- تىزىملاتقان
- 2013-2-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4890
- نادىر
- 0
- يازما
- 677
ئۆسۈش
96.33%
|
yalghuz2 يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 06:03
ئەسلىدە ھەممە ئىشنىڭ بىر مەقسىدى بولغاندەك مائارى ...
ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ مۇشۇنداق شارائىتتا ھەم مۇشۇنداق پۇرسەتتە ئو تتۇرغا چىقىپ لىكسىيە سۈزلىشى مىنى بىر تەرەپتىن خۇشال قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن چۇڭقۇر ئۇيغا سالدى.مەزكۇر لىكسىيەنى ئۈچ قىتىم تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم . مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ئۈزۈمنىڭ ئۈزۇندىن بىرى دىيەلمەي كىلىۋاتقان كۈڭلۈمدىكى تۈگۈنلەرنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ بىقىش خىيالىغا كەلدىم.
قوشتېل مۇئارىپى يولغا قويۇلغىلى 20 يىلچە بولدى. بۇجەريانلاردا نۇرغۇنلىغان ئەگرى توقاي مۇساپىلەرنى باشتىن ئۈتكۈزگەن بولسىمۇ بىراق 2013-يىلى قوشتېل مۇئارىپى ئىغىر خىرىسقا دۇچ كەلدى، بۇنىڭ دەلىلى شۇكى؛بەزى ئاتا ئانىلار دەسلەپتە بالىلىرىنى قوشتىلدا ئوقۇتسا كىيىن خىزمەت تىپىشقا ئاسان بولىدۇ دەپ قارىغان . بىراق بۇ ئاتا ئانىلار بۈگۈنكى كۈندە كۈنسىرى يامانلىشىۋاتقان ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى كۆرۈپ تولىمۇ ھەيرانلىق ئىلكىدە ئاددى كاللىسىدا بىرقاتار مۇرەككەپ ئىشلارنىمۇ سىتاستىكىلاپ چىقتى ،بۇ بولسىمۇ ‹‹ 90- يىللاردا مىللىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى قانچە %؟ ، 2000-يىلىچۇ؟2010-يىلى قانچە%بولدى؟ 2020-يىلى قانچە% بولار؟›› دىگەنلەردىن ئىبارەت ‹‹ پارتىيىمىزنىڭ چولىسى تەگمىگەن ›› رىئال مەسىلىلەر ئىدى . قوش تىل مۇئارىپى ھەققىدە ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى ئۆز لىكسىيەسىدە ئازراقلا چۈشەنچە بىرىپ ئەگىپ ئۈتكەن بولسىمۇ مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىشنىڭ كونكىرىتنى چارە تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىنىق بىر لاھىيەسىنى ياكى مەۋقەسىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى. بەلكىم مەن بەكلا دۆت بولسام كىرەك، ياكى سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا چۈشىنەلمەي قالغاندىمەن. بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس ، سورىماسلىق ئەيىپ دەپتىكەن، ئانداقتا يەنەبىر مەسىلىنى سوراپ باقاي، قوش تىللىق باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىسىمى ھەقىقەتەن ئىغىر، مۇشۇ سەۋەپلىك بالىلارنىڭ پىسخىكىسىدا مۇئەييەن ئۈزگىرىشلەر بولىۋاتىدۇ. بۇ بىر ھەقىقەت ‹‹ تاماق يىگەندە ئىغىزىنى تاپالايدىغان ›› ھەممىمىزگە ئايان. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا بۇ سەبى بالىلىرىمىزنى مۇشۇ بىسىمدىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ؟
بۇ بىسىمنى مۇ ئەللىملەر كەلتۈرۈپ چىقارغانمۇ؟ ياكى مۇدىرلار مۇ؟ ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرمۇ؟ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش راستىنلا ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى ئىيتقاندەك مۇئەللىملەرنىڭ قولىدىن كىلەمدۇ؟ تورداشلار مۇشۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بەرسەڭلا.
./thread-17025-1-1.html
|
|