- تىزىملاتقان
- 2011-2-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7481
- نادىر
- 2
- يازما
- 291
ئۆسۈش
49.62%
|
ماقالىنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم
چېچىنىيەدىكى بولغان ئەرمۇ مۇسۇلمانمۇ ۋەقەسىنى ئاپتور ئۆز نۇقتيى نەزىريىنى توغرا تاپقۇزۇش ئۈچۈن زورمۇ زور مىسالغا ئېلىپتۇ .بۇ مىسالدا پىكىر ترورچىلىقى روشەن .
بىر ئىسلامى مۇھىت قويۇق رايوندا بىر ياغلىقسىز ئايال زاتىنىڭ تۇيۇقسىز بىر مەسچىتكە ئۇسۇپ كىرىشى ھەقىقەتەن شۇ مەسچىتتىكى مۇسۇلمانلارنى بىئارام قىلىدۇ .لېكىن مەن ئىسلامدا چىڭ ئاشۇ چېچىنىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەن ئەر ئەمەس مۇسۇلمان دەپ سىرتقا چىقىپ روس بىلەن ئېلىشمىغىنىغىغا ئىشەنمەيمەن .ئايالنىڭ ياغلىقسىز مەسچىتكە ئۈسۈپ كىرىشى بىلەن ئاۋۇ مۇسۇلماننىڭ جاۋابىي ئوتتۇرسىدا بىۋاستە سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتى يوقتور .ئەگەر بۇ ۋەقە راس بولغان بولسا بىر ئىنتايىن قىسمەن ھادىسە بولىشى مۇمكىن .چۈنكى چېچىنييە مۇجاھىتلىرىنى ھەممىمىز بىلىمىز .روسلارغا قارشى كەيپىيات ئاشۇنداق قويۇق مۇھىتتا بىر مۇسۇلماننىڭ يوقىرقىدەك گەپ قىلىشى پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ .مانا مۇشۇنداق قىسمەن ھادىسىنى ئاپتور زورلاپ تولاپ تۇرۇپ يازمىنىڭ دەسلىپىگە كىرگۈزگەن .
مەن ئۆرۈپ ئادەتلەرنى ساقلاپ قېلىش تەرەپتارى .ئوچىغىنى ئېيتقاندا رايونىمىزكى زور كۆپچىلىك ئىسلام ئالىملىرى ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىش تەرەپتارى .لېكىن بىر مەسىلە بۇ ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا قاتتىق توسالغۇ بولىۋاتىدۇ .ئۇ نىمە دىگەندە ئالدى بىلەن زىيالىلار ۋە مەدەنىيەت سەرخىللىلىرى قاتلىمىدىكى ئىسلامغا سوسلۇق
ئاندىن ما ھاكىمىيەت بەرپا قىلغان سىياسى مۇھىت.زىيالىيلار ۋە مەدەنىيەت سەرخىللىرى ئۆرۈپ ئادەتلەرنى ساقلاپ قېلىشتا قەتئىي ھالدا ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزنى ئىسلاملاشتۇرۇشقا سەل قارايدۇ .مىسال ئالمىساقمۇ دىيارىمىزدا ئۆتكىزىلىۋاتقان پالىيەتلەرگە قاراپ باقايلى .نەزەرىيە جەھەتتە ھېچقانداق بىر كۈن ھارام ئەمەس .ھېچقانداق بىر بايرام ھارام ئەمەس .ئىسلامدا ئىككى ھېيىت بار شۇ بايرام دىگەننى مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى دىنى بايرىمى بار دەپ چۈشىنىمەن ھەرگىز مىللى بايرامنى بۇ كاتىگورىيە دائىرىسەدەپ دەپ چۈشەنمەيمەن .لېكىن مللى بايرام بولسىمۇ چوقۇم ئىسلامى ئەدەپ قائىدە ئىچىدە ئۆتكۈزۈلسە ئۇ ھالال بولىدۇ بولمىغاندا ھارام بولىدۇ .دىيارىمىزدىكى بايرام ئۆتكۈزۈش ئۆتكۈزمەسلىك تالاش تارتىشلىرى ئاساسلىقى ھازىر ئۆتكۈزىلىۋاتقان بايرام كۈنلىرىدە بۇزۇقچىلىقنىڭ ئېغىرلىشىشى ۋە پالىيەت كۈنلىرىدىكى ئىسلامغا زىت ناخشا ئۇسوللارنىڭ ئەدەپ كېتىشى ،نامازلارنى قازا قىلىپ تۇرۇپ پائالىيىەتلەرنى ئۆتكۈزىشى ۋاھاكازالار ..مانا بۇ ئىسلامى ئەدەپ قائىدىگە يات قىلىقلار بايرام كۈنلىرىمىزدە ئومومىي كەيپىياتقا ئايلاندى .قارايدىغان بولساق ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن مەدەنىيەتلىرىنى ئىسلامى تۈس بىلەن ساقلاپ قالغان ئەڭ ئەقىللىق مىللەت دىيىشكە بولىدۇ.بىز كىچىك ۋاقىتلاردا ئۆتكۈزۈلگەن بۇرۇز لار دۇئاسىز ،نامازسىز ئۆتكۈزۈلمەيتتى .نۇرۇز ئايلىرىدا خەتمە قۇرئان قىلىناتتى .تەنتەربىيە پالىيەتلىرى بولاتتى .ھازىر ئەھۋال تەتۇرسىچە ،شۇڭا بايرام ۋە ئۆرۈپ ئادەت مەسىلىسىە شۇ ئۆرۈپ ئادەتنى قانداق ساقلاپ قالاي ،ئىسلامى ھاياتىمغا قانداق كىرگۇزەي دىگەن مەسىلىدە چوڭقۇر ئويلانماق لازىمدور .بولۇپمۇ بۇنىڭدىن يۈزيىل ئىلگىرىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئۆرۈپ ئادەتلەرنى قانداق ساقلاپ قالغانلىقىنى ئۆرنەك ئېلىشقا تىرىشىپ بېقىش زۆرۈر.
داۋۇت ئوبۇلقاسىمغا شۇنداق مەسلىھەت بىرىمەن دىيارىمىزدىكى تەقۋادارلىققا ئىنتۈلگۈچىلەرنىڭ ھازىرقى پارنىك ئىچىدە گىنىنى ئۆزگەرتكەن ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزگە نارازىلىق ياكى ئىنكار بوزىتسىيىدە بولغانلىقىنى رادىكال ۋە مەسخىرە دەرىجىگە كۆتەرمەي بەلكى مەسىلىنىڭ ماھىتى نەدە شۇ توغرىسىدا ئويلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ھازىر بىز دەۋەت قىلىدىغان ۋاقتىمىز .ئىتىپاقلىشىدىغان ۋاقتىمىز .بىر بىرىمىزگە سىلى رەھىم ۋە نەزىر قىلىدىغان ۋاقتىمىز .دىنى ساھە ئەزەلدىن شەرىقنىڭ ۋە غەرىپنىڭ ئىدىلوگىسىگە ئۇچىرىغان زىيالىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىراپ كەلدى .زىيالىيلاردىكى دىنى ئىلىمنىڭ كامچىلىقى بار بولسىمۇ بۇ دىنى ئىلىمنى تار مىللەتچىلىك ئوچىقىنى ئېلىپ ئېيتقاندا يەھۇدىيچە مىللەت قارىشىنى توغرا تاپقۇزۇش ئۈچۈن خالىغانچە بۇرمىلاپ ئىشلەتكەنلىكى مىللەتكە بۆلۈنمىچىلىك ۋە خاراپلىق ئېلىپ كەلدى .ئاپتور يازمىسىدا ئىدىلوگىيەنىڭ قانچىلىك موھىملىقىنى دەپ ئۆتۈپتۇ .بىز چوقۇم ساغلام بولغان ئىدىلوگىيە گە تايىنىشىمىز كىرەك .دىيارىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدىلوگىيەسى توقسان پىرسەنتتىن ئارتۇق بىرلىككە كەلگەن .مانا بۇ ئاساسىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتىپ ،مۇشۇ ئاساستا بۈيۈك بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغىمىز لازىمدور .بۇنىڭدىن باشقا ئىدىلوگىيە بىزگە بۆلۈنۈش ۋە مايمۇن ئويىنى ئوينىتىش ئېلىپ كىلىدۇ .يا غەرىپنىڭ يا شەرىقنىڭ تىيورمىسىغا چۈشۈپ كىتىشىمىز مۇقەررەر .
|
|