سېرىقبۇيىلىقلار زوراۋانلىققا ھەرگىز باش ئەگمەيدۇ
سۈي يۈنيەن
سېرىقبۇيا بازىرى ‹‹23 – ئاپرېل›› ئېغىر زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ۋەقەسىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بۇ بازاردا ئىلگىرىكى تىنچ ۋە ئىناق كەيپىيات تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى. بۇ قېتىمقى قانلىق سىناقنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بۇ بازاردىكى كىشىلەر تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، يۇرت – ماكانىنى تېخىمۇ قىزغىن سۆيىدىغان بولدى. چۈنكى ھەرقانداق زوراۋانلىق كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇ – تىلەكلىرىنى سۇسلاشتۇرالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ھەققانىيەتنى ئۆز ھاياتى بىلەن قوغداش 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، سېرىقبۇيا بازىرى يېڭى بازار مەھەللىسى ئىشخانىسىنىڭ ئىش بېجىرىش زالىغا ئىللىق قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى. ھۆرىگۈل مەمەتنىڭ خىزمەت كارتىسى يەنىلا ئەسلىدىكى ئورنىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھۆرىگۈلنىڭ سۈرىتى، ئىسىم – فامىلىسى، كىملىك ۋە تېلېفون نومۇرى بار ئىدى. لېكىن ئۇ ئەمدى ئىش بېجىرىشكە كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋالالمايدىغان بولدى. بېشىغا سەللە ئورىۋالغان ھۆرىگۈل مەمەتنىڭ دادىسى مەمەت قادىر ھويلىدا غەمكىن ھالدا ئولتۇراتتى. 79 ياشلىق بۇ مويسىپىت كۆڭلىدىكى قايغۇنى چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ: ھۆرىگۈلنىڭ ئۆيى يىنىمىزدىلا ئىدى، ئۇ مېنى كۈندە يوقلاپ تۇراتتى. شۇڭا ئۇ بىردەمدىن كېيىنلا قايتىپ كېلىدىغاندەك تۇيۇلۇۋاتىدۇ، دېدى. 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى سېرىقبۇيا بازىرىدا يۈزبەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ۋەقەسىدە، 43 ياشلىق ھۆرىگۈل مەمەت باتۇرلارچە قۇربان بولدى. شۇ كۈنى چۈشتە، ئۇلارنىڭ بىر تۇغقىنى توي مەرىكىسى ئۆتكۈزمەكچى ئىدى، ھۆرىگۈلنىڭ ئەتىگەندە خىزمىتى بەك ئالدىراش بولغاچقا ئۇ دادىسىغا: تويغا قاتنىشالماسلىقىم مۈمكىن، دېدى. ھۆرىگۈلنىڭ دادىسى قىزىنىڭ خىزمىتىنى تۈگىتىپ، تويغا داخىل بولۇشىنى بەك ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تويغا كېلەلمىدى. كەچتە ئۇ قىزىنىڭ قۇربان بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى، ئۇ قىزىنى قايتا كۆرگەندە ھۆرىگۈل قانغا مىلىنىپ ياتاتتى. مەمەت بوۋاي قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ ئازابلانغان ھالدا: ۋەقە يۈز بەرگەن جاي بىلەن توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان جاينىڭ ئارىلىقى 200 نەچچە مېتىرلا كېلەتتى، دېدى. مەمەت بوۋاي: مەن بۇ زوراۋانلارغا بەك نەپرەتلىنىمەن. مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم قاتىللارنى تېزدىن قانۇن بويىچە جازالاش، دېدى. ‹‹23 – ئاپرېل›› ئېغىر زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ۋەقەسىدە قۇربان بولغان 15 خەلق ساقچىسى، ياردەمچى ساقچى ۋە مەھەللە كادىرى ئارىسىدا، ھۆرىگۈل بىلەن بىللە قۇربان بولغان ئاياللاردىن يەنە 29 ياشلىق گۈلبانۇم تۇرسۇن ۋە 24 ياشلىق مېھرىگۈل يۈسۈپمۇ بار. زوراۋانلار يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ھەم زوراۋانلىق – تېررورلۇق ۋەقەسىنى پىلانلىغان ئۆي زوراۋانلار تەرىپىدىن كۆيدۈرۈلۈپ خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن بولۇپ، يەردە تولۇق كۆيۈپ كەتمىگەن نەرسىلەرنىڭ قالدۇقلىرى ھەم ساقچىلار نەق مەيداننى تەكشۈرگەندە ئىشلەتكەن چىراقلار بار ئىدى. ساقچىلار نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشى بۇ يەرگە كېلىپ، كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا قاراپ تۇردى. تېررورلۇق شەخسلەر، گۇرۇھلار ياكى دۆلەت دۆلەتنىڭ مەلۇم سىياسىي مەقسىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن خالىغانچە زوراۋانلىق قىلىش ياكى زوراۋانلىق ئارقىلىق تەھدىت سېلىش، قالايمىقان ئادەم ئۆلتۈرۈش، مال – مۈلۈككە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش ئارقىلىق جەمئىيەتتە ئەنسىزلىك پەيدا قىلىدىغان جىنايى قىلمىش. زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىدىكى زوراۋانلىق ۋاسىتىسى ئادەتتىكى زوراۋانلىق جىنايىتىدىكى ۋاسىتىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق قائىدە، تەرتىپ بولمايدۇ. ئۇلار ئادەم ئۆلتۈرگەندە ياكى زوراۋانلىق جىنايىتى سادىر قىلغاندا، ئېنىق نىشانى بولمىغاچقا، بىگۇناھ ئامما زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن دائىم خالىي بولالمايدۇ، ئاياللار ۋە بالىلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئەمەلىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، ‹‹23 – ئاپرېل›› ۋەقەسىدە تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ بارلىق ئالامەتلىرى ئاساسەن دېگۈدەك بار، بۇ ۋەقە رەددىيە بەرگىلى بولمايدىغان ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەزىمەتلىرى ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى ئارقىلىق شىنجاڭدا بۆلگۈنچلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلۈكى، بەزىدە ھەتتا ناھايىتى كەسكىن بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئىرادىمىزگە باقمايدىغانلىقى توغرىسىدا بىزنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇردى. بۇ نۇقتىدا بىز يېتەرلىك ئانالىز ئىقتىدارى ھازىرلاپ، كەسكىن ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، قىلچە بىپەرۋالىق قىلماسلىقىمىز كېرەك. تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، بۇ شايكىنىڭ باشلىقى 2012 – يىلى 9 – ئايدىن باشلاپ، مارالبېشى ناھىيەسىدە ئارىلاپ يۈرگەن ھەم ئادەم توپلاپ سېرىقبۇيا بازىرىغا بېرىپ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، رادىكال دىنىي ئىدىيە سىڭدۈرگەن؛ ئارقىدىن، شايكا ئەزالىرى قۇمچاق ۋە ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتنىڭ پولات تاختىسىدىن پايدىلىنىپ قىلىچ ياسىغان؛ شايكا ئەزالىرى بۇ يىل 2 – ئايدا زوراۋانلىق مەزمۇنىدىكى سىننى كۆرگەن، ھەم ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۇسۇللىرىنى تەقلىد قىلىپ ئۆگەنگەن، ھەم ‹‹غازات›› قىلماقچى بولغان؛ شايكا ئەزالىرى بۇ يىل 3 – ئايدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىش راسخوتى تەييارلاپ، پارتلاتقۇچ، نىقاب، تىزگىنەك قاتارلىق دېلو سادىر قىلىش قوراللىرىنى ياساپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە تەييارلىق كۆرگەن. مۇشۇ جەريان ۋە ئۇلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكىلەر بىلەن بولغان قۇيۇق ئالاقىسىدىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى بارغانسىرى مۇرەككەپلەشكەن، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىپىسىمۇ بارغانسىرى مۈشكۈللەشكەن. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەزىمەتلىرى ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بىلەن مۇنۇلارنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى: خەتەرلىك پەيتتە، ج خ ساقچىلىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئۆلۈمدىن قورقماي، مەجبۇرىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقتى، مۇقىملىقنى ساقلىغۇچى ھەر خىل كۈچلەر باشتن – ئاخىر ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىزنىڭ ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىگەنلىكىمىزنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. 15 كىشىنىڭ قۇربان بېرىشى غايەت زور بەخىتسىزلىك، لېكىن، ئۇلارنىڭ بۇ قۇرقۇنچلۇق سۇيىقەستنى ۋاقتىدا بايقىشىنى زور بەخت، دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلار ھاياتى بەدىلىگە زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشىنىڭ جامائەت سورۇنلىرىدا، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تۇيۇقسىز يۈز بېرىشىنى توسۇپ، يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان تېخىمۇ چوڭ يامان ئاقىۋەتتىن ساقلىدى. قۇربان بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەزىمەتلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر، خەنزۇ ۋە مۇڭغۇللار بار. بۇ بىزنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››لەر بىلەن بولغان كۈرىشىمىزنىڭ مىللىي مەسىلىمۇ، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان كەسكىن سىياسىي كۈرەش ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. مەملىكىتىمىز سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنداق ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىلمىسە، ئاممىنىڭ غەزىپىنى پەسەيتكىلى بولمايدۇ. دۇنيادا ھېچقانداق بىر دۆلەت بۇنداق زوراۋانلىق قىلمىشىغا يول قويمايدۇ. چۈنكى، زوراۋانلارغا يول قويۇش خەلققە زىيانكەشلىك قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئالاقىدار تەرەپلەر بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، زوراۋان، تېررورچى ئۇنسۇرلار ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىلىرىغا كۈچلۈك زەربە بېرىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قاتتىق زەربە بېرىش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنى قىلچە ئىككىيلەنمەستىن بىخ ھالىتىدىلا قەتئىي يوقىتىشى كېرەك. ھەر ۋاقىت سەگەك بولۇپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم قورغان ھاسىل قىلىدىغانلا بولساق، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ تولۇق ئالدىنى ئالالايمىز. دۇنيا تىنچلىقى ۋە رايون مۇقىملىقى ئەلنىڭ ئارزۇسى. ۋەتەننى پارچىلايدىغان، مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەر قانداق قىلمىش، ئىنسانىيەتكە قارشى زوراۋانلىقنىڭ ھەممىسى تەتۈرلۈك قىلغانلىق، ئۇ ھامىنى مەغلۇب بولىدۇ؛ بىر ئۇچۇم تېررورچىنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشى جېنىغا تۇشلۇق ئىش كۆرمىگەنلىك، ئۇلار شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىيات قەدىمىگە توسالغۇ بولالمايدۇ.
مەنبە:تەڭرىتاغ تورى
./forum.php |