قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1823|ئىنكاس: 45

بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلىنى داۋالاش توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

23

تېما

19

دوست

5145

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 112
تۆھپە : 1680
توردىكى ۋاقتى: 592
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 11:26:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-15 03:30  

سالام تورداشلار،
بۇ يازمىنى توردىشىمىز ummet نىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ئەسلى ئنكاس شەكلىدە يوللىماقچى ئىدىم، لىكىن ھەجىمى ۋە مەزمۇنى كۆپ بولغاچقا، شۇڭا بىر تىما شەكلىدە يوللىدىم. تورداشلارنىڭ چۈشىنىشىگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئۇنىڭ توردىشىمىز ummet نىڭ ئەسلى سۇئالىنى بۇ يەرگە "ئامرىكىلىقلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ساغلاملىق قارىشىدىكى پەرقلەر" دىگەن تىمىدىن كۆچۈرۈپ كەلدىم. ئاخىرىدا ئۆزەمنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىمنى تورداشلارغا سۇندۇم.

ummet:
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! ھۇرمەتلىك باغداش مۇنبىردىكى قىرىنداشلار ، ھەممىڭلارنىڭ تىنىڭلارنىىڭ ساق-سالامەت،ئىشڭلارنىڭ كۈڭۈلدىكدەك بولىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھ دىن  تىلەيمەن .....! شۇنداقلادىيارىمىزدىكى سىلەردىن ھەم يۇقىردىكى چەتئەلدەجاپالىق ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان مىدىستىىنا پىنىدە تەتقىىقات ۋە ئوقۇشتا بولىۋاتقان قىرىنداشلىرىمدىن پەرزەنتىم يەنى ئوغلۇمنىڭ ساغلاملىقى ھەققىدە مەسلىھەت سورماقچىدىم...........ئۇنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى :بالا ئاساسى جەھەتتىن ساغلام تۇغۇلغان ،[ دىمەك جىمغۇرراق  تۈززۈكرەك  يىغلىمىغان .] تۇغۇلۇپ ئككى ،ئۈچ، ئايلاردىن كىيىن بالىنىڭ كۈزى تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۈستى تەرەپكە قارىۋالدىغان بولۋالدى،بىز ئەينى ۋاقىتتا  بۇنىڭغا ئانچە كۈڭۇلشۈمەپتۇق،ئۇ 6 ئاي 7 ئاي لىق بولغاندا ئنىق بىرنەرسېدىن قورققاندەك كۆزى چەكچىپ ،مۇسكۇللىرى تارتىشقاندەك بولۇپ .....ھەپتەدە بىر ، ئونبەش كۇندە بىر ياكى ئايدا بىر تۇتۇشقا باشلىدى، باشتا كونىلق..قىلدۇق.....شۇ جەرياندا بىر يىل ئۆتتى  باغانسىرى بالىدا ئانچە بەك ياخشىلىنىش بولمىدى،ئاخىر 2009 يىل ئۇرۇمچى باللار دوختۇرخانىسىغا ئاپاردىم ، ئۇلارمۇ ھەرخىل تەكشۇرۈش ئلىپ باردى،مىڭە،يۈرەك ،چوڭ-كىچىك قان دىگەندەك ،لىكىن ھىچقانداق كىسەللىك تاپالمىدى.....شۇ تۇتقاقلىق مىكىن دىگەندەك يەكۈن چىقىرىپ ،دىباجىن دىگەن دورىنىڭ سۇيۇقلۇقىنى بەرگەن ،ئۇسۇيۇقلۇقنى 24 سائەتتە بىر بىرىپ،بالىنىڭ ئەخۋالغا قاراپ ئازلىتىپ بەرسىلەر دەپ ،لىكىن بۇدورا جىگەر،ئۆت،بۆرەككە تەسېر قىلدۇ شۇڭا قول  قويۇپ ئالغان،ئۇدورىنڭمۇ پايدىسې بولمېدى .........گىپىمنى قىسقارتاي .ئاخىر بىرسېدىن خوتەندە بۇخىل تۇتقاقلىق كىسەلگە دورا باكەن دەپ ئاڭلاپ بالىنى ئاپارغان،ئۇخوتەندىكى جۇڭيىچە شەخسى دوختۇر خانكەن ،ئۇلارمۇ بىر خىل [بىنبا بەيتاۋ ] دىگەن تابلىتكا دورا بەردى ،ئۇنىڭ ئۈنىمى نىرۋىنى تىچلادۇرۇش ، ئاساسلىق ئۇخلۇتۇش خۇسۇسىيتى باكەن،كۈندە بىرۋاق، يەيدۇ  ،ئۇخلايدۇ،  كىسلى تۇتمايدۇبىر يىل بەردۇق، لىكىن ئۇ دورىمۇ بارغانچە ئانچە رولى  بولمىغاندەك بولدى ،ھەم زىيان قىلدۇ بۆرەككە دەپ ئاڭلاپ ،ئۇنىمۇ توختاتتۇق. ۋەھلىقى دىباجىن  دىگەن دورىنىڭ سۇيۇقلۇقىنى ئەمەس تاپلىىتىنى بىرۋاتىمىز 2 يىلچە بوپ قالدى ئاساس تۇتقاقلىق تۇتمىدى،پەقەت زۇكامداپ ،يۆتلۈپ قالمىسلا، ئاخىردا دەيدىغىنىم مۇشۇ دورىلار زىيان قىلدىمۇ ياكى قانداق ،ئوغلۇم ھازىر 5 كە كىردى ،تىلى تولۇق چىقمىدى ،ئانا،دادا ،........قاتارلىق بىر قانچە ئىغز گەپنى ،تەكرارلاۋىردۇ ،ئانچە مۇنچە سان ساناق بىلدۇ،ئچى تىت-تىت بولدۇ،قولىغا چىققان نەرسىلەرنى تاشلايمەن ئاتىمەن دەپ تۇردۇ،ئامما ئۇيقۇسى ،تامىقى ياخشى،شۇ سىرتقا چىقسام ماشنىغا چىقىپ ئايلانسام دىگەنلا خاپىسى ئغىر.......                         ئاخىردا دەيدىغىنىم بۇ كىسەللىك ئەھۋالى بولغاچقا بېر قەدەر تەپسىللىرەك يىزىپ قالدىم ، ئەپۇ قىلشىڭلارنى سورايمىەن ! ھەم دوكتور ،مۇتەخەسلىرمىزنىڭ ۋەتەن ئچى سىرتىدا بۇ ھەقدە قانداق داۋالاش  ئۇسۇل تىخنكلىردىن  قانچىلىك خەۋەردار بولسا ئۇچۇر ، مەسلىھەتلىرنى ئايماسلىقىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن !شۇ ئارقىلىق مۇشۇنداق كىسەللىككە مۇناسۋەتلىك قىرىنداشلىىرمىزنىڭمۇ ئورتاق لىشىپ ،ھەمكارلىشىپ ،پىكىرلىششنى ئۈمىت قىلمەن.

مىنىڭ جاۋابىم:
ئاۋۋال ئەسكەرتىدىغىنىم، مەن يازغانلىرىم پەقەت قوشۇمچە پايدىلىنىش ئۇچۇرى سۈپىتىدە مۇئامىلە قلىنسا، چۈنكى مەن بىر نىرۋولوگىيە دوختۇرى، قىسقىسى دوختۇر ئەمەس، پەقەت ئۆزەم تونۇيدىغان بىرقىسىم دوختۇرلاردىن ۋە پىرافىسورلاردىن سوراپ بىلگەنلىرىمنى، بىئولوگىيە كەسپىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇش جەريانىدا دورىگەرلىك ۋە نىرۋالوگىيە دەرىسلىرىمدە ئۆگەنگەنلىرىمگە بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەپ بىرىمەن. مەندىن كۆپرەك بىلىدىغانلارنىڭ تۈزىتىش ياكى تولۇقلىما قىلپ قويۇشىنى سورايمەن.


1. كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن قارىغاندا ئوغلىڭىزدا ئەگەر كالتىسىي يىتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولسا، بۇ تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى بىلەن ئوخشاش ئىكەن، شۇڭا ئۇ تۇتقاقلىق كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن. تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ تۈرلىرى كۆپ خىل بولۇپ، قىسمەن ۋە ئومۇميۈزلۇك دەپ چوڭ ئىككىگە، ئاندى ھەر ئىككىسى يەنە قىسمەن ئاددى، قىسمەن مۇرەككەپ، داۋامسىز، مۇسكۇل خاراكتىرلىك ...دىگەندەك ئۆز ئىچىدىن بىر قانچە تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم توغرا، ئىنچىكە دىئاگنوز قويدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر سىز بارغان دوختۇرخانىلار دىئاگنوز قويۇشقا ئامالسىز بولسا، سىز ئۈرۈمچىدىكى سىز بىرىپ باقمىغان باشقا چوڭ دوختۇرخانىلارغا، يەنى مىدىتسىنا ئۇنۋىرستىتى دوختۇرخانىسى ياكى 2-دوختۇرخانا قاتارلىقلارغا بىرىپ تەكشۈرتۈڭ. ئەگەر ئۇلارمۇ بىلەلمىسە، شارائىتىڭىز يار بەرسە ئىچكىردىكى دوختۇرخانىلارغا بىرىپ تەكشۈرتۈڭ. تۇتقاقلىقنىڭ ئوخشىمىغان تۈرلىرىگە ئىشلىتىدىغان دورىلارمۇ ئوخشىمايدۇ، شۇڭا بۇ ئىنتايىن مۇھىم.


2. تۇغما تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئاساسلىقلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
a. تۇغما ياكى ئېرسىيەت تۈپەيلى مەلۇم نىرۋا ھەرىكىتىنى كونتىرول قىلىدىغان گىنلارنىڭ كەمتۈكلىكى تۈپەيلىدىن بولىدۇ، بۇ خىل ئېھتىماللىق پەقەت ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا كۆپرەك تۇتقاقلىق كېسىلى بار بالىلاردا كۆرۈلىدۇ.
b. ئانا ھامىلدار ۋاقتىدا خېمىيلىك، رادىئاتىسيەلىك ماددىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسا. ئانا ھامىلدار مەزگىلىدە ئەپيۇن خاراكتىرىدىكى دورىلارنى ئىستىمال قىلسا ياكى كۆپلەپ ھاراق ئىچكەن بولسا ھامىلىنىڭ مېڭە يىتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. ئانىنىڭ قورسىقى زەخمىگە ئۇچىرىغان بولسىمۇ شۇنداق ئېھتىماللىق بار.
c. ھامىلە يىتىلىش جەريانىدا ئوكىسېگىن يىتىشمىسە ياكى تۇغۇت ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ تۇغۇت جەريانىدا بالىغا ئوكسېگىن يىتىشمەي مېڭە زەخمىلەنسە. ئۇنىڭدىن باشقا، بالا تۇغۇلۇپ تۇنجى يىغلىغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئاندىن مۇستەقىل ھالدا نەپەس ئالالايدۇ، ئەگەر بالىنىڭ يىغىسى كېچىكىپ كەتسىمۇ بالىغا ئوكىسېگىن يىتىشمەي مېڭە زەخمىلىنىشى ۋە بۇ تۇتقاقلىققا سەۋەب بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
d. تۆرەلمە يىتىلىش جەريانىدا قاندىكى گلۇكوزا، كالتىسىي ۋە ماگىنىي قاتارلىقلار ھەددىن زىيادە كەمچىل بولسا. تۇغۇلغاندىن كىيىنمۇ ئېغىر دەرىجىدىكى گلۇكوزا يىتىشمەسلىك كۆرۈلسە مېڭە زىيانغا ئۇچرايدۇ چۈنكى مېڭە پەقەت ۋە پەقەت گلۇكوزىنى ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلىپ ئىشلىتەلەيدۇ (كىتونلارنىمۇ گلۇكوزىغا ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن)
e. مېڭە يۇقۇملىنىش، مېڭە قاناش (قان چۈشۈش) ۋە ياكى دىۋەڭلىك كېسىلى دىگەندەك بالىلاردىكى مېڭەگە مۇناسىۋەتلىك باشقا كېسەللىك ئەھۋالى بولسا، تۇتقاقلىق شەكىللىنىشى مۇمكىن. شۇڭا باشقا مېڭە زەخملىنىش ياكى مېڭىگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش لازىم.
f. تۇغما مىتابولىزىمدىكى كەمتۈكلۈكمۇ تۇتقاقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، تۇتقاقلىق كېسىلى نىرۋونلارنىڭ ھەددىن زىيادە ئېشىپ كەتكەن ئېلىكتىر پائالىيىتى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىشى ئېھتىمالغا يىقىن بولۇپ، نىرۋانىڭ ئارتۇقچە غىدىقلىنىشى چوڭ مىڭىنىڭ پوستلاق قەۋىتىدىن باشلىنىپ مېڭەنىڭ يىرىىمىغا (قىسمەن تۇتقاقلىق) ياكى ھەممە قىسمىغا (ئومۇميۈزلۇك تۇتقاقلىق) تارقىلىپ، ئاخىرىدا مىڭىنىڭ بەدەندىكى مۇسكۇللارغا بولغان كونتىروللىقىنى يوقىتىپ، مۇسكۇلنىڭ ھەددىدىن زىيادە قىسقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۇتقاقلىققا توغرا دىئاگنوز قويۇشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەكشۈرۈشلەر كۆپ خىل بولۇپ، مەخسۇس نىرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى مۇۋاپىق كىلىدىغان تەكشۈرۈشلەردىن ئاز دىگەندە 4-5 خىلنى تەۋسىيە قىلىدۇ ۋە چوقۇم تولۇق تەكشۈرگەندىلا كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىققىلى ۋە مۇۋاپىق داۋالاش لايھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدۇ. داۋالاشتا نۆۋەتتە دورا ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.

3. تۇتقاقلىق كېسىلىنى داۋالاش

بۇ كېسەل ئادەتتە داۋالاپ ساقايتىش قېيىن كېسەللەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئامرىكىدا ۋە باشقا دۆلەتلەردە بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئەڭ مۇھىم ئۇسۇل.  يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەن كېسەللىك سەۋەبلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىرىنى (ئېرسىي سەۋەب ئەمەسلىرى) ئىمكانقەدەر ئالدىنى ئىلىش ئارقىلىق كېسەلدىن ساقلانغان ئەڭ ياخشى. ئەمدى ئاللىقاچان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندە، كېسەللىك ئالامىتىنى داۋالاش ئۈچۈن بىمارلارنىڭ كېسەلنى قوزغىتىدىغان ئامىللاردىن ساقلىنىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەت دورا يىيىشىگە توغرا كىلىدۇ. كېسەللىك سەۋەبى ئېىنق بولسا كېسەللىك سەۋەبىنى تۈگىتىش، كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە كېسەل قوزغىتىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش ئارقىلىق بۇ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش مۇمكىن.

تۇتقاقلىق كېسىلى بارلاردا كېسەل قوزغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار تۆۋەندىكىچە:

a. ئۇيقۇنىڭ كەم بولۇشى
b. شامالداپ قىلىش
c. قاندىكى گلۇكوزا مىقدارىنىڭ ھەددىن زىيادە تۆۋەنلەپ كىتىشى
d. قاتتىق قىزىپ قىلىش
f. ھېسسىي سەزگۈلىرىنى غىدىقلاش، يەنى بەك ھاياجانلىنىپ كىتىش، غال-پۇل قىلىپ يىنىپ تۇرىدىغان چىراققا قاراش دىگەندەكلەر..
e. ھورمۇنلارنىڭ مىقدارىنىڭ قالايمىقان بولۇپ كىتىشى. بىمار بۇنى بىلىش ئۈچۈن ۋاقتى-ۋاقتىدا قان تەكشۈرتۈشى زۆرۈر.


تۇتقاقلىق كېسىلىگە ئىشلىتىدىغان دورىلار كۆپ خىل بولۇپ، چوڭلارغا ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەكىس تەسىرى تۈپەيلى بالىلارغا ئىشلتىشكە بولمايدۇ. سىز بالىغا يىگۈزگەن 德巴金 ئىسىملىك دورا، يەنى ئېنگىلىزچە Valproic acid Sodium Valproate،(ئۇيغۇرچە ناتىرىي ۋالپىرويىك كېسلاتاسى دەپ ئاتىلىشى مۇمكىن) بالىلادا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان دورا بولۇپ، ئاساسلىقى نىۋرونلاردىكى ناتىرى ۋە كالتىسى قاناللىق ئېلىكتىر ئېقملىرىنى تورمۇزلاش ئارقىلىق رول ئوينايدۇ، لىكىن باشقا دورىلارغا ئوخشاش بەدەندە مەلۇم مەزگىلدىن كىيىن قارشىلىق شەكىللىنىدۇ. 2 ياشتىن كىچىك بالىلارغا بۇ دورىنى بەرگەندە جىگەرنىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھـتىماللىقى زور بولىدۇ. بۇ دورىنىڭ يەنە ئاشقازان-ئۈچەى، جىگەر، ئاشقازان ئاستى بىزى، بۆرەك قاتارلىق مىتابولىزىمغا مۇناسىۋەتلىك ئەزالارغا ئەكسى تەسىرى بولۇشى مۇمكىن. يەنە بەزى بىمارلاردا سەمىرىپ كىتىش ۋە چاچ چۈشۈش ئالامەتلىرىمۇ كۆرۈلىشى مۇمكىن. بۇ دورىغا قارشىلىق شەكىللىنىپ قالغان بالىلارغا يەنە ئېنگىلىزچە Clonazepam، خەنزۇچە 氯硝西泮 دەپ ئاتىلىدىغان بىر دورىنى بەرسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن بۆلەك، Corticosteroid, Adrecnocorticotropin يەنى كورتىسول، ACTH تىپىدىكى سىتىروئىدلىق دورىلارمۇ ئىشلىتىلىدۇ، لىكىن بۇلارنىڭمۇ ئەكس تەسىرى كۈچلۈك.

دىققەت قىلىشقا تىگىشىلىك بولغىنى، بۇ خىلدىكى دورىلارنى يەۋاتقاندا بەدەندە ئېغىر دەرىجىدىكى ۋىتامىن B9 ياكى فولىك كېسلاتاسى يىتىشمەسلىك كىلىپ چىقىدۇ، بولسا بۇ خىل ۋىتامىن تولۇقلىمىسى ئارقىلىق باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك. بۇ دورىلارنىڭ ھەممىسى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ياكى يەڭگىللىتىش خاراكتىرىدىكى دورىلار بولۇپ، كېسەلنى يىلتىزىدىن ساقايتىش ئۈنۈمى يوق چۈنكى بۇ خىل كېسەللىك مېڭە ئېلىكتىر ھەرىكىتىنىڭ بىنورماللىقى سەۋەبىدىن بولۇپ، پەقەت شۇ مېڭە ئېلىكتىر پائالىيىتى ھەقىقىي نورماللاشسا، ئاندىن ساقىيىىشى مۇمكىن.

ئەگەر بىماردا دورىلارغا قارشىلىق شەكىللىنىپ دورا كار قىلمىسا، تۇتقاقلىقنى ئۆزۈل-كېسىل داۋالاش مۇمكىنچىلىقى بىر قەدەر ياخشى ئۇسۇللاردىن تۆۋەندىكىلىرى بار:

a. مېڭە ئوپراتىسيەسى قىلىش: بۇ ئۇسۇل ئامرىكىدا ئۈنۈمى يۇقىرى دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭدا مېڭەنىڭ تۇتقاقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان فوكۇس نۇقتىسى كېسىپ تاشلىنىدۇ. لىكىن پەقەت بىنورماللىق مېڭىدىكى مەلۇم ئورۇنغا مەركەزلەشكەن بىمارلارنىڭلا بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىىش ئىمكانىيىتى بار، باشقىلارغا بۇ ئۇسۇل ماس كەلمەيدۇ.

b. ۋېگاس نىرۋىلىرىنى (Vegus nerve, 交感神经) غىدىقلاش ئۇسۇلى (مەن نىرۋا بىئولوگىيە دەرىسىنى ئېنگلىزچە ئۆگەنگەن، ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىنى ئىزدەپ تاپالمىدىم، بىلىدىغانلار تولۇقلاپ قويساڭلار رەھمەت ئېيتىمەن): بۇ ئۇسۇلدا كۆكرەككە بىر خىل ئېلىكتىر دولقۇنى چىقىرىدىغان ئەسۋاپ بىكىتىلىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا كېسەلنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ياكى كېسەل قوزغىلىش قىتىم سانى روشەن ئازىيىدۇ، لىكىن نىمىشقا شۇنداق بولىدىغانلىغىنىڭ مىخانىزىمى ئېنىق ئەمەس. بۇ ئۇسۇلنى دورا بىلەن بىرلەشتۈرسە، دورىنىڭ مىقدارىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىش مۇمكىن.

c. كىتونلۇق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش: بۇ ئۇسۇل بالىلارغا ئەڭ ماس كىلىدىغان بولۇپ، چوڭلارغا ئۈنۈمى ئانچە ياخشى ئەمەس. بۇ خىل تاماقتىكى پەرھىز تۇتۇش ئۇسۇلى كىتون ماددىلىرىنىڭ (مايلىق تاماقتا كۆپ بولىدۇ) مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، بەدەننىڭ كىتون تەڭپۇلىقىنى ساقلاش رولىغا ئىگە بولۇپ، كېسەل قوزغىلىش قېتىم سانىنى كۆپ تۆۋەنلىتىدۇ، لىكىن بۇنىڭمۇ زادى قانداق قىلىپ پايدا قىلىدىغانلىغى ئېنىق ئەمەس. كىتون دىگەن سۆز
ئىنتايىن ئاددى تۈزۈلۈشتىكى بىر نەچچە خىل ماي كىسلاتالىرى (ئاسىتون، ئاسىتوئاتسىتات، ھېدروكسى بىيۇتىرات قاتارلىقلار) نىڭ بىرلەشتۈرۈلۈپ ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇلار مايلىق تاماق ئاشقازانغا بارغاندىن كىيىن ئاۋۋال مۇشۇ خىل ماددىلارغا پارچىلىندۇ ۋە بۇ ماددىلار قانغا كىرگەندىن كىيىن ئاخىرى ئورگان-توقۇلمىلارغا يەتكۈزۈلۈپ مېڭە قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئاخىرى گلۇكوزىغا ئايلاندۇرۇلۇپ ئېنىرگىيە مەنبەسى سۈپىتىدە ئشلىتىلىدۇ. مەخسۇش كىتونلۇق تولۇقلىما كاپسۇللىرى ئىشلەنگەن بولۇپ بۇلارنى دورىخانىلاردىن سىتىۋالغىلى بولىدۇ.

كىتونلۇق يىمەكلىكلەرمۇ دورىلارغا قارشىلىق شەكىللىنىپ دورا ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى يوق بولغان بالىلار ياكى دورىنىڭ ئەكىس تەسىرى كۈچلۈك بالىلارنىڭ سىناپ كۆرۈشىگە ماس كىلىدۇ. كىتونلۇق يىمەكلەرئادەتتە شىكەر ۋە ئاقسىل مىقدارى ئاز، لىكىن ماي مىقدارى كۆپ يىمەكلىكلەر بولۇپ، بۇلارنى ئىستىمال قىلىشنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق ئەكس تەسىرلىرى بولۇشى مۇمكىن، لىكن بالىلارنىڭ قانداق رىئاكسىيەدە بولۇشىنى كۆزىتىپ ئەگەر پايدىسى بولسا ۋە باشقا ئېغىر مەسلىلەر كىلىپ چىقمىسا مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانسا بولىدۇ.

جۇڭگونىڭ تورلىرىدا يەنە 神经元多维疗法 دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر خىل ئۇسۇلمۇ مۇۋاپىقيەتلىك ھالدا تۇتقاقلىقنى داۋالاشتا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئۇسۇلنى توردا ئاختۇرسىڭىزلا باشقا ئۇسۇللاردىن ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا نۇرغۇن ئۇچۇرلار چىقىدىكەن. بۇ ئاساسلىق مېڭە ئېلىكتىر ھەرىكىتىنى نورماللاشتۇرۇش مەقسىتىدە بىئولوگىيىلىك رىزونانىس تېخنىكىسى ئارقىلىق كۆپ قەدەم باسقۇچتا ئورۇندىلىدىغان بىر يىڭىچە داۋالاش ئۇسۇلى ئىكەن. شۇڭا، سىز بالىنى تەكشۈرتكەندە دوختۇردىن مۇشۇ توغرىسىدا تەپسىلىي مەسلېھەت سوراپ بىقىپ، مۇشۇ تېخنىكىدا پىشىپ يىتىلگەن دوختۇرخانىلارنى تىپىپ بالىنى شۇ ئۇسۇلدا داۋالاتسىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن.
سىزنىڭ ئوغلىڭىز ۋە باشقا تۇتقاقلىق كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بالىلار ۋە چوڭلارنىڭ كېسىلىىنڭ بالدۇرراق ساقىيىپ كىتىشىنى چىن-دىلىمدىن تىلەيمەن.

ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، بۇ تىمىنى تۇتقاقلىق كېسىلى توغرىسدا مەلۇم بىلىمگە ئىگە بولغانلىغىم ۋە مۇشۇ كېسەل توغرىسىدا كۆپلىگەن قېرىنداشلارنىڭ سۇئاللىرىنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، نۇرغۇن ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزۈم يازغان. جامائەتكە بىلىم قىممىتى بار دەپ قارىغانلىغىم ئۈچۈن باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقلىشىنى ئۆتۈنىمەن. ئەگەر قىسمەن خاتالىقلار ساقلانغان بولسا ئىنكاس شەكلىدە كۆرسىتىپ بىرىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن، لىكىن بۇ تىمىنى رۇخسىتىمسىز باشقا جايغا يۆتكىمەسلىكىڭلارنى سورايمەن.

سالام بىلەن:

بىلگەجان، ئۈمۈت ئېيىنىڭ 13- كۈنى، ئامرىكا




15

تېما

25

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9220
يازما سانى: 1048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1349
تۆھپە : 2070
توردىكى ۋاقتى: 1673
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 13:33:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىم- بىلگە جان-!
ئالدىراش ۋاقىتلىرىڭىزدىن پۇرسەت چىقىرىپ تەقدىرداشلارنىڭ ئېھتىياجىغا دىققەت قىلغىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم.
سىزگە كۆپ رەھمەت.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

9

تېما

6

دوست

8259

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 1099
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 2344
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 14:09:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئاللاھ ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلسۇن

23

تېما

19

دوست

5145

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 112
تۆھپە : 1680
توردىكى ۋاقتى: 592
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 15:55:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-15 03:35  

كىتونلوق يىمەكلىكلەر ئاڭلىماققا مايلىق يىمەكلىكلەردىن كىلىدىغان بولغاچقا سالامەتلىككە زىيانلىقتەك بىلىنگىنى بىلەن، بۇ كىتونلۇق پەرھىز ئۇسۇلى بىلەن تۇتقاقلىقنى داۋالاشتا قوللىنىلىىدىغان پەرھىزدە، كىتونلۇق يىمەكلىكلەر ئاساسلىقى پەقەت ماي مىقدارى يۇقىرى يىمەكلىكلەرنىلا كۆرسىتىپ قالماي بەلكى مۇھىمى كاربون-سۇ بىرىكمىلىرى (شىكەر) مىقدراى تۆۋەن يىمەكلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لىكىن ئاقسىل مىقدراى يۇقىرى يىمەكلىكلەردىنمۇ پەرھىز تۇتۇش زۆرۈر بولغاچقا، سۈت ۋە باشقا يۇقىرى ئاقسىللىق يىمەكلەردە كۆپرەك تىپىلىدىغان كالتىسىي، ۋىتامىن D، ۋىتامىن A قاتارلىقلارنى ئايرىم تولۇقلاش لازىم بولىدۇ.  

كلاسسىك كىتونلۇق پەرھىز بويىچە بىر كۈنلۈك تاماقتا ئاران 2-3% قەنىت بولۇشى ۋە 7-8% ئاقسىل بولۇشىغا يول قويۇلىدۇ، قالغىنىنىڭ ھەممىسى يىمەكلىكتىن كىلىدىغان ماي ماددىسى بولۇشى كىرەك. لىكىن يىقىنىقى تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىىسدە، قەنىتلەرنىڭ مىقدرى 10~12% بولسىمۇ بولىدىغانلىغى، لىكىن ماينى يىمەكلىكتە بولىدىغان ئۇزۇن-زەنجىرلىك ماي كېسلاتالىرىدىن ئەمەس، بەلكى سىنتىزلانغان ئوتتۇرا -زەنجىرلىك مايدىن تولۇقلىسا تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىغى بايقالغان.
fotolia_1005297_XS.jpg


كىتون تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. ماي مىقدارى ئەڭ كۆپ يىمەكلىكلەر (كۆپ مىقدرادا يىيىش كىرەك): ئېرىمچىك، قايماق، تاتلىق قايماق (تورتقا ئىشلىتىدىغىنى)، قېتىق، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى (ئۆپكە، بۆرەك دىگەندەكلەر) سارماي، زەيتۇن، تۇخۇم سېرىقى، تۇنا بېلىقى، سالمان بېلىقى ۋە باشقا بېلىق تۈرىدىكىلەر، خاسېڭ قىيامى، قىزىل مۇچ، قىسقۇچ پاقا، راك دىگەندەكلەر

2. باشقا گۆش تۈرىدىكىلەر(ئازراق مىقداردا يىيىش كىرەك) : ئۆردەك گۆشى، توخۇ گۆشى، مايلىق كالا گۆشى، قوي گۆشى قاتارلىقلار

3. كۆكتات تۈرىدىكىلەر (قەنىت مىقدارى ئاز، مەلۇم مىقداردا يىسە بولىدۇ): پالەك، چېچەك سەي، سەرەبىل (芦笋)، ئوسۇڭ، يېشىل پۇرچاق، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، يېسىۋىلەك، مايلىق يېسىۋىلەك، تەرخەمەك، موگۇ، كەرەپشە، پەمىدۇر، يېشىل مۇچ، روزىمەرىيە، رەيھان، ئارپابىدىيان، پىدىگەن، يازلىق كاۋا، يۇمغاقسۈت، كاللەك بەسەي، پىياز، غولپىياز، چامغۇر، تۇرۇب قاتارلىقلار.

3. ئاز مىقداردا ئىستىمال قىلسا بولىدىغانلىرى: بۆلجۈرگەن، قارا بۆلجۈرگەن، ئاناناس، ئاپلېسىن، لېمون، قارا ئۆرۈك، كىۋى(مايمۇن شاپتۇل) قاتارلىقلار

4. يىيىشتىن قەتىئىي پەرھىز تۇتۇش زۆرۈر يىمەكلىكلەر: دانلىق زىرائەتلەردىن بۇغداي، قوناق، گۈرۈچ قاتارلىقلار، تۇخۇم ئىقى، بەرەڭگە (ياڭيۇ)، بارلىق كاربونلۇق (گازلىق) ئىچىملىكلەر، ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكلەر، بارلىق تورت، كەمپۈت، شاكىلات تۈرىدىكىلەر، پۇرچاق ئائىلىسىدىكى يىمەكلىكلەر، پىچىنە-پىرەنىكلەر، سەۋزە، بارلىق تاتلىق مېۋىلەر (قوغۇن-تاۋۇز، شاپتۇل، بانان، ئۆرۈك، ئانار، ئەنجۈر، ئۈزۈم، گىلاس...قاتارلىقلار)، باشقا قۇرۇتۇلغان مىۋىلەر ۋە تاتىلىقلىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى.

مۇشۇ ئۇسۇلدا ئوزۇقلانسا، تۇتقاقلىق كېىسىلىگە ئۈنۈمى يۇقىرى ئىكەنلىكى دۇنياغا داڭلىق مىدىتسىنا ئىلىمىي ژورناللىرىغا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر سىناق قىلغان ھەم بىر قىسىم بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا كۆپىنچىلىرىگە ئۈنۈم بەرگەن. خولىستىرولنىڭ ئىشىپ كىتىشى ۋە باشقا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن مۇۋايىق دورىلارنى قوشۇمچە يىسە ئاساسەن چوڭ ئەكىس تەسىرى يوقلۇقىمۇ ئايدىڭلاشقان.

4

تېما

2

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 1884
توردىكى ۋاقتى: 476
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 17:18:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   begir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-14 17:21  

بۇ خىل كېسەللىكنى تۇتقاقلىق دەپ كېسىپ ئېيتىشقىمۇ بولمايدۇ . دوختۇرخانا كېسىپ بەرگەن بېن بابىتو دىگەندەك دورىلارنى داۋاملىق بېرىلىۋەرسە بالىنىڭ جىگەر ۋە بۆرەك ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ . ئاخىرىغا بارغاندا بالىنىڭ بەدىنىدىن ئومۇميۈزلۈك كاشىلا چىقىدۇ . سىزلەرگە ئەمىلىي تەجرىبىدىن ئۆتكەن بىر نەچچە خىل ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلاي .
ئالدى بىلەن بالىنىڭ قىزىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش . بالىنىڭ قىزىپ كەتكەندە بولسا قىزىپ كېتىشنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ چىقىش ، كۆپىنچە ھاللاردا بالا يا قورسىقى ئاغرىپ ياكى بولمىسا نەپەس يولى ياللۇغلىنىپ قىزىيدۇ . قىزىش سەۋەبى ئېنىقلانغاندىن كېيىن شۇ ئاساستا داۋالاش ئېلىپ بېرش كېرەك . شۇندىلا قىزىتما يانىدۇ . بالا تارتىشىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ .
ياڭاق مېغىزى 500 گىرام ، ساپ ھەسەل 500 گىرام ، يەرلىك توخۇ تۇخۇمىدىن 15-20 تال (تۇخۇم سېرىغى ئىشلىتىلىدۇ) ، مەداتۇل ھايات 60 گىرام (بىر قۇتا)، داۋايى يىمىشكا 60 گىرام(ئىككى قۇتا) تەييارلىنىپ سۇس ئوتتا ئارىلاشتۇرىلىپ ، كۆز چېنىمىز بويىچە بولدى دىگەندە توختىتىپ كۈندە ئەتىگەنلىكى بىر قوشۇق كەچلىكى بىر قوشۇق بەرسەك بولىدۇ . چوڭ ئادەملەر يىسىمۇ ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ (يۈرەك مىڭە بۆرەكنى كۈچلەندۈرىدۇ).
مۇشۇ بۈگۈنكىدەك كۈننىڭ ئاپتىپىغا بىر پارچە كۆرپىنى سېلىپ ، كۆرپە تازا قىزىغاندىن كېيىن ،بالا ئۇخلىغاندا (كىچىك بالا بولسا) كىندىكىنىڭ تۆۋەينىنى ئوراپ قويساق بولىدۇ . ئىشىك ئالدىغا بىر ئىككى تىراكتور قۇم ئەكەلتۈرۈپ ، بالىنىڭ قورسىقى تويغاندىن كېيىن شۇ يەرگە قويۇپ بېرىپ ئويناتساق بولىدۇ .
脑苷肌肽 دىگەندەك بىر خىل ئوكۇل بار . ئىقتىسادىي ئەھۋالى يار بەرسە شۇ ئوكۇلنى بىر ئىككى يىل ئۇردۇرسا بولىدۇ .
ئۆيدە قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى ، گال ئاغرىق دورىسى ، قوساق ئاغرىق دورىسى ، زۇكام دورىسى ئايرىلماسلىقى كېرەك .

0

تېما

0

دوست

901

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   80.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9371
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 262
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 20:28:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارغا قەتئىي ۋاقىراپ، قورقۇتۇپ تەربىيە قىلماسلىق كېرەك، بىر دوستۇمنىڭ بالىسى ساپ-ساق ئىدى، ئاچچىقى يامان دۇستۇم تەربىيە ئۇسۇلىدا خاتالىشىپ ئۇ بالىسىمۇ ھازىر شۇنداق بۇلۇپ قالدى، ئۈرۈمچىگە بېرىپ 2-دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈپتىكەن شۇ 德巴金دىگەن دورىنى بۇيرۇپتۇ، شۇنى يەۋاتىدۇ. دوستۇم شاڭخەيدىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، ۋە خوتەندىكى تىۋىپلارغا كۆرسىتىپ باقتى، شۇ دورا ئارقىلىق كېسەل تۇتۇشنى كونترول قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

afyat

0

تېما

0

دوست

752

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   50.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13571
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 203
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 20:55:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىم- بىلگە جان شۇنچە يىراقتا بۇلسىڭىزمۇ قىممەتلىك ۋاختىڭىزنى چىقرىپ باللىرىمىزنىڭ كىسلىگە كۆڭۇل بۇلگىنىڭىزگە ئاللا رەخمەت قىلسۇن .بالام 7 ئايلىق بۇلغاندا مېڭە پەردە ياللۇغى بۇلۇپ قىلىپ داۋالاتقاندىن كىيىن بالامدا تۇتقاقلىق ئاسارىتى قىلىپ قالغان ،دۇختۇرلار تۇتقاقلىقنى داۋالايدىغان دارىلارنى بەرگەن (ناتىرىي ۋالپىرويىك كېسلاتاسى .德巴金.) دارىلارنى بىز  يەيدىغان ۋاقىتقا بەك دىققەت قىلىپ بىر يىل ئۈزۇلدۇرمەي بەردۇق .ياخشىلىنىش پەقەت بۇلمىدى .مەن كىتاپخانىغا كىرىپ ماتىريال ئزدەپ يۇرسەم (ئمپۇرۇت دارالار قۇللانمىسى )دىگەن كىتاپتا ناتىرىي ۋالپىرويىك كېسلاتاسنىڭ ئەكىس تەسىرنى كۆرۇپ مەن بىر يىلدا بالامغا دارا ئەمەس زەھەر بىرىپتىمەن دەپ ئۇيلۇدۇم،چۇنكى پايدىلىق تەرپى ئككى قۇر،ئەكىس تەسىرى بىر بەت ئىكەن .مۇشۇ تۇپەيلىدىن دۇختۇرلار مىنى ئەيىپلىگەنمۇ بۇلدى .كىيىن بىر دۇختۇر بالامنىڭ كىسەللىك دىئاگىنۇزنى كۆرۇپ بالنىڭ چۇڭ مېڭسى ياخشىلانسا تۇتقاقلقق تۇگەپ كىتىدۇ دىگەن ئىدى .بالىنىڭ چۇڭ مىڭسىنى ياخشىلايدىغان ئۇزۇقلۇق .ياكى باشقا ئوسۇللارنى بىلدىغان قىرىنداشلىرىمنىڭ تەكلىپ -پىكىر بۇلسا ئايماسلىغىنى ئۇمىت قىلىمەن .
(بالام بۇ يىل 5 ياشقا كىردى ،ئەمدى تەمتىلەپ ماڭدى ،گەپ قىلالمايدۇ،ئەقلى ئقتىدارى تۇۋەن )

نارات

1

تېما

0

دوست

4183

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14180
يازما سانى: 359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 302
تۆھپە : 1070
توردىكى ۋاقتى: 170
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 21:40:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلىرىم مەندە بىر دوختۇرنىڭ خەۋىرى بار بەلكىم تۇتقاقلىق كېسىلى بار  بالىلار بولسا ياردىمى تېگىپ قالا .مىنىڭ بىر ئىنىم ئوتىرمەكتەپنى ئوقىۋاتقاندا تۇتقاقلىق كېسىلى بولۇپ قالغان دادام رەھمەتلىك ئاپارمىغان دوختۇر قىلمىغان كونىلىق قالمىغان 2- دوختۇرخانىغىمۇ نەتچە قېتىم ئاپىرىپ دارا ئېلىپ ئىشكۆزىپ كەلدۇق لىكىن بۇ دارىلىرى كېيىنچە بالىنى ساراڭ دەك قېلىپ قويدى يىگىرمە يىل بۇ دورىنى يىگەن بولسىمۇ ئۆنىمى بولمىدى كېيىنچە ھەپتىدە تۇتىدىغان بولۇپ كەتتى كېسەل زەربىسىدىن  بىچارە ئىنىم كۆزى ئوتۇرۇشۇپ ياغاشتەك بولۇپ ئاخىرىدا كۆندە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق تۇتىدىغان بولدى بالىدىن ئۆمىتىمىز ئۆزىلگەن ئىدى ئۆيلەپمۇ قويغان ئىدۇق ئىككى بالىسىمۇ بار ئىدى شۇنداق قېيىن ئەخۋالدا تۇرغاندا بىرقىزىم ئىشكىردە ئوقىيتتى ئۇ بىر دوختۇرنىڭ خەۋىرنى ئالغانلىغىنى دىدى مەخسۇس مۇشۇ كېسەلنىڭ مۇتەخەسسى ئىكەن گەنسۇ دا ئىكەن  تاغامنى ئەۋەت مەن ئاپىرىپ كېلەي دىدى شۇنىڭ بىلەن ئىنىمنى ئايالى بىلەن بىرگە يولغا سالدىم يولدا بارغىچە كېسىلى تولا تۇتۇپ بەك ئاۋارە بولۇپتۇ  شۇنداققىلىپ دوختۇرغا برىپتۇ ئىنىمنىڭ دەپ بېرىشىچە بۇ دوختۇرخانىمۇ شۇنداق چەتتە ئادى دوختۇرخانىكەن لىكىن تۇتقاقلىق كېسىلى بىلەن ساراڭلار بەك جېق دەيدۇ ئۆچىرەت بىلەن كېسەل كۆرىپ داۋالايدىكەن قېرى بىر دوختۇر شۇ كۆرىدىكەن ئىنىمنى كۆرىپتۇ ۋە  بىر قاراپلا كېسەلنىڭ 20يىلدىن ئاشقىننى دەپتۇ ھەمدە بۇ كېسەلنىڭ 2باسقۇش داۋالاشبىلەن ئۆزىل كېسىل ساقىيدىغىننى دەپتۇ بۇ ئىنىم ۋە بىز ئۆچۆن تۇنجى قېتىم ساقىيش توغرۇلۇق خوش خەۋەر ئىدى بىركۆن دارابېرىپ نەق مەيداندا كېسىلىنى تۇتقۇزۇپ سىناپ كۆرىپ بولغاندىن كېيىن ئەتىسى داۋالاپتۇ داۋالاش ئۇسۇلى ئارقا دۆمبىسىنىڭ ئوڭتەرەپ يۇلۇنىنىڭ بېقىنىغا يرىپ ئەپىرەس قىلىپ بىر دارا قويىپتۇ  شۇكۆنىلىلا قايتىپ يەنە كېلەريىلى مۇشۇ كۆندە كەل ئەمدى سولتەرەپكە دارا قويىمىز شۇنىڭ بىلەن تۇتقاقلىق كېسىلى ئۆزىل كېسىل ساقىيىدۇ دەپتۇ ئەگەر 10يىلنىڭ تۆۋەنياقىدىكى تۇتقاقلىق بولسا بىرقېتىمدىلا ساقىيىدىكەن ئەپىرەسقىلىش ۋاختى يېرىم سائەتلام كەن قوپاپ يەنە مېڭىپ ئىشىنى قىلىپ يۆرىۋېرىدىكەن .يەنە بىربولىم ساراڭلارنىمۇ شۇ ئۇسۇلدا داۋالاپ بىردەمدىلا ساقايتىپ مۆجۆزە يارتىدىكەن سۆزلىسەم گەپ تولا بىرق قىسقارىتتىم ئەمدى ئىنىمغا كەلسەك ئىنىم شۇ كەلگەنچە 8ئاي بولۇپ قالدى تېخى كېسىلى تۇتمىدى بارغان سىرى مىڭىسى ئېچىلىپ بۇرۇنقى گەپ سۆز ئەسلىمىلىرى ئەسىگە كېلىپ كۆندىن كۆنگە ياخشىلىنىپ كېتىپ بارىدۇ .تۆنۆگۆن چوڭ سىڭلىممۇ شۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ شۇدوختيرنۇڭ قېشىغا كەتتى بۆگۆن يېتىپ بېرىپتۇ .يەنە بىرنەتچە مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش ئاغرىقلارنى تونۇشتۇرۇپ داۋالىتىپ كەلدۇق ھازىرغىچە ھەممىسى ياخشى ،قېرىنداشلىرىم ئالاھ گۇۋا بولسۇنكى مەن راسگەپ قىلىۋاتىمەن چۆنكى بۇ كېسەلنىڭ دەردىنى ھارغىچە تارىتتىم شۇڭا دىيارىمىزدىكى مۇشۇنداق كېسەل ئازاۋى تارتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا پايدىسى بولامدۇ دەپ بۇ ئۆچۇرنى ئۆز ئەينى سىلەرگە يوللۇدۇم .ئەگەر سىناپ بېقىشنى خالىساڭلار مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ تىلىپونم-13899705890.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )