‹‹ 17 ياشقا كىرگەندە داداڭغا تىگىپ قالغانمەن›› دىگەنلەرنىلا ئاڭلىغان. ئاڭلىشىمچە، ئاپام كىچىك توي قىلىپ بەك جاپا تارتقانمىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارقا-ئارقىدىن ئوغۇل تۇغۇپ بالىلارنىڭ جاپاسى قوشۇلۇپ بەك قىينالغانمىش. ئاپام بۇ ھەقتە بىر گەپ باشلاپ كەتسە ئاغىزى پەقەت توختىمايدۇ. شۇڭا مېنىڭ كاللامغا ياخشى ئوقۇپ، كىچىكىپرەك توي قىلسام دىگەن خىيال ئورناپ كەتكەن ئىدى. لېكىن ئوقۇشتىن ئۈمدىم ئۈزۈلدى. قايتا ئوقۇشنى ئويلىساملا كاللامغا بىر خىل ئاغرىق كىرىپ كىتىدۇ. قايتا ئوقۇغىنىمنى ئىززەت ئاڭلىسا قانداق خوش بوپ كىتەر ھە؟ ئاتايىتىن رۇخسەت سوراپ، مېنى مەكتەپتىن سومكامنى ئېلىپ چىقىپ كېلىۋاتقان ھالەتتە كۆرۈش ئۈچۈن يېنىپ كېلىشتىن يانمايدۇ. ئىززەتنى خوش قىلماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ ئوقۇمايمەن دىدىم ئوقۇمايمەن.
خىيال ئىچىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىققىنىمدا، ئىشىك ئالدىدىن ئۆتۈپ دادامنىڭ كىتابخانىسى قېشىغا كېلىپ قالاي دەپتىمەن. ئارقامغا بۇرۇلۇپ ئىشىك ئالدىغا كەلسەم ئىشىك ئالدىدا ئاپام خوشنىلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ.
-بالام، قارىسام ئۆتۈپ كىتىپ بارىسەن. بىر نەرسىنى خىيال قىلدىڭمۇ؟
-بىر ساۋاغدىشىمىز توي قىلىدىكەن. شۇنى ئويلاپ كىتىپتىمەن.
-مەكتەپنى پۈتتۈرە-پۈتتۈرمەيمۇ؟ ۋاييەي، بۇ زاماننىڭ قىزلىرىزە،-دېدى خوشنىمىز ھۆرىيەت ئاچام.
-ھۆرىيەتگۈل، بىزمۇ كىچىك توي قىلغانغۇ.
-ياق، دىمەكچىمەنغۇ، ھازىر قىزلار ئالدىرىماي مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىۋاتىدۇ. 18 ياشقا كىرە-كىرمەي توي قىلىۋالسا، ئەتە بەش كۈندە بالىدىن بىرنى تۇغسا، شۇنىڭ بىلەن، ئۆي، بالا-كالا دەپ، تۇرمۇشقا چۆكۈپ كېتىدۇ. ياشلىق باھار دىگەن قىسقا، ھايىت-ھۇيىت دىگۈچە ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ھۆرىيەت ئاچام توختىماي سۆزلەپلا كەتتى. ئۇ كىتابنى جىق ئوقۇغان ئايال، گەپ سۆزلىرىدىن ماقال-تەمسىل تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ گېپىدە جۈپ سۆز دىگەننى تۆكۈپلىۋىتىدۇ. مەن ئۇنىڭ گېپىنى تىڭشاشقا ئامراق. لېكىنزە، ئۇنىڭ گېپىنىلا تىڭشاش كىرەك، ئۇنىڭغا ئازراقلا گەپ قىپ قۇيدۇقمۇ بولدى، ئەتە- ئۆگۈن بۇ مەھەللىگە پۇر كېتىدۇ.