- تىزىملاتقان
- 2012-11-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6531
- نادىر
- 0
- يازما
- 457
ئۆسۈش
30.62%
|
دوپپا كىيەمدۇق،سەللىمۇ؟نورۇزنى ئۆتكۈزەمدۇق يوق؟ئىسلامدىن بۇرۇنقى تارىخلىرىمىز بىدئەتمۇ؟ناماز ئۆتەشتىكى بىرىنجى ھالقا ئىخلاسمۇ ياكى ئەرەپچە بىلىشمۇ؟قۇرئاننى چۈشۈنۈش مۇتلەق،شەرەتسىز،چوقۇم بولىشى كىرەكمۇ ياكى ئەرەپچە ئوقۇپ يۈرىۋىرەيلىمۇ؟....بىزگە تاقىشۋاتقان مەسىلىلەر نۇرغۇن!يىغىپ كەلسەك ھەممىسى بىلىش بىلەن ئىستىخىيلىك ھەركەتنىڭ،مىللەت بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتىگە بىرىپ تاقىشىدۇ!
بەزى دىندارلار بىر مەسىلىنى خاتا قىلىۋاتىدۇ!ئۇ ئەقىلچىلىكنى ئىسلامنىڭ روھىغا يات ھالدا ئىنكار قىلىپ ئەقىلگە،مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولمىغان نەرسىلەرنىمۇ ئىسلامغا چاپلاپ ئۇلۇغ دىنىمىزنىڭ ئىلمىي ئىدراك توننى يىرتىپ ئۇنى خۇنىكلەشتۇرۋاتىدۇ!
ئەڭ موھىم ھەقىقەت :ئاللاھ ۋە ئۇنۇڭ ياراتقان دىنى ئىنسانلارغا زىيانلىق ئىشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ!ياخشى ئىشنى چەكلىمەيدۇ!
21ئەسىرنىڭ ئۆتكۈر چىشلىق چاقلىرىدا ئۇيغۇر بوشاڭلىقى،ئۇيغۇر قالاقلىقى،ئۇيغۇر جاھالەتچىلىكى،ئۇيغۇر تەرىقەتچىلىكى ئۇندەك ئىزىلمەكتە!شۇنداق بولىشىغا قارىماي بەزى بىر ئۆلۈك قارىملار سەپسەتە ئويناتماقتا!
دىننىي مائارىپتا بەك كۆپ مەسىلە بار!ئەڭ موھىم مەسىلە بىز ئەڭ ئەقىللىق بالىللىرىمىزنى دىنغا بەرمەيمىز!دىننىي مائارىپمۇ ئەقىللىق بالىلارنى ئۈنۈملۈك تەربىيلەيدىغان مۇكەممەل ئوقۇتۇش مىتوتىغا ئىگە ئەمەس!(بۇ شارائىت بىلەن مۇناسىۋەتسىز)!بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەپ ھازىرقى يەرلىك قارىملار ئوقۇغۇچىللىرىغا قارغۇلارچە ئەرەپچە ياتلىتىشنىلا ئۈگۈتىدۇ!مۇكەممەل بولغان دىننىي نەزىريىنى،پەننىي بىلىملەرنى ئۈگەتمەيدۇ!ياخشى ئوقىغان دىندارلار يەرگە ئىگىلمەيدۇ!قۇرۇق ياتلاشنى بىلىدىغان قارىملارنىڭ سەۋيىسى بالا تەربىيلەشكە يەتمەيدۇ!
بۈگۈنكىدەك ھەممە نەرسە ئىچكى پارتىلاشقىلا يىغىنچاقلىنىپ قالغان دەۋىردە شارائىت دەپ قاخشاش ئارتۇقچە!
دىننىمىزنىڭ خەلىقنى ئۇيغۇتۇشتا تۇتقان ئورنى بەك يۈكسەك!شۇڭا دىننىي توغرا تونىماي مىللەتنى ئوڭشاش قانۇنىيەتكە خىلاپ!
بىزمۇ 16-ئەسىردىكى ياۋرۇپا دىنني ئىسلاھاتىغا ۋە مارتىن لۇتىردەك دىننىي ئىنقىلاپچىغا بەكمۇ ئىھتىياجلىق!(چەتئەل ئىسلاھاتىنى مىسال ئالسا كۆككە كۆتۇردى دەيدىغانلار يوق ئەمەس،رەھىم قىلىپ بوشاراق تىللاڭلار) |
|