- تىزىملاتقان
- 2012-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 170
- نادىر
- 0
- يازما
- 7
ئۆسۈش
56.67%
|
بۇ مەزمۇن 11قەۋەتتىكى sukut602دە2012-12-29 12:26يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سالام holmis !
توغرا دەيسىز،بىز نۇرغۇن ئىشلاردا ئاساسى قانۇن ۋە ئاپتونومىيە قانونىغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق ،بىراق ھازىرقى ئەھۋالىدىن قارىغاندا بۇ قانۇنلارنىڭ ئەمىلىشىگە خېلى ۋاقىت كېتىدۇ ،مەن ئويلايمەن بىزنىڭ ئىختىسادى ئېڭىمىز يۇقۇرى كۆتۇرلۇپ ،كوپلەپ كارخانچىلار قۇشۇنى بارلىققا كەلسە،ئىقتىسادى ئېڭىمىز يۇقۇرى كۆتۇرۇلسە شۇ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ ئەمىلىشىگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ،ئاددىسى باشقىلارنىڭ ئالدىدا سوزلەش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيمىز(چۇنكى كونىلاردا گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سوزلىسۇن دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ)،بىزمۇ يۇرتۇمىزدىكى بەزى تۇرلەرگە مەبلەخ سالالايدىغان ،تۇرلەرگە قاتنىشالايدىغان دەرىجىگە يىتەلەيمىز؛مەنچە جەمىيەتنىڭ تەرەقىقى قىلىشىغا ئەگىشىپ باشقىلار پۇلۇمىز يوق چاغدا ئىرەن قىلمىغان ئىشلارغا ئىرەن قىلىدىغان بۇلۇدۇ،يەنە بىر جەھەتتىن ئاشۇ ئىشسىزلىق دەستىدىن تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىۋاتقان ياشلارنى ،نامراتلىق دەستىدىن ئىچكىرلەردە سەرگەردان بۇلۇۋاتقان قېرىنداشلارنى،قىينچىلىق دەستىدىن ئالى مەكتەپلەردە ئۇقۇيالمايۋاتقان سىتودىنتلارنى، بۇزەك قىلىشقا ئۇچراۋاتقان ئاشۇ جاپاكەش نامرات دىھقانلىرىمىزنى قۇتقۇزاغىلى بۇلىدۇ، پۇلسىزلىق ۋە باشقا سەۋەپلەر تۇپەيلى ياسالماي كىلىۋاتقان‹‹زۇردۇن سابىرنىڭ خاتىرە ئۇيى››گە ئوخشاش مەشھۇرلىرىمىزنىڭ خاتىرە ئۆيلىرنى ياسىيالايمىز،قىسقىسى مىلىتىمىزنىڭ مۇشۇ رىقابەت دەۋرىدە شاللانماي، ئاتا-بوۋلىرىمىزنىڭ يۇلىنى داۋاملاشتۇرۇپ كىتەلەيمىز.ئەلۋەتتە بۇ بىر مۇشكۇل جەريان ،بىراق بىز بەل قۇيۇۋەتمەسلىگىمىز كېرەك،ئىقتىدارىمىز بارلىرىمىز ئىقتىدارىمىزنى چىقىرايلى،پۇلۇمىز بارىمىز ئاز تولا پۇلۇمىزنى چىقىرايلى،قۇلۇمىزدا ھىچنىمە بولمىسا شۇ تىرىشىۋاتقانلارغا ئىككى قوللاپ چاۋاق چىقىرايلى،شۇنداق قىلساق يېقىن كەلگۇسىدە يۇرتۇمىزدا ھەر قايسى جەھەتلەردىن يىتىلگەن غوللوق ئادەملەركۆپلەپ يىتۇشۇپ چىققۇسى .
ئەگەر سۆزۇمدە بەزى نوخسانلار بولسا تەنقىدى پىكىرلەدە بۇلۇشىڭىزنى ئۇمىت قىلىمەن،(راستىنى دىسەم سەككىز يىل بۇپتىكەن مۇنداق نەرسىلەرنى يازمىغىلى)
سىز مىنىڭ نەۋرە ئىنىممۇ نىمە؟ |
|