- تىزىملاتقان
- 2013-2-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 423
- نادىر
- 0
- يازما
- 11
ئۆسۈش
61.5%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ياخشىمۇسىزلەر،مىنىڭ بىر نەۋرە سىڭلىممۇ مۇشۇنداقراق كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغىلى 15يىلدىن ئاشتى.ئانىسى يوق . دادىسى قېرى ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلىكى يوق .كىچىكىدە باشقىلارغا باققىلى بىرىۋەتكەن.باققان ئاتا-ئاننىسىمۇ ياشىنىپ قالغان باققان دادىسى 80ياش ئانىسى 70ياشلاردا بار دىخان.بۇ بىچا رىنڭ بىر قېتىم تۇيىنى قىلىغان بولسىمۇ بىر مەزگىلدىن كىيىن ئەر تەرەپ كىسەل كۇرۇپ ئەكەپ قويغان. شۇنىڭدىن بۇيان ھازىرغىچىلىك شۇ نىجىس كىسەلنىڭ ئازاۋىنى تارتىۋاتىدۇ.ھازىر 26ياش .ئايدا بىر ئىككى قېتىم كىسىلى تۇتۇۋالىدۇ.ئاتا-ئانىسى ئەنسىرەپ يالغۇز قۇيالمايدۇ. بىر قېتىم تاماق ئىتىش داۋامىدا ئۇچاققا چۇشۇپ كىتىپ يۈزىنىڭ كۆپ قىسمى بىر كۈزى، قوللىرىنىڭ بارماقلىرى ئاساسەن كۇيۈپ كەتكەن بۇلۇپ ، ھېچقانداق جىسمانى ئەمگەك قىلالمايدۇ.مېيىپلىق كىنىشكىسى بار تۈۋەن تۇرمۇش پۇلى(دىباۋ) ئالىدۇ.ھازىرقى ئەھۋالدا ئىقتىسادى جەھەتتە باش بۇلۇپ بىرەر يەرگە ئاپىرىپ داۋالىتىدىغان ئادەمنىڭ يوقلىقىدىن كۈننى غەم -قايغۇ ئىچىدە ئۇھسىنىپ ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. يۈزىنىڭ كۆپ قىسمى كۈيۇپ كەتكەچكە باشقىلاردىن ئۈزىنى قاچۇرۇپ ئادەم بار يەرگە بارمايدۇ.ساق ۋاقىتلاردا ئۈزىنىڭ ئىبادىتى بىلەن مەشغۇل بۇلىۋاتىدۇ. باشقىلاردىن ئاڭلىىغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا مېيىپلىق كىنىشكىسى بار بولسا ھەقسىز داۋالايدۇ دەيدۇ.راستمۇ - يالغان ھېچ بىلمىدىم مۇشۇ جەھەتتە بىر يارىدەم قۇلۇڭلارنى سۇنۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەمدە بايام بىر قىسىم يولداشلار يازغان، ئىچكىردىكى خەنزۇ دۇختۇرنىڭ مۇشۇ نداق كىسەللەرنى داۋالاپ شىپا تاپقانلىق توغرىسىدىكى ئىنكاسلارنى كۈرۇپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم شۇڭا مۇشۇ جەھەتتە دۇختۇرنىڭ ئادرىسى ،داۋالىنىش جەھەتتكى ئىقتىسادى چىىقىم...... .. قاتارلىقلارھەققىدە چۈشەنچە بىرىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈدقىلىمەن .بىرىنجىدىن ئاللا ئىككىنجىدىن ھەر قايسىڭىزلارنىڭ يول كۆرسىتىشى ۋە يارىدەم بىرىشى بىلەن بۇ سىڭلىمىزنىڭ كىسىلى شىپا تېپىپ شۇ نىجىس كىسەلدىن قۇتۇلسا ئاللا كاتتا ئەجىرلەرنى بەرگەي . |
|