مېنىڭچە ئوقۇپ ئۇنۋېرسال بىلىم ئىگەللەپ ئىنسانىيەت تەرەقىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشۇشمۇ بەك مۇھىم ، لېكىن بۇنىڭدا ئاساسلىقى نەزىريىۋى بىلىمنى ئاساس ،ئەمەلىي بىلىم قوشۇمچە رول ئوينايدۇ ، بەلكىم بىر قىسىم نۇرغۇنلىغان بەدەل تۆلەپ ئۆگەنگەن نەزىريىۋى بىلىملىرىمىز جەمىيەتكە چىققاندا ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ ئەسقاتماسلىقىمۇ مۇمكىن .
. تۈرلۈك تىجارەت يوللىرىنى ئۆگۈنۈپ كاپىتال بولۇپ دۆۋلەت ۋە خەلىققە كۆپلەپ پايدا مەنپەئەت يەتكۈزۈشمۇ كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى بۇ يولدا ئاساسلىقى تەجرىبە ۋە ئەمەلىي بىلىم مول بولىدۇ . شۇڭا ھەر بىر ئادەمنىڭ قىزىقىشى ،تۇتقان يولى ۋە كۆز قارشى ھەمدە ئاللاھ بەرگەن تەبىئىي تالانتى ،رىسقىسى ئوخشاش بولمىغاندىكىن ھەممىسى ئۆزى ماڭىدىغان يولنى ئۆز شارائىتىغا قاراپ ئۆزى نىشانلاپ مېڭىش كېرەك . بۇ مۇھىم ئۇ مۇھىم ئەمەس دەپ بىر بىرىمىزنى زورلاپ دەتالاش قىلشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. چوڭ مەكتەپلەردە ئوقىغانلارنىڭ ھەمىسىنى بىلىملىك ، ئوقىيالمىغانلارنى بىلىمى يوق دەپ ھېچكىم كىسىپ ئېيتالماسلىقى مۇمكىن ، مەسىلەن ؛ياپۇنيىنىڭ مەلۇم بىر مۇتەخەسىسلە يىغىنىدا << 1000 نەپەر ئالىم تەربىيلىگەندىن بىر نەپەر چوڭ كاپىتال يىتىشتۈرۈپ چىقىش ئەۋزەلرەك>> دېگەن نۇقتىنەزەرنى ئوتۇرغا قويغان . بەلكىم بۇ نۇقتىنەزىرى شۇ دۆۋلەت ئۆزىنىڭ ئالىم ،ئىنجىنىرلار كۆپ بولۇش ،چوڭ كاپىتاللار يوق دىيەرلىك بولۇشتەك ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان يەكۈنى بولىشى مۇمكىن . بۇ يەكۈنى بىزنىڭ دۆۋلىتىمىزگە ياكى شارائىتىمىزغىمۇ ھازىرچە بولۇپمۇ چوڭ دائىرىدىن ئەپ ئېيتقاندا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن . يەنە كىلىپ بۇ دۇنيالىقنى مۇھىم دەپ بىلىدىغانلار بۇ دۇنيالىقى ئۈچۈن ،ئۇ دۇنيالىقىنى مۇھىم دەپ بىلىدىغانلار ئۇ دۇنيالىقى ئۈچۈن تەيارلىق قىلىپ بىلىم ئىگەللىشى مۇمكىن ، يىغىپ ئېيتقاندا ھەمىسىنىڭلا ئاساسى بار .
[ بۇ يازمىنىanwarkapakدە2011-09-21 18:52قايتا تەھرى ]