تېما يوللىغۇچى ئايرىم تېما قىلىپ يوللىغان سوپاخۇن سوۋۇروف ھەققىدەستالىنغايوللانغان مەلۇمات(3) پىكىر چېچىلىپ كەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتۇپ مەزكور تېمىغا باشقۇرغۇچى تەرىپىدىن ئىنكاس شەكلىدە يوللاندى سوپاخۇن سوۋۇروف ھەققىدە ستالىنغا يوللانغان مەلۇمات (3)
<< مەن كەچكەن كېچىكلەر>> دىكى سوۋېت جاسۇسلىرى
نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)
5. سوپاخۇننىڭ قەلىمى ئاستىدىكى << سوۋېتلىكلەر>>
سوپاخۇن سوۋۇروف ئۆزىنىڭ <<مەن كەچكەن كېچىكلەر>> ناملىق ئەسلىمىسىدە بىر قىسىم سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلىھەتچىلىرى ۋە ئوفىتسېرلىرىنى شۇنىڭدەك مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى پالېنوۋنى تىلغا ئالىدۇ. بولۇپمۇ ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاقسۇغا ئەۋەتىلگەن سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ھەربىي مەسلىھەتچىلەر زاكىر تۆرە بىلەن ئىسكەندەر ئەپەندى ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدا بىر قەدەر كۆپرەك تەسۋىرلىنىدۇ.
1945-يىلى، 5-ئىيۇل كۈنى مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابى ئاقسۇغا چۈشىدىغان پارتىزان ئەترىتىنىڭ تەركىبى ۋە ۋەزىپىلىرىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە زاكىر بىلەن ئىسكەندەر ئاتلىق پارتىزان ئەترىتىنىڭ ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى بولۇپ تەيىنلەندى(48) . << شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى>>دە بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، ئىسكەندەرنىڭ ئەسلى تولۇق ئىسمى توغرا ئاتالغان بولسىمۇ، بىراق زاكىرنىڭ ئەسلى ئىسمى خاتا ھالدا <<شوخپۇل>>(49) دەپ ئاتالغان.
پارتىزان ئەترىتىنىڭ ۋەزىپىسى بەلگىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە قىزىل كۈرەدە ئۇلارنى ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئاقسۇغا ئەۋەتىلگەن پارتىزان ئەترىتىنى ئۇزىتىش مۇراسىمىغا جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرە باشلىق ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىنىڭ تەركىبىدىكى ئەربابلار ھەمدە قىزىل كۈرەدىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە پۇقرالار بولۇپ، كۆپ ساندا ئادەم قاتنىشىپ، ناھايىتى داغدۇغىلىق ۋە ھاياجانلىق ئىچىدە ئۆتكەن. ئۇزىتىش مۇراسىمىغا زاكىر تۆرە بىلەن ئىسكەندەرمۇ قاتناشقان. زاكىر تۆرە ئۆزىنىڭ بۇ ئۇزىتىشتىن 34 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆز دوستى، يەنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى يەنە بىر نەپەر رازۋېتچىكى ئەلى ئەپەندى ئۈچۈن يېزىپ بەرگەن قىسقا ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ بايان قىلغان : << جەنۇبتا ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن پارتىزانلىق ئەترىتى تەشكىللىدىم. مەركىزىي فرونتتىكى سوپاخۇن روتىسى قوزغىلاڭچىلار تەرەپكە ئۆتكەندە، بۇ روتىنى تولۇقى بىلەن ماڭا پارتىزان ئەترىتىگە قوشۇش ئۈچۈن تاپشۇرۇپ بەردى. ئەترەتنى ھۇجۇمغا تەييارلاش ئۈچۈن ئۇنى ئىزۋوت ۋە ئوتدېلىنىيىلەرگە ئايرىپ، سوپاخۇننى ئەترەتنىڭ كوماندىرلىقىغا تەيىنلەپ، ئەلىخاننىڭ ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن كېلىشىنى كۈتتۇق. ئۇزىتىش ئۈچۈن قىزىل كۈرەگە ئەلىخان بىلەن بىرگە ھۆكۈمەت ۋەكىلى سۈپىتىدە ئابدۇكېرىم ئابباسوف ۋە ئەترەتنىڭ موللىسى بىرگە كەلدى. ئەترەت ئەلىخاننىڭ تەسىرلىك نۇتىقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەلىخانغا قەسەمىيات قىلدى ۋە ئاتلىق ھالدا تاغ تەرەپكە قارا مېڭىپ ، تىيانشان تاغلىرىدىن ئاتلىق ھالدا ئېشىپ، جەنۇبتا ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن يۈرۈش قىلدى. مەن ئەترەتنى ئاتلاندۇرىۋېتىپ، بىر قانچە كۈندىن كېيىن، ساڭا مەلۇملۇق "مەخسۇم" بىلەن بىرگە ۋ.س غا دوكلات قىلىش ئۈچۈن غۇلجىغا كەتتىم>>( 50).
زاكىر تۆرە تىلغا ئالغان ۋ. س ئەمەلىيەتتە غۇلجىدىكى 2- دومنىڭ باشلىقى، موسكۋانىڭ جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىدىكى ھەربىي-سىياسىي باش مەسلىھەتچىسى گېنېرال مايور ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋ ئىدى. زاكىر تۆرە ۋە ئىسكەندەر دائىم ئۇنىڭ ئىسمىنى قىسقارتىپ ۋ.س دەپ ئاتىغان. بىراق ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ئۇنى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ كوزلوۋ دەپ ئاتايتتى.
سوپاخۇن سوۋۇروف ئۆز ئەسلىمىسىدە يەنە مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى پالېنوۋ، تېكەس پولكىنىڭ كوماندىرى نوغايبايېف، مەۋلانوف ۋە باشقىلارنىمۇ تىلغا ئالغان بولسىمۇ، بىراق پالېنوۋتىن باشقا قالغانن ئىككى قىرغىز ھەربىي ئەرباب ھەققىدە كۆپ توختالمىغان. يېڭى ئېچىلغان ئارخىپ ماتېرىياللىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەربابلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى بىر قىسىم شەخسلەرنىڭ ئەسلى كىملىكىنى ئېنىقلاشقا ياردەم بەردى.
( 1) زاكىر تۆرە كىم؟
ئەمدى بىز زاكىر تۆرىنىڭ كىملىكى ھەققىدە توختىلايلى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاشكارىلانغان مەلۇمات شۇكى، زاكىر تۆرىنىڭ ئەسلى ئىسمى پېتىر ئىۋانوۋىچ ساۋىن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك ساھەسىنىڭ پودپولكوۋنىك دەرىجىلىك ئوفىتسېر ئىدى. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسىم فامىلىسى پېتىر ئىۋانوۋىچ ساۋىن بولۇپ، پېتىر ئۆزىنىڭ ئىسمى، ئىۋانوۋىچ دادىسىنىڭ ئىسمى، ساۋىن فامىلىسىدۇر. زاكىر ئۇنىڭ كېيىنكى ۋەقەلەردە ئىشلىتىلگەن لەقەم خاراكتېرلىق ئىسمى بولۇپ ، بۇ ئۇنىڭ رازۋېتكا ھاياتى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان ئىدى. ئۇ 1944-1946-يىللىرىدا غۇلجىدا زاكىر ۋە ياكى زاكىر تۆرە دەپ ئاتالدى.
زاكىر تۆرىنىڭ كەسىپداش سەپدېشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا غۇلجىغا ئەۋەتكەن يەنە بىر پودپولكوۋنىك دەرىجىلىك رازۋېتچىكى ئەلى ئەپەندى ( ئەسلى ئىسمى گابىت مۇزىپوۋ) بىلەن 1960-1970-يىللاردا يېزىشقان خەتلىرىنىڭ بىرىدە ئۇ ئۆزىنىڭ تەرجىمھالىنى قىسقىچە بايان قىلغان (51). ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ يېزىشىچە، زاكىر ۋە ياكى پېتىر قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل بويىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، يەرلىك مىللەتلەر تىللىرىنى ياخشى بىلەن رۇستۇر. ئۇ، 1906-يىلى، ئىسسىق كۆلنىڭ يەتتە ئۆگۈز رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ، قىرغىزلار ۋە رۇسلار بىر قەدەر كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان پوكروۋكا يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1928-يىلىغىچە دېھقانچىلىق قىلغان ھەمدە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1929-يىلى قىزىل ئارمىيىگە قوبۇل قىلىنىپ، پولكنىڭ ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1929-يىلى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى تەركىبىدە مەخپىي تۈردە ئافغانىستاننىڭ مازار شەرىپ، تاشقورغان قاتارلىق جايلىرىدا سوۋېتپەرەس ئامانۇللا خانغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. ئۇ 1930-يىلىغىچە ئافغانىستاندا تۇرغان. ئۇنىڭ ئافغانىستاندا كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قىزىل بايراق ئوردېنى بېرىلگەن. سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندىكى مەزكۇر ھەرىكىتى تامامەن مەخپىي ھەرىكەت بولۇپ، سوۋېت قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى يەرلىك ئافغانىستانلىقلارنىڭ كىيىمىنى كىيگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى سىر تۇتقان ئىدى.
زاكىر 1930-يىلى ھەربىي سەپتىن قايتىپ، ئۆز يېزىسىدا ساقچى بولۇپ ئىشلىگەن ھەمدە 1933-يىلىغىچە قىرغىزىستان تاغلىرىدا سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى گۇرۇپپىلارنى ھەم باندىتلارنى تازىلاش ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىپ، 1933-يىلى فرۇنزى شەھىرىگە ( ھازىرقى بىشكەك شەھىرىگە) يۆتكىلىپ، ئىچكى ئىشلار ئىدارىسىدە ئىشلىگەن شۇنىڭدەك مەخسۇس دۆلەت ئامانلىق خادىملىرىنى تەربىيىلەش مەكتىپىدە ئوقۇغان.
زاكىر 1941-يىلى، قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىغا يۆتكەلگەن. 1941-يىلى، ئۇرۇش باشلانغاندا گوركىي رايونلۇق دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتىدا باشقۇرۇش ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرغاندىن كېيىن، كۇرسك رايونلۇق دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىدا ۋەزىپە ئۆتۈگەن. ئۇ بۇ جايلاردا گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرىنى تازىلاش، گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ تۈرلۈك دىۋىرسىيون ( بۇزغۇنچى) گۇرۇپپىلارنى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئارقا سېپىگە ئەۋەتىپ، ۋەيران قىلىش ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان. زاكىر خېلى ئۇزۇن مەزگىل تاشقى ۋە ئىچكى رازۋېتكا خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ مول تەجرىبە توپلىغاندىن كېيىن، 1944-يىلى، موسكۋا ئۇنى قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتىنىڭ 1- بۆلۈمىگە ئالاھىدە ھەرىكەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىشقا ئەۋەتكەن.
بۇ ئەمەلىيەتتە ، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 1943-يىلى 4-مايدىكى شېڭ شىسەينى يىقىتىش ۋە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنى قوللاش قارارىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى موسكۋانىڭ قىرغىزىستاندا <<باتۇر>> ۋە<< بۇيگۇ>> قاتارلىق ئىككى ھەربىي ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنى قۇرۇش پىلانىنى بېجىرىشتىن ئىبارەت بولسا كېرەك. زاكىر ، يەنى پېتىر ساۋىن 1944-يىلى، ماي ئېيىدا ئىسسىق كۆل بويىدا قۇرۇلغان << باتۇر >> ناملىق ئەترەتنىڭ رازۋېتكا ئىشلىرىغا مەسئۇل كوماندىرى بولغان. << باتۇر>> ئەترىتىنىڭ ئەزاسى توقان يۈسۈباقۇنوفنىڭ ئەسلىمىلىرىگە ئاساسلانغاندا، <<باتۇر>> ئەترىتى ئىسسىق ئاتا ئەتراپىدا تەربىيىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، نارىن ئەتراپىغا بېرىپ، تورغات ئارقىلىق قەشقەر ئەتراپىدا بولىدىغان ئىنقىلابقا قاتنىشىش تەييارلىقىنى قىلدى. بىراق، بۇ پىلان ئۆزگەرتىلىپ، ئىلى پارتىزانلىرى 1944-يىلى، 20-نويابىر كۈنى قورغاس ( چىلپەڭزە) قاتارلىق جايلارنى ئىگىلەپ، سۈيدۈڭنى قورشاۋغا ئالغاندىن كېيىن << باتۇر >> ئەترىتى 1944-يىلى، 26- دېكابىر كۈنى قورغاس ئارقىلىق سۈيدۈڭگە كىرىپ، سۈيدۈڭ ۋە كۈرەنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشتى(52). زاكىر ، يەنى پېتىر ساۋىننىڭ ئۆز ئەسلىمىسىدە بايان قىلىشىچە، ئۇ بۇ ۋاقىتتا موسكۋادىكى ن ك ۋ د باش رەھبەرلىك ئورگىنىغا چاقىرتىلغانلىقى ئۈچۈن، باتۇر ئەترىتى سۈيدۈڭگە كىرىپ، سۈيدىڭ ئازاد قىلىنىپ، ئىككى كۈندىن كېيىن رادىست كالىنىن بىلەن بىرگە سۈيدۈڭگە كەلگەن ھەمدە كۈرەنى ئازاد قىلىش ھەرىكەتلىرىگە ۋە گومىنداڭ تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان.
ئارقىدىن ئۇ غۇلجا ئەتراپىدىكى جەڭلەرگە قاتناشقان. كېيىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە مەسلىھەتچى سۈپىتىدە ئىشلىگەن. ئۇ تاكى 1946-يىلى 6-ئايلارغىچە بولغان ئارىلىقتا رەھىمجان سابىر ھاجى مىنىستىرلىكىدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئاقتۇرغان ئەلى مەمەتوف بىلەن بىرگە بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى قىلغان. مەزكۇر مىنىستىرلىكنىڭ كونتېررازۋېتكا بۆلۈمىنىڭ خادىمى ، مىللىي ئارمىيە كاپىتانى مەرھۇم رىشات سابىتوفنىڭ 2004-يىلى ئاپتورغا سۆزلەپ بېرىشىچە(53)، ئەلى ئەپەندى ۋە زاكىر ئەپەندىلەر ئاساسلىقى كونتېررازۋېتكا ( رازۋېتكىغا قارشى رازۋېتكا ) خىزمەتلىرىنى تۇتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىپىلىرى ئۈرۈمچىدىكى گومىنداڭنىڭ ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئازاد ئۈچ ۋىلايەتكە ئەۋەتكەن جاسۇسلىرىنى ئېنىقلاش ۋە تۇتۇش، جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرى ۋە كادىرلىرى، مىللىي ئارمىيە رەھبەرلىرى ۋە كادىرلىرىنىڭ سىياسىي يۈزلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ئۇلاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئىدىيە ۋە پىكىرلەرنى ئېنىقلاش ھەمدە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قارشى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتلەرنى كۆزىتىش ھەم زەربە بېرىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى بىر تەرەپتىن ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۈچ ۋىلايەتتىكى پائالىيەتلىرىنى قاتتىق يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئوخشاشلا ئۆز دۆلەت مەنپەئەتى كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزگەن بولسا كېرەك.
پېتىر ساۋىننىڭ قاچاندىن بېرى زاكىر دەپ ئاتالغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بىراق، <<قىزىل ئارمىيىنىڭ 20-يىللاردا ئافغانىستاندىكى ئالاھىدە ھەرىكەتلىرى>> ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ << سىگان زاكىر-پېتىر ساۋىن>> ناملىق قىسمىدا مەخسۇس پېتىر ساۋىننىڭ 1920-1930-يىللاردىكى ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىش پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغا بولۇپ، بۇ ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: <<چىرايى كۆيۈپ ئاپتاپتا كۆيگەندەك كۆرۇنىدىغان پېتىر ساۋىن ئافغانغا ۋە ئۇيغۇرغا ئوخشايتتى. ئۇ پوكروۋكىدا رۇسچە ۋە قىرغىزچە سۆزلەشتى. تېرمېزدە بولسا ئۆزبېكچە سۆزلىدى. ئۇ كىچىك ۋاقتىدىنلا رۇس تىلىدىن باشقا يەنە قىرغىزچە، ئۇكرائىنچە، ئۇيغۇرچە تىلنى ئىگىلىگەن ئىدى. ھەتتا ئۆزبېكچىنىمۇ بىلگەن ئىدى. بۇ ئۇنىڭ كىشىلەرگە يېقىنلىشىپ، نانغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ياردەم بەردى. پېترنى پولكتىكىلەر ئۇنىڭ قارىلىقى ۋە قوپاللىقى ھەم مىجەزىنىڭ شوخلۇقى بىلەن باشقىلار ئۇنى سىگان دەپ ئاتاشتى>>(54).
پېتىر ساۋىن 1929-يىلى، قىزىل ئارمىيىنىڭ 81- پولكىنىڭ جەڭچىسى سۈپىتىدە ئۆزبېكىستان -ئافغانىستان چېگرىسىدىكى تېرمېز شەھىرىگە جايلاشقان ئىدى. 1929-يىلى، 5-ماي كۈنى قىزىل ئارمىيە ئۆز كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ خالاتلىرىنى كىيىپ، قىياپەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئافغانىستان چېگرىسىدىن كىردى. بۇ ۋاقىتتا ئافغانىستاندا باچاي ساكاۋ باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، ئامانۇللا خان ھاكىمىيىتىنى يىمىرىپ تاشلاپ، باچاي ساكاۋ ئۆزىنى ئەمىر دەپ ئېلان قىلغان، ئافغانىستان خانى ئامانۇللا خان 1928-يىلى موسكۋاغا بېرىپ ستالىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن ياردەم سورىغان ئىدى. ئامانۇللا خان باشچىلىقىدىكى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى 1919-يىلى قۇرۇلۇپ، مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ئۇلۇغا برىتانىيىنىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرغاندىن كېيىن لېنىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت رۇسىيىسى بىرىنچى بولۇپ ئاماننۇللا خاننى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە 1921-يىلى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالانغان، 1926-يىلى بولسا نېتېراللىق ۋە ئۆزارا ھۇجۇم قىلماسلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان ئىدى. سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش ھەمدە ئۇلۇغ برىتانىيىنىڭ بۇ رايونغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامانۇللا خان ھۆكۈمىتىنى قوللاپ، ئۇنىڭدىن پايدىلانغان ئىدى.
باچاي ساكاۋ باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار بولسا، برىتانىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى مەزكۇر قوزغىلاڭچىلار ھاكىمىيىتىنى ئۆزى ئۈچۈ خەتەرلىك ھېسابلىدى ھەمدە ئۇنى يوقىتىش قارارىغا كەلدى. ئەنە شۇ قارار بويىچە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى تۇنجى قېتىم 1929-يىلى، ئافغانىستانغا كىردى. زاكىر ئەنە شۇ قوشۇننىڭ تەركىبىدە جەڭ قىلىپ قەھرىمانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قىزىل بايراق ئوردېنى بېرىلدى.
دېمەك، پېتىر ساۋىن ئەنە شۇ ئافغانىستانغا مەخپىي ھەربىي ھەرىكەت ئۈچۈن ئەۋەتىلگەندە زاكىر ئىسمى بىلەن ئاتالغان شۇنىڭدەك ئۇنى يەنە ئۇنىڭ سەپداشلىرى <<سىگان زاكىر >> دەپمۇ ئاتىغان. زاكىر ، 1930-يىلى يەنە بىر قېتىم ئافغانىستانغا ئەۋەتىلگەن.
مەزكۇر ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، پېتىر ساۋىن بىر ئۆمۈر مەخپىي ھەرىكەتلەر بىلەن شوغۇللانغانلىقى ئۈچۈن دوستلىرى تەرىپىدىن <<جۈدە سېكرېتنىي زاكىر>> دېگەن لەقەمنى ئالغان(55). رۇس تىلىدىكى <<سېكرېتنىي>> ئۇيغۇرچىدا مەخپىي دېگەن مەنانى، <<جۈدە>> سۆزى ئۆزبېكچىدە ناھايىتى دېگەن مەنانى بېرىدۇ. بۇ لەقەمنىڭ تولۇق مەنىسى <<ناھايىتى مەخپىي زاكىر>> دېگەندىن ئىبارەتتۇر.
مەزكۇر ماقالىدە زاكىر ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن:
<<ساۋىن فرونتتا ۋە چەت’ ئەللەردە، تەبىئىي ھالدا شەرقتە مەخسۇس خىزمەتلەرنى ئاتقۇردى. ئۇ يەنە بىر قاتار قىزىل بايراق ئوردېنى ، لېنىن ئوردېنى، ۋەتەن ئۇرۇشى ۋە قىزىل يۇلتۇز ئوردېنلىرى بىلەن مۇكاپاتلاندى. 50-يىللاردا پودپولكوۋنىك ساۋىن ئىستىپاغا چىقتى ۋە ئائىلىسى بىلەن، يەنى، ئايالى، ئوغلى ۋە قىزى بىلەن بىرلىكتە كراسنادار شەھىرىدە ياشىدى. ئۇ ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ قاتناشقۇچىسى، ئۇرۇشتا يارىلانغان ( ئافغانىستاندىكى يارىلىنىشى ھېسابقا ئېلىنمىغان) دېگەندەك سالاھىيىتى بىلەن ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىل نەپەقىگە ئېرىشتى. ساۋىن دائىم ئافغانىستان ۋە شىنجاڭدا خىزمەت قىلغا سەپداشلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇراتتى، شىنجاڭ -بۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ يەنە بىر تولۇق تارىخى، ئەمما بۇ باشقىچە بىر ھېكايىدۇر>>(56).
پېتىر ساۋىن غۇلجىغا ئەۋەتىلگەندىن كېيىن يەنە شۇ زاكىر دېگەن ئىسىمنى قوللانغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمىنى ھەتتا مىللەت تەركىبىنى بىلمەيتتى. ھەتتا كۆپىنچە ھاللاردا ئۇنى بىلىدىغانلار ئۇنى ھۆرمەتلەپ زاكىر تۆرە دەپ ئاتايتتى. زاكىر ئۆزىنى ناھايىتى مەخپىي تۇتقانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە ئىسمىنى ھېچكىمگە بىلدۈرمىگەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمىنى بىلمەي، ئۇنى خاتا ھالدا <<زاھار كۇزنېتسوۋ>>، <<شۇخپۇل>> دېگەندەك ئىسىملار بىلەن ئاتىدى خالاس.
پېتىر ساۋىن، كەسپىي ھەربىي جاسۇس بولۇپ، ئۇ غۇلجىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي-سىياسىي رازۋېتكا ئورنى بولغان 2-دومنىڭ باشلىقلىرىدىن ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋقا بىۋاسىتە بويسۇناتتى.
زاكىر ، ئىسكەندەر ۋە ئەلى ئەپەندى ئىسىملىك ئۈچ پودپولكوۋنىك دەرىجىلىك سوۋېت ھەربىي رازۋېتچىكلىرى غۇلجىدا 2-دومنىڭ گېنېراللىرىدىن كېيىنكى ھەربىي ئۇنۋان دەرىجىسى يۇقىرى ھېسابلىنىدىغان سوۋېت مەخپىي خادىملىرى بولسا كېرەك.
زاكىر بىلەن ئىسكەندەر يەنى، ئىۋان ئىۋانوۋىچ ئىۋانوۋ، سوپاخۇن سوۋۇروف ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ۋە قاسىمجان قەمبەرى ، داموللا رازى قاتارلىقلار باشلامچلىقىدىكى جەنۇبقا ئەۋەتىلگەن پارتىزان ئەترىتىنى نازارەت قىلىش ھەم مەسلىھەت بېرىپ قارار چىقىرىشلارغا ئارىلىشىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. ئۇلار بۇ كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن 2-دومنى خەۋەردار قىلىپ تۇراتتى.
زاكىر ، يەنى، پېتىر ساۋىن 1946-يىلى 6-ئايدا ئەڭ ئاخىرقى ۋەزىپە سۈپىتىدە ئەلىخان تۆرىنى ئېلىپ كېتىش ئوپېراتسىيىسىگە قاتنىشىپ، غۇلجىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەندىن كېيىن، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە فرۇنزې، كراسنادار، زھۇكوۋسكىي قاتارلىق شەھەرلەردە ياشاپ، 1981-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆلگەن. ئۇ غۇلجا ۋە باشقا جايلاردا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن لېنىن ئوردېنى ۋە قىزىل يۇلتۇز ئوردېنلىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن. 1949-1951-يىللىرى موسكۋادىكى ماركىسىزىم-لېنىنىزم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان، 1956-يىلى، كېسەل سەۋەبىدىن خىزمىتىدىن ئايرىلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پېنسىيىدە ياشىغان.
زاكىر تۆرە 1946-يىلى 6-ئايدا ئەلىخان تۆرىنى ئېلىپ كېتىش ئوپېراتسىيىسىنى بېجىرىپ بولۇپ، 2 يىلدىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم خىزمەت بىلەن غۇلجىغا كېلىپ، گېنېرال ئىسساقبەك قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ چاغدا ئۇ فرۇنزىگە يەرلەشكەن ئىدى(57). ئەمما، ئۇنىڭ بۇ قېتىم غۇلجىغا قانداق كونكرېت ۋەزىپىلەر بىلەن كەلگەنلىكى نامەلۇم. سوپاخۇن سوۋۇروف ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى قېتىم خوشلاشقان 1946-يىلىنىڭ 1-يانۋار كۈنىدىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم ئۇنى كۆرمىگەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ تاكى 1946-يىلى، 6-ئايغىچە غۇلجىدا بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ ئالتە ئاي جەريانىدا ئاقسۇ جەڭ مەيدانىدىكى سەپدېشى سوپاخۇن سوۋۇروفنى قايتا ئىزدەپ كۆرۈشۈشنىڭ ئەھمىيىتى يوق بولغان بولسا كېرەك.
سوخاپۇن سوۋۇروفنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى زاكىر ھەربىي ئىشلاردا سەزگۈر بولۇپ، ئۇ سوپاخۇندىن ما بۇفاڭنىڭ 5-كورپۇسىنىڭ ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى ھەققىدىكى ھەربىي ئۇچۇرلارنى ئىگىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇ يەنە نېمە ئۈچۈن ئاقسۇدىن چېكىنىش ۋە ئىنقىلابنىڭ توختاپ قېلىشى مەسىلىسىدە سوپاخۇنغا، بۇنىڭ پۈتۈنلەي موسكۋادىن كەلگەن بۇيرۇق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت سىرلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ.