- تىزىملاتقان
- 2013-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1359
- نادىر
- 0
- يازما
- 169
ئۆسۈش
79.86%
|
مەن ئىزچىل يازمىلىرىڭىزنى ئىز قوغلاپ ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن ، لېكسىيەلىرىڭىزنى ئاڭلاپ كېلىۋاتىمەن ،ھەر بىر يازمىڭىزدىن ئۆزگىچە بەدىئىي زوق ،يېڭىچە تەپەككۇر شەكلى ،قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئىرىشكەندەك ،يۈرىگىمىزدىكىنى كۆرگەندەك ،بىر خىل تۇيغۇدا ،ئاللاھتىن سىزگە كۆز تەگمەسلىكىنى نەچچە قېتىم تىلەپ كەتكىنىمىنى بىلمەيمەن ، بۇ يازمىڭىزكۆرۈپ ئولتۇرۇپ ،ئىچىمدىكىنى قانداق ئىپادىلەشكە سۆز تاپالمىغاندەك بىر ھالەتتە مەن ،گۈلەن قېرىندىشىم ،خەلقىمىز بەكمۇ چاڭقىغان ، مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنغان قاش -كىرپىكى
ياسالغان ئەسەرلەر ،بۇ تەشنالىقنى ھەرگۈزمۇ قاندۇرالمايدۇ ، سىز ۋە سىز كەبى تور ئەدەبىياتىنىڭ ئەزمەتلىرىنىڭ يازغان چىن يۈرەك ساداسىلا خەلقىمىزنىڭ بۇ تەشنالىقىغا ئارام بېرىدۇ ،چۈنكى سىلەرنىڭ يازغىنىڭلار دەل بىزنىڭ يۈرەك سادالىرىمىز ،خەلقىمىزنىڭ تۇنجۇققان نىداسى .
ھەممىمىز شارائىتىمىزدا بىر ئۆزگىرىش بولسىكەن، ئەتراپىمىز يېڭىلانىسىكەن، رىياللىقىمىزدا ياخشىلىنىش بولسىكەن دەيمىز. ھەممىمىز ئارزۇلىرىمىزنى چۈشەپ تۇرغان بۇرۇختۇرما موھىتتىن، ئىرادىمىزنى قامال قىلغان قاشالاردىن، ئوي پىكرىمىزنى بەنت قىلغان تۈرمىلەردىن قۇتۇلۇشقا تەلپۈنىمىز. مەن ئىنتېرنېت تورىنىڭ، جۈملىدىن توردىكى پىكىر ئەركىنلىكى، ئىرادە ئەركىنلىكى ۋە تەشكىللىنىش ئىمكانىيىتىنىڭ ھاياتىمىزنى ۋە ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەنچە ئىنساننىڭ ھالىتىنى ئۆزگەرتىدىغىنى ئۇنىڭ قولىدىكى قورال ئەمەس مىڭىسىدىكى تەپەككۇر. بىزنى قۇل قىلىۋاتقىنى كۆكسىمىزگە بەتلەنگەن سۈرلۈك ئاپتۇمات ئەمەس خىيالىمىزنى قاپلىغان ۋەھىمىلىك ئاقىۋەت. چۈنكى بىزنىڭ قورقۇۋاتقىنىمىز ئاللاھ ئەمەس ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر. بىزنىڭ مەدەت تىلەۋاتقىنىمىز قەلبىمىزدىكى ئاللاھ ئەمەس ئەتراپىمىزدىكى ئىنسانلاردۇر. بىزنىڭ مەسلەھەت سوراۋاتقىنىمىز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشنى ئەمەس ئىھتىياتقا مۇراجەت قىلىشنى تەكىتلەيدىغان پاسىبانلىرىمىزدۇر. مەنچە بىزنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدىغىنى كۈچىمىزنىڭ قانچىلىك زورلۇقى ئەمەس بەلكى ھەق يولىدا قانچىلىك مۇستەھكەملىكىمىز، نىيىتىمىزدە قانچىلىك قەتئىي، قانچىلىك سەمىمىيلىكىمىزدۇر .
بۇ قۇرلارنى ئوقۇغان ھەر بىر ئۇيغۇر چوڭقۇر ئويلانماي تۇرالمايدۇ . خەلقىمىز چوقۇم نىمىدىن قورقسا بولىدىغانلىقى ،نىمىدىن قورقۇشنىڭ ھاجەتسزلىكى ،تەۋەككۇل قىلغۇچىلارنىڭ كىمنىڭ ئەڭ يېقىن بەندىسى ئىكەنلىگى ...نى ھېس قىلىپ يىتەلەيدۇ . |
|