- تىزىملاتقان
- 2012-9-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1248
- نادىر
- 1
- يازما
- 59
ئۆسۈش
64%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tugluq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-3 01:34
jahangir.123 يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 04:02
مەن داۋۇت ئوبۇلقاسىم ئەپەندىمنى [‹‹ ئىسلامنىڭ قىسقى ...
قارىسام شۇنچە قارشى گەپ قىلغۇچىلار ئىچىدە سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز سەمىمى ۋە ھەرھالدا لاياقەتكە يېقىنلىغاندەك بىلىندى. شۇڭا بۇ يازمىغا تېما ئىگىسىنى ئاۋارە قىلماي مەنلا بىرنىمە دەۋىتەي دىدىم.
1. پەلسەپە دېگەن ئاتالغۇنى ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئالغىنىمىزدا ئەڭ ئەۋۋەل كۆز ئالدىمىزغا قەدىمكى يۇنان پەلسەپە دەۋرىنى كەلتۈرىمىز. ئاندىن رىملىقلار بىلەن ئەرەبلەرنى ياد ئېتىمىز.
پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، نەزىرىيىلەشتۈرىلگەن ۋە سېستىمىلاشتۇرۇلغان سۆز-ئىبارىلەر پەلسەپىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىمىكەن دەيمەن. پەلسەپە ئالەمنىڭ روھىي ۋە ماددى جەھەتتىكى باغلىنىشىنى، ھادىسىلەرنى ھەم قانۇنىيەتلەرنى يېشىپ بېرىدىغان ئۇنېۋېرسال پەن بولسىمۇ، پەيلاسوپلار ئاللاھ تەرەپىدىن روھىي ۋە ماددى ئالەمگە تەغدىر قىلىنغان تەرتىپ-قانۇنىيەتلەردىن ھالقىپ كېتەلمىدى. قەدىمكى يۇنان ۋە رىم مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزىدىن ئىزدەنسەكمۇ، پەلسەپە خاراكتىرى جەھەتتىن يەنىلا دەھرىيلىككە ئىگە بولغان ئىلىمدۇر. دەھرىي پەيلاسوپلارنىڭ دەھرىي پەلسەپىسى بىلەن ئىمانغا ئارلىشىپ، مۇسۇلمانلارغا رەھبەرلىك قىلىمەن دېيىش ئىسلامنى ئىسلاھ قىلىمەن دېگەنلىكقۇ؟ ھېچ بولمىغاندا مەن شۇنداق چۈشەندىم.
دەپسىز.بىلىڭكى خۇددى تارىخلاردىكى ماتىماتىكا بۇگۇنكى ماتىماتىكىنىڭ ئۆزى ئەمەس بولغىنىدەك،پەلسەپە تارىخىمۇ پەلسەپەنىڭ ئۆزى ئەمەس.كەتمەن ،گۇرجەك دىگەندەك ئەمگەك قوراللىرىنى دەھرى پەھرى دىگىلى بولمىغىنىدەك دىننى،ماتىماتىكىنى،خېمىيىنى ئويلاشقا لازىم بولىدىغان تەپەككۇر قورالىنىڭ قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەلسەپەنىمۇ ئۇنداق دىگىلى بولمايدۇ.تىمىنىڭ بېشىدىلا دەپتۇغۇ دىن ئىلىمدا پەلسەپەنىڭ بىر جۇزئىسى ئۇسۇلى دىن دىيىلىدۇ دەپ. .ھىچ بولمىغاندا ئاققارىنى پەرىق قىلغۇدەك بىرسىدىن ئۇسۇلى دىن دەيدىغان نەرسە بارمۇ دەپ سوراپ بېقىڭ.ئۇسۇلى دىن مۇسۇلمانغا يىتەكچىلىك قىلالىغان ئىكەن ئۇنىڭ پۇتۇنى بولغان.پەلسەپەمۇ ئەلۋەتتە مۇسۇلمانغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ.
2. ئەسلى پەلسەپە مېتودى بىلەنمۇ يەشكىلى بولىدىغان دىن بىلەن مىللەتنىڭ، دىن بىلەن ئەنئەنىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋېتىنى ۋە باغلىنىشىنى پەلسەپە قائىدىسى بويىچە ئومۇملاشتۇرۇپ يېشىپ بېرەلمىدى. دەپسىز.بۇ قانداق گەپ سىز دەۋاتقان پەلسەپە قائىدىسى قايسى قائىدە ئۇ؟ياخشىسى تىمىنى كوزىڭىزنى يوغان ئېچىپ ئوقۇڭ ئۇنىڭدا سۆز پەلسەپەنىڭ يوسۇنى،تەرتىبىگە قاتتىق ئېتىبار كۆرسەتكەن ھالدا دىيىلىپتۇ.ئەمما سىز ھىس قىلالماپسىز.ئىنكاسىڭىزنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا بۇ كۆز تېخى سىزدە يوق.بار دەپ چىڭ تۇرسىڭىز قېنى مەرھەمەت تىما ئىگەىسى قىلالمىغان ئىشنى سىز ئۆلچەمگە چۇشۇرۇرۇپ بىر قىلىۋەتمەمسىز.
قالغان گەپلىرىڭىزنى بۇ تىما ئاستىدا تىلغا ئېلىپ ئۆلتۇرۇش مەن ئۇچۇن نومۇس.مېنىڭمۇ ئەخلەت-پەخلەتلەر بىلەن ئارىلىغىم روشەن.مەيلى نىمە بولسا بولسۇن ئاخىرقى ئۇمۇدۇم.تېخىمۇ ساپالىق بولغايسىز. |
|