- تىزىملاتقان
- 2012-8-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2903
- نادىر
- 0
- يازما
- 79
ئۆسۈش
30.1%
|
بوزقىر ئاكام ۋىجدانىي تۇيغۇ،مەسئۇلىيەت ئېڭى كۈچلۈك بولغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى.
ئېنتىرنىت تورىنىڭ ئۇيغۇر جەمىيتىگە بارغانسىرى سىڭىپ كىرىشى بىلەن،مەتبۇئات ئورۇنلىرىدىكى ھەر قايسى ژۇرناللارنىڭ قىممىتى بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ تۆۋەنلەپ كەتتى دەپ ئويلايمەن.ھازىر تور دۇنياسىغا قارايدىغان بولساق،بىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندۇق.چۈنكى،تور دۇنياسىدا پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى بار،كۈچلۈك ئامىۋىلىققا ئىگە،رايۇن چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان يېرى ئەۋزەل.
ئويلىنىشقا تېگىشلىك بولغان نۇرغۇن مەسىللەر بىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، تور دۇنياسىدىن مەنىۋى زوق ئېلىپ كېلىۋاتقان،ئۆزىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ ئويلايدىغان ھەربىر ئىنسان شۇ نۇقتىنى چۈشىنىشپ يېتەلەيدۇكى،بوزقىر ئاكامنىڭ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى قايتا ئېچىلغاندىن بۇيان بىزگە قىلىۋاتقان خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.چۈنكى،بوزقىر ئاكام ماڭغان يول ھەقىقىي ھەققانىيەت يولى ئىدى،بۇنداق يولنىڭ كەينىدە نۇرغۇن مۈشكۈلاتلار بولۇشى مۇمكىن.ھەقىقەت چىرىقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان بۇ ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ھازىر تاللاۋاتقان يولى ۋە ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە چىقىۋاتقان يازمىسى نۇرغۇن كىشىنىڭ ھەقنى تۇنۇشىغا پايدىسى بولدى دەپ قارايمەن.ھەقىقىي زىيالىي ئۆز كۆڭلىدە ئىپادىلىمەكچى بولغان،ئۆز ئىدىيىسىدە غىدىقلىنىش بولۇۋاتقان مەسىللەرنى ئاۋام خەلق بىلەن مۇنازىرە ئېپ بېرىپ،قەدىر-قىممەت بىلەن ياشاشقا دەۋەت قىلالىسا،توغرا ياشاش يولىنى كۆرسىتەلىسە،ئەسىرلەردىن بېرى،مەنىۋى قاتلىمىزدا سىڭىپ كەتكەن قورقۇنچاقلىق ئىللىتىنى يوقىتىشقا كۈچ قوشالىسا،مانا بۇھەقىقىي ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ھەقىقىي ئارزۇ-غايىسى دەپ ئويلايمەن.
بوزقىر ئاكام ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئەمەس،خۇسۇسەن،ئېنتىرنىت تورىنى مىسالغا ئالساق،ئۇيغۇر جەمىيتى ئارىسىدا تور دۇنياسىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتىدۇر.بوزقىردەك كىشلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشىنى ھەمدە بوزقىرنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇغان ھەربىر كىشىنىڭ قورقۇنچاقلىق ئىللىتىنى تاشلاپ،قورقماس،باتۇر بولۇشى،ھەق گەپ قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتلىق نىشانىنى توغرا يول بىلەن قەدەم ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەقىدە ۋىجدانى جۇلالانغان مۇشۇنداق پەيتلەردە،تاڭ نۇرى ئاستىدىكى مېھىرلىك ئاپتاپ نۇرى ھەممە ئادەمگە مېھىر بېرىدۇ ئەلۋەتتە.
ئۈچ يىل ئالدىدا نەنكەيدە ئوقۇۋاتقان بىر دوستۇم ئىچكىردە بىر ژۇرنال ئەكىپتىكەن،ئۇ ژۇرنالنى ئىچكىردىكى تۇلۇق ئوتتۇردا ئوقۇۋاتقان بالىلار چىقىرىپتىكەن،شۇ ژۇرنالدا بىر شېئىر ئېسىمدە بار:
بۇژغۇنلۇق دېڭىزدا تەنھا بىر قولۋاق،
پىچىرلار ئۆزىگە مەنزىلىم يىراق.
ئۇشتۇمتۇت،دولقۇنلار سوققان مىنۇتتا،
تاڭنۇرى كېلىپلا كۆرۈندى قىرغاق.
يۇقۇرقى شېئىرنى باغداش ۋە بىر قانچە ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە ئوخشاتقۇم كېلىۋاتىدۇ.شۇڭا،بىزمۇ باغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە تەسىرى بار مۇنبەرلەرنى قوللايلى،ئاسرايلى.مۇنبەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى ئالغا سۈرەيلى.بىزدە ھازىر خەلق ئۈچۈن ساناقلىق خىزمەت قىلىۋاتقان،مۇئەييەن تەسىرى بار مۇنبەردىن پەقەت ئۈچ-تۆتىلا بار.
ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇنبىرىدە ئويغىنىش ھاسىل قىلىۋاتقان ،ئۆزگىچە پىكىر قىلىپ،ھەرخىل ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاۋاتقان بوزقىر ئاكامغا ئوتلۇق سالىمىمنى بىلدۈرىمەن.بوزقىر ئاكامنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق،ئىجادىيىتىدە تېخىمۇ ياخشى نەتىجە قازىنىشىغا تىلەكداشمەن!!! |
|