- تىزىملاتقان
- 2012-11-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6701
- نادىر
- 0
- يازما
- 477
ئۆسۈش
34.02%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kukhelal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-19 19:37
ئىسلام ئۈممىتىنىڭ 73 پىرقىگە بۆلۈنۈپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدىكى
ھەدىس ئىشەنچىلىكمۇ؟
تۆۋەندە بىز ئۈممەتنىڭ پىرقىلەرگە بۆلىنىدىغانلىقى ۋە بىرلا پىرقىدىن باشقا بارلىق پىرقىلەرنىڭ دوزىخى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىس ۋە ئۇھەدىس ھەققىدىكى ئالىملارنىڭ باھالىرى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارنى بېرىپ ئۆتىمىز.
ھەدىسلەردە شۇنداق ئىيتىلىدۇ: « تَفَرَّقَتْ الْيَهُودُ عَلَى إِحْدَى وَسَبْعِينَ أَوْ اثْنَتَيْنِ وَسَبْعِين فِرْقَةً. وَالنَّصَارَى مِثْلَ ذَلِكَ. وَتَفْتَرِقُ أُمَّتِى عَلَى ثَلاثٍ وَسَبْعِينَ فِرْقَةً». «يەھۇدىلار 71 ياكى 72 پىرقىگە بۆلۈنگەن، خىرىستىئانلارمۇ ھەم شۇنداق، مېنىڭ ئۈممىتىم بولسا، 73 پىرقىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ» بۇ ھەدىسنى تىرمىزى، ئەبۇداۋۇد ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ تولۇق تەخرىجى تۆۋەندىكىدەك:
وهذا اللفظ أخرجه الترمذى (2640), أبوداود (4598), ابن ماجه (3991), كما أخرجه الكثير من أصحاب السنن والمستدركات, وأخرجوه جميعا من طريق واحدة لذات الراوى وهو «محمد بن عمرو بن علقمة».
بۇ ھەدىس يەنە بىر رىۋيەتتە مۇنداق كەلگەن:
«إِنَّ أَهْلَ الْكِتَابَ افْتَرَقُوا فِى دِينِهِمْ عَلَى اثِنْتَيْنِ وَسَبْعِينَ مِلَّةً وَإِنَّ هَذِهِ الْأُمَّةَ سَتَفْتَرِقُ عَلَى ثَلاثٍ وَسَبْعِينَ مِلَّة كُلُّهَا فِى النَّارِ إِلا وَاحِدَةً، وَهِيَ الْجَمَاعَةُ» «ئەھلى كىتابتىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ دىنىدا 72 پىرقىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن، شۈبھېسىزكى بۇ ئۈممەت 73 پىرقىگە بۆلۈنۈپ كىتىدۇ. بىرلا پىرقدىن باشقا بارلىق پىرقىلەر دەۋزەختە بولىدۇ. ئۇ بىرلا پىرقە بولسا، جامائەتتۇر.» بۇ رىۋايەتنى ئەبۇداۋۇد ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان.
هذا اللفظ أخرجه أبوداود (4599), وأحمد والطبرانى والدارمى والحاكم وغيرهم, وقد أخرجوه جميعا من طريق واحدة لذات الراوى «أزهر بن عبدالله الحرازى».
يەنە ھەدىسنىڭ باشقا ۋارىيانتىلىرىدا مۇنداق قوشۇمچىلار بار: «قيل يا رسول الله من هم؟ قال الجماعة"» «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! جەننىتى بولىدىغان ئۇ پىرقىلەر قايسىلار؟-دەپ سورىلىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ بولسىمۇ جامائەتتۇر» دېگەن.
يەنە بىر رىۋايەتتە يۇقارقىدەك سۇئال قويۇلغىنىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ومن هي يا رسول الله ؟ قال : ما أنا عليه وأصحابي "» «ئۇ بىرلا پىرقە بولسا، مەن ۋە ساھابىلىرىمنىڭ يولىدا ماڭغانلار» دەپ جاۋاب بەرگەن.
يۇقىرقىلاردىن باشقا قوشۇمچىلارمۇ بار بولۇپ، قوشۇمچىلار ئاساسەن يۇقىرقى ئىككى ۋارىيانتىكى مەزمۇنلار دائىرسىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ۋەكىللىك قىلىپ ئىككى ئاساسى ۋارىيانتىلىرىلا ئېلىندى.
ئەمدى بىز تۆۋەندە «دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى بىرلىكى» نىڭ رەئىسى، مۇھەققىق ئىماملىرىمىزدىن ئەللامە يۈسۈف ئەلقەرەداۋىينىڭ مۇشۇ ھەدىس توغرسىدىكى خۇلاسىسىسىنى بېرىپ ئۆتىمىز.
ئىمام ئەلقەرەداۋى ئۇشبۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەر توغرىسىدا ئۆز قارىشىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىدۇ:
ئىلاۋە:
ئون نەچچە يىلدىن بىرى مۇشۇ ھەدىس ھەققىدىكى قارىشىمىز توغرىسىدا كۆپلىگەن كىشلەر تەرپىدىن بىزگە سۇئاللار قويۇلۇپ كەلدى. بىز «يوللۇق ئىختىلاپ ۋە يولسىز تەپرىقچىلىق ئارىسىدىكى ئېسلام ئويغۇنۇشى» ناملىق ئەسىرىمىزدە «ئىختىلاپ فېقھىسى» ھەققىدە توختالغىنىمىزدا، بۇ ھەدىس ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. ھەمدە كىتابىمىزدە قىسقىچە شەكىلدە ئۇشبۇ ھەدىسنىڭ ئىلمى قىممىتىنى تىلغا ئالغان ۋە بۇ ھەدىسنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى ۋە مەنا قاراتمىلىقى قاتارلىقلارنى بىرمۇ بىر بايان قىلغان ئىدۇق. شۇنداقتىمۇ، سۇئال سورىغان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بۇھەقتە جاۋابقا ئېھتىياجلىق ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجى ۋە زۆرۈرىيەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، كىتابىمىزدا كەلتۈرگەن مەزمۇنلارغا ئاز-تولا پايدىلىق نۇقتىلارنى قوشۇمچە قىلغان ھالدا قايتا شۇ مەزمۇنلارنى تەكرار جاۋاب سۈپىتىدە بايان قىلىپ ئۆتىمىز:
ئۈممەتنىڭ 73 پىرقىگە بۆلۈنۈپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدىكى
ھەدىس توغرىسىدا
1- ئالدى بىلەن شۇنى ئېنىق بىلىشىمىز زۆرۈركى، بۇ ھەدىس ئاساسى تېمىسىنىڭ شۇ قەدەر موھىم بولىشىغا قارىماي بۇخارى ۋە مۇسلىمدىن ئىبارەت ئىككى سەھى كىتابنىڭ ھېچبىرىدە كەلمىگەن بولۇپ، بۇخىل ئەھۋال ھەدىسنىڭ ھەر ئىككى مۇھەددىس ئىماملىرىنىڭ نەزىرىدە سەھىھلىك شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن ھەدىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
شۇنىڭدەك بۇ ئىككى ئىمامنىڭ بارلىق سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى كىتابىغا كەلتۈرۈپ بولالمىغانلىقىدەك ئىتىرازلارغا ماقۇل كىلىنگەن تەقدىردىمۇ، بىراق بىز بۇ ئىككى ھەدىس ئىمامىنىڭ كىتابىغا قارايدىغان بولساق، ئىلىم ساھەلىرىدىن ھەرقانداق موھىم بىر تېما بولسىلا، شۇ تېما ھەققىدە ئەقەللى تەقدىردە بىر ھەدىس بولسىمۇ رىۋايەت قىلماي قالمىغانلىقىنى كۆرىمىز.
2- بەزى رىۋايەتلەردە «بىرلا پىرقىدىن باشقا بارلىق پىرقىلەرنىڭ ھەممىسى دوزاختا بولىدۇ» قىسمى تېلغا ئىلىنمىغان، پەقەت بۆلۈنۈش ۋە بۇ بۆلۈنۈشنىڭ سانىلا تىلغا ئېلىنىغان. يۇقۇرقى قوشۇمچە تېلغا ئىلىنمىغان شەكىلدە قىلىنغان رىۋايەت بولسا، ئەبۇ داۋۇد، ئىبن ماجە، ئىبن ھىببان ۋە ھاكىم قاتارلىق ھەدىس ئىماملىرى ئەبۇ ھۆرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس بولۇپ، ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «يەھۇدىلار 71 ياكى 72 پىرقىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن، خىرىستىئانلارمۇ ھەم 71 ياكى 72 پىرقىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن، مېنىڭ ئۈممەتلىرىم بولسا، 73 پىرقىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ.»
يۇقىرىقى رىۋايەتنى گەرچە ئىمام تىرمىزى ھەسەن ۋە سەھىھ ھەدىس دېگەن، ئىبن ھىببان ۋە ھاكىم قاتارلىقلار سەھىھ دەپ باھالىغان بولسىمۇ، ھەدىسنىڭ سەنىدى ئايلىنىپ كېلىپ يەنە مۇھەممەد ئىبن ئەمر ئىبن ئەلقەمەتىبنى ۋەققاس ئەللەيسىيغا بىرىپ توختايدۇ، ئىمام مەزىينىڭ «تەھزىبۇلكەمال» ۋە ئىمام ئىبن ھەجەرنىڭ «تەھزىبۇتتەھزىب» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ تەرجىمھالى توغرلۇق باھالارنى كۆرگەن كىشى شۇنى بىلىپ يىتىدۇكى، مۇھەممەد ئىبن ئەمر ئىسىملىك بۇ شەخس ھەققىدە بۇ كىشىنىڭ يادلاش قۇۋۋىتى جەھەتتىن كۆپلىگەن سەلبى باھالار بېرىلگەن ۋە بۇ كىشى ھېچكىمنىڭ «ئىشەنچىلىك» دەپ باھا بېرىشىغا نائىل بولالمىغان. بۇ كىشى ھەققىدە دىيىلگەن باھالارنىڭ تۈزۈكرەكى، بۇ كىشىنىڭ ئۆزىدىنمۇ رىۋايىتى ئاجىزراق كىشلەرگە نىسبەتەن رىۋايىتىنىڭ تەرجىھ قىلىنىدىغانلىقى بولغان. مانا شۇ سەۋەبتىن ھاپىز ئىبن ھەجەر «تەقرىبۇتتەھزىب» ئەسىرىدە بۇ كىشىگە قارىتا: «راستچىل، ئەمما خاتا ئويلىۋىلىشلىرى بار» دېگەن ۋە باشقا ئارتۇق باھالىمىغان. ھالبۇكى بۇخىل ئەھۋاللاردا ناۋادا رىۋايەت قىلغۇچىغا نىسبەتەن «راستچىل» دەپلا باھا بىرىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇشىنىڭمۇ جايىدا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىلمىگىنىدە ھەدىسنى سەھىھ دەپ باھالاشقا يېتەرلىك بولمايتتى، شۇنداق ئېكەن: «راستچىل، ئەمما خاتا ئويلىۋىلىشلىرى بار» دەپ باھالانغان بىر كىشىنىڭ ھەدىسىنى قانداقمۇ سەھىھ دېگىلى بولسۇن؟! مەلۇمكى، تىرمىزى، ئىبن ھىببان، ھاكىم قاتارلىق مۇھەددىسلەر، ھەدىسلەرنى سەھىھ دەپ بېكىتىشكە كەڭ يول تۇتقانلاردىن ئىدى. ھاكىم بولسا، سەھىھلەشتۈرۈشتە يىنىكلىك قىلغۇچى دېگەن سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەنگەن.
ھاكىم ئۆز رىۋايىتىدە ئۇ ھەدىسنى: «مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن، مۇھەممەد ئىبن ئەمرنى ئىمام مۇسلىم ھۆججەت دەپ قارىغان»- دەپ سەھىھلەر قاتارىغا كىرگۈزىۋەتكەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئىمام زەھەبى ئىبن ئەمرنىڭ يالغۇز ئۆزىنى ھۆججەت قىلىشقا يارىمايدىغانىلىقى، بەلكى مۇھەممەد ئىبن ئەمرنى باشقىلارغا قوشۇش ئارقىلىق كۆچلەندۈرگىلى بولسا ئاندىن ھۆججەت قىلىنىدىغانلىقى بىلەن رەددىيە بەرگەن.
شۇنىڭدەك ھەدىستىكى ئاشۇ قوشۇمچا كەلگەن رىۋايەت: ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر، مۇئاۋىيە، ئەۋف ئىبن مالىك ۋە ئەنەس قاتارلىق ساھابىلەردىن بىر قانچە يوللار بىلەن رىۋايەت قىلىنغان بولسىمۇ، ھەممىسى زەئىپ ئىسناد بىلەن كەلگەن. سەھىھ دېگۈچىلەر بولسا، ئاشۇ رىۋايەتلەرنى بىر بىرىگە جەملەش ئارقىلىق كۈچەيتىپ سەھىھلەشتۈرگەن.
مېنىڭ (قەرەداۋى) قارىشىمدا: رىۋايەت يوللىرىنىڭ كۈپلۈكى ئىتىبارى بىلەن ھەدىسنىڭ ئاجىز قىسمىنى كۈچلەندۈرۈش مۇتلەق ھەممىگە قوللانغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ بۇ دەسلەپكى ھەدىس ئىماملىرىنىڭ قارىشىدا شۇنداق ئىدى.
كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەك «تەخرىج» «ئىلەل» كىتابلىرى ۋە باشقا كىتابلاردا كۆپ خىل يوللار بىلەن رىۋايەت قىلىنغان قانچىلىغان ھەدىسلەر تۇرۇپتۇ. ھالبۇكى ئۇلار ( جەملەش ئۇسۇلى ئارقىلىق يۇقىرىقىدەك رىۋايەتلەرنى سەھىھ دەپ باھالىغۇچىلار) بولسا، ئاشۇ كىتابلاردىكى كۆپ يوللار بىلەن رىۋايەت قىلىنغان نۇرغۇن ھەدىسلەرنى زەئىپ دەپ باھالاشقان ئىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇ ھەدىسلەر بولسا-ناۋاداسەنەد جەھەتتە سەھىھ رىۋايەتلەرگە زىت بولمىغان، مەنا جەھەتتە ھېچقانداك ئىشكەل كەلتۈرمەيدىغان ھالەتتە بولسا- قوبۇل قىلىنىدىغان ھەدىسلەر جۈملىسىدىن ئىدى. . .
يۇقىرىقى ھەدىستە بولسا، مەنا جەھەتتىن ئىسلام ئۈممىتىنىڭ يەھۇدى ۋە خىرىستىئانلاردىنمۇ كۆپرەك بۆلۈنۈپ كېتىدىغانلىقى بىلەن ھۆكۈم قىلىپ بولۇپ، ئارقىدىن بۈلۈنگەن پىرقىلەر (ئىسلام ئۈممىتى دائىرسىدە تۇرۇغلۇقۇم) ھەممىسىنىڭ بىر پۈتۈن ھالاك بولۇپ كېتىدىغانلىقى، پەقەت بىرلا پىرقىدىن باشقا ھەممە پىرقىنىڭ دەۋزەختە بولىدىغانلىقى ھۆكۈم قىلىنغان، بۇخىل ھۆكۈمدىنمۇ ئۆتەراق كاشىلا بولمىسا كېرەك.
بۇ ھەدىس مەنا جەھەتتىن يەنە، ھەر بىر پىرقە ئۆزىنىلا ئامان قالغۇچى پىرقە دەپ قارىۋىلىپ، ئۆزىدىن باشقا پىرقىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك بولغۇچى پىرقىلەر دەپ دەۋا قىلىشتەك بىر يوچۇقنى ئېچىپ بىرىدۇ. ھالبۇكى بۇنداق دەۋالارنىڭ ھەممىسى ئۈممەتنى پارچىلاش ۋە بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۈممەتنى پۈتۈنلەي زەئىپلىككە يۈز تۇتقۇزۇش، ئۈممەتكە قارشى دۈشمەنلەرنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئۈممەتنى ئۇلارنىڭ ئالدام-خالتىسىغا چۈشۈرۈشكە تەرغىبتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
يۇقارقى سەۋەپلەر تۈپەيلى ئەللامە ئىبنۇلۋەزىير ھەدىسنىڭ مەزمۇنى ئۈممەتنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ئازغۇنغا چىقىرىشىنى كەلتۈرۈپلا چىقارماستىن بەلكى، ئۈممەتنىڭ بىر-بىرىنى ئورۇنسىز كاپىرغا چىقىرشىغا ئىلىپ بارىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ھەدىسنىڭ ئۆزىگە ئومۇمىيۈزلۈك بىر تەنقىد بەرگەن بولسا، ئاخىردا كەلگەن قوشۇمچىلىرغا ئايرىم بىر تەنقىد بەرگەن ئىدى.
ئەللامە ئىبنۇلۋەزىر «ئەلئەۋاسىم ۋەلقەۋاسىم» ناملىق كىتابىدا ئىسلام ئۈممىتنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە ئۈممەتنىڭ بىر-بىرىنى ئورۇنسىز كاپىرغا چېقىرىشتەك ئەھۋاللارغا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكى قاتارلىقلار ھەققىدە سۆز يۈرۈتۈپ بولۇپ شۇنداق ئىيتىدۇ: « سەن ھەدىسنىڭ: «بىرلا پىرقىدىن باشقىسى ھالاك بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن قىسمىغان ئالدىنىپ قالما! چۈنكى ئۇ قۇشۇمچىسى باتىل. ئۇمۇم شەرئى قائىدىگە ئۇيغۇن ئەمەستۇر. ھەدىستىكى بۇ قوشۇمچىنىڭ دېنسىزلارنىڭ كىرگۈزۈپ قويغان بولىشىدىن ئەمىن بولغىلى بولمايدۇ.»
ئۇ يەنە شۇنداق ئىيتىدۇ: «ئىبن ھەزىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ھەدىسنىڭ ئاخىرىدىك قوشۇچىسى توقۇلما، ھەمدە سەنىدىنىڭ ساھابىغىمۇ، پەيغەمبەرگىمۇ يىتىپ بارىدىغانلىقىدا ئىشەنچىلىك پاكىت يوق. يەنە شۇنىڭدەك قەدەرىيلەر، مۇرجىئەلەر ۋە ئەشئەرىيلەرنى ئەيىپلەپ كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىمۇ ئوخشاش ئىشەنچىسىز. چۈنكى ئۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى كۈچى يوق، ئاجىز ھەدىسلەردۇر.»
3- قەدىمكى ئالىملار ۋە ياكى زامانىمىز ئالىملىرى بولسۇن ئۇلار ئارىسىدىن ھەدىسنى سەنەد نۇقتىسىدىن رەت قىلىپ كەلگەنلەر بار. تېخى ئۇلاردىن ھەدىسنىڭ تېكىستى ۋە مەنا نۇقتىسىدىنمۇ رەت قىلغانلارمۇ بولغان.
مىسال قىلساق، ئىمام ئەبۇ مۇھەممەد ئىبن ھەزىم ئەقىدىۋى مەسىللەردىكى ئىختىلاپلىشىشلار سەۋەپلىك تۈرۈلۈك دەلىللەرنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق باشقىلارنى كاپىرغا چىقىرىدىغانلارغا رەددىيە بەرگەن بولۇپ، ئۇ زات باشقىلارنى كاپىرغا چىقارغۇچىلارنىڭ پەيغەمبەرگە نىسبەت قىلىپ تۇرۇپ دەلىل كەلتۈرۋالىدىغان تۆۋەندىكى ئىككى ھەدىسىنى، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق دەلىللىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇ ئىككى ھەدىس بولسا تۆۋەندىكىلەر ئىدى:
1- «قەدەرىيلەر ۋە مۇرجىئەلەر بۇ ئۈممەتنىڭ مەجۇسىلىرىدۇر»
2- «بۇ ئۈممەت يەتمىش نەچچە پىرقىگە بۆلۈنىدۇ، بىرلا پىرقىدىن باشقا بارلىق پىرقىلەر دوزاختا بولىدۇ. ئاشۇ بىرىلا جەننەتىدۇر»
ئىمام ئىبن ھەزىم مۇنداق دەيدۇ: «مانا بۇ ئىككى ھەدىس ئىسناد جەھەتتىن قەتئى سەھىھ بولمىغان ھەدىسلەردۇر. دېمەك مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان سەھىھ ئەمەس ھەدىسلەر «خەبەرۇلۋاھىد» (يەنى ئۆزى سەھىھ بولسىمۇ ئەمما مۇتەۋاتىر دەرىجىسىگە يەتمىگەن ) ھەدىسلىرىنى ئەقىدە مەسىللىرىدە ھۆججەت دەپ قارايدىغانلارنىڭ نەزىرىدە پاكىت قىلىشقا يارىمايدىغان تۇرسا، قانداقمۇ يۇقىرىقى قاراش بويىچە دىمەيدىغانلارنىڭ نەزىرىدە پاكىت قىلىشقا يارىسۇن؟!»
يەنە يەمەنلىك مۇجتەھىد ئىمام، ئەقلى ۋە نەقلى ئىلىملەرنى تەڭ بېلگەن سۈننەتكە ياردەم بەرگۈچى مۇھەممەد ئىبن ئىبراھىم ئەلۋەزىر (840-ت) ئۆزىنىڭ «ئەلئاۋاسىم ۋەلقەۋاسىم» ناملىق ئەسىرىدە مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرىنى بايان قىلىۋىتىپ نۆۋەت 8- ھەدىسكە، يەنى ئۈممەتنىڭ يەتمىش نەچچە پىرقىگە بۆلۈنۈپ، بىرلا پىرقىدىن باشقىلىرنىڭ ھەممىسىنىڭ دوزىخى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسىگە كەلگەندە، ئۇ ھەدىس توغرىسىدا شۇنداق ئىيتىدۇ: «ھەدىسنىڭ سەنىدىدىكى كىشى ئەھلى بەيتكە قارشى ئاداۋەت تۇتقۇچى خاۋىجلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق سەھىھ رىۋايەت كەلگەن ئەمەس، بۇ ھەدىسنىڭ ئۆز ئەينىنى ئىمام تىرمىزى ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبنىلئاستىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئىمام تىرمىزى: «بۇ بىر غەرىب ھەدىس»-دېگەن. ۋە بۇ ھەدىسنى يەنە ئىمان كىتابىدا ئەفرىقى ئىسىملىك كىشىدىن كەلگەن يول بىلەنمۇ رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ تولۇق ئىسمى ئابدۇراھمان ئىبن زىياد ئىدى.»
يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ ئوخشىشىنى يەنە ئىبن ماجە ئەۋف ئىبن مالىك ۋە ئەنەس قاتارلىق ساھابىلەردىن رىۋايەت قىلغان.
ئىبنۇلۋەزىير يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ رىۋايەتلەردىن ھېچبىرى سەھىھلىك شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، شۇڭا بۇ رىۋايەتلەرنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىملار كىتابلىرىدا رىۋايەت قىلمىغان ئىدى. ئىمام تىرمىزى يۇقىرىقى رىۋايەتلەر ئىچىدىن ئەبۇ ھۆرەيرەنىڭ مۇھەممەد ئىبن ئەمر ئىبن ئەلقەمەدىن كەلگەن يول بىلەن قىلىنغان رىۋايەتنى سەھىھ دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ رىۋايەتتە «بىرلا پىرقىدىن باشقا بارلىق پىرقىلەرنىڭ ھەممىسى دوزاختا بولىدۇ» دېگەن قوشۇمچە تىلغا ئېلىنمىغان. ئىبن ھەزىم دىن كەلگەن رىۋايەتتە بولسا، ھەدىستىكى ئۇ قوشۇمچىنىڭ توقۇلما رىۋايەت ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنى «بەدرۇلمۇنىر» كىتابىنىڭ مۇئەللىپى كىتابىدا كەلتۈرگەن ئىدى.»
ھاپىز ئىبن كەسىر ئەنئام سۈرىسىدىكى ئاللاھ تائالانىڭ «ياكى سىلەرنى پىرقىلەر قىلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ (يەنى ئۇرۇشقا سېلىپ) بېرىڭلارغا بېرىڭلارنىڭ ئازابىنى تېتىتىشقا قادىردۇر» دېگەن ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە: «ھەقىقەتەن تۈرلۈك رىۋايەت يوللىرى ئارقىلىق رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ ئۈممەت يەتمىش نەچچە پىرقىگە بۆلۈنۈدۇ، ھەممىسى دوزاختا بولۇپ، بىر پىرقىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا» دېگەن- دەپلا كۇپايىلەنگەن. ۋە ھېچقانداق ئارتۇقچە سۆز قىلمىغان بولۇپ، ئايەتنىڭ تەپىسىرىدە نۇرغۇنلىغان ھەدىس ۋە ئايەتكە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ئۇزۇندىن ئۇزۇن تىلغا ئالغان بولىشىغا قارىماي، كەلتۈرگەن بۇ ھەدىسنى ھەسەن ۋەياكى سەھىھ دەپ تەرىپلىمەيلا ئۆتۈپ كەتكەن.
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن بۇ ھەدىسنى گەرچە ھاپىز ئىبن ھەجەرگە ئوخشاش بەزى ئالىملار ھەسەن دەرىجىلىك ھەدىس دەپ قارىغان، ۋەياكى شەيخۇلئىسلام ئىبن تەيمىيگە ئوخشاش ئالىملار رىۋايەت يوللىرىنى جەملەش ئارقىلىق سەھىھ دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، بۇلار ھەدىستە كەلگەن بۆلۈنۈشنىڭ ئاشۇ خىل سۈرەت ۋە ئاشۇ خىل سان ئاساسىدا يۈز بىرىشىنىڭ تاكى قىيامەتكە قەدەر ئەبەدى داۋاملىشىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بەرمەيدۇ. پىرقىلەرگە بۆلۈنۈش يۈز بىرىدۇ دېگەن تەقدىردىمۇ، ھەدىسنىڭ راس ئېكەنلىكىنى تەستىقلاش يۈزسىدىن بۇخىل بۆلۈنۈشنىڭ ۋاقىتلارنىڭ مەلۈم بىرىدە يۈز بىرىپ قويىشى يىتەرلىكتۇر.
بۇنداق بولغاندا بۇ پىرقىلەردىن بىر قىسىملىرى مەيدانغا كېلىدۇ-دە، كىين ھەقىقەت گۇمراھلىق ئۈستىدىن غالىب كىلىپ پىرقىلەر زاۋاللىققا يۈز تۈتىدۇر ۋە مەڭگۈ كەلمەسكە يوقايدۇ.
ئەمەلەىيەتتىمۇ بۇخىل ئەھۋاللار ئازغۇن پىرقىلەردىن كۆپلىرىدە ئەمەلىي يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇلاردىن بىر قىسمى ھالاك بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار قايتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش پۈرسىتىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن.
يەنە كېلىپ بۇ ھەدىس بارلىق پىرقىلەرنىڭ مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدىۇ. يەنى دېمەكچىمەنكى ھەدىستىكى «أُمَّتِى» يەنى «مېنىڭ ئۈممىتىم» سۆزىدىن كەلگەن مەنىگە ئاساسەن، بۇ پىرقىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ پەيغەمبەرگە ئىمان ئىيتىپ ئاڭا ئۈممەت سانالغان كىشلەر قاتارىدىن ئىكەنلىكلىرىنى ئۇقتۇرۇپ بىرىدۇ. بۇنداق بولىشى، ئۇ پىرقىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ «بىدئەتچى پىرقىلەر» بولىشىغا قارىماي دېندىن چىقىپ كەتمەيدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ تېنىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولىدىغانلىقلىرىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ھەدىستىكى «ھەممىسى دوۋازختا بولىدۇ» دېگەنلىكى بولسا، ئۇ پىرقىلەرنىڭ خۇددى كاپىرلارغا ئوخشاش ئەبەدى جەھەننەمدە قالمايدىغانلىقىنى بەلكى ئاللاھقا ئىمانى ئىيتىپ تۇرۇپ، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ جازالانغىنىدەك مەلۇم مۇددەت جازالىنىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
بەلكىم تېخى ئۇلار پەيغەمبەرلەر، پەرىشتىلەر ياكى مۇئمىنلەردىن مەلۇم كىشلەرنىڭ شاپائەت قىلىشى بىلەن شاپائەتكە ئېرىشىپ دەۋزەختىن ئامان قېلىشى، ھەمدە يامان ئەمەللەرنى ئۈچۈرۈپ تاشلىغۇچى ياخشى ئەمەللىرى ۋەياكى گۇناھلارغا كاپارەت بولغۇچى ھەرخىل مۇسىبەت ۋە سىناقلار سەۋەبلىك ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازاب ئەمەلدىن قىلىشىمۇ مۇمكىن.
بەلكىم ئاللاھ ئۆز مەرھەمىتى ۋە سېخىلىقى بىلەن ئۇلارنى ئەپۇ قىلىۋىتىشىمۇ مۇمكىن. بولۇپمۇ ئۇلار بىدئەتچى بولىشىغا قارىماي، ھەقنى ئىزدەشتە ئۆز تېرىشچانلىقلىرىنى سەرىپ قىلغان، ئەمما ئۇلار توغرا يولغا مۇۋەپپەق بولماي خاتا يولغا كىرىپ كىتىپ قالغان بولسا تېخىمۇ شۇنداق. چۈنكى ئاللاھ تائالا خاتالىق، ئۇنتۇپ قىلىش ۋە مەجبۇرلىنىش سەۋەبلىك ئۆتكۈزگەن قىلمىشلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى بۇ ئۈممەتتىن كۆتۈرۋەتكەندۇر
يازما مىسرانىمدىن كۆچۈرۇلدى رۇىسەتسىزلا......مىسرانىمدىكى تىما ئىگىسى خىسلەت |
|