- تىزىملاتقان
- 2012-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 834
- نادىر
- 0
- يازما
- 60
ئۆسۈش
4.86%
|
ھازىر ب ب س مۇخبىرىنىڭ نەخ مەيدانغا بېرىپ ئىگلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ۋەقە ھېلىقى 6 كىشىنىڭ ئائىلىسىنى يېزا كادىرلىرى توختىماي قىز - ئاياللىرىڭلارنىڭ يۈزىنى ئاچىسەن، ئەرلەرنى ساقىلىڭنى ئالىسەن دەپ تولا ئاۋارە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن تالاش - تارتىش باشلىغان ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى ياردەمگە ئادەم چاقىرغان ۋە ئىش چوڭايغان. ياردەمگە بارغان ساقچى باشلىقى بىر كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، ئوق تۈگىگەندىن كېيىن، ھايات قالغان ئائىلە ئەزالىرى قالغانلارنى ئەسىر ئېلىۋېلىپ بىر ئۆيگە سولاپ ئوت قويىۋەتكەن. ياردەمگە كەلگەن باشقا ساقچىلارنى قولىدىكى قىلىچلار بىلەن قوغلىغان كىشىلەردىن بىرىنى ساقچىلار قېچىش جەريانىدا يارىلاندۇرغان ۋە ئۇ يەرگە يېقىلغاندىن كېيىن، ساقچىلار ئۇنى جوتۇ بىلەن چاناپ ئۆلتۈرۋەتكەن. ئىش بېسىققاندىن كېيىن، ئائىلە ئەزالىرىغا تېرورچى قالپىقىنى كېيىگۈزۈلگەن. ۋەقە بۇ.
جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ 36 - ماددىسىدا، پۇقرالارنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىك ئوچۇق بەلگىلەنگەن بولۇپ، ھېچكىم باشقىلارنى دىنغا ئېتقاد قىلىشقا زورلىيالمايدۇ، ھېچكىم ۋە ھېچقانداق ئورگان بىراۋنى دىنى ئېتقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىيالمايدۇ؛ دىنغا ئېتقاد قىلغۇچىنى دىنى ئېتقادى سەۋەبىدىن كەمسىتەلمەيدۇ... دەپ بەلگىلەنگەن.
كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرى دىنغا ئېتقا قىلسا بولمايدۇ. ھەم ئۇلار پارتىيەگە ئەزا بولغاندىن باشلاپ ئىسلام دىنىدىن چىققان بولىدۇ، مۇسۇلمانلىق بىلەن ئالاقىسى بولمايدۇ، مۇسۇلمان ئەمەس دەپ قارىلىدۇ.
جوش، دېھقانلار ۋە تىجارەتچى، ھۆنەرۋەنلەرنى دىنى ئېتقادى سەۋەپلىك ئۇلارنى كەمسىتىش، ئۇلارنى دىندىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش توغرىمۇ؟ ئاساسىي قانۇنغا مۇۋاپىقمۇ؟ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن دىنى ئېتقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش قاچاندىن بېرى تېرورلۇق بولۇپ قالدى؟ بۇ تىزدىن جاۋاپ بېرىلىشكە تېگىشلىك مەسىلە.
مۇسۇلمانلار، ئىمانى، كىشلىك ئىززەت - ھۆرمىتى، مال - مۈلكى، ئائىلىسى ۋە ھاياتى دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىسا، ئۇنى قوغداشقا بۇيرۇلغان ۋە بۇ يولدا ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ شېھىت بولىدىغانلىقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى بىلەن بىلدۈرۈلگەن بىر ئېتىقادنىڭ، دىننىڭ مەنسۇپلىرى. شۇڭا ئۇلارنىڭ دىنى قەدرىيەتلىرى بىلەن ئوينىشىشقا بولمايدۇ. ئۇنى بۇ دۇنيالىق مەنپەئەت ئۈچۈن، تېخىمۇ يۇقىرى ئەمەل مەنسەپكە ئېرىشىشنىڭ شوتىسى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.
بىر رايوندا پاشا كۆپ بولۇپ كەتسە، پاشىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. بۈگۈن ئۆلتۈرسەك، ئەتە يەنە كېلىدۇ. شۇڭا شۇ پاشىنىڭ پەيدا بولىشىدىكى ئاساسىي مەنبە بولغان سازلىقنى قۇرتۇش كېرەك.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا چىققان نارازلىق ھەرىكەتلىرىنى ھەدىسىلا تېرورغا چېتىۋالماي، بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەپنى ئىزدەش ۋە ئەبەدىي مۇقىملىقنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن خەلقنىڭ ئاھۇ - زارلىرىغا قۇلاق سېلىش لازىم. ئەكسىچە كۈچ كۆرسىتىپ، ھەيۋە قىلىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ چارە پەقەت نارازلىق كەيپىياتنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، خالاس. |
|