- تىزىملاتقان
- 2011-3-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 31805
- نادىر
- 18
- يازما
- 1020
ئۆسۈش
54.51%
|
ئىشەنىچلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، « ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرىنچى قول بولۇشى نېمىشقا تەس ؟ » ناملىق تېما باغداش مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنىپ جەمئىيەتتە مەلۇم تەسىر قوزغىغاندىن كېيىن باي ناھىيىسىدىكى بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز بۇ تېمىنىڭ سەلبىي تەرەپلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق ماتېرىيال توپلاپ ، بۇ يىل يازدا ئۇنى باي ناھىيىلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىگە سۇنۇپتۇ.
بىرلىكسەپ بۆلۈمىدىكى بىر ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىي بۇنىڭ قانۇنلۇق تور بېتىدىن تەرجىمە قىلىنغان تەرجىمە ماقالىسى ئىكەنلىكىنى ، بوزقىر ئىسىملىك تورداشنىڭ ئەزەلدىنلا تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ تور ۋە قەغەز مەتبۇئاتلىرىدا نۇرغۇن تەرجىمە ئەسىرى بارلىقىنى ئېيىتقان بولسىمۇ ئەمما، بىرلىكسەپ بۆلۈمىدىكى سېياسىي سەزگۈرلۈكى يۇقۇرى ئەرباپلار بۇ تېمىغا ئالاھىدە قاراپ ، ئۇنى ناھىيەلىك سېياسىي قانۇن كومىتېتىغا يوللاپتۇ.بەلكىم بۇتېما يەنە سېياسىي قانۇن سىستېمىسىدا دەرىجىمۇ دەرىجە يۇقۇرىغا يوللانغان بولۇشى مۇمكىن.
« ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرىنچى قول بولۇشى نېمىشقا تەس ؟ » ناملىق تېما ج ك پ نىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» باشقۇرىشىدىكى « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دە خەنزۇچە ۋە ئېنىگلىزچە ئېلان قىلىنغان. شۇ ماقالىنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى بولغان تۇرغۇنجان تۇرسۇن ھازىر شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى، ھازىرمۇ ھايات ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانماقتا ھەم پات-پات خەنزۇ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ تېلېۋىزورلاردا سۆزلىمەكتە. يەنە شۇ ھەقتىكى ماقالىنىڭ يەنە بىر ئاپتورى ياۋ شىنيوڭ بولسا ئۇمۇ مەملىكەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق زىيالىي . ئۇ كىشىنىڭ يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن بىلەن ئوبدانلا تونۇشلۇقى باركەن.ياۋ شىنيوڭ ئۆز ماقالىسىنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغانلىقىدىن پەرھات تۇرسۇن ئارقىلىق خەۋەر تېپىپ خېلى خۇرسەن بوپتۇ. دمەك، مەيلى شۇ ماقالىلارنى يازعان تۇرغۇنجان تۇرسۇن بولسۇن ياكى ياۋ شىنيوڭ بولسۇن ھەر ئىككىسى ھۉكۅمەت تارماقلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان،پارتىيىنىڭ نېنىنى يەۋاتقان زىيالىيلاردۇركى، ھەرگىزمۇ ج ك پ نىڭ سياسەتلىرى ھەم جۇمھۇرىيەت قانۇنىعا غا قارشى مۇقام توۋلايدىغان بۉلگۅنچى ئۇنسۇرلار ئەمەس.يەنە كلىپ ئۇلار ماقالىسىدا ئالغا سۈرگەن ئىدىيە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئوتتۇرغا قويۇلغان ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولۇپ، رايونىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بولۇپمۇ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پايدىلىق .
بايلىق قېرىنداشلار ، سىلەر نېمىشقا ھە دېسە بوزقىرنىڭ ئەسەرلىرىنى يۇقۇرىغا چېقىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالىسىلەر؟ بوزقىر باي ناھىيىسىدە تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈنلىما ؟ قارىغاندا باغداش مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان « قەشقەردىكى قىيىن تېمىلار» دېگەن تەرجىمە تېمىنىڭ ئۆچۈرۈلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بېيجىڭغىچە ئەرىز قىلىپ بارغىنىڭلار راسىت ئوخشىمامدۇ ؟ خېنەن پەن-تېخنىكا ئۇنۋېرسىتېتىتىنىڭ دوتسېنتى يېزيپ قانۇنلۇق تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئەشۇ تېمىدا يا بايدىكى ئىشلار يېزىلمىغان تۇرسا ؟ پەقەت شۇ تېمىنى تەرجىمە قىلغان بوزقىر باي ناھىيىسىدە تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈنلا شۇنداق قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار، دەپ قارامسىلەر؟ بوزقىرنىڭ باي ناھىيىسىدە تۇغۇلغانلىقى راسىت. ئەمما ئۇ مىلادى 1983-يىلى باي ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە كەتكەندىن باشلاپ ئۇ سىلەرنىڭ باشقۇرۇش دائىرەڭلەردىن چىقىپ كەتكەن.دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى پەقەت باي ناھىيىسىدە تۇغۇلغانلىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى بىز باشقۇرىمىز ، دەپ ئويلىساڭلار قاملاشمايدۇ. بۇنداق قىلساڭلار ئۆزۈڭلەرگە بەكلا ئاۋارىچىلىق تېپىۋالىسىلەر ۋە بەك ھەرەج تارتىپ كېتىسىلەر.ئىلگىرىمۇ سىلەر ئەشۇ ئېڭىڭلار بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ سابىق ۋالىيسى مامۇت ئىسلامنى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا « مامۇت ئىسلام دېگەن بايلىق، ئۇنى بىزگە قايتۇرۇپ بەرسۇن ، ئۆزىمىز كۆرەش قىلىمىز» دەپ بايغا ئاپىرىۋېلىپ بېشىغا 20سانتىمېتىرلىق ئورۇس مىقىنى قېقىپ ئۆلتۈرىۋېتىپتىكەنسىلەر. شائىر نىمشېھىتنىمۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەبىھ ۋاستىلەر بىلەن قىيناپ ئۆلتۈرىۋېتىپ ، مانا ئەمدىلىكتە «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» ئۆلتۈرىۋەتكەن دەپ تۇرىۋالدىڭلار . ھەتتا قانۇنلۇق كىتابلارغىمۇ « نىمشېھىتنى تۆت كىشىلىك گۇرۇھ قىيناپ ئۆلتۈرىۋەتكەن » دەپ كىرگۈزۈپ شۇ بويىچە تەشۋىق قىلىۋاتىسىلەر. بايلىقلار ئويلاپ باقتىڭلارمۇ ،بېيجىڭدىكى «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» ئەڭ چەت، تاغلىق رايون بولغان باي ناھىيىسىدىكى نىمشېھىتنى تونۇمتى؟ «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» راستىنلا بېيجىڭدىن بايغا كېلىپ نىمشېھىتنى قىيناپ ئۆلتۈرىۋەتكەنمۇ؟ سىلەر مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ئويدۇرۇپ چىقارغان ئاتالمىش " ساۋۇت گۇرۇھى" نىڭ ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەسلىكى ئىسپاتلاندىغۇ؟ سىلەر شۇ باھانىدا تارتىپ چىقىرىپ، كۆرەش قىلىپ ئۇۋال قىلغان ھەتتا جېنىغا زامىن بولغان بىگۇناھلار كېيىن پارتىيە-ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئاقلىنىپ، سىلەرنىڭ ھەركىتىڭلارنىڭ خىاتا ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندىغۇ ؟ شۇنداق تۇرۇپ بۇرۇنقى ئىشلاردىن ساۋاق ئالماقتا يوق يەنە نېمىدەپ ئاراڭلاردىن توختىماي دۈشمەن ئىزدەيسىلەر؟
بايلىق قېرىنداشلار، سىلەر نېمىشقا ئەينى ۋاقىتتا -1959-يىلنىڭ ئاخىرىدىن 1960-يىلنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەمەلىيەتتە باي ناھىيىسىنىڭ ئىسكىلاتلىرىدا پەۋەس ئاشلىق تۇرسىمۇ خەلقنى ئاش قويۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەن باي ناھىيىسىنىڭ شۇ چاغدىكى سابىق پارتكوم شۇجىسى خې رۈيدىن نېمىشقا تۈزۈك ھېساپ ئالمىغان ؟ نەچچە مىڭلىغان ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئەشۇ مەلئۇننىڭ جىنايى قىلمىشى ھەتتا ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايى قىلمىشىغا ياتىدىغان تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئاران ئۈچ يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلسە يەنە نېمىدەپ قاراپ تۇردۇڭلار؟ ئۇ تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىدىمۇ يوق سۈرۈشتۈرۈپ باقتىڭلارمۇ ؟ ئۇ جازالانغاندىن كېيىنمۇ ئاقسۇ كوچىلىرىدا بىخارامان يايراپ يۈرسە ئۇنى مامۇت ئىسلام ۋالىيىنى ئاقسۇدىن بايغا ئاپىرىپ كۆرەش قىلغاندەك ئۇنىمۇ بايغا ئاپىرىپ نېمىشقا كۆرەش قىلمىدىڭلار ؟مامۇت ئىسلام سىلەرگە خې رۈيدىنمۇ بەك زۇلۇم سالغانما ؟ مامۇت ئىسلام ۋالىي سىلەرگە زادى نېمە نېمە يامانلىق قىلغان ؟
بايلىق قېرىنداشلار، « ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرىنچى قول بولۇشى نېمىشقا تەس ؟ » ناملىق تېمامنىغۇ يۇقىرىغا يوللاپ ئۆچۈرىۋېتىش قەستىدە بوپسىلەر. ئەمما، ئۇ تېما ھازىرغىچە ئۆچمىدى.مۇبادا ئۆچۈپ كەتكەن بولسا سىلەرگە قانچىلىك پايدىسى تېگەر بولغىيدى؟ "ئاز سانلىق مىللەتلەردىنمۇ بىرىنچى قول رەھبەر چىقىشى كېرەك " دېگەن ئىدىيەنىڭ نەرى خاتا ؟ ئەجىبا ئۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سېياسەت -قانۇنلىرىدىكى مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەم ئۇنى قوغداش چاقىرغىنىڭ روھىغا تۈپتىن ئۇيغۇن ئىدىغۇ ؟ "ئاز سانلىق مىللەتلەردىنمۇ بىرىنچى قول رەھبەر چىقىشى كېرەك " دېگەن تەلەپ پىكىرلەرگە نېمىشقا شۇنچە ئۆچمەنلىك قىلىسىلەر ؟ ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بىرىنچى قول چىقسا سىلەرگە نېمە يامىنى ؟سىلەرمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئىدىڭلارغۇ ؟ « ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرىنچى قول بولۇشى نېمىشقا تەس ؟ » ناملىق تېما ھېلىغۇ ئۆچمەپتۇ ، ئۆچكەن تەقدىردىمۇ شۇ تېمىدىكى مەزمۇنلار ج ك پ نىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» باشقۇرىشىدىكى « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دە خەنزۇچە ۋە ئېنىگلىزچە ئېلان قىلىنغان . « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان خەنزۇچە ۋە ئېنىگلىزچە ئەشۇ ماقالىلارنى ئۆچۈرگۈزۈش قولۇڭلاردىن كېلەمدۇ ؟ ئەشۇ گېزىتنىڭ نەچچە مىليون تىراژدا تارقىتىلىدىغان خەنزۇ چىسىنى يىغىۋالالامسىلەر؟ دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغا تارىلىپ كەتكەن ئىنگلىزچىسىنى يىغىۋېلىش قولۇڭلاردىن كېلەمدۇ ؟
بايلىق قېرىنداشلار ، 2003-يىلى مېنىڭ « مىڭئۆيلەر ، سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمىز» ناملىق كىتابىم شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن قانۇنلۇق نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغاندا ئاراڭلاردىكى بىر ئۇيغۇر مۇئاۋىن يېزا باشلىقى : « مۇشۇ كىتابنى يازغان ئادەمنىڭ ھېلىمۇ ھايات ئىكەنلىكىگە ، ھاۋادىن ئەركىن نەپەس ئېلىپ ئەركىن ياشاۋاتقانلىقىغا ھەيرانمەن » دەپتىكەن. شۇ كىشىچە بولغاندا شۇ كىتابنى يازغان گۇناھىم ئۈچۈن ھۆكۈمەت مېنىڭ پۇت-قولۇمغا كىشەن سېلىپ تۈرمىگە تاشلىسا توغرا بولار چېغى. ئەپسۇس ئىشلار ئەشۇ ئۇيغۇر مۇئاۋىن يېزا باشلىقىنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك بولماقتا يوق ئەكسىچە، شۇ كىتابىم ج ك پ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كومىتېتى تەرىپىدىن شۇ يىللىق ئەڭ نادىر كىتاب مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
بايلىق قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئەتىدىن كەچكىچە باشقىلارنىڭ يازمىلىرىدىن، گەپ-سۆزلىرىدىن ئۈيەن ئىزدەپ ئۇنى سېياسىيغا كۆتۈرۈپ ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا چېقىشتىن باشقا ئىشىڭلار يوقمۇ ؟ سىلەر نېمىشقا بىر خەنزۇ خوجايىن 24مىڭ پەيغەمبەرنىڭ بىرى بولغان نوھ ئەلەيھىسالامنىڭ نامىدا بايدا مېھمانساراي ئېچىپ ئۇنى قىمارۋازلىق ، پاھىشىۋازلىق ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرالسا ئۇنى نېمىشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلىپ ۋاقتىدا ئوڭشاش تەرەپدارى بولمىدىڭلار ؟ سىلەر نېمىشقا باي بازىرىدىكى ئەسىر مەيدانىغا تىكلەنگەن لىيۇ پىڭگونىڭ ھەيكىلى قاتارىدا موللا مۇسا سايرامى ، نىمشېھىتلارنىڭ ھەيكىلىنىمۇ تىكلەش ھەققىدە يۇقۇرىغا ئىنكاس يازمايسىلەر ؟ سىلەر نېمىشقا موللا مۇسا سايرامىنىڭ مەقبەرىسىنى زامانغا لايىق قىلىپ يېڭىلاش ۋە مۇزىي قۇرۇش ھەققىدە ئىزدىنىپ باقمايسىلەر؟ ئەسلىدە سىلەر يۇقۇرىغا ئىنكاس قىلىپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بەك-بەك كۆپ ئىدىغۇ؟ باشقىسى قولۇڭلاردىن كەلمىگەن تەقدىردىمۇ ھېچ بولمىسا ھاللالاپ پۇل تېپىپ تۇرمۇشىڭلارنى ياخشىلاشنىڭ، باللىرىڭلارنى ئوبدانراق تەربىيلەشنىڭ كويۇدا بولساڭلارمۇ بولاتتتىغۇ ؟
بايلىق قېرىنداشلىرىم ، ئۆزۈم تۇغۇلۇپ ئۆسكەن باي ناھىيىسىگە ئالاھىدە مېھرىم بارلىقىنى تەن ئالساممۇ ئەمما، يۇقۇرقىدەك قىلمىشىڭلاردىن يىرگىنىمەن. ئەلبەتتە بۇ ھەممە بايلىق قېرىنداشلىرىمغا دەۋالغان گەپلىرىم ئەمەس . پەقەتلا ئۆزىنىڭ قايسى ئەھۋالدا ئىكەنلىكى بىلەن كارى يوق ئەتىدىن كەچكىچە تىمىسقىلاپ يۈرۈپ ، سېياسىي جەھەتتىن مەسىلە ئىزلەپ، ئۇنى يۇقۇرىغا چېقىش يولى بىلەن ئۆزىگە سېياسىي جەھەتتىن دەسمايە توپلاشنى كەسىپ قىلىۋالغان قېرىنداشلىرىمغا دېمىسەم بولمايدىغان گەپلىرىمنى دەپ قويغۇنۇمدۇر.
ئەسلىدە دېيىشكە تېگىشلىك گەپلىرىم كۆپ ئىدى.ئەمما، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك دەپ تۇراي. مۇشۇ گەپلىرىمنىمۇ سېياىسغا كۆتۈرۈپ ، چېقىپ بارساڭلارمۇ مەيلى.مۇبادا مېنى چاققىنىڭلارغا تۇرمۇشۇڭلار ياخشىلىنىپ، تەغدىرىڭلار ئۆزگىرىپ، ئەمەل-مەنسىپىڭلار ئۆسۈپ كېتىدىغانلا ئىش بولسىلا .مەيلى، قولۇڭلاردىن كەلگىنىڭلارنى قىلىڭلار....
سىلەرگە ئامانلىق ۋە ئاسايىشلىق تىلەپ : بوزقىردى.
2012-يىلى 14-نويابىر، ئاقسۇ.
|
|