قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: anwarili

ياقۇپبەگنىڭ شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

2

دوست

9709

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   94.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1149
يازما سانى: 454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2337
تۆھپە : 1429
توردىكى ۋاقتى: 418
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 19:20:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بەسەيلەرنىڭ كىتابىنى ئەزەلدىن كۆرمەيمەن.ئەزەلدىن دىگىنىم ئەلۋەتتە ئېشىپ كەتتى،لېكىن ئالىي مەكتەپكە چىقىپ تورلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ، ھەتتا بىز قەھرىمان دەپ يۈرگەن ،تېلىۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلىرىمنى تاشلاپ قويۇپ كۆرگەن<پولات قانداق تاۋلاندى>نىڭ باش قەھرىمانى پاۋىل قاتارلىقلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەقىقى باندىت،پېتلىيوراچىلارنىڭ بولسا ھەقىقى قەھرىمان ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن بۇيان بۇلار يازغان تارىخنى قانداق ئوقۇسا ئاندىن ھەقىقىي بولغان رىئاللىقنى تونۇۋالغىلى بولدىغانلىقىنى بىلدىم.
يالغاننى تولا يازىدۇ،بىر ئىش تەسۋىرلەنگەن بىرنەچچە كىتابىنى بىر جايغا قويۇپ كۆرسىڭىز ھەقىقىي ئىشنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئاز-تولا بولسىمۇ ئاڭقىرىۋالالايسىز.تارىخ توغرىسىدا ساۋادىم چىققان چىقمىغىنى ئۆزۈمگە ئايدىڭ،لېكىن ئاتىسىدىن ئايرىلغان يېتىمچى، بېشىنى كىملا سول قولى بىلەن ئانچىكى سىلاپ قويسا،ئۇ كىشىنىڭ ئوڭ قولىدىكى كالتەك ياكى خەنجىرىنى كۆرمەسكە سېلىپلا موشۇ مېنىڭ جېنىم ئاتام جانىم ئاپام دەيدىغاندىن بۆلەك ئىسپاتلار بىلەن دىگەنلىرىمگە رەددىيە بەرسىڭىز ،قارشى ئالىمەن.بۇ دىگەن مۇنازىرە سورۇنى.مۇنازىرە دىگەن مەن بىر تېما يېزىپ <قار ئىسسىق>دىسەم بارلىق تورداش <ۋاي بارىكاللا،راس شۇنداق>دەيدىغان بەگ بالىسىنىڭ كەيپ سورىنى ئەمەس بەلكى ھەر كىشى بىلگىنىنى دەيدىغان خاتاسى بولسا تۈزىتىدىغان جاي!
  ياقۇببەگنى تىللىدى پىللىدى دىگەندەك پەشتامىلارنى يىراق قىلغايسىز،ياكى ئۇنى پالانى پوكونى دەپ ئاغزىمنى بۇزغان يېرىمنى كۆرسەتكەيسىز!
سامانلىقنىڭ ئاچقۇچى تېگىپ قالسا،كۆرەڭلىگەن ئىتلار!

0

تېما

2

دوست

9709

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   94.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1149
يازما سانى: 454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2337
تۆھپە : 1429
توردىكى ۋاقتى: 418
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 19:32:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇلارنىڭ ھەربىي ئىشلار تارىخىنى كۆرۈپ باقسىڭىزلار(گەرچە نۇرغۇن تورداشلار يالغانغا تولغان دېسىمۇ ھەقىقەتەن شۇنداقراق بولسىمۇ)مۇنداق بىر جۈملە سۆزنىڭ خەنزۇلار تارىخىدا ناھايىتىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالايسىزلەر.师出有名.ئۇيغۇرچىغا تۈزلا تەرجىمە قىلساق <يوللۇق يۈرۈش قىلىش>،ھەرگىزمۇ <نامدار سانغۇن>ئەمەس.
    مەيلى بىرلىككە كەلگەن چوڭ سۇلالە دەۋرىدە بولسۇن ياكى پارچىلىنىپ كەتكەن ئۇششاق بەگلىكلەر زامانىسى بولسۇن،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئاۋال ئۇرۇش قىلماقچى بولغان بىر تەرەپ مەيلى قارشى تەرەپ ئۆزىدىن كۆرۈنەرلىك ئاجىز بولسىمۇ،جەزمەن شۇنداق بىر قوشون تارتىشىغا يوللۇق بىر سەۋەبنى ياكى ۋەقەنى ساقلايدۇ.چۈنكى شۇنداق قىلغاندىلا ئۆز دۆلىتىدىكى ياكى ئۆز بەگلىكىدىكى خەلقلەرنىڭلا ئەمەس بەلكى قارشى دۆلەت ،قارشى بەگلىكلەردىكى خەلقلەرنىڭمۇ ھەققانىيەت تۇيغۇسىنى قولغا كەلتۈرىۋالالايدۇ.
     مەيلى ئالداپ قولغا كەلتۈرسۇن ياكى ھەققانىيەت راستىنلا ئۆزى تەرەپتە بولسۇن،خەلقنىڭ قوللىشى كىم تەرەپتە بولسا شۇ تەرەپنىڭ غەلىبىگە ئېرىشىدىغانلىقى چۈنكى ئۇلارغا ئايدىڭ.خۇددى ئۇلارنىڭ ماقالسىدا ئېيتىلغاندەك得民心者得天下.<ئەل كۆڭلىگە ئېرىشكەنلەر ئەلگە ئېرىشىدۇ>،..
   خوش،ياقۇببەگ نىمە ئۈچۈن شۇ چاغدىكى <دۆت>،<كالۋا>چەنتۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەندۇ؟قائىدە بويىچە <دۆت>،<كالۋا>كىشىلەر ئالدىماققا ئەڭ ئاسان كىشىلەر ئىدى.لېكىن شۇ <دۆت>،<كالۋا>كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا قارشى تۇرغان ئىكەن.سەۋەبى نىمە بولغاي؟
سامانلىقنىڭ ئاچقۇچى تېگىپ قالسا،كۆرەڭلىگەن ئىتلار!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

‏ئىمپىراتۇر باتۇرخان

17

تېما

1

دوست

2817

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10525
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 428
تۆھپە : 582
توردىكى ۋاقتى: 85
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 19:42:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏تارخان ئەپەندى سىزنى ياخشى پىكىر بەردى دېدىم . 
‏تىللىدى دېمىدىم . 
‏تىللىغانلارغا دېدىم .توغرا چۈشەنگەيسىز.

0

تېما

0

دوست

819

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   63.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13244
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 137
تۆھپە : 166
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 19:59:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى تورداشلار ئۇنداق بىر تەرەپلىمىلىك قىلمايلى.«ئۆزەڭنىمۇ ،ئۆزگىنىمۇ بىلسەڭ جەڭدە يېڭىلمەيسەن»دەيدىغان گەپ بار،بىز 1- ئىسلامنى،2- ھازىرقى پەن-مەدەنىيەتنى،3- ئويغۇرلارنى،4-دۇنيانى چۈشىنىدىغان تۈمەنلىگەن ئىختىساسلىق خادىملارغا بەكمۇ مۇھتاج!!!!!!
    «  ئېشەكنى دۆت دىسە، ئېشەك'ئادەملەر مەندىنمۇ دۆت،مەن پۇتۇم سېپىلغان يەرگە ئىككىنچى پۇتۇمنى سەپمەيمەن ،ئادەم سېپىدۇ'دەيدىكەن»،مېنىڭچە تارىختىن ئىبرەت ئېلىش،تارىخنى قايتىلىماسلىق ھازىر مۇشۇ تېمىنى كۆرۈپ ئولتۇرغان ھەر بىرىمىزنىڭ بۈرچى.

0

تېما

0

دوست

819

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   63.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13244
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 137
تۆھپە : 166
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 20:02:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 39قەۋەتتىكى tanha_rohدە2013-02-21 19:18يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    ياقۇببەگكە يۇقارقى ماقالىگە قاراپ باھا بېرىش ئاقىلانىلىق ئەمەس .بۇنى كۆپچىلىك بىلىدۇ .نىمە ئۈچۈن زوزوڭتاڭنىڭ شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقى يېزىلماي ئەكسىچە ئۇ قەھرىمان بولۇپ ،ياقۇببەگنىڭ قىلغىنى ماقالىلەر ھەتتا رومانلار يېزىلىپ پىپەن قىلىنىدۇ .سەۋەبى ياقۇببەگ ئوسمانىيلار دۆلىتىگە تەۋەلىك بىلدۈرۈپ سەئىدىيە دۆلىتى يىقىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئەنگىلىيە شىۋىتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى .روسلار باشتا قوللاپ كېيىن چىڭلارغا سېتىلىپ كەتتى .مانا بۇ ياقۇببەگكە ئوبىكتىپ باھا بېرىلمەسلىكىدىكى سەۋەپ .مەن ياقۇببەگنى ھېچ نۇقسانسىز دېمەكچى ئەمەسمەن .ئەمما شۇ دەۋىردىكى ئاجىز خوجىلار ھاكىمىيىتى ياقۇببەك كەلمىگەن ھالەتتىمۇ چىڭ سۇلالىسىگە يەم بوپ كېتەتتى .بۇنى شۇ دەۋىردىكى زوزوڭتاڭنىڭ ھەربى كۈچى ۋە خوجىلارنىڭ كۈچىنى سېلىشتۇرساقلا چىقىدۇ .بىرلىككە كەلگەن ھاكىميەت بولمىغاشقا ياقۇببەگ بۇ زېمىنغا كىرىشكە پىتىنالىدى ،زوزوڭتاڭمۇ كېيىن قان پۇراپ كىرىپ كەلدى .قىسقىسى زوزۇڭتاڭنىڭ كىرىشى بىلەن ياقۇببەگنىڭ كىرىشىدە ماھىيەتلىك پەرىق بولغاشقا بۇلارنىڭ بىرى ھازىرغىچە شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەن قەھرىمان بولۇپ ئاتالدى بىرى چەتئەلگە باغلانغان بۆلگۈنچى دەپ ئاتالدى .  

  ئەگەر ياقۇپبەگ بولمىغان بولسا ،قوزغىلاڭچىلار  يۇرتۋازلىق قاتارلىق ئىختىلاپلارنى بىرياققا قايرىپ قويۇپ ، ئورتاق دۈشمەن ئالدىدا ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىدى!!!!!!!

0

تېما

0

دوست

76

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   25.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14997
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 20:31:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقۇببەگنى <قەھرىمان>،<ئاتىلىق غازى>يەنە بىرنىمە بىر نىمىلەرگە كۆتۈرگۈچىلەرنىڭ ئاساسى بولسا نوشىرۋاننىڭ<ئۇيغۇرلار يۇرتىغا زىيارەت>ناملىق ئەسىرى ياكى <ئەمىنىيە>قاتارلىق ئەسەرلەر شۇنداقلا تۆۋەندىكى بايانلار.<ئۇيغۇرلار يۇرتىغا زىيارەت>تىن:
<<بۇ ئىككى "ئۆزبېك"نىڭ ئارىسىدا قېرىنداشلىق تۈگۈل ،ئارىلىرىدادۈشمەنلىك ھۆكۈم سۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسى شۇ قەدەر سوغۇقكى ، خۇددى سۇ بىلەن ئوت.
    بۇلار ئارىسىدىكى دۈشمەنلىك ياقۇپبەگ ۋاقتىدا تۇغۇلغان. چۈنكى ياقۇپبەگ تۈركىستانلىق چەنتۇلارنىڭ تەبىرىچە ئەنجانلىق ئىدى. بۇنىڭدىن 60-50 يىل ئىلگىرى تۈركىستان ئۆزبېكلىرى بىلەن بۇيەردىكى  ئۆزبېكلەرنى بىرلەشتۈرۈپ مۇستەقىل بىر ھۆكۈمەت قۇرۇش نىيىتى بولسا كىرەك،چەنتۇلارنى ئۆز ئىدارىسى ئاستىغا ئالماقچى بولدى. لىكىن چەنتۇلار باش ئەگمىدى.ئارىدا قاتتىق ئۇرۇش باشلاندى.ياقۇپبەگ ئەسكەرلىرى چەنتۇلارنى قىردى.قەتلىئام قىلدى.ياقۇپبەگ ھەرقانچەتىرىشسىمۇ مەقسىتىنى ئۇقتۇرالمىدى.چۈنكى ،چەنتۇلاردا ئۇنى چۈشەنگۈدەك ئاڭ يوق ئىدى . نادان خەلقنى ئۇيۇشتۇرماق قۇمدىن ئارقان ئەشكەندەك قىيىن بىر ئىش.
توغرا،ئۇلار سوقۇشتىن كىيىن ياقۇپبەگكە بويسۇندى،لېكىن ئۆز پايدىلىرىنى بىلىپ ئەمەس ،بەلكى ياقۇپبەگنىڭ تايىقىدىن قورقۇپلا باش ئەگدى.
ياقۇپبەگنىڭ بۇ ئىشى ئاساسىسز ئىدى. ئۇ، ئۇلارنى  ئادەم قىلىش،ئۇلارغا ئاڭ بېرىش كىرەك دەپ ئالدىرىدى. ياقۇپبەگنىڭ تىككەن دەرىخى يىلتىز تارتالمىدى.ياقۇپبەگ ئۆلۈش بىلەن تەڭ چەنتۇلار يۈز ئۆرۈدى. ياقۇپبەگ ئەشكەن ئارقان ئۈزۈلدى.مەنسەپ تەمەسى بىلەن ئۆز-ئارا قىرغىنچىلىق باشلاندى.بىرئاز تارتىشىش بىلەن جەڭگى-جېدەلمۇ بېسىقتى. ياقۇپبەگ قۇرغان نېگىز يىمىرىلدى. لىكىن ئىش ئۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىدى.چەنتۇلار بىلەن ئەنجانلىقلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇزۇلدى،قېرىنداشلىق يىپى ئۈزۈلدى.مېھرى-مۇھەببەت ئوتى ئۆچۈپ،ئارىغا سوغۇقلۇق چۈشتى.>>
     بىر تارىخى شەخسنىڭ قەھرىمان ياكى جاللاتلىقىغا كىتابلاردا ،بولۇپمۇ ئوردا شائىرلىرىنىڭ قەلىمى ئاستىدا مەغلۇبىيەت ياكى غەلىبىنى ئاساس قىلسىمۇ بۇ باھالار ھەرگىز چاك باسالمايدۇ!يوقارقى ئۈزۈندىلەرنى ئۆزىڭىزلەر ئوبدان ئويلاپ بېقىڭىزلار،شىنجاڭغا كەلگۈندى بولمىش ياقۇببەگ بۇ يۇرتقا غوجىدارلىق قىلىش ئويىدا بويى بولىدىكەن جەزمەن يەرلىك خوجايىنلار بولمىش ئۇيغۇرلارغا تايىنىشى،ھېچ بولمىسا يەكلىمەسلىكى،ئۇلارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاپ قويماسلىقى لازىم ئىدى،ھەرگىزمۇ قوقانددا روسلاردىن رەسۋا بولۇپ قېچىپ كەلگەن ئالتە توك-توك ئۆزبېكىنىڭ كۈچىگە ئىشىنىپ كەتمەسلىكى لازىم ئىدى.ئەپسۇس،ئۆزىدىن بۇرۇن نۇرغۇن قېتىم قوقاند ئەنجانلاردىن ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى ئاتالمىش <پەيغەمبەر ئەۋلادى>لىق مەنسىۋىسى بېرىپ ،گاھىدا يالغۇز،گاھىدا ئات باقارى بىلەنلا شىنجاڭغا كېلىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسى ھەرخىل ئاڭ-پىكىرلىرى بىلەن قايمۇقتۇرۇپ،ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن كەتمەن چاپتۇرۇپ،تولىسى مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ،ھەرھالدا بىسمىللىسىدا بولسىمۇ چوڭ ئىش تەۋرەتكەن توزغاق غوجىلار چېغىچىلىك كاللىسىنى ئىشلەتمىگەن،بۇنى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان زىددىيىتى شۇنداقلا ئاخىرقى مەغلۇبىيىتىدىن كۆرىۋالالايمىز.
      ئەگەر ياقۇپبەگمۇ شىنجاڭغا كىرگەندە،ئاللىقانداق بۈيۈك مەقسەتلىرىنى دەستەك قىلىۋالغان بولسا،دەسلەپكى چاغلاردا بولسىمۇ دىگەنلىرىنى ئانچە مۇنچە ئورۇنداپ بەرگەن بولسا،تىرناقچىلىك بولسىمۇ ياخشى ئىش قىلىپ بېرەلىگەن بولسا،ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ چاغدىكى ئاڭ-سەۋىيىسى بويىچە ئۇنىڭ بۇ ياخشىلىقلىرىغا جېنى بىلەن رەھمەت ئېتقان بولار ئىدى،لېكىن ئەھۋال ئەكسىچە،ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلار جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇرغان.
    ياقۇببەگنى يوقاتقىلى چىققان زوزۇڭتاڭ بولسا جاي-جايلاردا قارشى ئېلىۋېلىنغان،بىرىنجى ئۆتەڭ بولمىش قومۇل بولسا ،كېيىنچە ئىچكىرىدىن قېچىپ ياقۇببەگگە قوشۇلۇۋالغان تۇڭگان بەييەنخۇنىڭ قىسىملىرى تەرىپىدىن قەتلىئام قىلىۋېتىلگەن،خەلقى يۇرت-يۇرتلارغا پىتراپ كەتكەن،زوزۇڭتاك قومۇللۇقلارنى يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ قايتىدىن شەھەر قىلغان،ئاقسۇدا بولسا نەچچە مىڭ  شەھەر خەلقى  مۈرىلىرىگە ئاشلىق يۈدۈپ مۇزداۋاندىن پىيادە ئېشىپ زوزۇڭتاڭ ئەسكەرلىرىگە ئاشلىق توشۇپ بەرگەن،ئەگەر بۇ ئىشنى زورلانغان دەيلى،ئەزەلدىن ھېچقانداق بىر قوشۇن ئۆتۈپ باقمىغان شۇنداق بىر داۋاندىن ئاشلىق يۈدۈپ ئۆتىسەن دېسە،نەچچە مىڭ كىشى ئەلۋەتتە <كۆتۈر قاسقىنىڭنى،بەرىبىر ئۆلۈم ئىكەن>دەپ سۇلالە چېرىكلىرىگە مۇش كۆتۈرگەن بولار ئىدى،لېكىن ئۇنداق قىلمىغان؟سىزلەرچە بۇ نىمە ئۈچۈن بولغاي؟مەن بولسام بۇنى ئاقسۇ خەلقىنىڭ ياقۇببەگگە چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكەنلىكىدىن دەپ چۈشەندىم،،،
    ئازادلىق ئارمىيە نىمە ئۈچۈن شىنجاڭغا شۇنچىلىك ئوڭۇشلۇق كىرەلەيدۇ؟شۇ چاغدىكى سىياسى ۋەزىيەت دەرسىزلەر بەلكىم،لېكىن روزۋېلىت سىتالىنلار ئىشخانىسىدا ئولتۇرىۋېلىپ،شىنجاڭنىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بەلگىلىيەلىسىمۇ،شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئاھالىلىرى بولمىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئوي-خىياللىرىنى،ئۇلارنىڭ تاياق-توقماقلىرىنى باشقۇرالامدۇ؟باشقۇرالمايدۇ.ئازادلىق ئارمىيە شىنجاڭغا كىرە-كىرمەيلا ھەرخىل خەلق كۆڭلىنى مايل قىلىدىغان سىياسەتلەرنى ئېلان قىلدى.<بىز بۇرۇندىن شىنجاڭ خەلقىنىڭ قان-قەرزىگە بوغۇلغان چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ قەرزىنى تۆلىگىلى كەلدۇق،شىنجاڭ خەلقىگە ياخشى ئىش قىلىپ بەرگىلى كەلدۇق،>دېدى،نامراتلارغا يەر بەردى،مەيلى قانداق بولمىسۇن ھەقىقەتەن خەلق كۆڭلىنى ئۇتتى.
    ئىككى ئارىدا ناھايىتى 80يىلدەكلا ۋاقت بار،ئۇ ۋاقتتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ-سەۋىيىسىدە ھېچقانچىلىك يۈكسىلىش بولمىغان،لېكىن ياقۇپبەگ زامانىسىدا بولسىمۇ،بىر ئىش ئېنىقكى،يەرلىك ئاھالىلەر بولمىش ئۇيغۇرلار ياخشى كۈنگە،ياخشى سىياسەتلەرگە شۇنچىلىك تەشنا،كىمىكى موشۇ تەشنالىقىنى تەمىن ئېتەلىسە ئېنىقلا شۇكىشى ۋە شۇ كىشىنىڭ تەختى ئۈچۈن جېنىنى سېلىشقا رازى ئىدى.لېكىن ئۇيغۇرلار ياقۇببەگگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن جانلىرىنى ئايىمىغان،بۇنىڭدىن كۆرىۋالالايمىز،شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ زور شۇنداقلا ئەڭ ئاددىي ئارزۇسى قاندۇرۇلمايلا قالماي بەلكى تېخىمۇ ئەكسىچە بولغان!يەنە ئۆزىڭىزلەر ئويلاپ بېقىڭىزلار ئۇ بىر قەھرىمان ئىكەنمۇ؟
    <قەشقەرىيە>نى مەنمۇ ئوقۇغان،باشتىن ئاخىرى كىتابتىن بىر خىل بۇرۇقتۇمۇلۇق،قەشقەرىيەگە بولغان چۈشكۈنلۈك ،ئاھالىلەرنىڭ تولىمۇ ئېغىر كۈنلەردە ئىكەنلىكى،پايلاقچى جاسۇسلارنىڭ دەستىدىن بەخۈدۈكمۇ يۈرەلمەيدىغانلىقى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ.....
   موشۇنداق كىشىنى يەنە <قەھرىمان>دەمدۇق؟   


تارخان ئەپەندى سىزدىن بىر سۇئال سۇراي ! ھازىر يولداشلار  سىزنى ياناشۇنداق ئاشلىق ئاپا دىسە سىز ئاپاماسسىز ما؟؟؟؟؟؟؟     

0

تېما

2

دوست

5676

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11691
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 445
تۆھپە : 1390
توردىكى ۋاقتى: 344
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 20:34:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخچىمىز نەبىجان تۇرسۇن ياقۇپبەگكە لىللا باھا بەرگەن. نەبىجان تۇرسۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك ماقالىلىرىنى ئوقۇساڭلار جاۋابىنى تاپالايسىلەر. 

ئاخىرقى نىشان

5

تېما

0

دوست

752

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   50.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14374
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 49
تۆھپە : 199
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 21:15:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئەسەرلىرنى نەدىن تاپقىلى بۇلىدۇ،بىلسەڭلار دەپ بەرسەڭلار
سەن كىچىكمىدىڭ ،چۈنكى سەن ھايات.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )