12 يىللىق ئوقۇش ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھاننى ئەمدىلا ئاياقلاشتۇرغان بارلىق ئىنى-سىڭىللىرىمىز تەققەززالىق بىلەن قايسى ئالىي مەكتەپتىن چاقىرىق كېلىدىغانلىقىنى كۈتمەكتە. سىڭلىمىز پەخرىيە ۋە ئىنىمىز ئۇمۇتلەرغۇ ئالغان يۇقىرى نۇمىرى بىلەن ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپكە ئۆتۇپ كېتەر‹ئاللاھ نىسىپ قىلسۇن›. بىراق ھەرخىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ئىمتاھاندا تۆۋەن نۇمۇر ئېلىپ قالغانلارچۇ؟ بۇلارنىڭ چىقىش يولى زادى قانداق؟ ئائىلىنىڭ بېسىمى،جەمىيەتنىڭ بېسىمىنى قانداق يىنىكلىتىشىنى بىلمەي ئاتا -ئانىسىدىن ،تۇنۇش-بىلىشلەردىن قېچىپ تورخانا ياكى باشقا ئۇيۇنچۇقخانىلارغا كىرىپ ئويناشمۇ؟ ياكى ئەمدىلا 18 ياشتىن ئاشقىنىغا قارىماي ھەرخىل ئىچىملىك-چىكىملىك سورۇنلىرىدا يۇرۇشمۇ؟
ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى، ‹ئۇيغۇر›لىقىنى ياخشى بىلىدىغان ھەربىر كىشىللىرىمىزنىڭ مىللىتىمىزگە ئازدۇر-كۆپتۇر ھەسسە قوشقۇسى بار.بەزىللىرىمىزنىڭ ئەمىلى ياردىمى بولغان بولسىمۇ ، بەزىللىرىمىزنىڭ قۇربى يەتمەيدۇ. ئەمدى مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا تۆۋەن نۇمۇر ئېلىپ قالغان ئىنى-سىڭىللىرىمىزغا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش تەكلىپىنى بەرمەكچى. بۇ ھەقتە مىنىڭ ئويلىغانلىرىم ۋە كۆرگەنلىرىم.
دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى يېڭى تۈزۇملەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كىلىش ئاستىدا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارقىلىق نۇرغۇن ياشلىرىمىزنىڭ ۋە ئاتا-ئانىللىرىمىزنىڭ ئارزۇسى ئىشقا ئاشقان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم ياشلار قايسى يوللار ئارقىلىق چىقىپ ئوقۇش.قايسى كەسىپتە ئوقۇش ،قانداق مەكتەپلەردە ئوقۇش نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ بېشىنى قاتۇردى.ۋاستىچىلىق شىركەتلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئاچكۆزلىكى ،بىزنىڭ ياخشى سىياسەتلەردىن توغرا پايدىنىلالماي ھەمدە بۇ ھەقتىكى بىلىملىرىمىزنىڭ ئاز بۇلۇش سەۋەبىدىن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش دىسلا كۆز ئالدىمىزغا باغلام-باغلام پۇللار كىلىۋېلىپ ئارزۇلىرىمىزنى بارغانسىرى يوق قىلماقتا. ئەمىلىيەتتە جۇڭگۇدىكى بۇلۇپمۇ شىنجاڭدىكى نورمال سەۋىيەدىكى ئائىلىلەرگە نىسپەتەن باللىرىنى چەتئەلدە ئوقۇتۇش ھەرگىزمۇ قىيىن ئەمەس. ئەلۋەتتە سىزمۇ يۇقىرى ئىقتىسادى سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان ئامىرىكا،ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيەلەرنى ئويلاشمايسىز. ئەمسە قايسى رايۇنلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى ئويلىشىسىز؟
مەنچە سىز ئوتتۇرا شەرىق يەنى ئەرەپ دۆلەتلىرى،ئاسىيادىكى مالايسىيا،ھىندىنوسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئويلاشقىنىڭىز ياخشىراق.بۇ يەرلەرنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسى جۇڭگۇدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭكىدىن ئانچە پەرىقلەنمەيدۇ. بەزى ئەرەپ دۆلەتلىرىدە سىز ھەقسىز ئوقۇش ۋە ھەقسىز ياتاق-تاماققا ئېرىشەلىشىڭىزمۇ تەس ئەمەس. ئەرەپ دۆلەتلىرى دىسەم بەزى دوستلارنىڭ كاللىسىغا ‹دىن› ئوقۇش كەلگەن بۇلىشى مۇمكىن.دوستۇم سىز كاللىڭىزدىكى بۇ خىياللارنى چىقىرىۋېتىڭ. بۇ يەردىمۇ نۇرغۇنلىغان ئىلغار ئوقۇش سەۋىيەسىگە ئېگە پەننىي مەكتەپلەرمۇ خېلى كۆپ يەنى كېلىپ بۇ ئالىي مەكتەپلەر دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەردىن سانىلىدۇ.
ئەگەر سىزنىڭ ياۋرۇپالاردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ئارزۇيىڭىز بار،لىكىن ئىقتىساد سەۋەبىدىن بارالمىغان بولسىڭىز يەنىلا سىز ئوتتۇرا شەرىقتىكى ئەرەپ دۆلەتلىرىنى تاللاڭ.چۇنكى بۇ دۆلەتلەردە شۇ ياۋرۇپالاردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تارماق مەكتەپلىرى بار. بۇمۇ سىزنىڭ يېڭىچە تاللىشىڭىز. سىز ئەرەپ دۆلەتلىرىدىكى ئەنگىلىيە ئۇنۋېرسىتى،ئامىرىكا ئۇنۋىرسىتىدا بىرنەچچە يىل ئوقىغاندىن كىيىن سىز ياۋرۇپالاردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ئارزۇيىڭىزغا چىقىم تارىتمايلا يېتەلەيسىز. بۇ نىمە دىگەن ياخشى پۇرسەت ھە؟ ‹تۆۋەن ئىقتىسادى چىقىم،يۇقىرى ئۇنۇملۇك مائارىپ›.
بۇ يەردە ئالاھىدە تەكىدلەپ ئوتىدىغان مەسىلە مىسىردا ئوقىغان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇن يىلدا ئۇقۇش مۇكاپات پۇلى بىرىلىدۇ. بىرىنجى دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلى 10000يۇەن خەلىق پۇلى. بۇنى شىنجاڭدىن كېلىدىغان نەچچە يۇز مىڭ سومدىن ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بىكىتكىنى بويىچە نۇرغۇن بالىلار بۇ پۇلغا نەتىجىسى ئارقىلىق ئېرىشەلەيدۇ. بۇ پۇرسەتلەر سىزنى كۇتمەكتە.
| يۇقاردىكى مەكتەپلەر ياۋرۇپادىكى مەكتەپلەر قائىدىسى بۇيىچە ئاۋۋال تىزىملىتىپ مەلۇم سەۋىيەدىكى ئىنگىلىزتىلى سەۋىيە ئارقىلىق قۇبۇل قىلىنىدۇ. ئىنگىلىزتىلىنى شۇمەكتەپنىڭ تىل كۇرسىدا ئوقىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئەرەپ تىلى -ئىگىلىزتىلى،ئەرەپ تىلى-خەنزۇتىلى ياكى ئەرەپ تىلى -فىرانسۇرتىلى تەرجىمانلىقتا ئوقىماقچى بولسىڭىز دۆلەتلىك چوڭ ئۇنۋىرسېتتى بولغان قاھىرە ئۇنۋىرسېتتى ،ئىسكەندەرىيە ئۇنۋىرسېتتى سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ. جۇڭگۇنىڭ ھەرقايسى ئەرەپ دولەتلىرىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىغا پەقەت قاھىرە ئۇنۋىرسېتتىنىڭ ئەرەپ تىلى فاكۇلتىتىنى پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىدۇ . لىكىن بۇ فاكۇلتىتتا ئوقىۋاتقان جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى ئاز. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يوق. باشقا تەپسىلاتلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ! يەنى پاسپورت ئىشلىتىشتىن باشلاپ چەتئەلدە ئوقۇشقىچە بولغان جەريانلارنى ئۆزۇم بېشىمدىن كەچۇرگەن ياكى ھازىرقى ئەڭ ئاسان يولنى كۆرسىتىپ قويىمەن. |