- تىزىملاتقان
- 2012-6-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5021
- نادىر
- 0
- يازما
- 322
ئۆسۈش
0.42%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tuprak01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-1 14:52
tatatunga يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 13:06
دۇنيادا 2 مىللەت ئەمەس ، 2000 دىن ئارتۇق مىللەت ۋە قەبىل ...
پاھ مىللەتنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلار ھەرقەسى زىيالىلار ئوخشىمامسىلەر ؟
بۇ گەپكە كۈلگۈم كېلىۋاتىدۇ!
مىللەتنى بۇزىدىغان،چىركىنلىككە،زەئىپلىككە باشلايدىغان بارلىق ئىشلار، ئاتالمىش مەدىنىيەتلىك كىشىلەردىن باشلىنىۋاتىدۇ.
سىلەر« مىللەتنى سۆيمىدى ،دىندىن پايدىلىنىپ مىللى ھېسياتنى يۇققا چىقاردى»دەپ تۆھمەت قىلىۋاتقان بىز دېھقانلار دەل مىللى كىملىكىىمىزنى قوغداپ قېلىۋاتىمىز ،مىللى ئۆرپ ئادەتلەرنى ،ياخشى ئەخلاقلارنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز.
مىللەتنى سۆيۈش دىگەن ئېغىزدا دەپ قويۇش بىلەن بولامدۇ؟
يا يىلدا بىرقېتىم دوپپا بايرىمىدا دوپپا كىيىپ قويۇش بىلەن بولامدۇ؟
بىزلەرنىڭ كەنتتە بىر ئادەم ۋاپات تاپسا بىر پۈتۈن كەنتتىكىلەر كېچىچە كىرپىك قاقماي تىك تۇرىمىز ،قوشنا- قولۇملار بىر بىرمىزنىڭ ئەھۋالىدىن قېرىنداشلاردەك خەۋەردار بولۇپ تۇرىمىز ،بىرسى ئۆي سالسا پۈتۈن جامائەت ياردەمگە كېلىدۇ.....
بۇنداق سانسىز ئېسىل ئەخلاقلارنى پەقەت چەت يېزىلاردىلا ،سىلەر «مىللەتنى سۆيمىدى،مىللەتنى ئىنكار قىلدى»دەپ تۆھمەت قىلىۋاتقان كىشىلەر توپىدىلا كۆرىسىلەر!
مەن نەچچە قېتىم دىدىم؛
دىندارلارنىڭ ئاغزىدىكى «دۇنيادا ئىككىلا مىللەت بار» دىگەن سۆز« مىللەت »سۆزىنىڭ شەرىئەتتىكى ئىشلىتىلىشىگە قارىتا دىيىلگەن بولىدۇ،يەنى دۇنيادا ئىككىلا يول بار ،ئىككى خىللا ئەقىدە بار .بىرسى مۇسۇلمانلار ئەقىدىسى ،يەنە بىرسى غەيرى مۇسۇلمانلىق ئەقىدىسى دىمەكچى.
ئىسلام دىنىمز ھېچيەردە سىلەر دەۋاتقان مىللەتنى ئىنكار قىلغىنى يوق!
ئەكسىچە دىنىمز مىللەتكە ،يۇرت-قەۋمگە ئالاھىدە ئېتبار بەرگەن .مەسىلەن ،دىنىمزدا بىر يۇرتنىڭ كەمبەغەللىرى تۈگىمەي تۇرۇپ باشقا يۇرتقا سەدىقە زاكاتنى يۆتكەشكە بولمايدۇ.
دىنىمىز قوشنىلارغا ،ئۆزىمىز بىلەن بىۋاستە ئارىلىشىدىغان ئۇرۇق-جەمەتلەرگە ،جۈملىدىن مىللىتىمىزگە ئالدى بىلەن ياخشىلىق قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
ھەتتاكى ھەريۇرتتىن قەۋم-مىللەتتىن كەم دىگەندە بىر ئادەم بىر ساھەدە باشقىلارنى يېتەكلەيدىغان دەرىجىدە ئالىم بولىشى پەرز كۇپايىدۇر.مەسىلەن؛ئۇيغۇرلاردىن تاھازىرغىچە فىزىكا،ئېلىكترون،يېنىك سانائەت ،ھەربى سانائەت،يىزا ئىگلىك پەن تېخنىكىسى قاتارلىق مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇدىيتىگە تەسىر ۆرسىتىغان پەنلەردىن ئالىم چىقمىغان بولسا پۈتۈن ئۇيغۇر ئاللاھ ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.
ئەگەر بار بولسا مۇشۇنداق پەنلەردىن ئەۋلادلارنى تەربىلەش شۇ ئالىملارنىڭ زىممىسىگە مەجبۇرىيەت بولۇپ يۈكلىنىدۇ.
ئەمما دىنىمىز ئاللاھنى مەنبە قىلغان ھەرخىل نۇقسانلاردىن،ئېرقى ئايرىمىچىلىقتىن ،تار مىللەتچىلىكتىن خالى ئىنسانپەرۋەر دىن بولغاچقا مۇسۇلمان بولسىلا ھەرقاندان مىللەتكە باراۋەر قارىغان.شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىنڭ جاھىلىيەتتىكى قىلىقلىرى بىلەن پەخىرلىنىشنى چوڭ گۇناھلاردىن سانىغان.چۈنكى كىشىنى جەننەتكە پەقەت(ئاللاھنىڭ رەھمىتى قوشۇلسا) ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلى ئېلىپ كىرىدۇ.ئاتا-بوۋىسى ياكى ئەگەشكەن ئۇلۇغ كىشىسى ئەمەس.
نىمىشقا زىيالى دىگەن گەپ چۈشەنمەيىدىغان كاچ بولىدىغاندۇ دەيمەن.
مۇشۇ تىما ئىگىسىنى قوللىغۇچىلاردىىن سوراپ باقاي؟
مىللەتنى بەك سۆيىدىكەنسىلەر ،چەتئەللەرگە ھازىرقى تۇرقۇڭلار بىلەن خوتۇن بالا-چاقىلىرىڭلىنى ئېلىپ چىقساڭلار كىم سىلەرنى ئۇيغۇر -مۇسۇلمان بولغىلى مىڭ يىلدىن ئاشقان ئۇيغۇر ئەۋلادى دەر؟!
مىللىتىمىز نەچچە يۈز يىلدىن بېرى ئازغۇن سوپىزىمنىڭ تەسىرىدە قېلىپ خاراپلاشقاندا كىم ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈردى؟
خەلقىمىزدە تا يېقىنقى بىر زامانغىچە ئوتلاپ قېقىش،سېغىزغاننىڭ سايرىشىدىن شۇم پال ئېلىش ،جىن ئالۋاستىلاردىن قورقۇش،داخانغا ئېشىنىش قاتارلىق شىرىككە ئېلىپ بارىدىغان ئېغىر خۇراپاتلىقلار بار ئىدى.
بۇنداق سانسىز خۇراپاتلىقلار خەلقىمىزنىڭ دىنىنى بوغقاننىڭ ئۈستىگە ئىشلەپچىقىرىش،دۇنياغا ھەسسە قوشۇش ئاكتىپلىقىغىمۇ كۈچلۈك ئەس تەسىر بەرگەن ئىدى.
قېنى قايسى «مىللەتپەرۋەر»زىيالى بۇ زىيانلىق ئۆسمىلەرنى خەلقىمىزدىن ئېلىپ تاشلىۋېتەلىدى!
ياق ....
بۇنى ياش دىنى ئالىملىرىمىز ھارماي دەۋەت قىلىش،ئاممىباب تىلدا ئەسەر يېزىش،تەرجىمە قلىش ئارقىلىق ھەل قىلۋاتىدۇ.
كۆپ قىسىم ئەدىب،زىيالىلىرىمىزنىڭ دىندىن خەۋېرى يوقنىڭ ئورنىدا .
ھەتتا بەزىسى دىنىمىزنىڭ ئەقەللى پىرىنسىپلىرىنمىۇ بىلمەيدۇ.
بۇنداق ئەھۋالدا مىڭ يىللىق ئىسلام ئىەنئەنىسگە ئىگە ئۇيغۇر خەلقىنى بۇنداقلار قانداقمۇ يېتەكلىيەلىسۇن...
مەلۇم بىر كېسەلگە دورا بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ مەنبەسىنى،كېسەللكى سەۋەبىنى بىلىش زورۈر.
خەلقىمىزنىڭ ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان مۇتلەق كۆپ قىسىم كېسەللىرىنىڭ مەنبەسى دىن!يەنى دىننىڭ ئېتىقادنىڭ ئاجىزلىشىشى،دىننى تولۇق،توغرا چۈشەنمەسلىك..
ئىشەنمەمسىز؟
ئەمىسە ئاڭلاڭ،ئويلاڭ..
قىز ئاياللىمىز يات مىللەتلەر بىلەن توي قىلىۋاتىدۇ،بۇ مەسىلە ئېغىر لاشقىلى تۇردى دىدۇق.
ئىسلام دىنمىز ھەرقانداق كىشىنىڭ باشقا دىندىكى كىشى بىلەن توي قلىشنى ھارام قىلغان.
بۇنداق ئىشنى قىلدى دىگەنلىك ئۇنداق ئايالنىڭ دىنى مەلۇماتىنىڭ ئەڭ ئەقەللى ئۆلچەمگىمۇ چۈشمەيدىغانلىقىنى ،ياكى بۇنى بىلگەن تەقدىردە ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ ئىنتايىن ئاجىزلىقىنى بىلدۈردۇ.
قىزئاياللىرىمىزدا ھايا -پەردىشەپ قالمىغىلى تۇردى ،بارغاسىرى يلدىن چىقىۋاتىدۇ دىدۇق..
ھالبۇكى دىنمىز شۇنداق دەيدۇ پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمى،ھايا ئىماننىڭ جۈملىسىدىن(يەنى ھايا ئىماننىڭ مۇھىم بىر بۆلىكى ).
ھازىر دىيارىمىزدىكى كىشىلەر ئارىسىدىمۇ نەپسانىيەتچىلىك ،پارىخۇرلۇق شۇنچىلىك ئەۋج ئالدىكى سىز ئۆزىڭىز قىلالمايدىغان ياكى تەستە قىلىدان ھەرقانداق ئىشقا پارا يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىسىز.
ئىسلام شەرىئىتىمىز پارا بېرىشنى قەتئى ھارام قىلغان .
(ئىزاھات؛دىنمىز ھارام دىگەن ھەرقانداق ئىشنى قىلغۇچى بۇ ئىشقا تەۋبە قىلماستىن ياكى ئاللاھ ئۇنىڭ شۇ گۇناھىنى كەچۈرمەستن ئۆلۈپ كەتسە دەۋزەخكە كىرىدۇ).
مىللىتىمىز قىز -يىگىتلىرى ھازىر ئاشكارا سورۇندا قول تۇتۇش ،قۇچاقلىشىش ھەتتا سۆيۈشۈش قاتارلىق ھارام قىلمىشلارنى قىلىدۇ.
بۇنىڭ سەۋەبى نەدە ؟
پەيغەمبېرىمىز سەلللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق مەزمۇندىكى ھەدىسى بىزگە بۇنى چۈشەندۈرۈپ بەرسە كېرەك؛
«سىلەرنىڭ بىرىڭلار ھەرقانداق بىر مۇنكەر (دىنىمىز چەكلىگەن ئىش)ئىشنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن تۈزەتسۇن،بۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە تىلى بىلەن (يەنى نەسىھەت قىلىپ)تۈزەتسۇن،بۇنىڭغىمۇ كۈچى يەتمىسە قەلبى بىلەن نارازى بولسۇن،شۇنىڭدىن كىيىن زەررىچىلىك ئىمان يوق(يەنى يامان ئىشلارنى «توغرا چۈشەنگەن»نارازى بولمىغان كىشىلەردە ئىمان يوق!)
دىمەك ،قىز يىگىتلىرىمىزنى بۇزغان بىز!
يۈز يىل بۇرۇن ھەرقانداق ئىسلام دىيارىدا بىر جۈپ قىز يىگىتنىڭ قۇچاقلىشىپ تۇرغان كۆرۈنىشىنى كۆرۈش مومكىن ئەمەس ئىدى،نىمىشقا ھازىر ئۆزىنى مۇسۇلمان ئاتىۋالۋان مىللەتلەردە بۇنداق ئىش ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ؟
......مىسال ئالساق كۆپ .
ئويلاپ باقساق، مىللىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم كېسەللەرنىڭ يىلتىزىنىڭ ئىمان ئېتىقادقا بېرىپ تاقىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز .
بۇنداق كېسەللەرنى قانداقمۇ نوقۇل پەلسەپە بىلەن ،قۇرۇق نەزىرىيە بىلەن داۋالاپ ساقايتقىلى بولىسۇن!
ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولىدىغان بولسا ئامرىكا ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ ھايالىق،ئەخلاقلىق ،ئېسىل كىشىلەر توپلاشقان دۆلەت بوپقالغان بولاتتى!
شۇڭا زىيالىلىرىمىزدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىم؛
دىنىمىزنى سەل پەل چۈشىنىپ بېقىپ ئاندىن دىن بارىسدا سۆزلىسەڭلەر .
ياكى ئۇنداق قىلالمىساڭلار گەپ سۆزىڭلارغا مۇسۇلمان،ئىمان، ئۇقۇمىنى ئارىلاشتۇرماي سۆزلىسەڭلار.
مىللىتىمىز كىشىلىرى-ئۆزى قىلمايدىغان ئىشنى سۆزلەيدىغان يەھۇدىيسىمان زىيالىلارغا ئەمەس .ئۆزى ئەمەلى ھەركىتى ئارقىلىق خەلقنى يېتەكلەيدىغان ئەدىب-زىيالىلارغا مۇھتاج!
|
|