saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
«12345»Pages: 1/5     Go
بۇ تېما 14787 قېتىم كۆرۈلدى
orxuntekin
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6940
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 100 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 95 سوم
تۆھپە: 50 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 50 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 سوپاخۇن سوۋۇروف ھەققىدەستالىنغايوللانغان مەلۇمات(1)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما duttarqi تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-04-20)
      

سوپاخۇن  سوۋۇروف ھەققىدە ستالىنغا يوللانغان مەلۇمات (-1)
-« مەن كەچكەن كېچىكلەر» دىكى سوۋېت جاسۇسلىرى

نەبىجان تۇرسۇن
(تارىخ پەنلىرى دوكتورى)




        سوپاخۇن سوۋۇروف 20-ئەسىرئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ھەربىي ئىشلار تارىخىدا ئاددىي بىر قوزغىلاڭچىدىن مەخسۇس ھەربىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، ئىزۋوت، روتا ۋە پولك كوماندىرىلىق دەرىجىسىگىچە بولغان 20 يىللىق ھەربىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن شۇنىڭدەك ئۆز قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ، بىۋاسىتە قانلىق جەڭلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن ھەربىي قوماندانلارنىڭ بىرىدۇر. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ شاۋكەتلىك قىسىمى 1945-يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن يۈز ئۆرۈپ، بىر روتا ئۇيغۇر ئەسكەرنى باشلاپ، ئىلى ھۆكۈمىتى تەرەپكە ئۆتۈشى ھەمدە ئۇنىڭ ئاقسۇ جەڭ مەيدانلىرىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرى بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىكتۇر، بەلكى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بۇ سەھىپىسى بولمىغان بولسا، سوپاخۇن سوۋۇروف دېگەن مەزكۇر جاراڭلىق ئىسىم تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالالمىغان ۋە خەلقنىڭ مۇنداق يۇقىرى سۆيگۈسى ھەم ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولار ئىدى. سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ھاياتىنىڭ ئەنە شۇ جەڭگىۋار ۋە شەرەپلىك قىسىمى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلى ھۆكۈمىتى، جۈملىدىن ئەلىخان تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق داھىيلارنىڭ، ئىۋان پالىنوف ۋە ئىسساقبەك مۇنونوف قاتارلىق باش قوماندانلارنىڭ يۇقىرى ھۆرمىتى ھەم تەقدىرلىشىگە ئېرىشىپلا قالماستىن بەلكى  ئىلى ئىنقىلابىنى باشتىن ئاخىرى قوللىغان ۋە مەزكۇر مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنى كرېمىلنىڭ
ئىستراتېگىيىلىك پلان ۋە مەنپەئەتلىرىنىڭ تەركىبى قىسىمىغا كىرگۈزگەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي رەھبىرى يوسىف ستالىن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭمۇ قۇلىقىغىمۇ يەتكەن ئىدى.

       ئەلۋەتتە، ستالىننىڭ سوپاخۇن دېگەن ئىسىمدىن غۇلجىدىكى سوۋېت گېنېراللىرى ئارقىلىق خەۋەر تېپىشى تەبىئىي.مېنىڭ مۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب شۇكى، غۇلجىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي-سىياسىي مەسلىھەتچىلىك ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان2-دومنىڭ مەسئۇلى، گېنېرال مايور ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋ ئاقسۇ ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سوپاخۇن ھەققىدە موسكۋاغا بىۋاسىتەمەلۇمات يوللىغان بولۇپ، بۇ مەلۇمات « ستالىننىڭ ئالاھىدە پاپكىسى» دەپ ئاتالغان ستالىنغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنىڭ ئارخىپىدا ساقلانغان. ئەمما، سوپاخۇن سوۋۇروف ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى ھەققىدە ستالىنغا يوللانغان مەزكۇر مەلۇماتتىن بىخەۋەر بولۇپ، 2-دومنىڭ مۇتلەق مەخپىي تۇتۇلىدىغان مەزكۇر ھەرىكەتلىرى ۋە مەخپىي تېلېگرامما- ھۆججەتلىرىدىن سوپاخۇن ئەمەس، ھەتتا جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمىلەرنىڭمۇ خەۋەر تېپىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
يېقىندا مەنسوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ بېيجىڭدا نەشىرقىلىنغان 496 بەتلىك «مەن كەچكەن كېچىكلەر» ناملىق ئەسلىمىسىنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئوقۇپ چىقتىم.
         مەن ئالدى بىلەن زور قىزىقىش ئىچىدە ئەسەرنىڭ كېيىنكى بەتلىرى، يەن ىسوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈپ، غۇلجىغا كېلىشىدىن تارتىپ،ئاقسۇ جەڭ مەيدانلىرىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىگە ئائىت تەپسىلاتلارغا كۆز يۈگۈرتتىم . ئەپسۇسكى، ئەسلىمىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۇنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈپ، مىللىي ئارمىيە تەرەپكە ئۆتۈشكىچە بولغان جەريانلارغا بېغىشلانغان. بىراق، ئۇنىڭ 1945-يىلى، 6-ئايدىن1949-يىلى 12-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەربىي ھاياتى، بولۇپمۇ كىشىلەر ئەڭ قىزىققان ئاقسۇ جەڭ مەيدانلىرىدىكى پائالىيەتلىرىغا ئائىت تەپسىلاتلار يېتەرلىك تەپسىلىي يېزىلمىغان . بۇ ئەمەلىيەتتە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجى ئەڭ كۆپ قىسىمى بولۇپ،كۆپلىگەن تەپسىلاتلار يورۇتۇلماي ئۆتۈپ كېتىلگەن، بۇنىڭدىكى سەۋەب ھازىرچە ئېنىق ئەمەس،ئەلۋەتتە، قاتتىق سېنزۇرائاستىدىكى بۇ ئەسەرنىڭ خۇددى سوپاخۇننىڭ ھاياتىغا ئوخشاشلا ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ مۇساپىلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئاخىرى يورۇقلۇققا چىققانلىقى ئوقۇرمەنلەرگە ئايان ھەم خۇشاللىنارلىق ۋەقە!.
      مەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ كۆپلىگەن تەسىراتلارغا ئىگە بولدۇم، بولۇپمۇ ئەسەردە تىلغائېلىنغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مىللىي ئىنقىلاپقا كۆرسەتكەن تەسىرلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ تارىخ تەتقىقاتى ئۈچۇن پايدىلىنىش قىممىتى بارلىقىنى ھېس قىلدىم. نەتىجىدە مەن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ئەسىرىدىكى قىسمەن نۇقتىلارنى ئىزاھلاش ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بەزى خادىملىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى چوڭقۇرلىتىش قارارىغا كەلدىم.

1. پېشقەدەم قومانداننىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئەسلىمىلەر

       مەن ئەسلىمىنى ئوقۇۋېتىپ، سوپاخۇن ئاكا بىلەن 1996-يىلىنىڭ ئەتىياز ئېيىدا ئۇنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قىلغان سۆھبەتلىرىمنى ئەسلىدىم . ئۇزۇندىن بۇياننامىنى كۆپ ئاڭلىغان،  دىدارىنى بىر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان مەزكۇر زات مېنى ئۆزئۆيىدە ئىللىق چىراي بىلەن قارشى ئالدى. سوپاخۇن ئاكىنىڭ دادام بىلەن يېقىن تونۇشلۇق ۋە كۆپ سۆھبەتداشلىق مۇناسىۋىتى بار ئىدى. دادام ئۆزى بىر تارىخىي ۋەقەلەرگە قىزىققۇچى ھەم ئىزدەنگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇنداق تارىخى شەخسلەرنىڭ كۆپىنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇلار بىلەن ئۆتكەن ۋەقەلەرھەققىدە پاراڭلىشاتتى ھەم يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىي ۋەقەلەرى ھەققىدە بىر قىسىم ماقالىلارنىمۇ يېزىپ ئېلان قىلغان ئىدى.
      مېنىڭ موسكۋادا مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخى ئوقۇۋاتقانلىقىم، ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدىكى كۆپلىگەن پېشقەدەم زىيالىيلارنىڭ قىزىقىشىغا ئۇچرىغان ھەمدە ئۇلارنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 1930-40-50-يىللىرىدىكى موسكۋانىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە جۇڭگو سىياسىتىنى ،جۈملىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرئېلىدىكى تەسىرلىرىنى ئەسلەتكەن ئىدى. چۈنكى، 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە مەدەنىيەت ئېڭى ھەم سىياسىي تەقدىرىدىن چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقى ھېچكىمگە سىر ئەمەس.
         مەن، 1990-يىلى، سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى نورماللىشىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە تۇنجى قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلىقىغا تاللىنىپ، مەزكۇر ئاكادېمىيىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن ئىدىم. مۇنداقچە قىلىپ، ئېيتقاندا سابىق چاررۇسىيە ۋە كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھەمدە1991-يىلىدىن كېيىنكى رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ئەڭ ئالىي شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتى ھېسابلىنىپ، 150 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان مەزكۇر بىلىمدەرگاھىدا مەيلى ئوتتۇرا ئاسىيائۇيغۇرلىرى بولسۇن ۋەياكى ئۇيغۇر ئېلى ئۇيغۇرلىرى بولسۇن، ئۇلار ئارىسىدىن تۇنجى قېتىم مەزكۇرئىنىستىتۇتتا تارىخ پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسىنى ياقىلاپ، ئۇنۋان ئالغان ئىدىم. مەن 1985-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۈرۈمچىدە كۆپلىگەن پېشقەدەم زىيالىيلار بىلەن سۆھبەتداش بولدۇم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئابدۇرېيىم ئۆتكۈر، ھاجى ياقۇپ، ئىبرايىم مۇتىئى، ئابدۇشۇككۇرمۇھەممەد ئىمىن، شەرىپىدىن ئۆمەر، ئابدۇللا تالىپ قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇ جەريانلاردا مەنە يەنە باشقا ئونلىغان ئەينى ۋاقىتتىكى تونۇلغان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى، دوتسېنت-پروفېسسورلىرى،ئەدىبلىرى ۋە زىيالىيلىرى بىلەنمۇ سۆھبەتداش بولدۇم ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىلەن خىزمەتداش بولدۇم. بۇ جەرياندا مەن يەنە بىر قىسىم تارىخىي شاھىدلارنىڭ ۋەقەلىرىنى ئاڭلىدىم. بۇلارنىڭ ئارىسىدا مەن ئۈچۈن ئىككى شەخس، سوپاخۇن سوۋۇروف بىلەن سەيدۇللا سەيفۇللايوف ئەڭ ئۇنتۇلماس تەسىراتلارنى قالدۇرغان ئىدى.
      سوپاخۇن ئاكا دادامدىن مېنىڭ تەتىلگە قايتىپ كەلگەنلىكىمدىن خەۋەرتېپىپ مەن بىلەن پاراڭلىشىشنى ئېيتىپتۇ. مەنمۇ ئالاھىدە خۇش بولۇپ، دادام بىلەن بىرگە سوپاخۇن ئاكىنىڭ ئۆيىگە باردىم. تەخمىنەن تۆت سائەت ئەتراپىدا سوزۇلغان سۆھبەتلەر جەريانىدا سوپاخۇن ئاكابېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەردى. مەنمۇ بەزى سوئاللارنى قويدۇم. سۆھبىتىمىزنىڭ مۇھىم تېمىلىرىنىڭ بىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مىللىي ئىنقىلابقا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ۋە ئارىلاشقانلىقى مەسىلىسى بولدى. سوپاخۇن ئاكا بۇ ھەقتەئۆزىنىڭ بەزى قاراشلىرىنى ۋە كۆرگەن پاكىتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

        مەن ئۇنىڭغا، 1949-يىلى، 8-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار سوۋېت ئىتتىپاقىدا قازاقىلغاندىن كېيىن، ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەكىللەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە سەيفىدىن ئەزىز بىلەن بېيجىڭغا بارغان ئالىمجان ھاكىمبايېفنىڭ مەن ئوقۇغان ئەشۇ ئىنىستىتۇتتا 1950-يىللاردىن تارتىپ، تاكى ۋاپات بولغان1991-يىلىغىچە ئىشلىگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردىم. بۇ ئىنىستىتۇتتىكى بىر قىسىم پېشقەدەم كىشىلەر سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت كىشىلەرئىدى. ئەينى ۋاقىتتا تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى بولغان ئالىمجان ھاكىمبايېف سوۋېت تەرەپنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن سەيفىدىنگە ھەمرا بولۇپ، بېيجىڭغا بارغان ھەمدە بارلىق سورۇنلاردا بىرگە بولغان ئىدى. ئۇ، 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىپ، ئۆمۈر بويى موسكۋادا ئىشلىگەن .ئۇ، 1930-يىللاردىكى ۋە 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ھەققىدە تەتقىقات قىلىپ،بۇ ھەقتە ئاشكارا ۋە يېپىق شەكىلدە بىر قانچە ئەسەرلەرنى يازغان ئىدى.
        بۇئىنىستىتۇتتا يەنە ئابدۇراخمان كالىموف ئىسىملىك قىرغىزىستاننىڭ قاراقول شەھىرىدەتۇغۇلغان بىر تۇڭگان ئالىمى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتى تېخىمۇ قىزىقارلىق ئىدى. ئۇ 1944-يىلى، 12-ئايدا قىرغىزىستاندا تەشكىللەنگەن « باتۇر » ئەترىتىنىڭ تەركىبىدە سۈيدىڭ ۋە كۈرەدىكى جەڭلەرگە قاتنىشىپ، كېيىن مەنسۇر لومىيوفنىڭ تۇڭگان پولكىنىڭ شىتاب باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان ھەمدە جىڭدىكى جەڭلەرگە قاتناشقاندىن كېيىن، 1946-يىلىنىڭ 6-ئېيىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېتىپ، كېيىن موسكۋادا ئوقۇپ، تۇڭگان تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى. ئابدۇراخمان كالىموف ئۇيغۇر تىلىدا ياخشى سۆزلەيتتى، ئۇتاكى سوۋېت ئىتتىپاق ىيىمىرىلگىچە ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئىلىغا ئەۋەتىلىپ، گومىنداڭ بىلەن ئۇرۇش قىلغان تارىخىنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئۇلارغا بۇ ئىشنى ھېچقاچان ۋە ھېچكىمگە تىنماسلىق ھەققىدە تىل خەت ئالغان ئىكەن. كابىلوف بىر ئۆمۈر ئۆز سىرىنى ئاشكارىلىيالماي، قىيىنچىلىقتا ئۆتكەن، ئۇنىڭغا « ۋەتەن ئۇچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن» دېگەن شەرەپلەرمۇ بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن بىرئېغىز ئۆيدە قىينىلىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان. ئاخىرى ئۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى ك گ بسىگە خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قىلغان خىزمىتىگە يېڭىدىن باھا بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا ك گ ب ئاخىرى ئۇنىڭغا ۋەتەن ئۇرۇشى قاتناشقۇچىلىرى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش بۇيرۇقى چىقىرىپ، چوڭراق ئۆي تەقسىم قىلىپ بەرگەن. بىراق، ئۇنىڭغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ يىمىرىلىپ، ئۆز سىرىنى ئاشكارە ئېيتايلايدىغان بولسىمۇ، بىراق قېرىپ يېشى بىر يەرگە بارغان ئىدى. ئابدۇراخمان كالىموف بۇ ھېكايىلىرىنى ئۆز ئاغزىدىن ماڭا سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئەمما، ئۇ ئالىمجان ھاكىميېفنى ياخشى كۆرمەيتتى ۋە ھاكىمبايېفنى ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن سۆككەن ئىدى. مەن سوپاخۇن ئاكىغا ئۆزۈم كۆرگەن بۇ زات ھەققىدە ۋە باشقا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۇچراشقان پېشقەدەم مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاپ قاتناشقۇچىلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەردىم.  
        ھەقىقەتەن بۇ يىللاردا 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈزبەرگەن سىياسىي ۋەقەلەرنىڭ كۆپلىگەن شاھىدلىرى دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ھايات بار ئىدى.ئەپسۇس ئۇ ۋاقىتلاردا تېخى ياش ۋە تەجرىبە كۆپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ زاتلارنىڭ ھەممىسىنى تېپىپ زىيارەت قىلىپ، كۆپلىگەن بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى توپلاشقا ئەھمىيەت بەرمىگەن ئىكەنمەن، ھازىر بۇنىڭدىن كۆپ ئەپسۇسلىنىمەن. بىر تارىخچى ئۈچۈن پۈتۈن ۋەقەلەرنى كىتابتىنلا ئەمەس، تىرىك شاھىدلاردىنمۇ ئۆگىنىش تېخىمۇ مۇھىمدۇر.

    1996-يىلىنىڭ باھار ئايلىرىدا يەنە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىڭ پېشقەدەم كادىرلىرىدىن بىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەن خىزمەت قىلغان يىللىرىدىكى سابىق مۇدىرى ھاكىم جاپپارئاكىنىڭ باشلىشى بىلەن سەيدۇللا سەيفۇللايېف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇزۇن سۆھبەتلەردەبولغان ئىدىم. سەيفۇللايېف ئۆزىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قانداق قاتناشقانلىقى ۋەئالمۇتا ئەتراپىدا فاتىخ باتۇرقاتارلىقلار بىلەن قانداق تەربىيىدىن ئۆتكەنلىكىگە ئائىت ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. كېيىن، ئۇ بۇ ۋەقەلەرنى ماقالە ۋە ئەسلىمە قىلىپ ئېلان قىلدى. سەيفۇللايەف بىلەن بولغان سۆھبەتتىمۇ ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى ھەققىدە توختالغان ئىدى.
          سەيفۇللايېف سۆزىدە مەندىن ئالىمجان ھاكىمبايېفنىڭ موسكۋادا ئىكەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى سورىدى، مەن ئۇنىڭغا ئالىمجان ھاكىمبايېف ھەققىدە بىلگەنلىرىمنى سۆزلەپ بەردىم. سەيفۇللايېف بۇ ئادەمنىڭ ئەسلىدە ئۆزبېكىستاندا تۇغۇلغان، ئۆزبېك مىللىتىدىن كېلىپ چىققان، چۆچەكتىكى باي شەخسلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئەسلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەخپىي خادىمى بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ چوڭلۇقىنى، بەلكى، ئۇنىڭ بېيجىڭغا بېرىشىنى موسكۋا بەلگىلىگەنلىكىدە شەك يوق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. بۇ سورۇنداھاكىم جاپپارمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئەلىخان تۆرەھەققىدە تۇنجى قېتىم ماقالە يېزىپ ، ئۇنىڭ تاشكەنتتىكى ھاياتى ۋە قانداق قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. ھاكىم جاپپارنىڭ بۇ ماقالىسى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئەلىخان تۆرە ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگەبولۇشىدا مۇھىم مەنبەلىك رول ئوينىدى ۋە ھازىرغىچە پايدىلىنماقتا. ئۇزۇن مەزگىل مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن بۇ زات ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى مائارىپ ۋە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى قاتارلىق تېمىلاردا ماقالىلاريازغان ئىدى.

       سۆزىمىزگەكەلسەك ، سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ئۆيىدە بولغان سۆھبەت جەريانىدا، مەن ئۇنىڭ ئاقسۇ جەڭ مەيدانىنى ئەسلىگىنىدە ناھايىتى غەزەپلەنگەنلىكى، ئاقسۇنى ئازاد قىلالماي پاجىئەلىك تۈردە ئاقسۇدىن چېكىنگەنلىكىدىن چوڭقۇرئەپسۇسلانغانلىقىنى چۈشەنگەن ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئەۋەتكەن ھەربىي مەسلىھەتچى خادىملارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقلىرى ھەم بەزى رەھبىرىي شەخسلەرگە بولغان نارازىلىق پىكىرلىرىنىمۇ يوشۇرمىغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئەلىخان تۆرە ۋەئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرگە بولغان قارىشىنى سورۇغىنىمدا ئۇ بۇ ئىككى زاتنى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويغان ئىدى. شۇ قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن مەزكۇر پېشقەدەم قومانداننىڭ ئۆزى قاتناشقان بۇ ئىنقىلابقا نىسبەتەن ئۆزىگەخاس بولغان، باشقىلاردىن پەرقلىق باھا بېرىش ئىدىيىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ ھېس قىلغان ھەم يەنە ئۇنىڭ ئاغزىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي مەسلىھەتچىلىرى زاكىر ۋە ئىسكەندەر قاتارلىقلارغا بولغان ئاچچىقلىرىنى ئاڭلاپ، بۇ ئىسىملارنىڭ ئۇ كىشىنىڭ مېڭىسىگە چوڭقۇر ئورۇنلاشقانلىقىنى چۈشەنگەن ئىدىم.
         سۆھبىتىمىز جەريانىدا يەنە مىرزىگۈل ناسىروف ھەققىدىمۇ پاراڭ بولدى. مەن بۇ كىشىنىڭ قازاقىستاننىڭ چىلەك رايونىدىكى بىر كالخوزنى باشقۇرۇپ، بوز يەر ئېچىش بويىچە 1950-60-يىللاردا پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە داڭ چىقىرىپ، ئۇدا ئىككى قېتىم لېنىن ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلانغانلىقى، ئۇنىڭ قازاقىستاندا يۇقىرى ئابرويغا ئىگە زات ئىكەنلىكىن ىسۆزلەپ بەردىم. بىراق، سوپاخۇن ئاكا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى بولۇپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىگە قارشى جەڭلەردە چېنىققان بۇ كوماندىرنى ئانچە ياقتۇرمايتتى. ئۇ، ئاقسۇدىن چېكىنىش جەريانىدا مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ ئۆز قوشۇنلىرى بىلەن سوپاخۇن قوشۇنلىرىغا ماسلاشمىغانلىقى ھەم يارىماسلىق قىلغانلىقىدىن ئاچچىقى كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ئەمما ئۇ يەنىلامىرزىگۈلنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى يوشۇرمىدى.
        مەن ئەنە شۇ قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن سوپاخۇن ئاكىنى كۆرمىدىم، ئەمما ئۇنىڭ بەزى ئەسلىمىلىرىنى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇدۇم. 2001-يىلى، ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ھەربىي ئىشلار تارىخىدىكى ھەقىقىي قوماندان سوپاخۇن سوۋۇروفغا بولغا ھۆرمىتىمنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردۈم. مەخسۇس ھەربىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ۋە مىللىي ئارمىيىنىڭ پولكوۋنىكى بولغان ھەم مىللىي ئارمىيىنىڭ يۇقىرى دەرجىلىك كوماندىرلىرى ئارىسىدائەڭ ئۇزۇن مەزگىل ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن كەسپىي ھەربىي خادىم سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ 1950-يىلىدىن كېيىن ھېچقانداق چوڭ ھوقۇق تۇتمىغانلىقى، ۋە بۇرۇنلا كەسىپ ئالماشتۇرۇلغانلىقى بىلەن 1955-يىلى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال مايورىلىق ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولالمىغانلىقى ئاجايىپ بىر ئىش ! بىراق ئۇيغۇر خەلقى ئاللىقاچان ئۇنىڭغا گېنېرالدىنمۇ يۇقىرى ئۇنۋان بېرىپ بولغان ئىدى !

2. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاپتىكى تەسىرى

     مەن مانا 16 يىلدىن كېيىن مەرھۇم سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ « مەن كەچكەن كېچىكلەر» ناملىق ئەسلىمىسىنى ئوقۇۋېتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوپاخۇن كوماندىرلىقىدىكى پارتىزان ئەترىتىگە ھەربىي مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلىگەن زاكىر تۆرە ۋە ئىسكەندەر ئەپەندىلەر ھەققىدىكى بايانلارنى ئۇچراتتىم. ئەلۋەتتە بۇ، ئۇ سۆزلەپ بەرگەنگە قارىغاندا بىر قەدەرتەپسىلىيرەك ئىدى. ئەمما يەنە بەزى نازۇكراق نۇقتىلار كىرگۈزۈلمىگەن. مەن بۇ يەردەسوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ئەسلىمىسىدىكى باشقا تەپسىلاتلار ھەققىدە توختىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمەي، پەقەت زاكىر ۋەئىسكەندەردىن ئىبارەت ئىككى ئەرباب ھەققىدىكى بايانلارغا قوشۇمچە قىلىش ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلىدىكى ھەربىي خادىملىرىنىڭ بەزى ۋەزىپىلىرىگە ئائىت ئۆزۈم ئىگىلىگەن مەلۇماتلارنى ئەسلىتىش ئارقىلىق «مەن كەچكەن كېچىكلەر»دىن ئورۇن ئالماي قالغان بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلەرگە ھاۋاقىلىشنى قارار قىلدىم.
       بۇ، قوشۇمچەمگە « سوپاخۇن ھەققىدە ستالىنغان يوللانغان مەلۇمات» دەپ ئىسىم قويدۇم. مېنىڭچە، سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ئەسلىمىسىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىنقىلابقا بولغان ئارىلىشىشى، سوۋېت ھەربىي مەسلىھەتچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى قاتارلىقلاردۇر. سوپاخۇن ئەسلىمىسىدەزاكىر، نوغايبايېف، ئىسكەندەر ۋە باشقا بىر قىسىم ئوفىتسېرلارنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابىدىكى ئوفىتسېرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سوۋېتلىكلەر بولۇپ، ھەتتا خەت باسقۇچى ماشىنىستكىلارمۇ رۇس ئاياللىرى ئىدى. قوماندانلىق شىتابىدىكى سوۋېتلىك رۇس ئوفىتسېرى ئۇنىڭغا قانچە ياخشى تەسىرات قالدۇرمايدۇ. ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەنلەر ۋە ئۇنىڭغا ۋەزىپەتاپشۇرغانلارنىڭ ھەممىسى سوۋېتلىكلەر بولۇپ، پەقەت باقىيېف ئىسىملىك سوۋېتلىك ئۇيغۇرلا بۇيەردىكى بىردىن بىر ئۇيغۇر ئىدى. ئۇ، شىتابتا تەرجىمانلىق قىلىۋاتاتتى[1].
       قوماندانلىق شىتابتكىلەر سوپاخۇننى ئاقسۇغا بارىدىغان يوللارنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن تېكەستىكى ئاتلىق قىسىمنىڭ پولكوۋنىكى نوغايبايېفنىڭ يېنىغا ئەۋەتىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئۇنى نوغايبايېفنىڭ يېنىغا ئىسكەندەر ئەپەندى باشلاپ بارىدۇ ھەمدە ئۇ يەردە زاكىر ، ئىسكەندەر، نوغايبايېف ۋە ئابدۇرەيىمجانھەسەنوفلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئاقسۇغا بېرىش يوللىرىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ[2]. تەكىتلەشكە تېگىشلىك نۇقتا شۇكى مەزكۇرسورۇندىكى تۆت ئادەمنىڭ ئۈچى، ئىسكەندەر، زاكىر ۋە نوغايبايېف سوۋېتلىكلەر بولۇپ، پەقەت ئابدۇرەيىمجان ھەسەنوفلا يەرلىك ئىدى. ئەمما، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئەسلىدە يەتتە سۇلۇق ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن، يەنى ئابدۇللا روزىباقىيېف سىياسىي كومىسسارلىقى،مۇزەپپەر يارۇللابېكوك كوماندىرلىقىدىكى قىزىل ئارمىيىنىڭ تارانچىلار ( ئۇيغۇرلار) پولكىنىڭ جەڭچىسى سۈپىتىدە يەتتە سۇدىكى ئاق گۋاردىيىچىلەرگە قارشى جەڭلەرگە قاتنىشىپ،1920-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىلىغا كۆچۈپ كەلگەن كىشى ئىدى. ئابدۇرېيىمجان ھەسەنوف، مىللىي ئارمىيىنىڭ سىياسىي ئىشلار بويىچە مۇناۋىن قوماندانى سۈپىتىدەخىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا پولكوۋنىكلىك ئۇنۋانى بېرىلگەن ئىدى.
         سوپاخۇن سوۋۇروف يەنە مىللىي ئارمىيە سېپىگە قوشۇلغاندىن كېيىن، بۇ يەردىكى بارلىق ھەربىي كوماندىلار ۋە ھەربىي ئاتالغۇلارنىڭ رۇسچە ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ كۆزدىن كەچۈرىشىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەسكەرلىرىگە ئۇيغۇرچەكوماندا بېرىپ، ئۇيغۇرچە جەڭ ناخشىشى ئېيتقاندا، رەھبەرلەرنىڭ ھەيران قالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
     سوپاخۇننىڭ مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىدا پۈتۈنلەي سوۋېتلىكلەر ( رۇسلارنىڭ)نى كۆرگەنلىكى ھەمدە ھەربىي ئاتالغۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ رۇسچەبولۇشىنىڭ مەلۇم ئاساسى بار بولۇپ، بۇ بىرىنچىدىن مىللىي ئارمىيەنىڭ ھەربىي قائىدە-تۈزۈمى بولسا، ئىككىنچىدىن، قوماندانلىق تەركىبىدە ئىلىغا يەرلەشكەن سابىق چاررۇسىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ مۇئەييەن سالماقنى ئىگىلىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۈچىنچىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي ئارمىيىنىڭ قوماندانلىق تەركىبىنى كونترول قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. سوپاخۇن شىتابنىڭ ئەھۋالىنى « پۈتۈنلەي سوۋېتلىكلەر بولۇپ، بىرمۇيەرلىك يوق ئىدى» دەپ تەسۋىرلەيدۇ.
      ھەقىقەتەن، 1945-يىلى،8-ئاپرىلدا مىللىي ئارمىيە رەسمىي قۇرۇلغاندا، ئۇنىڭ دەسلەپكى ئاپاراتى بېكىتىلگەن بولۇپ، رۇسلاردىن ئىۋان گېئورگىيېۋىچ پالېنوف گېنېرالمايور ئۇنۋانى بىلەن مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانلىقىغا، گېنېرال مايور ۋارسونوفىي ماژاروف شىتاب باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە بىر قىسىم بۆلۈملەرگە بەزى ئۇيغۇرلار قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىش بېجىرگۈچىلەر ئارىسىدا يەنىلا رۇسلار بولغان. پالېنوۋ،مازھاروۋ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سابىق چاررۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرلىرى بولۇپ، ئۇلار 1920-يىلىدىن كېيىن جۇڭگو تەۋەسىگە ئۆتكەن سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى ئاق گۋاردىيىچىلەر قوشۇنىغا مەنسۇپ كىشىلەرشۇنىڭدەك كېلىپ چىقىش جەھەتتىن كازاك رۇسلىرىدىن ھېسابلىناتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى 1930-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت رۇسىيىسى تەرەپكە ئۆتۈپ، سوۋېت رۇسىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ھەمدە موسكۋانىڭ قوللىشى ۋە يۆلۈشى ئاستىدىكى شېڭ شىسەي قوماندانلىقىدىكى ئۆلكە قوشۇنىدا يۇقىرى ھەربىي ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان ئىدى.
       ئىلى ۋادىسىغا يەرلەشكەن رۇس جامائىتى1944-يىلى 9-ئايدىكى نىلقا قوزغىلىڭى ۋە 7-نويابىردىكى غۇلجا قوزغىلاڭلىرىغا ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق ھەربىي كۈرەشلەرگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر ئۈلۈش ھەسسىسىنى قوشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى،رۇسىيە گراجدانلار ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەمدە مەخسۇس ھەربىي مەكتەپلەرنى تۈگەتكەن،ھەربىي ئىشلاردا تەجرىبىگە ئىگە بىر قىسىم كونا كەسپىي ئوفىتسېرلار بار بولۇپ، مەزكۇر رۇس جامائىتىنىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى بىلىم ساپاسى باشقا يەرلىك خەلقلەرگە قارىغاندا بىر قەدەر ياخشى ئىدى.
     ئۇلارنىڭ ئىنقىلابتىكى پىداكارلىقى ۋە ھەربىي ئىشلاردىكى يۇقىرى ساپاسىنى نەزەرگە ئالغان جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بۇ رۇسلارنىڭ ھەربىي قابىلىيىتىدىن پايدىلىنىش ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پېشقەدەم ئوفىتسېرلارنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىدى. ئەنە شۇ سەۋەبتىن مىللىي ئارمىيىنىڭ تۆت نەپەر گېنېرالىنىڭ ئىككى نەپىرى رۇس بولۇپ، ئۇلار پالېنوۋ ۋەماژاروۋ ئىدى. قاچاق رۇسلاردىن فاتىي لېسكىن، ۋاسىلىيموگۇتنوۋ، پاۋېل ماسكولىيېۋ،پېتىر ئالېكساندروف، گرېبىنكىن، ئانانىن، بېلىنوۋ قاتارلىقلارغا پولكوۋنىكلىك ئۇنۋانلىرى بېرىلدى. جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە ئىلگىرى -كېيىن رۇسلاردىن ئالېكساندروف، ماسكولىيېۋ ۋە پالېنوۋ قاتارلىق ئۈچ ئادەم ئەزالىققا قوبۇل قىلىندى.
      مىللىي ئارمىيىنىڭ 1946-يىلى، 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇچ ئاتلىق برىگادا ۋەئىككى پىيادىلەر برىگادىسىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن ھەمدە كىرمىگەن جەمىئىي 17 پولكنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلار تەركىبىنى تەكشۈرگەندە، شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 1946-يىلى، 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق پولكلارنىڭ پولك كوماندىرلىرى، شىتاب باشلىقلىرى ۋە سىياسىي كومىسسارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 50تىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك كومادىرلارنىڭ ئىچىدە 20 گە يېقىن رۇس بار. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىلىدىكى يەرلەشكەن رۇسلار بولسا، يەنە بەزىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەنلەر ئىدى[3].

        مەزكۇر پولكلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلىرى تەركىبىدە تەخمىنەن 10 دىن ئارتۇق ئادەم سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن قىرغىز،قازاق، ئۇيغۇر ، ئۆزبېك ، تاتار ۋە باشقىلار ئىدى. بولۇپمۇ،1945-يىلى، 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىسساقبەك مۇنونوف كوماندىرلىقىدىكى جەنۇبىي يۆنىلىش قوماندانلىق شىتابى قۇرۇلغاندا مەزكۇر يۆنىلىشىڭ تەركىبىدە ئىككى برىگادا بولغان بولۇپ، سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ مەلۇماتىچە، 1-برىگادا ۋەئىككىنچى برىگادانىڭ قوماندانلىق تەركىبى ۋە بۇ ئىككى برىگادا تەركىبىدىكى پولكلارنىڭ قوماندانلىق تەركىبىنى ئاساسەن دېگۈدەك سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن قىرغىز، ئۆزبېك،تاتار، ئۇيغۇر ۋە رۇسلار تەشكىل قىلغان. [4]
      گەرچە،پالېنوۋ ۋە ماژاروۋ قاتارلىقلارئۇيغۇر تىلىنى بىر قەدەر ياخشى بىلسىمۇ، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا مىللىي ئارمىيەقوماندانلىق شىتابىنىڭ پالېنوۋ ۋە ماژاروۋلار ئىمزا قويغان ئەمىر-پەرمانلىرى ۋە ھۆججەتلىرىنىڭ بىر قىسىمى رۇس تىلىدا چىقىرىلغان ئىدى. بولۇپمۇ، 1946-يىلى، 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا تېخىمۇ شۇنداق بولدى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قوماندانلىق شىتابىدا دەسلەپكى ۋاقىتلاردا رۇس تىلىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىلىشى تەبىئىي. بىراق، شىتابنىڭ باشقا يەنە ئارقا سەپ، سىياسىي ھەم باشقا بۆلۈملىرى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتىمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئېنىق ئىدى. سوپاخۇن زىيارەت قىلغان ئورۇن بەلكى شىتابنىڭ رەسمىي جەڭ ئوپېراتسىيىلىرىنى تۈزۈش ۋە قوماندانلىق قىلىشتىكى يادرولۇق ئورگىنى بولۇشى مۇمكىن. مۇنداق، ئورۇنلارنى سوۋېتلىكلەرنىڭ ئىگىلىشى تەبىئىي.ئەمما، 1946-يىلى، 7-ئايلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەنلەر ئۆز ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتاب تەركىبىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىسساقبەك مۇنونوف باش قوماندانلىققاتەيىنلەندى. ھەر قايسى بۆلۈملەرنىڭ باشلىقلىرى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەردىن تەركىپ تاپتى. شۇنىڭدىن تارتىپ، كوماندا بېرىش ۋە شىتابنىڭ ھۆججەتلىرى ھەم بۇيرۇقلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىلدى. قازاقلار كۆپ پولكلاردا بولسا، قازاق تىلى ئىشلىتىلدى[5].
      سوپاخۇن سوۋۇروف بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: 1946-يىلى، 11-ئايلاردا 11بىتىم مۇناسىۋىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن كوماندىرى ۋە مەمۇرىي مەسلىھەتچىلەر بىر كېچىدىلا مەملىكىتىگە قايتتى. ھەممە خىزمەت يەرلىك ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئىدارىلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا قالدى[6].
سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن كوماندىرلار ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، ھەر قايسى قىسىملارنىڭ كوماندىرلىق شىتابىدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بەردى. پولك ۋە برىگادىلار ئىخچاملاندى. بولۇپمۇ، 11 بىتىم بويىچە مىللىي ئارمىيىنىڭ ئادەم سانى 30 مىڭدىن ، 12مىڭغا، ئەسلىدىكى 17 پولك 3 پىيادە ۋە 3 ئاتلىق پولكقا قىسقارتىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر پولكلارنىڭ كوماندىرلىق ۋەزىپىلىرى يەرلىكلەرتەرىپىدىن ئاتقۇرۇلدى. كوماندىرلار شىتاتىنى ئاساسلىق يەرلىكلەر ئىگىلىدى. بىراق، مىللىي ئارمىيىنىڭ كادىر سىستېمىسى ۋە تەركىبىدە ئۆزگىرىش بولغان بىلەن ئەمما ھەربىي ئاتالغۇ، ئىنتىزام-قائىدە ، ئۇنۋان ۋە باشقا نۇرغۇن نەرسىلەر يەنىلا ئۆز پېتى بولۇپ، مىللىي ئارمىيە تۈپتىن ئۆزگەرتىلمىدە. ئىزۋوتتىن تارتىپ پولكقىچە بولغان بارلىق ھەربىي تارماقلارغا  پۈتۈنلەي يەرلىك ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، تاتار، تۇڭگان ۋە باشقا مىللەتلەردىن كېلىپ چىققان كوماندىرلار كوماندىرلىق قىلدى. ئەلۋەتتە، بۇ يەرلىكلەرئارىسىدا يەرلىكلەشكەن رۇسلارمۇ بار ئىدى.

       سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ، قىرغىز ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش 1943-يىلى ماي ئېيىدا سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورىسىنىڭ يىغىنىدا قارار قىلىنغان[7]. قارارقوبۇل قىلىنغان بۇ يىغىننىڭ ئېچىلغان ۋاقتى ھەققىدە ئىككى خىل ۋاقىت ئۇچۇرى بار. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1945-1949-يىللاردا ئالتاي تەۋەسىدە ھەرىكەت قىلغان بىخەتەرلىك خادىمى ئەمىربايېف سىياسىي بىيورونىڭ قارارىنىڭ16-ماي ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ[8]. ئەمما، قازاقىستان تاشقى رازۋېتكا تارىخىغا ئائىت ھۆكۈمەت ھۆججەتلىك مەلۇماتى بولسا، سسسر كوممۇنىستلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1943-يىلى ،4-ماي كۈنى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە موڭغول قاتارلىق خەنزۇ ئەمەس مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە بارلىق ھەرقانداق ياردەملەرنى كۆرسىتىش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ[9].
       سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلارپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيوروسىنىڭ ستالىن ، مولوتوۋ ، بېرىيا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر يىغىندا شىنجاڭ مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنىپ، شېڭ شىسەينى ئۆلكەھاكىمىيىتىدىن قالدۇرۇش قارار قىلىندى. بۇنىڭ ئۈچۈن «شىنجاڭداياشاۋاتقان كىشىلەر ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقرالىقىدىكى كىشىلەردىن تەركىب تاپقان ‘مىللىي قۇتۇلۇش گۇرۇپپىلىرى’ قۇرۇش، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانلاردا مۇنداق گۇرۇپپىلارنىڭ كوماندىرلىرى ھەم تەشۋىقاتچىلىرىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن مەخسۇس بىر قانچە مەكتەپ ئېچىش قارارى چىقىرىلدى » [10].
        تارىخىي پاكىتلاردىن كۆرۈۋېلىشقابولىدۇكى، 1943-يىلىنىڭ باشلىرىدا يوسىف ستالىن ئۆز ھاكىمىيىتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غايەت زور ھەربىي-سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەتتا كادىر ياردەملىرىگە ئېرىشكەنلىكى ھەتتابولشېۋىكلار پارتىيىسىگە ئەزابولغانلىقىغا قارىماي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈزئۆرىگەن شېڭ شىسەينى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا مايىل مىللىي ھاكىمىيىتىنى قۇرۇش قارارىغا كەلگەن ئىدى. ئۇ، بۇ يول ئارقىلىق بىر تەرەپتىن شېڭ شىسەيدىن ئىنتىقام ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆچ ھەمدە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە ئامېرىكا ۋەئەنگلىيە قاتارلىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىدىيىۋى دۈشمەنلىككە ئىگە قۇدرەتلىك مەملىكەتلەرنىڭ ھەربىي-سىياسىي تەسىر كۈچىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارقا تېمى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە قوشنا مەزكۇر رايونغا باشلاپ كىرىش تاكتىكىسىنى ئويناۋاتقان گومىنداڭ مىللەتچى گۇرۇپپىلىرىنىڭ دەككىسىنىمۇ بېرەلەيتتى. ستالىننىڭ مەزكۇرئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەركىزىي كومىتېتتا ئالاھىدە بىر گۇرۇپپا قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر گۇرۇپپىغاسوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارلىرى كېڭىشىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى ھەمدە مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى رۇسىيە سوتسىيالىستىك فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى خەلق كومىسسارلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئالېكسېيكوسىگىن ، مەركزىي كومىتېت سىياسىي بيۇرو ئەزاسى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارى ياتىنىڭ كومىسسار لاۋرېنتى بېرىيا،سوۋېت ئىتتىپاقى مىللەتلەركېڭىشىنىڭ رەئىسى نىكولايشىۋېرنىك ۋە كپممۇنىستلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى سىياسەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مىخايىل سۇسلوۋ قاتارلىقلار كىردى[11].
         
       سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورىسىنىڭ قارارى بويىچە س س سر خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ باشلىقى ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لاۋرېنتى بېرىيا ئۇيغۇرئېلىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ بىر قاتار پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىشقا تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا بولىدىغان ئىنقىلاب نىشانى بويىچە لايىھە تەييارلىغان ئىدى. ئۇنىڭ لايىھىسى نكۋدنىڭ ئىدىيىسىنىڭ تۇپ نۇقتىسى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتنى قوللاش ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەرگەياردەم كۆرسىتىش، بۇنىڭ خۇلاسىسى« مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلسا،شىنجاڭدا جۇڭگودىن مۇستەقىل بولغان سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا دوست مۇسۇلمان دېموكراتىك دۆلىتى پەيدا بولىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت ئىدى[12].
       1943-يىلى، ماينىڭ ئاخىرىدا لاۋرېنتى بېرىيانىڭ رەھبەرلىكىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ن كۋ د-ن ك گب( خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك خەلق كومىسسارىياتى)سىنىڭ يىغىنى ئېچىلىپ، بۇنىڭغا سوۋېت رازۋېتكا ئورگانلىرىنىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى قاتناشتى. يىغىنغا يەنە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى ۋسېۋولود مېركۇلوۋ شۇنىڭدەك يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، تاشقى ئىشلاركومىسسارىياتىنىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى قاتناشتى.      مەزكۇر يىغىنغا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا، چۆچەك، قەشقەر، ئالتاي ۋە موڭغۇليىنىڭ قوبدوقاتارلىق جايلىرىدا تۇرۇشلۇق رازۋېتكا خادىملىرىمۇئىشتىراك قىلدى. بۇ يىغىندا شىنجاڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۇ يەردە قوزغىلىدىغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ھەرىكىتىنىڭ كونكرېت ۋەزىپە ۋە پىلانلىرى مۇھاكىمە قىلىندى[31]. بېرىيانىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى مەزكۇر يىغىندا نك ۋد ( خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ) نىڭ رازۋېتكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋە ن ك ۋد قوشۇنلىرىنىڭ قىزىل ئارمىيىنىڭ ئارقا سەپلىرىنى قوغداش باش باشقارمىسى مۇئاۋىن باشلىقى گېنېرال مايور ۋلادىمىرستېپانوۋىچ ئېگناروۋ، خەلق ئىچكى ئىشلاركومىسسارىياتى- خەلق دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتى ( ن ك ۋد-ن ك گب) 4- بۆلۈمىنىڭ 1-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گېنېراللېيتېنانت ئالېكساندىر ئىۋانوۋىچ لاڭفاڭھەمدە خەلق دۆلەت مۇداپىئە كومسسارىياتىرازۋېتكا باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى گېنېرال مايور بورىس كۇزنېتسوۋ بىرلىكتە تۈزۈپ چىققان ھەرىكەت پىلانى قاراردىن ئۆتكۈزۈلدى[14].
        ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجا، قەشقەر، ئالتاي، چۆچەك قاتارلىق شەھەرلەردىكى كونسۇلخانىلىرى مەخسۇس ئۆز تۇرۇشلۇق رايونلارنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، ھەربىي-سىياسىي ئەھۋالى، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتكە بولغان پوزىتسىيىسى ھەمدە ئىنقىلاب غەلىبىسىدىن كېيىن يۈزبېرىشى مۇمكىن بولغان ئەھۋاللار ھەمدە يەرلىك خەلقلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەم كەيپىياتى قاتارلىق تۈرلۈك مەسىلىلەر بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، موسكۋاغا دوكلات يوللىدى.
         1934-يىلى،ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللىماي، ئۇنىڭ ئەكسىچە،مىلىتارىست شېڭ شىسەينى قوللاپ، خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىق رەھبەرلەرنى شېڭ شىسەي بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش يولىغا باشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئۆلكە ھاكىمىيىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى 1941-يىلى، گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشى ھەم ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن خەلقئارا ۋەزىيەت شارائىتىدا شېڭ شىسەينىڭ موسكۋادىن يۈز ئۆرۈپ، گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچىنى بۇئۆلكىگە باشلاپ كىرىشتەك مۇرەككەپ مەسىلىگە دۇچ كەلدى. شېڭ شىسەي 1942-يىلىدىن كېيىن، چۇڭچىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىگە ئۆتۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچىنى تازىلاشقا ۋە سىقىپ چىقىرىشقاكىرىشتى. ستالىن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار كومىسسارى ۋىلادىمىر دېكانازوف قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرىنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ، شېڭ شىسەيگە نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق شېڭ قەتئىي تۈردە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش سىياسىتى قوللىنىپ، بارلىق مۇتەخخەسىسلەر ۋەخادىملارنى قوغلاپ چىقاردى.سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا ۋە مەدەنىيەت ۋەئىقتىساد ئالاقىلىرىنى ئۇزدى ھەتتا قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق سوۋېت نكۋد سىنىڭ 8-پولكىنى چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىدى. ئەكسىچە،ھېچقاچان بۇ يەرگە كېلىشكەپېتىنالمىغان گومىنداڭ قوشۇنلىرى ۋە پارتىيە ھەم ھۆكۈمەت ئاپاراتلىرى بۇ ئۆلكىگە كىرىپ ئورۇنلىشىشقا باشلىدى. بۇنى ئاز دەپ جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتى 1943-يىلىدىن ئېتىبارەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ئەنگلىيىنىڭ ئۈرۇمچىدە كونسۇلخانا ئېچىشىغا يول قويدى.
 
      يەنەبىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، گىتلېر گېرمانىيىسى1930-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، يادرو قورالى ئىشلەپ چىقىرىشقا كىرىشكەن.ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەمۇ ئاتوم بومبىسى ياساشقا كىرىشكەن بولۇپ، ئامېرىكا« مەنخانتىن » پىلانىنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتاتتى.ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگېرمانىيىنىڭ ئاتوم بومبىسىغا بۇرۇن ئىگە بولۇشىدىن ناھايىتى ئەنسىرىگەن بولۇپ، ئەگەر گىتلېر بۇ بومبىغا ئالدىن ئىگە بولسا، دۇنيا ۋەزىيىتى تامامەن باشقىچە بولاتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك ئورگانلىرى 1940-يىلىدىن ئېتىبارەن، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يادرو پىلانىدىن خەۋەر تېپىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭمۇ بۇ بومبىنى ياساپ چىقىشىنى ئويلاشقان، 1941-يىلى، گىتلېر گېرمانىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن ، ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي بىيورو سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم پىلانىنى باشلاشنى قارار قىلدى.
      1943-يىلى، 11-فېۋرالدا، يوسىف ستالىن سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ ۋ. م. مولوتوۋنىڭ رەھبەرلىكىدەئاتوم بومبىسى ياساش پروگراممىسىنى تەستىقلىدى.لاۋرېنتى بېرىيا بولسا، ئۇران كانلىرىنى تېپىش ۋە ئۇرانغا ئىگە بولۇش ھەمدە ئاتوم بومبىسى پىلاننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق كونكرېت ئىشلارغا مەسئۇل بولدى.
      سوۋېت ئىتتىپاقى1940-يىلىدىن ئېتىبارەن شېڭ شىسەي بىلەن 50 يىللىق مۆھلەت بىلەن قەلەي كانلىرىنى ئېچىش ھەققىدە مەخپىي كېلىشىم تۇزۇپ ئۇيغۇرئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىدا دېگۈدەك يەر ئاستى بايلىقلىرنى تەكشۈرۈشكە كىرىشكەن ھەمدەبەزى جايلاردا كان بايلىقلىرىنى قېزىشقا كىرىشكەن ئىدى. 1943-يىلىغا كەلگەندە سوۋېت ئىتتىپاقى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدە ئۇران زاپاسلىرىنى تاپالمىغان بولۇپ، بەزى رۇس تارىخچىلىرىنىڭ قارىشىچە ، بۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇران كان زاپاسلىرىنى تاپقان. دېمەك، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم بومبىسى ياسىشىدىكى بىردىن-بىر خام ئەشيا -ئۇران پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان بولۇپ، بۇموسكۋانىڭ ئاتوم بومبىسى پىلانى ئۈچۈن زور ئۈمىد تۇغدۇرغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەت شارائىتىدا شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈزئۆرۈپ، ئۇنىڭ موسكۋانىڭ مەخپىي ئاتوم بومبىسى پىلانىغا پۇتلىكاشاڭ قىلدى. ئەلۋەتتە، شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدا ئۇران كانلىرىنى تاپقانلىقى ۋە بۇنىڭ ئاتوم بومبىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەنبە ئىكەنلىكىنى بىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ مۇتلەق مەخپىي بولۇپ، بۇنى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى سىياسىي بىيورىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئاز ساندىكى بىخەتەرلىك رەھبەرلىرى ھەمدە ئاتوم ئالىملىرىلا بىلەتتى خالاس. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ نامدا شىنجاڭدا يەر ئاستى بايلىقلىرىنى تەكشۈردۇق، نېفىت، ئالتۇن، قەلەي ۋە باشقا بايلىقلارنى ئىزدىدۇق دېگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە ئاساسلىق نىشان ئۇران مەنبەسى ئىزدەش ۋەئۇنىڭغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت ئىدى.

         ئەنەشۇ بىر قاتار ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللارنى نەزەرگە ئالغان سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئۆزىنىڭ1933-1934-يىللىرىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللىماسلىق سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ قېتىم ئۇنى قوللاشنى قارارقىلدى.ستالىن شېڭ شىسەينىڭ يۈزسىزلىكى ۋە ئالدامچىلىقىنى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن سىياسىي بىيورنىڭ قارارىدا «شېڭ شىسەي تۇزكور ۋە يۈزسىز ئادەم. سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغائۇزۇن يىللار كۆپ ياردەملەرنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇلارنىڭ قەدرىنى قىلمايلا قالماستىن، بەلكى مۇھىمى ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېغىر زىيان سېلىش قەدىمىنى باستى. بۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ، شېڭ شىسەينى ئۆلكىنىڭ ھاكىمىيىتىدىن قالدۇرىدىغان زۆرۈر چارىلارنى قوللىنىش لازىم» دېيىلگەن ئىدى[15].
      لاۋرېنتى بېرىيا باشچىلىقىدا ئېچىلغان ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىسسارىياتىنىڭ يىغىنىنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي ئالاھىدەھەرىكەت پىلانى قوبۇل قىلىنغان. يىغىن خۇلاسىسى سۈپىتىدە يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلارخەلق كومىسسارىياتى (ن ك ۋ د) پەۋقۇلئاددە ۋەزىپىلەر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال مايور ۋلادىمىرستېپانوۋىچ ئېگناروۋ بىلەن ن كۋ د 4-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گېنېراللېيتېنانت ئالېكساندىر ئىۋانوۋىچلاڭفاڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى. مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ شىتابى ئالمۇتا شەھىرى ۋە چېگرا پونكىتى قورغاسقا جايلاشتى[16]. ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋ 1944-يىلى، 5-ئايدا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى (ن ك ۋد)نىڭ مەخسۇس ۋەزىپىلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.

       رۇسىيەدۆلەت ئارخىپىدا ساقلىنىۋاتقان « لاۋرېنتى بېرىيانىڭ ئالاھىدە پاپكىسى» دىكى ھۆججەتتە بۇلاردىن باشقا يەنە مەزكۇر ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى يەنە ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان تېررىتورىيىلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىمۇ ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقى، 1946-يىلى مارت ئېيىغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ جايدىكى ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىغا پولكوۋنىك ئۇنۋانىدىكى رالنىكوۋ تەيىنلەنگەنلىكى قەيت قىلىنغان[17]. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ پولكوۋنىكى،1944-1949-يىللىرى ئارىسىدا ئالتايداھەرىكەت قىلغان ئەمىن ئەمىربايېفنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا ئىلى ۋادىسىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ھەرىكەتلىرىنىڭ كونكرېت خىزمىتىگە لاۋرېنتى بېرىيا نكۋدنىڭ تاشقى رازۋېتكا ئورگىنىنىڭ باشلىقى گېنېرال پاۋېل فىتىننى مەسئۇل قىلدى. پاۋېل مىخايلوۋىچ فىتىن 1939-يىلىدىن تارتىپ، 1946-يىلى،6-ئايغىچە نكۋد نىڭ سىياسىي ۋە تاشقى رازۋېتكىسىنىڭ بېشىدا تۇرغان بولۇپ، بۇ ئورگان نكۋدنىڭ 1-باشقارمىسى دەپ ئاتالغان. 1946-يىلى، 9-ئايدا دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى نكۋد دىن ئايرىلىپ، سس س ر دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى بولغاندا ئۇ بۇ مىنىستىرلىكنىڭ گېرمانىيىدىكى ۋەكىلى بولغان ئىدى[18]. فىتىن موسكۋادا س س س رنىڭ مەخسۇس خىزمەت ئورگانلىرىنىڭ شىنجاڭ ۋەجۇڭگو ئىشلىرى بويىچەمەخسۇس مەسئۇللىرى ۋەئۆزبېكىستان، قازاقىستان ھەم قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىسسارىياتىنىڭ رەھبەرلىرىنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ ، بۇجۇمھۇرىيەتلەرنىڭ تەۋەلىرىدەئورۇنلىشىپ قالغان شىنجاڭلىقلاردىن ھەربىي ئەترەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى پارتىزانلىق ئۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن ئۆگىتىش ۋەزىپىسى تاپشۇرغان[19].
       سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيوروسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى (ن ك ۋ د) ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتى ( ن ك گب) بىۋاسىتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەربىي-سىياسىي پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئارىلاشقاندىن سىرت يەنە ئۇيغۇر دىيارى بىلەن قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قازاقىستان ، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتلىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتلىرىغا كونكرېت ۋەزىپىلەريۈكلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مەزكۇر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارلىرىمۇ بۇخىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشقا قاتناشتى.
        مەسىلەن ، ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ1- سېكرېتارى ئوسمان يۈسۇپوف ئىلى ئىنقىلابىغا سىياسىي-ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزبېكىستاندا تەييارلىقتىن ئۆتۈپ، ئىلىغا ياردەمگە ئەۋەتىلگەن پىدائىيلار ۋە كادىرلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قوبۇل قىلىپ،ئۇلارنى ئۆزى بىۋاسىتە يولغا سالغان ئىدى. مەسىلەن، 1944-يىلى پالىنوۋ باشچىلىقىدا تاشكەنتتە تەربىيىدىنئ ۆتكۈزۈلگەن گۇرۇپپىنى ھەمدە 1947-يىلى ئەۋەتىلگەن خېلەم خۇدابەردى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان ئىككىنچى تۈركۈمدىكى 13 كىشىلىك مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسىنىمۇ ئوسمان يۇسۈپوف ئۆزى قوبۇل قىلىپ ئۇزاتقان ئىدى. ئۇنىڭ بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۇشى بىلەن تاشكەنتتە « شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلى نەشىر قىلىنىپ ، مەخپىي يوسۇندا ئۇيغۇردىيارىغا كىرگۈزۈلگەن ھەمدە 1947-يىلى ئۇيغۇر تىلىدا رادىئو پروگراممىسى ئاڭلىتىش باشلانغان[20].
           ئۆزبېكىستان مىنىستىرلار كېڭىشى موسكۋادىن 1946-يىللىق دۆلەت خامچوتىنى تەلەپ قىلغاندائۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان خامچوتنىمۇ قوشۇپ تەلەپ قىلغان ئىدى.
      سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى سىياسىي بىيورىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتىنىڭ 1- رازۋېتكا بۆلۈمى جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، « سوۋېت ئىتتىپاقى مۇسۇلمانلىرى مەركىزىي دىنىي باشقارمىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى خىتابنامىسى» دەپ ئاتالغان چاقىرىقنى 5000 نۇسخا كۆپەيتىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگۈزگەن.1943-1945-يىللىرى ئارىسىدا ئالتايدىكى مىللىي گۈللىنىش ۋەئالتاي قوزغىلاڭچىلىرى نامىدىن 16تۈرلۈك پۈتۈن ئۆلكە خەلقىغە چىقارغان تەۋشىۋات ۋاراقچىسى تەييارلىغان ھەمدە « قازاقئېلى» ژۇرنىلى، « شەرق ھەقىقىتى» ۋەباشقىلارنى ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگۈزۈپ، خەلقنى ئويغىتىشتا رول ئوينىغان[21]. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالمۇتىدا قازاقىستاننىڭ يەرلىك كوممىنىستلىرىدىن مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت قىلىدىغان مەخسۇس خادىملارنى تەربىيىلەشم ەكتىپى قۇردى. 1943-يىلى، سېنتەبىردە بۇمەكتەپنى پۈتتۈرگەن 28 كۇرسانت- رازۋېتچىك ( جاسۇس) سوۋېت ۋە موڭغۇلىيە چېگرىسىدىن مەخپىي ئۆتۈپ، شىنجاڭغا ئۆتۈپ، « سوۋسىننتورگ» ( سوۋېت-شىنجاڭ سوداشىركىتى)نىڭ خادىملىرى دېگەن نامدا يەرلىك ئاھالىلارنى تەشكىللەش ۋە مىللىي گۈللىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى[22].
         مەسىلەن، بۇ مەكتەپنىڭ كۇرسانتى ئارىسپېك زائۇربېكوۋ 1944-يىلى، ئىيۇن ئايلىرىدا ئۇيغۇر، قازاق ۋە موڭغۇللاردىن 250 كىشىلىك قوزغىلاڭچىلار گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقتى. ئالمۇتا ئەتراپىدا تەييارلىقتىن ئۆتكەن مەزكۇر مەخسۇس مەكتەپنىڭ ئىككىنچى گۇرۇپپا كۇرسانتلىرىفاتىخ مۇسلىموۋنىڭ يېتەكچىلىكىدە 1944-يىلى، ئاۋغۇست ئېيىدا ئىلى ۋىلايىتى تەۋەسىگەقوزغىلاڭچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدى.
     قىرغىزىستان تارىخچىسى ۋە ئىسساقبەگنىڭ ئەۋلادى ئابدۇۋاھاپ مونىيېفنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئىسساقبەك مۇنونوف 1943-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا غۇلجىدىكى سوۋېت كونسۇلخانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ساق-سالامەت قېچىپ بارغاندىن كېيىن، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇنى قوبۇل قىلغان. بولۇپمۇ قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى كوم پارتىيىسى، دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە ئىچكى ئىشلاركومىسسارىياتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ئىسساقبەكنى قوبۇل قىلىپ،ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلىش ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئابدۇۋاھاپ ھەتتا شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ موسكۋاغا بارغانلىقى ھەمدە ستالىن تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىمۇ قەيت قىلىدۇ[23].
         مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ، ھەر قايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بۇكونكرېت پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى يەنىلا موسكۋادىكى مەركىزىي ئورگان بەلگىلىگەن ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەمەلىي رەھبەرلىك ۋە بىۋاسىتەپائالىيەت دائىرىسىگە كىرگەن بولۇپ، ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەسئۇلى ھېسابلانغان ۋلادىمىر ستېپانوۋىچئېگناروۋنىڭ قاچان غۇلجىغا كەلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق ھۆججەتلىك مەلۇمات يوق، ئەمما ئەلىخان تۆرىنىڭ ئوغلى، مىللىي ئارمىيە مايورى ئاسىلخان تۆرە ئۆز ئەسلىمىسىدە گېنېرال ۋلادىمىر ستېپانوۋىچنىڭ 1944-يىلى، 9-دېكابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىدە،ئەلىخان تۆرە بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ[24]. ئۇ قەيت قىلغان ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ دەل ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋتۇر. ئەمما، ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ، مەسىلەن پېتىر رومانوۋىچ ئالېكساندروۋنىڭ 1944- يىلى، 7-نويابىر كۈنى تاڭ سەھەردە ئابدۇكېرىم ئابباسوف بىلەن غۇلجىغاكېلىپ، غۇلجا قوزغىلىڭىغا قاتناشقانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن ئازغىنا كەم ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ، ئىۋان پالېنوۋقاتارلىقلارنىڭ غۇلجىغا كەلگەنلىكى، ئىۋانپالېنوۋ بىلەن كەلگەنلەر قاتارىدا ئىۋان ئىۋانوۋىچ ئىۋانوۋ، يەنى ئىسكەندەرئەپەندىنىڭ بىرگە كەلگەنلىكى مەلۇم.

      ئىۋانئىۋانوۋىچ ئىۋانوۋ، يەنى، ئىسكەندەرئەپەندى بىر مەزگىل پالېنوۋقا مەسلىھەتچ ىسۈپىتىدە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان. ئالاھىدەھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال مايور ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋ چىلپەنزە (قورغاس) ئازاد قىلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان يول ئېچىلغان ھەمدەقوزغىلاڭچىلار سۈيدىڭنى قورشاۋغا ئالغان، ھەرەمباغ، ئايرودروم ۋە لاڭشاڭدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرى قاتمۇ-قات قورشاۋغا ئېلىنغان،تەلكىدىكى فاتىي لېسكىن كوماندىرلىقىدىكى پارتىزانلار بولسا، زاپاس 7-دىۋىزىيە كوماندىرى لى يۈشاڭ قوماندانلىقىدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ كەڭساي ئارقىلىق غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىش ھۇجۇملىرىنى تارمار قىلىپ، كەڭساي ئېغىزىنى قاتتىق مۇداپىئە قىلىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى.
گېنېرال ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋ ۋە گېنېرال ئائېكساندر ئىۋانوۋىچلاڭفاڭ غۇلجىغا كەلگەندىن كېيىن، دەرھال ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىگە غۇلجىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلىشقا كىرىشكەن بولۇپ، رۇسىيە تارىخشۇناسى ئا.بارمىن « گېنېرال ۋلادىمىر ستېپانوۋىچئېگناروۋ يەنە ئۆز نۆۋىتىدەسوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى دە تۇرۇشلۇق باش ھەربىي مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنىئ اتقۇردى» دەپ يازىدۇ[25]. ئېگناروۋ رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىلىك ئورگىنى غۇلجا شەھىرىنىڭ نوۋېيگورد مەھەللىسىدىكى چوڭ بىر قوروغا جايلاشقان بولۇپ،ئادەتتە 2-دوم دەپ ئاتىلاتتى. گېنېرال ئېگناروۋ ئەنە شۇ جاينى ئىشخانا قىلىپ، بىۋاسىتە موسكۋا بىلەن ئالاقە قىلاتتى،ئۇ جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى كۆزەتكەن ھەم نازارەت قىلغاندىن سىرت يەنە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىلەن كۈندىلىك ئالاقىلاردا بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ھەپتىدە دېگۈدەك موسكۋادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە رەھبەرلىككە ئەھۋال يوللاپ تۇرغان[26].
        ئېگناروۋ غۇلجىغا كەلگەندىن كېيىن فامىلىسىنى ئۆزگەرتىپ ئاتىغان بولۇپ، ئېگناروۋنى كوزلوۋقا ئۆزگەرتكەن. ئەمما،ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئىسمىنى ساقلاپ قالغان. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان مىللىي ئىنقىلاب شاھىدلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنى  ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ كوزلوۋدەپ بىلگەن ئىدى. بىراق ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسى بولغان ئېگناروۋنى ھېچكىم بىلمەيتتى.
       ئالېكساندىرئىۋانوۋىچ لاڭفاڭنىڭ غۇلجىدا قانداق ئىسىم-فامىلە قوللانغانلىقى نامەلۇم. بىراق جۇمھۇرىيەت باش كاتىپى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ۋە مىللىي ئارمىيە مايورىئاسىلخان تۆرە سوۋېت گېنېرال نىكولاي ئارخىپوۋىچ دېگەن بىر ئىسىمنى ئىشلىتىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە جۇڭگودا چىققان كىتابلاردا بولسا، كۇزنېتسوۋ فامىلىلىك بىر گېنېرال تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ئەشۇ گېنېرال لاڭفاڭ شۇمۇ ، ئەمما ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىغا ئەۋەتكەن رازۋېتكاخادىملىرىنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىسىم-فامىلىسىنى يوشۇرغان ئىدى.كېسىپ ئېيىشقابولىدۇكى، جۇڭگودا نەشىر قىلىنغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى چوڭ ئىشلارخاتىرىسى ۋە تارىخىغا ئائىت كىتابلاردا قەيت قىلىنغان 2-دومنىڭ مەسئۇلى كوزلوۋ دەل ئەشۇ ئېگناروۋتۇر.
جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى بولغان ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبرايىمىنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇگېنېراللىرى قوزغىلاڭ غەلىبە قىلىپ، تەخمىنەن بىرەر ئاي ئىچىدە غۇلجىغا كەلگەن بولۇپ، باشتا پالېنوۋ بالدۇرراق كەلگەن ئىدى. ئابدۇرەئۇپ مەخسۇمنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ باشتا ئۇلارنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ئانچەئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ باشچىلىقىدا 40-50 ئادەمنى ئازغىنا قورال-ياراقلار بىلەن ئەۋەتكەن. بۇ چاغدا غۇلجىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۈچى ھەقىقەتەن ئاجىز ئىدى. ئەمما، سوۋېت تەرەپ غەنى باتۇر ۋە فاتىخ باتۇر باشچىلىقىدىكى نىلقا قوزغىلاڭچىلىرى يېتىپ كېلىپ، دۈشمەنگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملارباشلاپ، 12-نويابىغىچە بولغان ئارىلىقتا غۇلجا شەھىرىنىڭ ئاساسىي قىسىمى ئازادقىلىنغان ۋە پۈتۈن خەلق قوزغىلىپ، تېز ئارىدا ئەتراپتىكى بىر قانچە ناھىيىلەرئازاد قىلىنىپ، گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەرەمباغ، سۈيدۈڭ ۋە كۈرەلەرگە قاپسىلىپ قالغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇئىنقىلابنىڭ غەلىبە قىلالىشىغا ئىشەنچ قىلىپ، دەرھال ياردەم بېرىشكە كىرىشكەن.
ئەلىخان تۆرە 13- نويابىر كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى باش كونسۇلى داباشىن بىلەن كۆرۈشۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردەم بېرىشىنى ئوتتۇرىغاقويغان بولسىمۇ، ئەمما موسكۋانىڭ گېنېراللىرى ۋە ياردەملىرى تېزدىن كەلمىگەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، قوزغىلاڭچىلار جەڭلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ، 2500 دىن ئارتۇق قوراللىق كۈچكە ئىگە گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى ھەرەمباغ، ئايرودروم ۋە لاڭشاڭغا قاپسىۋالغان ئىدى. بۇ جايلارغا 8000 دىن ئارتۇق ئادەم جايلاشقان ئىدى. قورال-ياراق جەھەتتە دۈشمەن پارتىزانلاردىن ئۈستۈن ھېسابلىناتتى.
        بۇ ۋاقىتلاردا قوزغىلاڭچىلارقورال-ياراق جەھەتتىن قىينالغان بولۇپ، ھەرەمباغدىكى دۈشمەننى يوقىتىش ۋە باشقا جايلارنى ئازادقىلىش ھەمدە ئۈرۈمچىدىن كېلىدىغان گومىنداڭ ياردەمچى قوشۇنلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن قورال-ياراق ۋە ئوق -دورىلارغا بولغان مۇھتاجلىق ناھايىتى زور ئىدى. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا جۇ شاۋجياڭ بەش يول بىلەن غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانى تۈزگەن ھەمدە بۇ ھەرىكەتكە يېڭى 45-دىۋىزىيىنىڭ بىرقىسىمى ۋە زاپاس 7-دىۋىزىيىنى تولۇقى بىلەن ئاجراتقان ئىدى. ئەگەر ھەرەمباغدىكى دۈشمەن كۈچلىرى ۋە سىرتتىن كېلىدىغان كۈچلەر بىرلىشىۋالسا، ئۇلارغاتاقابىل تۇرۇش ھەمدە يېڭىدىن قۇرۇلغان ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەت شارائىتىدا، 24-نويابىر كۈنى ئەلىخان تۆرە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىگەخەت يېزىپ، ھەربىي قورال-ياراق ياردىمى بېرىش ۋە ياكى مالغا ئالماشتۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. بېرىيا ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى بېرىياتىنىڭ ستالىنغا يوللىغان دوكلاتىدا قوزغىلاڭچىلارنىڭ تەلىپى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازغان:
        « سوۋېت كونسۇلخانىسىغاقىلغان مۇراجىتىدە ئۇلار ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمماھاكىمىيەتنى تۇتۇش ئۈچۈن يېتەرلىك مەبلەغ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.مۇراجەتنامىگە ئەلىخان تۆرە ۋە كومىتېتنىڭ 13 ئادىمى ئىمزاقويغان»[27]. موسكۋا ئەنە شۇ تەلەپتىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي گېنېرال مايور ۋلادىمىرستېپانوۋىچنى غۇلجىغا ئەۋەتىپ، مەخسۇس ھەربىي-سىياسىي مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلىگەن. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بولسا ئەلىخان تۆرەباشلىق ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىسى سوۋېت كونسۇلى دۇباشىن ۋە ياكى ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنلا بولغان ئىدى. سابىق مىللىي ئارميە پولكوۋنىكلىرىدىن ئايتوغان يۇنۇچىۋە ئەسىھەت تېيىپوفلارنىڭ ئەسلىشىچە، گېنېرال ئېگناروف غۇلجىغا كېلىپ بىر ھەپتىلەردىن كېيىن زور ساندىكى قورال-ياراقلار غۇلجىغا يەتكۈزۈلگەن[28].
      ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبرايىمىنىڭ ئەسلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى گېنېراللىرى كەلگەندىن كېيىن بارلىق ھەربىي ئىشلار ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گېنېراللار كەلگەندىن كېيىن،ھەربىي ئىشلارنى بىز قىلايلى دەپ بارلىق ھەربىي ئىشلارنى ئۇلار ئۆز قوللىرىغائالغان، ئەمما دۆلەت باشقۇرۇش، سىياسىي ۋە باشقا ئىشلارغا ئۇلار كۆپ ئارىلىشىۋالمىغان[29]. لېكىن، ئېگناروۋنىڭ كېلىشىدىن كېيىن، يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ھەر قايسى مىنىستىرلىكلەرگىمۇ مەسلىھەتچىلەرنى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئەلىخان تۆرىگە مۇھسىن ئابدۇللىن ئىسىملىك ئۆزبېكىستانلىق ئۇيغۇر مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلەنگەن. مائارىپ،مالىيە، سەھىيە، ئالىي سوت، دىنىي ۋە باشقا مىنىستىرلىكلەرنىڭ ھەممىسىدە سوۋېتلىك مەسلىھەتچىلەر ئورۇنلاشقان بولۇپ، بەزى پەرەزلەردەسىياسىي، مەمۇرىي مەسلىھەتچىلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى 2- ۋە 1-دوم دەپ ئاتالغان ئورۇنلىرىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا بويسۇنغانلىقى ئېيتىلىدۇ. چۈنكى، بۇمەسلىھەتچىلەرنى موسكۋا بىۋاسىتە باشقۇرماي، ئەكسىچە موسكۋانىڭ غۇلجىدىكى باش ۋەكىلى، يەنى باش مەسلىھەتچىسى باشقۇرۇشى مۇمكىن ئىدى.

پايدىلانغان ئەسەرلەر
--------------------------------------------------------------------------------
[1]. سوپاخۇن سوۋۇروف. مەن كەچكەن كېچىكلەر. 397-398-بەتلەر.
[2] .شۇ ئەسەر.399-بەت.
(3) .قوجاي دوقاس . ئۈچۋىلايەت ئىنقىلابى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى توغرىسىدا . ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى . 4-سان.

.(4). شۇئەسەر.480-481-بەت.
[5] .توختى ئىبرايىم. مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭگىۋار مۇساپىسى . 2003-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى. ئۈرۈمچى .

6] .سوپاخۇن سوۋۇروف. شۇ ئەسەر 481-بەت.
[7] . بارمىن. ئا. ب.ئا. بارمىن. سىنزيان ۋ سوۋەتسكو-كىتايسكىخئوتنوشەنىياخ 1941-1949گگ. ( شىنجاڭ 1941-1949-يىللاردىكى سوۋېت -جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدە). بارنائۇل. 1999. 78-بەت.
[8] . «يېڭى زامان» گېزىتى، 1999-يىلى، 6-ئاي. ئالمۇتا، ئۇيغۇرچەنەشىرى.
[9] . ك ئىستورىئى ۋنېشنېي رازۋەتكى كازاخسستانا.( قازاقىستان تاشقى رازۋېتكا تارىخىدىن ).
[10] .ب.ئا. بارمىن. سىنزيانۋ سوۋەتسكو-كىتايسكىخئوتنوشەنىياخ 1941-1949گگ. (  شىنجاڭ 1941-1949-يىللاردىكى سوۋېت -جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدە). بارنائۇل.1999. 78-بەت.
[11] . ۋ.ئوبۇخوۋ، سخۋاتكا شېستى ئىمپېرىي .بىتۋا زا سىنزيانا. ( ئالتە ئىمپېرىنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈنئېلىشىش ). ۋېچې نەشىرىياتى،موسكۋا.2007. 297-بەت.
[12 ] . گېئورگىي مېلىكيانىس، ۋوستوچنيي تۇركېتسان بيلبروشېن نا پروئىۋول سۇدبي. ئىزۋېستىئا، ( خەۋەرلەرگېزىتى). موسكۋا، 2002-يىلى، 23-ئاۋغۇست.
[13] . ۋ.ئوبۇخوۋ، سخۋاتكا شېستى ئىمپېرىي .بىتۋا زا سىنزيانا. ( ئالتە ئىمپېرىنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈنئېلىشىش ). ۋېچې نەشىرىياتى، موسكۋا.2007.298-بەت
[14] . ۋ.ئوبۇخوۋ، سخۋاتكا شېستى ئىمپېرىي .بىتۋا زا سىنزيانا. ( ئالتە ئىمپېرىنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈنئېلىشىش ). ۋېچې نەشىرىياتى،موسكۋا.2007. 298-بەت.
[15] ،بارمىن ئا. شۇ ئەسەر .71-72-بەتلەر.
[16] . رۇسىيە فېدېراتسىيىسى دۆلەت ئارخىپى. فوند ر-9401 س/چ. ئوپ.2. د.96. ل.197-198// ئى. ۋ ستالىننىڭ « ئالاھىدەپاپكىسى». سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتى-سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى سېكرىتارىياتىنىڭ1944-1953-يىللىرىدىكى ماتېرىياللىرىدىن . رۇسىيە ھازىرقى زامان تارىخى ھۆججەتلىرىكاتالوگى. موسكۋا .1-توم. 1994.
[17] . رۇسىيە فېدېراتسىيىسى دۆلەت ئارخىپى. فوند ر-9401 س/چ. ئوپ.2. د.144، ل.383 // ل.ئى بېرىيانىڭ « ئالاھىدە پاپكىسى» سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكىئىشلار خەلق كومىسسارىياتى-سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى سېكرىتارىياتىنىڭ1944-1953-يىللىرىدىكى ماتېرىياللىرىدىن . رۇسىيە ھازىرقى زامان تارىخى ھۆججەتلىرىكاتالوگى. موسكۋا .4-توم. 1996
[18] .پاۋېل مىخايلوۋىچ فىتىن ھەققىدىكى مەلۇمات. http://www.hrono.ru/biograf/bio_f/fitin_pm.php.
[19] . « يېڭى زامان» گېزىتى، 1999-يىلى، 6-ئاي.ئالمۇتا، ئۇيغۇرچە نەشىرى.
[20] . خېلەم خۇدابەردىيېف بىلەن سۆھبەت. خېلەم خۇدابەردىيېف 1947-1949-يىللىرى ئىلىدا ئەخمەتجان قاسىمى ۋە مىللىي ئارمىيە شىتابىدا مەسلىھەتچى تەرىقىسىدە خىزمەتقىلغان. 1960-1980-يىللىرىدا ئۆزبېكىستان رادىئو-تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن ھەمدە2003-يىلى تاشكەنتتە ۋاپات بولغان. ئابلەت كامالوۋنىڭ ئەسىرىگە قاراڭ:Ablet Kamalov : Uyghur Memoir Literature in Central Asia on Eastern Turkestan Republic (1944-1949). Studies on Xinjiang Historical Sources in 17-29thCenturies. Edited by James Millward, Shinmen Yasushi, Sugawara Jun. Tokyo. The Toyo Bunko.2010. pp. 278-289-
[21] . ك ئىستورىئى ۋنېشنېخ رازۋېتكى كازاخستانا ( قازاقىستان تاشقى رازۋېتكىسى تارىخى)
[22] ك ئىستورىئى ۋنېشنېخ رازۋېتكى كازاخستانا (قازاقىستان تاشقى رازۋېتكىسى تارىخى)
[23] . ئابدۇۋاخاپ مونىيېف. گېنېرال ئىسساقبېك . بىيتىك . 2006. بۇ ماقالە قىرغىزچە «ئەركىن تووو»گېزىدە بېسىلدى.قىرغىزچە
[24] .ئەلىخان تۇرە ساغۇنى. تۈركىستون پاجىئەس. ئىستانبۇل. 2012.
[25] .ئا.بارمىن. شۇ ئەسەر. 79-بەت
[26] . « ۋ.م.مولوتوۋنىڭ ئالاھىدە پاپكىسى» . رۇسىيە فېدېراتىسيىسى دۆلەت ئارخىپى. فوند 9401 س.ئوپ.2. د.104 ۋە د.300-303. سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقئىچكىس ئىشلار كومىسسارىياتى- خەلق دۆلەتبىخەتەرلىك مىنىستىرىلىكى سېكرىتارىياتىنىڭ ماتېرىياللىرى.1944-1953. رۇسىيەيېقىنقى زامان تارىخى ئارخىپخانىسىنىڭ كاتالوگى. موسكۋا.2-توم.1994.
[27] . « ستالىننىڭ ئالاھىدەپاپكىسى»،رۇسىيە دۆلەت ئارخىپىدا ساقلانغان. بۇ ھۆججەت. تۆۋەندىكى ماقالىدىنئېلىندى. گېئورگىي مېلىياكىنسنىڭ «ۋوستوچنىي تۇركېستان بيل بروشون نا پروئىزۋول سۇدبي» ماۋزۇلۇقماقالىسىدىن ئېلىندى. خەۋەرلەر گېزىتى. 2002-يىلى، 23-ئاۋغۇستتىكى سانى.
[28] . ق. غوجامبەردىيېۋ. ئۇيگۇري (ئۇيغۇرلار. قەدىمكى زامانلاردىن تا ھازىرقى كۈنلەرگىچە ئەتنو-سىياسىي تارىخى).516-بەت. 2009-يىلى، ئالمۇتا.
[29] .ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم بىلەن سوھبەت. 2004-يىلى، 11-ئاي. شۇنىڭدەك ئا.كامالوۋنىڭ ئەسىرىگە قاراڭ::Ablet Kamalov : Uyghur Memoir Literature in Central Asia on Eastern Turkestan Republic (1944-1949). Studies on Xinjiang Historical Sources in 17-29thCenturies. Edited by James Millward, Shinmen Yasushi, Sugawara Jun. Tokyo. The Toyo Bunko.2010. pp. 278-289-


داۋامى بار
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-19, 12:39
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-19 10:31 |
koygandengiz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6375
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 36
شۆھرەت: 180 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 180 سوم
تۆھپە: 108 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 108 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 59(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   ياخشى ماتىريال ئىكەن . تولۇق كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ئاندىن مەزمۇنى ھەققىدە ئىنكاس يازاي . ئەمما ئىملا خاتالىقى بەك كۆپكەن ، باشقۇرغۇچىلار قايتىدىن بىر تەھرىرلېۋېتىپ ئاندىن يوللىساڭلار بوپتىكەن .
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-19 12:51 |
subhan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6612
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 45
شۆھرەت: 235 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 235 سوم
تۆھپە: 139 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 139 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 71(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەقىقى ئۇيغۇرلاردىن چىققان خەلىق ئاممىسى ئېتىراپ قىلغان گېنىرال سوپاخون بوۋىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن !
تىلى ھەسەل دىلى زەھەر ....
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-19 13:32 |
sarsan88
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 416
شۆھرەت: 2110 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2130 سوم
تۆھپە: 1264 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1269 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 173(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تارىخ پەنلىرىدە دوكتۇر بولۇپ تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان نەبىجان تۇرسۇندەك ئالىمغا بارىكاللا ، چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك مۇھىم تارىخى يازما بولۇپتۇ .
سەۋىيەم تۆۋەن بولغاچقا  بۇ تېمىغا مۇۋاپىق ئىنكاس يازالمىدىم .
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-19 13:51 |
halpa
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6005
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 183
شۆھرەت: 933 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 935 سوم
تۆھپە: 558 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 563 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 265(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ 1950-يىلىدىن كېيىن ھېچقانداق چوڭ ھوقۇق تۇتمىغانلىقى، ۋە بۇرۇنلا كەسىپ ئالماشتۇرۇلغانلىقى بىلەن 1955-يىلى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال مايورىلىق ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولالمىغانلىقى ئاجايىپ بىر ئىش ! بىراق ئۇيغۇر خەلقى ئاللىقاچان ئۇنىڭغا گېنېرالدىنمۇ يۇقىرى ئۇنۋان بېرىپ بولغان ئىدى !

شۇنداق،سوپاخۇن بوۋىمىز بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ھەربى قوماندانى ۋە قەھرىمانى.
بوۋىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-19 16:15 |
motiwarlar
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1318
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 263
شۆھرەت: 1587 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1607 سوم
تۆھپە: 898 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 901 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1261(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى halpaدە2012-04-19 16:15يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ 1950-يىلىدىن كېيىن ھېچقانداق چوڭ ھوقۇق تۇتمىغانلىقى، ۋە بۇرۇنلا كەسىپ ئالماشتۇرۇلغانلىقى بىلەن 1955-يىلى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال مايورىلىق ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولالمىغانلىقى ئاجايىپ بىر ئىش ! بىراق ئۇيغۇر خەلقى ئاللىقاچان ئۇنىڭغا گېنېرالدىنمۇ يۇقىرى ئۇنۋان بېرىپ بولغان ئىدى !

شۇنداق،سوپاخۇن بوۋىمىز بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ھەربى قوماندانى ۋە قەھرىمانى.
بوۋىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!

دەللىلىرىڭىزنىڭ ئاساسى كۈچلۈك. ھەقىقەتەن ئەلنىڭ ياخشى باھاسى  ھەممىدىن يۇقىرى ئونۋان. چۈنكى ئۇ شەخسىيەتسىز ھەم ئىختىيارىدۇر.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-19 21:56 |
edirhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2666
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 254
شۆھرەت: 1362 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1374 سوم
تۆھپە: 798 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 801 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 225(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    مەن ئىلگىرى زور شان-شەرەب ساھىبى ھەم غورۇر ۋە ئادالەتنىڭ قېلىچى بولغان بۇ زاد ھەققىدىكى كۆپ ماتىرىياللارنى كۆرگەن ئىدىم. لېكىن بۈگۈنكىدەك تولۇق ئەمەس ئىدى. قەھرىمان ھاياتلىقىدا بەلكىم تىگىشلىك تۆھپە ئالالمىغاندۇ؟! ياكى ئېلىشنىمۇ خالىمىغاندۇ؟... نىمىلا بولمىسۇن قان بىلەن يازغان تارىخ، تۇپراق يۈزىدە مەڭگۈ يوقالمايدۇ! خەلق ۋە مىللەت تارىخى قەھرىماننى، ئۇنىڭ تاللىشىنى مەڭگۈ ئەستىن چىقارمايدۇ... ... ھەممىنىڭ قەلىبلىرىدە گۈلخان كەبى يېنىپ، ھاياتلىق ۋە كۆرەش قىسسەلىرىنى يازىدۇ...
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-20 01:13 |
فىدا
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 101
شۆھرەت: 515 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 525 سوم
تۆھپە: 307 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 307 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 85(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   ئازابلق تارىحىمىزنىڭ سىر لىرى ئىچىلىۋاتىدۇ پاحتا ئارسىدا چوع ساقلىعىلى  بولمىعاندەك . داۋامىعا تەشنامىز .
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-20 08:33 |
motiwarlar
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1318
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 263
شۆھرەت: 1587 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1607 سوم
تۆھپە: 898 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 901 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1261(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

"مەن كەچكەن كېچىكلەر" ناملىق كىتابنى ئاكام سېتىۋېلىپ ئەكەپتىكەن. شۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدىمۇ ،ئىشقىلىپ بۇ كىتاب  نەشىرگە تەييارلىنىش ۋە  نەشىر قىلىنىش جەريانىدا كۆپ قىسقارتىلىپ ۋە قىسقىراپ كەتكىنىنى،شۇ سەۋەپتىن مەرھۇم گېنرالىمىز بىلەن نەشىرگە تەييارلىغۇچى ئاپتۇر ئوتتۇرسىدا كۆپ سوغۇقچىلىق بولغىنىنى  يېزىپتىكەن. بەلكىم بۇ يازما شۇ قىسقارتىلغان جەريانلارغا ئاز-تولا تولۇقلىما بەرسە ھىچ گەپ ئەمەس.
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-20 09:07 |
erkinqush
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6980
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئەسەرلىرى بەك  ئېسىل . بۇ كىشى ھازىر نېمە ئىشلار بىلەندۇ ؟
بىلىدىغانلار بارمۇ ؟
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-20 13:41 |
adilxa
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4743
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
شۆھرەت: 120 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 120 سوم
تۆھپە: 72 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 72 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى erkinqushدە2012-04-20 13:41يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئەسەرلىرى بەك  ئېسىل . بۇ كىشى ھازىر نېمە ئىشلار بىلەندۇ ؟
بىلىدىغانلار بارمۇ ؟

شۇنى دەيمەن ،مۇشۇ كىشىنىڭ يازغان تارىخى ماتېرياللىرىنى كوپرەك كۆرسەم بۇلاتتى.بۇرۇن "شاھمات تاختىسى:دىگەن ماتېريالىنى ئوقۇغان.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-20 14:45 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 1/5     Go
Bagdax bbs » مەشھۇر شەخسلەر