- تىزىملاتقان
- 2012-12-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2013
- نادىر
- 0
- يازما
- 64
ئۆسۈش
0.43%
|
سالام دوسلار!بۇگۇن ياتاقتا ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز بۇ تىمىدا بىر نەسە يازغۇم كەپ قالدى،چۇنكى ئۇزەم شىركەتتە ئىشلەۋاتقان بولغاچقىمۇ ۋەياكى مۇشۇ يىللاردا يۇرتۇمىزدا كۆپلەپ شىركەتلەر قۇرۇلۇۋاتقان بولغاچقىمۇ بۇ تىمىنى يىزىش ئارقىلىق مۇشۇ مۇنبەرداشلار بىلەن ھازىرقى مۇشۇ جەمىيىتىمىزدىكى شىركەتتە ئىشلەشكە بولغان بەزى قاراشلار ئۇستىدە پىكىرلىشىپ بېقىشنى ئويلاپ قالدىم.خوش ئۇنداقتا مەن ئاۋال ئۇزەمنىڭ شىركەتتە ئىشلەپ قېلىش سەۋەپلىرىمنى ،ئىشلەش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىمنى بىر قىسقىغىنە سۆزلەپ ئۆتەي:
ئۇزەمنى ئېلىپ ئېيتسام ئچكىرىدىكى بىر ئالى مەكتەپنىڭ ماشىنسازلىق كەسپىنى پۇتتۇرۇپ ،ئۆيدە بالىنىڭ چوڭى،بىرلا ئوغۇل بولۇشۇمغا قارىماي يەنە شۇ ئىچكىرىدە شىركەتتە ئىشلەۋاتىمەن،دەسلىپىدە مەنمۇ ئويگە قايتىپ مەمۇر لۇققا ئىمتاھان بىرىشنى ئويلىغان،بىراق كىيىن ئويلا -ئويلا ئاخىرى شىركەتتە ئىشلەشنى توغرا كۆردۇم،كىتىشنى ئويلىغان دەسلەپكى دەقىقىلەردە ئاشۇ ئالتە يىللىق پويىزدا ئولتۇرۇش ھاياتىم ،ئاشۇ ئالتە يىللىق تاماق ،ياتاق،ئىچكىرىدىكى يالغۇزچىلىق كۆز ئالدىمغا كەلگەن بولسا،،كەتمەسلىكنى ئويلىغان شۇ دەقىقىلەردە ئەگەر قايتسام ئچكىرىدە ئۆگەنگەن كەسپىمنى قىلالماسلىقتىن ،ئاشۇ ھەممە ئادەم كۇتۇپ تۇرغان مەمۇرلۇققا قۇل بۇلۇشتىن ،ئالتە يىللىق جاپايىم بىكارغا كىتىشىدىن ،ئەڭ مۇھىمى ئۇزەمنىڭ ئادىمىلىك قەدرى بۇيۇچە ياشىيالماسلىقتىن ئەنسىرىدىم.
دەسلىپىدە راستىنلا دېلغۇل بولدۇم ،چۇنكى بىر تەرەپتە مىنى كۇتۇۋاتقىنى مىنى نەتچە يىل مەكتەپلەردە ئوقۇتۇمەن دەپ جاپا تارتقان ئاتا-ئانام،مىنى كەلسە ھۇكۇمەتتە ئىشلەپ قالسە ئاز تولا ياردىمى تىگەمۇ دەپ ئۇمۇت كۇتۇۋاتقان ئۇرۇق-تۇققان،خۇلۇم-خوشنا يۇرتتاشلار ،يەنە بىر تەرىپىدە ئۇزەمدىكى ئۆز كەسپىمنى قىلىش ئارقىلىق مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەشكە بولغان غايىۋانە قىزغىنلىقىم ،ئادىمىلىك قەدەر-قىممىتىم بىلەن ياشاش ئىستىكىم تۇراتتى.كىيىن مەكتەپتنى پۇتتۇردىغانغا ئاز قالغاندا ئۇيان ئويلا ،بۇيان ئويلا ئاخىرى شىركەتتە ئىشلەپ كۇرۇپ بېقىشنى ،ئازراق بولسىمۇ شىركەتكە نىسپەتەن ئۇزەمدە چۇشەنچە تۇرغۇزۇش،مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئىگەللەش مەخسىتىدە شىركەتتە ئىشلەشنى قارار قىلدىم،شۇنداق قىلىپ مەكتەپنى پۇتتۇردىغاندا ئۇ شىركەت ،بۇ شىركەتلەرگە يۇگۇردۇم،دەسلىپىدە بىر ئىككىيلەن بىرگە يۇگۇردۇق،كىيىن مەن بىلەن يۇگۇرگەنلەر بارا-بارا يوقاپ كەتتى،ئاخىرىدا ئۇزەم يالغۇز يۇگۇرۇشكە توغرا كەلدى ،دەسلىپىدە كوپ شىركەتلەرنىڭ يۇز تۇرانە ئىمتاھانلىرىغا قاتنىشىپ نەتىجە چىقمىغان بولسىمۇ بىراق شۇ جەرياندا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگۇنۇۋالدىم،شۇنداق قىلىپ ئۇيان يۇگۇرەپ،بۇيان يۇگۇرەپ ئاخىرىدا 4شىركەتنىڭ چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ،ئىچىدىن بىرسىنى تاللىدىم ،كىيىن ئۇ تاللىغانغىمۇ بارماي ئاخىرىدا ھازىرقى شىركەتكە كەلدىم،خىزمەت ئىزدەش جەرياندا نۇرغۇنلىغان دوسلارنىڭ مەسخىرسىگىمۇ ئۇچرىدىم،چۇنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىچكىردىكى شىركەتلەر مىنى ئالمايتى،(چۇنكى مىنىڭ ئۆگۇنۇش نەتىجەم ۋە خەنزۇچە تەلەپپۇزۇممۇ تازا ئۆلچەملىك ئەمەس ئىدى) ،يەنە بىرسى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مىنىڭ ئىچكىردە ئىشلىشىم ئىچكىرگە تويماسلىق سانىلاتتى ،گەرچە شۇنداق بولسىمۇ مەن يەنىلا بەل قۇيۋەتمەي ئۇزەم تاللىغان يولدىن چىقماي ئاخىرىدا شىركەتكىمۇ كەلدىم ،بۇ جەرياندا مىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ھىس قىلغىنىم شىنجاڭدىكى ئاشۇ شىركەتلەر ياراتمىغان مەندەك بىر ئۆلچەمسىز سوزلەيدىغان، بىرسىنى ئىچكىردىكى بىر ماشىنسازلىق ساھەسىدە خېلى داڭقى بار بىر شىركەتنىڭ ئېلىشى بولدى.
كىيىن مەكتەپنى رەسمى پۇتتۇرۇپ،ئاشۇ ‹‹ئىككى تال چوڭ تاشلىق كىنىشكە››نى ئېلىپ شىركەتكە كەلدىم،دەسلىپىدە بىر ئاز قورقتۇم،نىمىشقا دىسىڭىز ئاشۇلارنىڭ ئالدىدا ئارقىدا قالارمەنمۇ ،مىنى ئۇنى بىلمەيدىكەنسەن،بۇنى بىلمەيدىكەنسەن دەرمۇ دەپ ئەندىشە ئىچىدە يۇردۇم،كىيىن بىر مەزگىللىك تەربىيلەش ئېلپ بېرىلدى،گەرچە تەربىيلش مەزگەلىدە نۇرغۇن قىيىچىلىق تارتقان ،ھەتتا ئىستىپا سورۇماقچى بولغان بولساممۇ بىراق يەنىلا چىدىدىم ،ئاخىرىدا تەربىيلەش جەريانىدا ماشىنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانى،بىر ماشنا قانچىلىك ئىش ئورنى ئارقىلىق پۇتۇپ چىقىدىغانلىغى قاتارلىق بىر قاتار بىلىملەرنى ئىگەللىۋالدىم،شۇنۇڭ بىلەن بىرگە تەربىيلەشتىن كىيىن ئۇزەمنىڭ ئۇنچۇۋالا ئارقىدا ئەمەسلىگىمنى ھىس قىلدىم،شۇنداق قىلىپ ئىشلار شۇ تەرىقىدە بۇلۇپ نۇرغۇن تەربىيلەشتىن كىيىن ئۇزەم ئىشلەيدىغان ئۇرۇنغا كىرىپ ،3 ئاي خىزمەت قىلغاندىن كىيىن،شىركەت چەتىئەلگە ئەۋەتتتى،شۇ بانادا چەتئەلدە 3ئاي تۇرۇپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۇرۇۋاپتىمەن.گەپنىڭ قىسقىسى بۇ ئىككى يىل جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقنى تارتىش بىلەن بىرگە يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگۇنۇپ چىقىپتىمەن،نۇرغۇن ھىس قىلمىغان نەرسىلەرنى ھىس قىپتىمەن ،يالغۇزچىلىق دىگەنى راۋۇرۇس تارتىپتىمەن.(ھازىرمۇ يالغۇز ئولتۇرۇپتىمەن مانا خې خې)...سوزلىسەم گەپ بەك جىق،يۇقارقىسى پەقەت بۇ تۇرمۇش كارتىنىسىنىڭ يىغىنچاقلانغان ئاددى بىر قىسىمى خالاس.خوش ئەمدى خۇلاسىگە كەلسەك ، مەن شىركەتتە ئىشلەش جەريانىدا ھىس قىلدىمكى بىز نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالىغۇدەكمىز،ئەمىليەتتە نۇرغۇن ئىشلار ئۇنچىلىك قورقۇدەكمۇ ئەمەسكەن .ئەڭ مۇھىمى ئالدى بىلەن بىزنىڭ كاللىمىزدىكى تار دائىرىدىكى ياشاش ئەندىزىسىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەككەن،نۇرغۇنلىرىمىز ئەمىليەتتە ھۇكۇمەتنىڭ خىزمىتىنى قىلمىساقمۇ جان باققۇچىلىگىمىز باركەن،بىراق بىز ۋە ئاتا -ئانىمىز كۇنۇپ قالغان بولغاچقا ،ھۇكۇمەتتە ئىشلەشتىن باشقىسىنى خىزمەت دەپ قارىمايدىكەن،بۇنداق كىتىۋەرسە بىز كۇنۇپ قالغان بۇ ئىشقا بىزنىڭ ئەۋلاتلىرىمىز نىڭ كۇنۇپ قېلىشىمۇ تۇرغانلا گەپ،شۇنداق بۇلۇۋەرسە بىز ئاخىرىدا باشقىلارنىڭ قۇلىغا تېخىمۇ بېقىنىپ قالمايمىزمۇ؟؟؟
ئويلۇنۇپ كۆرسەك ھازىرقى بەزى ئىشلارمۇ شۇ بېقىنىپ قېلىشتىن بۇلۇۋاتمامدۇ؟نۇرغۇنلۇرىمىز خىزمەتنى ساقلاپ قېلىش ئۇچۇن بەزى ۋىجدانىمىزغا خىلاپ ئىشلارنىمۇ قىلىمىز،بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى شۇ بىر نەرسىگە بېقىنىپ قېلىشتىن كىپ چىقىدۇ ئەمەسمۇ ،ھەممەيلەن شۇ ئىمتاھانغا قاراپ تۇرغاچقا كۇنلۇرۇمىز نىمە بۇپ كېتىۋاتىدۇ،ئەجبا شۇ توت توك-توك .ئىش ئورنى قانچە ئادەمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقار؟؟؟مىىنىڭ بۇ يەرە دىمەكچى بولغۇنۇم ھەرگىزمۇ ھەممىڭلار شىركەتتە ئىشلەڭلار دىگۇنۇم ئەمەس بەلكى بەزى ياخشى ئوقۇغان نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز شۇ ھۇكۇمەتتىكى خىزمەتنى دەپ ئوزىنىڭ ئىقتىدارىنى نابۇت قىلماقتا،ئەمىليەتتە شۇلار شۇ ئىشنى قىلماي ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرسا ،مەن ئويلايمەن بىزدىكى شىركەت تەرەقىياتى بولسۇن ۋە ياكى ئىقتىساسلىقلار قۇشۇنى بولسۇن زور دەرىجىدە يۇكسەلگەن بۇلاتتى،ئىقتىسادىمىز ئاشسا،ئىقتىساسلىقلار قۇشۇنى زورايسا ،جەمىيتىمىزدىكى نۇرغۇن كېسەللىكلەر يوقالغان بۇلاتتى.يەنە بىرسى نۇرغۇن ئشلارنى باشقىلاردىن كۇرۇش تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس،چۇنكى ھازىر رىقابەتچىنىڭ دەۋرى ،بۇنداق دەۋىردە كىم كۇچلۇك بولسا شۇ يىڭىدىغان گەپ.يەنە بىرسى ھازىر نۇرغۇن ياشلىرىمىز ھەدىسلا ‹‹ئۇلار ››بىزنى خىزمەتكە ئالمايدۇ ،ئانداق -مانداق دەيدۇ،بىراق ئاشۇلار ئادەم ئالدىغان ئۇرۇندا ئۇلار مۇتلەق ئۇستۇنلۇكنى ئىگەللەيدۇ،ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ ئورنىدا بولسىڭىز ياتلانى ئالاتتىڭىزمۇ؟بەلكىم بەزىلەر بۇ دىگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى،ئاپتۇنومىيە قانۇنى بۇيىچە خىزمەتكە ئېلىشى كېرەك دىيىشى مومكىن،بىراق ھازىرقى ھالەتتە ئاتالمىش ئاپتۇنومىيە ئوز رولىنى كۆستىۋاتامدۇ؟ ئەجبا بىز ئاپتۇنومىيە قانۇنىنىڭ ئەمىلىشىنى كۇتۇپ ئولتۇرامدۇق؟قانۇن ئەمىللەشكىچە يەر شارى ئايلانماي ساقلاپ تۇرارمۇ؟شۇڭا دوسلار كاللىمىزنى ئاچىدىغان يەرگە كەلدى،بۇنداق قاتمال ئىدىيەدە يۇرۇۋەرمەيلى،ھىچ ئىشنى قىلالمىساق يېنىمىزدىكى دوسلارغا ئىلھام بىرەيلى.قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن! |
|