مارالبېشىدا يۈز بەرگەن ‹‹23-ئاپرېل›› ۋەقەسىدە قۇربان بولغانلارغا ‹‹مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى››، ‹‹تېررورلۇققا قارشى قەھرىمان›› دەپ نام بېرىلدى
شىنخۇا تورى، شىنجاڭ قەشقەر، 29-ئاپرېل تېلېگراممىسى: 29-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ مارالبېشىدا يۈز بەرگەن ‹‹23-ئاپرېل›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىدە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەش يىغىنى قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 15 نەپەر ئىنقىلابىي قۇربانغا ‹‹مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى›› ھەمدە ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە تېررورلۇققا قارشى قەھرىمان›› دەپ نام بەردى؛ بۇنىڭدىن باشقا توققۇز نەپەر يولداشقا ‹‹مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى›› ھەمدە ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە تېررورلۇققا قارشى قەھرىمان›› دەپ نام بەردى ھەمدە پۈتۈن شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تاھىر ئەھەت، رېن چاڭجۈ، ليۇ شۈلياڭ، مەمتىمىن ئۇبۇل، سۇن چاۋ، قۇربان تۇرسۇن، ليۇ مۇ قاتارلىق يەتتە يولداشقا ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى›› ۋە ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە تېررورلۇققا قارشى قەھرىمان›› دەپ نام بەردى. نۇرمۇھەممەت ئەمەت، جاڭ لىشەن، گۈلبانۇم تۇرسۇن، نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن، مېھرىگۈل يۈسۈپ، ئەكبەر ئەنۋەر، مەمتىمىن ئابلەت، ھۆرىگۈل مەمەت قاتارلىق سەككىز يولداشقا ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە تېررورلۇققا قارشى قەھرىمان›› دەپ نام بېرىشنى قارار قىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئەخمەت ئوبۇل، جياڭ جيۇجيەن، ليۇ چېڭ، سۇلايمان مەخسۇت قاتارلىق تۆت يولداشقا ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى›› ۋە ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە تېررورلۇققا قارشى قەھرىمان›› دەپ نام بەردى. خېلىل جېلىل، جاڭ فۇشىن، ياقۇپ مۆمىن، ئىمىنجان ئابباس، شيې ۋۇجۇڭ قاتارلىق بەش يولداشقا ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە تېررورلۇققاقارشى قەھرىمان›› دەپ نام بەردى.
شۇ كۈنى يەنە، ئاپتونوم رايون، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە شۇ يەردىكى مىڭغا يېقىن ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.
2013-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدا بىر قېتىملىق ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 15 نەپەر مەھەللە كادىرى، خەلق ساقچىسى قۇربان بولغان. ئالتە نەپەر قارا نىيەت ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، سەككىز نەپەر قارانىيەت قولغا چۈشكەن.