ئاپام بىلەن دادام تالادىن نىمىنىدۇر دىيىشكىنىچە كۈلۈشۈپ كىردى. ئۇلارنىڭ كىرىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز ئۇھ تارتتىم. دادامنىڭ كۈلىدىغان چاغلىرى بەك ئاز. بولۇپمۇ مۇشۇ كۈنلەردە، مېنى كۆرسىلا جۇدۇنى ئۆرلەمدىكى، ياكى مېنىڭ دادامنى كۆرسەم جۈدۈنۈم ئۆرلەمدىكى، ئىككىمىز بولساقلا ئۆي ئىچىنى بىر خىل سوغۇقلۇق قاپلاپ، مۇزلاپ كىتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم. ماڭىغۇ شۇ چېچىلغاندىن كېيىن چېچىلىپ باقمىدى، ئەمما كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشمىغىلى ئۇزۇن بولدى.
-نىمە بولدۇڭ، پۇخساراپ ئولتۇرۇپ كېتىپسەنغۇ؟ -دېدى دادام يېنىمغا كېلىپ. دادامنىڭ بۇ گېپى ئىچىمدىكى يىغا غەليانلىرىنى قوزغىۋەتتى. دادامغا قارىساملا يىغلىۋىتىدىغىنىم ئېنىق ئىدى. شۇڭا ئىچىمدىكى يىغىنى قاتتىق بېسىپ تىرناقلىرىم بىلەن كىگىزنى تىتىپ ئولتۇردۇم.
-بالام، سەن ئاجىز، پۈۋ دىسىلا ئۇچۇپ كەتكۈدەك قىز بالىسەن، سېنى قانداقتۇر ئىلىكتىر ئىستانسىسىلىرىدا، زاۋۇتلاردا ئەمەس، تەتقىقات ئورۇنلىرىدا، مۇنبەردە، ئىشخانىلاردا كۆرۈشنى خالايمەن. دەرستە ۋاي دىگۈدەك ياخشى بولمىساڭمۇ، سەندىن جىن ئۈمىت كۈتۈپ كەلدىم. لېكىن سەن قېرىشقاندەك نەدىكى مەن خالىمايدىغان كەسىپلەرنى يېزىپسەن. مەن خالىمىسامغۇ مەيلى، لېكىن سەن ئۆزۈڭ قىينىلىسەن. بىر تال قىزىمنىڭ قىيىنچىلىققا قېلىشىنى مەن خالامدىم، دىگىنە قىزىم مەن خالامدىم؟
ئاستا بېشىمنى كۆتۈرۈپ دادامغا قارىدىم، دادامنىڭ كۆزلىرى نەملەشمىگەن بولسىمۇ، چىرايىدا مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان مېھرىبانلىق ئىپادىلىرىنى كۆرىۋاتاتتى. دادام بېشىمنى سىيلىدى. مەن شۇ ھامان پاڭڭىدە ئېتىلىپ دادامغا ئۆزۈمنى ئاتتىم.
-دادا، مېنى نىمە قىل دىسىڭىز مەيلى، ئەمما قەتئىي قايتا ئوقۇمايمەن. ئوقۇ دىسىڭىز مېنى يېزىغا ئاپىرىپ قويۇڭ، شۇ يەردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ ئىمتىھانغا قاتنىشىمەن.
-نىمىلەرنى دەيدىغانسەن؟ ئوقۇغۇڭ قەتئىي يوقما ؟
-يوق، -دېدىم مەن ئېسەدەپ،-مېنى باشقىلار مازاق قىلىدۇ. تېخى بىر ساۋاغدىشىم ‹‹زۆھرە ئىمتىھاندىن ئۆتەلىسە ئىككى قولقىمنى كېسىپ بېرىمەن ›› دېگەن. جېنىم دادا، مەن ئاران بىر مەكتەپكە ئۆتسەم مېنى ئوقۇتمىدىڭىز مەيلى دىدىم، لېكىن مېنى قايتا ئوقۇشقا قىستىماڭ.
-دادىسى، بالىغا ئىچىلىرى ئاغرىسۇن. نەچچە كۈندىن بېرى بالا ئورۇقلاپ قاچارلىرى(مەڭىزلىرى ) سوغۇلۇپ(ئورۇقلاپ) كەتتى. ئۇنىڭغا قاراپ مېنىڭ يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ. بالىنىڭ بەختىنى خۇدايىم بىرەر. ئۇنى ئەمدى قىستىمىسىلا....
مەن ئاپامنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ يىغلاپ دادامغا چىڭ يېپىشتىم. دادام بېشىمنى سىلاپ بىر دەم تۇرغاندىن كېيىن، ئېغىر ئۇھ تارتتى .
-بوپتۇ، ئوقۇمايمەن دىسەڭ ئوقۇما. ئەمىسە بىر ھەپتە دەم ئېلىۋىلىپ كىتابخانىنى ئاچقىن. ھەر كۈنى ھېساب كىتابنى ماڭا قىلىپ بىرىسەن. ئىككى-ئۈچ يىلدىن كېيىن كىتابخانىنى ساڭا ئۆتكۈزۈپ بىرىمەن. كىرىم-چىقىمىغا ئۆزۈڭ ئىگە بولىسەن.
شۇنىڭ بىلەن ئوقۇمايدىغان بولدۇم. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى فىزىكا مۇئەلىمىم كوچىدا ئۇچىراپ قېلىپ، ئۇمۇ مېنى قايتا ئوقۇشقا دەۋەت قىلدى.
-زۆھرە سىزدە ئۆزىڭىزگە ئىشەنىچ كەمچىل. باشقا ھېچقانداق باشقا كام يېرىڭىز يوق. ئەگەر قايتا ئوقۇسىڭىز، مەن ۋاقىت چىقىرىپ سىزگە قايتا تەكرار قىلىپ بىرەتتىم.
مەن ئۈندىمىدىم. مۇئەللىم بىر مۇنچە سۆزلىگەندىن كېيىن خوشلىشىپ كەتتى. بىر ھەپتە تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۈزنىڭ نىمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش، ئوقۇشقا بارمىغان ساۋاغداشلىرىم بىلەن پاراڭ سېلىش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. يەكشەنبە كۈنى ئۆي تازىلاۋاتسام دادام كىرىپ كەلدى ۋە مېنى باشلاپ كىتابخانىغا ئېلىپ ماڭدى. ئاپام مېنى باشتىن ئاياغ ئىسرىقلىدى ۋە ئىشىكتىن ئىككىسى ئىككى قولۇمدىن تۇتۇپ بىسمىللا دىگۈزۈپ ئېلىپ چىقىپ كىتابخانىغا ئېلىپ ماڭدى. يولدا خۇددى مەن نەچچە ياش چوڭ بوپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ، ناھايىتى مەغرور ماڭدىم.
دادامنىڭ كىتابخانىسى-دادام پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، بىكار تۇرماسلىق ئۈچۈن ئېچىۋالغان، ئۆيىمىزدىن 300مېتىر نېرىدىكى 20 كىۋادىرات مىتىرچە كېلىدىغان كىتابخانا ئىدى. دادام كىتابخۇمار ئادەم، ئۆيىمىزدىمۇ بىر ئېغىز ھوجىرىدا لىق كىتاب بار ئىدى. ئاخىر پىنسىيەگە چىققاندا ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
كىتابخانىغىمۇ ئىككەيلەن قولۇمدىن يىتىلەپ بىسمىللا دىگۈزۈپ ئېلىپ كىردى. دادامغا تاماق ئەكەپ بەرگىلى ياكى ئۇنى چاقىرغىلى كىتابخانىغا دائىم كېلەتتىم، لېكىن بىر كۈنلەردە بۇ كىتابخانىنىڭ مېنىڭ ماكانىم بوپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن. ئاپام بىر ئاز ئولتۇرۇپلا، ئۆي ئىشىنى قىلغىلى كېتىپ قالدى. مەن كىتابخانىغا سەپسىلىپ قاراپ ئولتۇرۇپ، ئىسلىشىپ كەتكەن تاملىرىغا، تورۇستىكى چۇۋۇلۇپ كىتەي دىگەن سۇس كۆك سۇلياۋلارغا قاراپ بىردىنلا كۆڭۈلسىز بولدۇم. مەن ئۇختۇرۇش كېلىپ، دادام مېنى ئوقۇتمايمەن دىگەنگە قەدەر، ھەتتا ئەڭ ئاخىرىقى ئۈمىدىم ئۈمىدىم ئاپامنىڭ گېپى، دادامنىڭ نەسىھىتى بىلەن ئۈزۈلگەنگە قەدەر كۆزۈمنى يۇمساملا، ئۆزۈمنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسىل سىنىپلىرىدا، ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدا كۆرەتتىم. ئوقۇشقا كەتكەن قىزلار ئۆكتەبىر بايرامدىلا گەپلىرىنى ئۆزگەرتىپ ‹‹ۋىيەي، شۇنداقمۇ؟ قىلاتتى، ئېتەتتى. جاۋۇر..›› دەپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ بىر ئايغا قالماي ئۆزگىرىپ كەتكىنىدىن غىجىنساممۇ، لېكىن ئۇلار ئوقۇغان مەكتەپلەردە ئوقۇش مېنىڭ مەڭگۈلۈك ئارمىنىم ئىدى. ئەمدى مېنىڭ ئارمانلىرىم توپا ئاستىغا مەڭگۈلۈك كۆمۈلۈپ، موشۇ كىچىككىنە كىتابخانىدا كىتاب سېتىپ، قەغەزلەر ئىچىدە ئۆتۈپ كىتىدىغان بولدى-دە!!!!
-ماۋۇ ئۈچ كىتاب قانچە پۇل؟ - چۈشكە يېقىن 30 ياشلاردىكى بىر ئادەم كىرىپ ئۈچ كىتابنى تاللاپ ئېلىپ دادامنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. دادام ئىڭىكى بىلەن مېنى ئىما قىلدى.
-ئاۋۇ قىزدىن سورىسىلا. شۇ قىز ساتىدۇ ئەمدى كىتابنى.
-ساتتاركا، ئەمدى كىتاب ساتمايدىغان بولدىلامۇ؟
-ھەي....مەن بۇ يەردىنمۇ پىنسىيەگە چىقسام بولىدىغان ئوخشايدۇ. قىزىمغا كىتابخانىنى بۈگۈندىن باشلاپ ئۆتكۈزۈپ بەردىم.
-ھېلىمۇ بىكار يۈرمەي دەپ خاسىيەتلىك ئىشتىن بىرنى قىلدىلا. بوپتۇ قىزلىرى ئاچسىمۇ، تاقىلىپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ.
مەن ئۈچ كىتابنى ھېسابلاپ پۇلىنى ئېلىپ، كىتابلارنى سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ بەردىم. ھېلىقى ئادەم دادام بىلەن بىر مۇنچە پاراڭلىشىپ چىقىپ كەتتى.
-كىتاب سېتىش مۇشۇنداق ئاددىيمىكىن دەپ قالما!-دېدى دادام يېنىمغا كېلىپ. –بىرىنچىدىن : كىتابنىڭ ياخشىسىنى تاللاپ ئەكىلىسەن، چۈنكى بىز شىنخۇا كىتابخانىسىدەك ساتالمىساق قايتۇرىمىز دەيدىغان ئىمتىيازىمىز يوق. ئىككىنچىدىن : كىتابخۇمارلارنىڭ ئېھتىياجىنى بايقايسەن، ئۇلار نىمە كىتابقا ئېھتىياجلىق، بۇلارنى تۇيۇپ ماڭمىساڭ، ئاقماس كىتاب ئەكەلگەن بىلەن بولمايدۇ.. ئۈچىنچىدىن : كىتابخانىغا بەزىبىر ناكەسلەرمۇ كىرىدۇ، ئۇلار كىتاب ئوقۇسىغۇ مەيلى، كىتابلارنىڭ رەسىملىرىنى يىرتىپ ئاچىقىپ كېتىدۇ، بەزىلىرى كىتاب ئوغۇرلايدۇ. شۇلارغا زاق (دىققەتتە ) قاراپ ئولتۇرمىساڭ بولمايدۇ. باشقىلارغۇ ياخشى، لېكىن كىتابلارنىڭ ياخشىسىنى تاللاش ھەممىدىن مۇھىم.