- تىزىملاتقان
- 2012-7-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5203
- نادىر
- 0
- يازما
- 300
ئۆسۈش
4.06%
|
مەن داۋۇت ئوبۇلقاسىم ئەپەندىمنى [‹‹ ئىسلامنىڭ قىسقىچە پەلسەپە تارىخى›› ماۋزۇسى مۇشۇنداقراققۇ دەيمەن] كىتابىدىن تونۇغان ئىدىم. مەزكۈر كىتابنى چۈشۈنىپ ئوقۇش خېلىلا يۇقىرى سەۋيە تەلەپ قىلاتتى. داۋۇت ئوبۇل قاسىم ئەپەندىمنىڭ بىلىم سىتىداتىغا ئىنتايىن قايىل بولغانىدىم. ئۆزەممۇ بۇ كىتابتىن نەپ ئالغانىدىم. ئېسىمدە قېلىشىچە، مەزكۈر كىتابتا ئەل فارابى، ئىبىن سىنا ۋە ئىبىن رۇشىد قاتارلىق قەدىمكى يۇنان پەلسەپىسىنىڭ ۋارىسلىرى بىلەن قەدىمكى يۇنان پەلسەپىسىنى ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان ۋە ئىسلام پەلسەپەسىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولغان ئەل كىندى قاتارلىقلارنىڭ پەلسەپىدىكى ئورنى، رولى، دۇنيا قارىشى ۋە تەشەببۇسلىرى سېستىمىلىق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. ئاپتورنىڭ مۇشۇ ئىلمىي ئەمگىكى ئۈچۈن، داۋۇت ئوبۇلقاسىم ئەپەندىمگە يەنە بىر قېتىم ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
ۋاھالەنكى، ئاپتورنىڭ يېقىندا باغداش تورىدا ئېلان قىلىنغان ئىككى ماقالىسىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلاندىم. بەلكىم ماقالىدا يۈزە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قىسىم سەلبىي دېتاللار مېنى ئۈمۈدسىزلەندۈرگەن بولسا كېرەك. يۇقىرىدىكى ئىنكاسلاردىن بىر قىسىم دىندار تورداشلىرىمىزمۇ شۇنداق تۇيغۇغا كەلگەندەك قىلىدۇ.
پەلسەپە دېگەن ئاتالغۇنى ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئالغىنىمىزدا ئەڭ ئەۋۋەل كۆز ئالدىمىزغا قەدىمكى يۇنان پەلسەپە دەۋرىنى كەلتۈرىمىز. ئاندىن رىملىقلار بىلەن ئەرەبلەرنى ياد ئېتىمىز.
پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، نەزىرىيىلەشتۈرىلگەن ۋە سېستىمىلاشتۇرۇلغان سۆز-ئىبارىلەر پەلسەپىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىمىكەن دەيمەن. پەلسەپە ئالەمنىڭ روھىي ۋە ماددى جەھەتتىكى باغلىنىشىنى، ھادىسىلەرنى ھەم قانۇنىيەتلەرنى يېشىپ بېرىدىغان ئۇنېۋېرسال پەن بولسىمۇ، پەيلاسوپلار ئاللاھ تەرەپىدىن روھىي ۋە ماددى ئالەمگە تەغدىر قىلىنغان تەرتىپ-قانۇنىيەتلەردىن ھالقىپ كېتەلمىدى. قەدىمكى يۇنان ۋە رىم مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزىدىن ئىزدەنسەكمۇ، پەلسەپە خاراكتىرى جەھەتتىن يەنىلا دەھرىيلىككە ئىگە بولغان ئىلىمدۇر. دەھرىي پەيلاسوپلارنىڭ دەھرىي پەلسەپىسى بىلەن ئىمانغا ئارلىشىپ، مۇسۇلمانلارغا رەھبەرلىك قىلىمەن دېيىش ئىسلامنى ئىسلاھ قىلىمەن دېگەنلىكقۇ؟ ھېچ بولمىغاندا مەن شۇنداق چۈشەندىم.
چوڭقۇر پەلسەپىۋىي تەپەككۈرگە ئىگە بولغان ئاپتورنىڭ ھالى بۇ بولسا، پەلسەپىدىن خەۋىرى يوقلارنىڭ ھالى نىم بولماق. بىر ئۆمۈر پەلسەپە ياقىلىغان ئاپتور ئەسلى پەلسەپە مېتودى بىلەنمۇ يەشكىلى بولىدىغان دىن بىلەن مىللەتنىڭ، دىن بىلەن ئەنئەنىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋېتىنى ۋە باغلىنىشىنى پەلسەپە قائىدىسى بويىچە ئومۇملاشتۇرۇپ يېشىپ بېرەلمىدى. ئۆز كەسپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان بىر ئادەمنىڭ دىندىن ئېغىز ئېچىشقا قانداقمۇ سالاھىيىتى توشسۇن؟ ئېتىقادى ھەققىدە ئويلانغان ئادەم قەلەندەردەك دادلاپ، خوتۇن كىشىدەك يامانلاپ يۈرمەي، ھەقىيقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا بولسىمۇ، پىكىر بايان قىلىشى كېرەك ئىدىغۇ.
يۇقىرىدا يامداق ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسىدا ئېيتىلغاندەك، داۋۇت ئوبۇلقاسىم ئەپەندىم ھەقىيقەتەن غەرىب بىلەن شەرىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا چېلىنىپ كەتكەندەك قىلىدۇ. ھازىرقى دەۋىر ئىسلامنىڭ گۈللىنىش دەۋرى، ئەسلىگە قايتىش دەۋرىدۇر. ماركىسىزىم-ئاتېزىم، ئىدىيالىزىملىق پەلسەپە، ماتىرىيالىزىملىق پەلسەپە ۋە مەرىپەت پەلسەپىسى بىلەن پەخىرلىنىپ ھاياجانغا چۆمىدىغان دەھرىي زىيالىيلار مودىدىن قالدى ئۇلارنى چوڭ بىلمەيمىز. ئۇلار بىر توپ قاغا-قۇزغۇنلاردۇر. ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا رەھبەرلىك قىلىش سالاھىيىتى يوق. ئۇلار باتىل ئەقىيدىدىكى ئازغۇن گۇمراھ قەۋىملەردۇر. [تەۋبە قىلىپ ئەمىلىنى تۈزەتكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر].
داۋۇت ئوبۇل قاسىم ئەپەندىم بىزگە 5-6 يىل كىتاب ئوقۇپ، ئاندىن ئۆزى بىلەن مۇنازىرىگە چۈشسە بولىدىغانلىقىنى تەۋسىيە قىلىپتۇ. ئەلۋەتتە، ئىلىم جەھەتتە سىز كۆپچىلىكىمىزدىن ئۈستىن تۇرۇسىز، بىزگە ئۇستاز بولغۇدەك ئادەمسىز. ئۆزىڭىزگە قانچىلىق تەمەننا قويماڭ، قانچىلىق دەرىجىدە كاتتىلىشىپ كەتمەڭ، باتىل ئەقىيدىڭىزدە ئەزۋەيلەيدىكەنسىز تاناۋىڭىزنى تاتىمىز، سىزدىن چوڭراقلىرى بولسىمۇ تاناۋىنى ژىپتەك تاتىمىز...
|
|