- تىزىملاتقان
- 2012-11-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6586
- نادىر
- 0
- يازما
- 464
ئۆسۈش
31.72%
|
ئاجىزەگە دەيدىغىنىم يەنە شۇ:
كىشىلەر قۇرئان ۋە ھەدىستىن ئۈزۈندە ئىلىپ سۆزلەشنى دىندا كامالەتكە يەتكەنلىك دەپ بىلىدۇ!ھەرقانداق ئىشلىرىنى ھەدىستىن قۇرئاندىن پەتىۋا كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ!بەزى موللىلار تىخى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن ھەدىس ۋە قۇرئان ئۈزۈندىللىرىنى بۇرۇپ پەتىۋا پىچىدۇ!ئەلۋەتتە بۇنۇڭغا خەلىق ھىچقانداق ئىنكار پوزىتسىيەدە بولالمايدۇ!مانا بۇ بىزنى جاھالەتتە قويغان تەشۋىق يولى ۋە قورقۇش پىسخىكىسى!
كىشىلەر قۇرئان ۋە ھەدىسنى تەھلىل قىلىپ ھەركەتلىرىدىن پەتىۋا بىرىشكە ئالدىرشىدۇ لىكىن ئۇلار بىر نەرسەنى ئاللاھ ھەربىر ئىنسانغا بەرگەن ئەقىلك-ئىدراكتىن ئىبارەت بۈيۈك (قۇرئان)نى ئىنكار قىلىشىدۇ!
ئاللاھ بەرگەن مىڭىنى ئىشلىتىپ رىئال مەسىلىلەرگە رىئال پوزىتسىيە تۇتماي قانداقتۇر پەتىۋا بىلەن ئىشنى ئاقسىتىشقا ئۇرىنىدۇ!
قۇرئان كەرىم قانۇنىمىز!ئۇ بىزگە پەقەت يىتەكچىلا بولالايدۇ!بىزدە ھازىر قىزىشقا ئەڭ تىگىشلىك نەرسە ئاللاھ بەرگەن كاللا!مانا بۇ بىزنى ھەقىقى ئاللاھ يولىغا باشلىيالايدۇ! مىڭىدىن ئىبارەت مۆجىزىكار فۇنكىسسىيە ھەركەت ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرماي تۇرۇپ قۇرئان ۋە ھەدىستىن ئىبارەت ھەركەت قىبلىنامىسىغا ئەگىشىش مومكىن ئەمەس!
قۇرئان كەرىمدە(تەپەككۇر قىلغۇچىلار ئۈچۈن!ئالىم ئۆلىمالار ئۈچۈن بۇ سىر ئەمەس،قاراڭغۇ ئەمەس)دىگەندەك ئۈزۈندىلەر كۆپ ئۇچرايدۇ!بۇنىمىنى چۈشەندۇرىدۇ؟
بىزدىكى (ھەركەتچان قۇرئان كەرىم)مىڭىدىن ئىبارەت ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان ياخشى ياماننى ئايرىش،ھەق ناھەقنى ئىلغاش قۇرالى بىزدىكى ئەڭ ياخشى رىئال مەسىلىلەرگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشنى ئۈگىتىدىغان دىتال!
ئەگەر قۇدرەت ئىگىسى ئاللاھ بىزنى ھەق ناھەقنى ئايرىسۇن،رىئاللىققا قاراپ ئىش تۇتسۇن دەپ بۇ كاللىنى بەرمىگەن بولسا مىڭىمىزگە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەرنى قاچىلاپلا ياراتسا بولماسمىدى؟ئاللاھ بۇنۇڭغا قادىر ئەمەسمۇ؟ئەمىسە بىزگە نىمىشقا تەپەككۇر قىلىشتىن ئىبارەت قورال ھازىرلانغان مىڭىنى ئاتا قىلىدۇ؟
ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ھەربىر قۇدرىتىدە ئالەمچە ھىكمەت بار!
مىنىڭچە رىئال مەسىلىلەرگە رىئال پوزىتسىيە تۇتۇش دەل ئىسلامنىڭ تەشەببۇسى!قانداقتۇر رىئال دۇنيادا ھىسسى بىلىمگە تايىنىپ دوگما قاراشنى بازارغا سىلىش قۇرۇق سەپسەتە خالاس!
نورۇز ئۆتكۈزمەسلىك،سەللىنى دوپپىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش،ئىنسانىي بۇرۇچ ئادىمىي خىسلەتلەرنى دىننىي پەرىزلەرنىڭ ئارقىسىغا تىزىش دەل تور موللىلىرىنىڭ سەپسەتىسى!
تور موللىسى سەلبىي ئاتالغۇ!بۇ سەلبىي ئاتالغۇ دىننىي ئالىملارغا مۆمىن مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئەمەس!دەل ئەكسىچە دىننىي بۇرايدىغان،دىننىڭ يالتىراق نۇرىنى خۇنىكلەشتۇرىدىغان دىننىي چۈشەنمەي دىندىن ساۋات بىرىدىغان چالا موللىلارنىڭ خاس ئاتالغۇسى بولسا كىرەك!
ئىسلام ئىنسانغا پايدىلىق ئىشنى بۇيرىيدۇ،پايدىسىز ئىشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ!مانا بۇ ئىسلامنىڭ ئىلمىيلىكى!
ئىككى تال ھەدىس بىلەن ياتقا ئالغان ئەرەپچە قۇرئىنىڭىز ھىچنىمىنى ئىسپاتلاپ بىرەلمەيدۇ!ئىسلامنى تەتقىت قىلىش ئۈچۈن پەلسەپە،لوگىكا، ئىسلام مەدىنيىتى،ئىسلام نەزەريىسىنى تولۇق چۈشىنىش قۇرئاننى تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇش كىرەك!شۇڭا چالا تور موللاملار باشقىلارنى توغرا يولدىن چەتنەتتۇر ماڭلار! |
|