بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tanha555 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-12 04:09
ئۇيلاپ باقتىڭىزمۇ؟ بىرئاي ھۆججەت كۈتۈرۈپ ئىشخانىلاردا يۈرۈپ مائاشىڭىزنى ئالغىنىڭىزدا بەك جاپالىق مىنىڭ خىزمىتىم دەپ ئۇيلايسىز؟
لىكىن ئايلىق تۈۋەن تۇرمۇش پۇلىنى بىرىمىز دەپ ھاشار لارغا سېلىپ قىلغىلى ئىش تاپالمىغاندا ئايدا ئاران 60-70يۈەن ئالىدىغان بىچارە دىھقانلار ئالدىدا يەنىلام خىزمىتىڭىز جاپالىق مىكەن؟
70-80مىڭ يۈەنلىك ماشىنا مىنىپ يەنىلام جەميەتنىڭ ئارقىسىدا قالدىم دەپ يۈرگىنىڭىزدە .2800يۈەنلىك توكسىكىلىت ئېلىپ مىنەلمىگەن شۇ بىچارە دىھقانلار ئالدىدا سىز يەنىلام ئارقىدا قاپسىزمۇ؟
ساۋاقداشلار خىز مەتداشلار يىغىلىشلىردا قاتار چايلىرىڭىزدا رىستۇراندا تەييارلىغان دەستۇرخانلىرىڭىز دىن نۇمۇس قىلىپ ئاددى بۇپ قالدى دىگەن چاغلىرىڭىزدا كۈندە ھەپتىدە ئەمەس.ئايدا بىر چىشلەم گۆش يىمەي كۆكتاتلار بىلەنلام تاماق ئىتىپ يەۋاتقان بىچارە دىھقانلار ئالدىدا يەنە سىزنىڭ تەييارلىغان دەستۇرخانلىرىڭىز ئاددى بۇپ قاپتىمۇ؟
ئۆيلىرىڭىز نى ياۋرۇپاچە ھەشەمەت ياسىتىپ يەنە مىنىڭ باشقىلارنىڭكىدىن ھەشەمەت بۇلماي قاپتۇ .دىگىنىڭىزدە قاتتىق بۇران چىقسا ئۆرۈلۈپ چۈشۈدىغاندە تاملىرى توپا ھەتتا گەج ئارقىلىقمۇ سۇۋالمىغان ئۆي لەردە ئۇلتۇرۇپ شۈكىر ئاللاھ بەرگەن كۈنۈڭگە شۈكرى دەۋاتقانلار ئالدىدا سىز نىڭ ئۆيلىرىڭىز كىشىلەرنىڭ ئارقىسىدا قاپتىمۇ؟
خىزمەت مائاشىم تۈۋەن ئايلىق چىقىمىمغا يەتمەيدۇ دەپ يۈرگەن چاغلىرىڭىزدا .ئۈزى جاپا تارتىپ تېرىپ ئۆستۈرگەن بۇغداي قۇناقلارنى يىمەي بازارغا ئاچىقىپ سېتىپ شۇنى تۇرمۇش خىراجىتى قىلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن بازارلارغا ئاچىققىنىدا يەنىلام سىزنىڭ پۇلىڭىز ئازمىكەن؟
بالىللىرىڭىز ھېيىت ئايەملەردە ئىسىل كىيىملەرنى كىيگىنىدە سىز يەنىلام ياراشماپ تۇ زامانغا لايىق ئەمەسكەن دىگىنىڭىزدە .يىرتىق كىيىملەرنى ياماپ شۇكۇنا كىيىملەرنى يۇيۇپ خۇشال ھالدا ھېيىت قىلۋاتقىنىدا سىز نىڭ كىيىملىرىڭىز زاماندىن قاپتۇمۇ؟
سىز ئىسسىق بىنالاردا مامۇق يوتقانلاردا ئىىسق ياتقىنىڭىزدا .ئوت قالاپ ئىسىنىش ئۈچۈن بىر جىڭ كۈمۈر مۇ ئالغۇدە پۇلىسى يۇق سەھەرلىكتە ۋە كەشلىكتە تاماق ئىتىش ئۈچۈنلام 2ۋاق ئوت قالاپ قالغانچاغدا سۇغۇقتا تۇڭلاپ ئۇلتاغانلار ئىسىڭىز گە كەلدىمۇ؟
ھىيىت ئايەملەردە ئۈيىڭىز گە مۇل نىئمەتلەرنى تىزغىنىڭىزدا مىھمانلىرىم ئالدىدا قىسىلىپ قالدىغان بۇلدۇق ھېيىت لىق تەييارلىققا قەيەردىن پۇل غەم لىسەك بۇلاردەپ كۆزلىرى ئىختىيارسىز نەملەنگەنلەرنى ئۇيلاپ باقتىڭىزمۇ؟
ئۇيلاڭ خەلىق ئىشلار مەمۇرلىرى سىز نامراتلارغا بەرگەن يوتقان چاپانلارنىڭ نەقەدەر نىپىز تىكىلىشلىرى نەقەدىر ناچار ئىكەنلىكىنى كۆرمىدىڭىزمۇ ؟يەنە تېخى بىرخالتا ئۇن ياكى 10جىڭ سۇماي بىرىپ ئۇلارنى سۈرەتكە تارتىپ پۈتۈن خەلىقى ئالەم ئالدىدا مەغرۇرلىنىپ ئۈزىڭىزگە كىبىر قىلىپ بۇ ھۈكۈمەتنىڭ غەمخۇرلىقى دەپ يۈرگىنىڭىزدە ئۇلارنىڭ نامراتلىقىنى پۈتۈن ئالامگە كۆرسىتىپ ئازراق ئۇن مايلىرىڭىز نىڭ بەدىلىگە ئۇلارنى خىجالەت چىلىكتە قۇيغىنىڭىزنى ئۇيلاڭ؟
يەنە تېخى مەغرۇرلىنىپ كىبىرىڭىزنى كۆرسىتىپ بىزياردەم قىلدۇق .دىگىنىڭىز بىلەن ئۇ 10جىڭ ماي بىرخالتا ئۇن قانچىلەك ۋاقىت يىتىدۇ .ئۈزىڭىز ئۇيلاپ كۆردىڭىزمۇ؟
شەھەرلىكلەر گە بىردىغان تۈۋەن تۇرمۇش شەھەر نۇپۇسلۇق پۇلىسى شۇنچە كۆپ لىكىن ئۇلار قىلچە ھۈكۈمەت ئۈچۈن ھاشار ئىشقىلماي ئالىدۇ؟لىكىنچۇ بىچارە دىھقانلار ئايدا 3ئايدا بىردىغان تۈۋەن تۇرمۇش پۇلى ئۈچۈن بۇزيەر ئېچىش قاتارلىق ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلىش بەدىلىگە ئاران ئالىدۇ لىكىن يەنە دىھقانلارغا كۈڭۈل بۈلىۋاتىمىز دەپ ئۇيلاۋاتامسىز؟
يەنە تېخى كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش دەپ دەريالارغا ئاچىققىنىڭىزدا كەلكۈننى دىھقانلار تۇسىيالايدۇ دىگىنىڭىزما بۇ شەھەرلىك تۈۋەن تۇرمۇشتىن پۇل ئالدىغانلار شەھەرنۇپۇس دىن پۇل ئالدىغانلار كەلكۈننى تۇسىيالمايدۇ شۇنداقمۇ؟
سىز بىر شەھەرلىك ئۇقۇغۇچى تۇرۇپ ئۇقۇش شارائىتىم ناچار دەپ زارلانغىنىڭىزدا بىرەتال ۋاسكىتبۇل مەيدانىمۇ ئۆلچەملىك ئەمەس بىر يېزا مەكتىپى ئالدىدا يەنىلام شارائىتىڭىز ياربەرمەيدۇ ؟شۇنداقمۇ؟
سىز بىر ئۇقۇتقۇچى مىللىتىمنىڭ كەلگۈسىنىڭ تەربىيلىگۈچىسى دەپ پەخىر قىلغىنىڭىزدا ئۇيغۇر ئۈچۈن مىللەت ئۈچۈن ھەقىيقى بىر سائەت دەرىس ئۈتۈپ باقتىڭىزمۇ ھەمىڭىز ھەئە دەيسىز لىكىن چىن يۈركىڭىز ھىجدانىڭىز ياق دەپ جاۋاب بىرشى مۇمكىن؟
يىڭى ئۇقۇتقۇچىلار مائارىپقا ياردەم بىردۇ دەپ مائارىپ ئىدارىڭىزدە چاي ئىچىپ ئۇلتاغىنىڭىزدا ياقا چەت يېزىلاردا بالىلارنى ئاپتاپقا ئاچىقىپ سۇئال جاۋاب نى ياد ئالغۇزۇپ قۇيۇپ ئۈزى بەخىرامان قۇلىقىغا نائۇشنىك سېلىۋېلىپ ناخشا ئاڭلاۋاتقىنىنى بىلەمسىز؟
سىز بىر ناخشىچى بۇلسىڭىز ئۇبدان ئاڭلاڭ ؟
سىز كەشكىچە ئالاجۇقا سېرىق ناخشىلارنى تۇۋلاپ يۈرۈپ پىلاستىنكا چىقىرىپ مەن خەلىق ناخشىسى دەپ ماختىنىپ يۈرگىنىڭىزدە چەت ياقىلاردىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنياغا تۇنۇلغان مۇقام لارنى سېغىن غانلىقىنى بىلەمسىز؟ئۇلار ئۈچۈن بىر كۈن ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ نۇرۇز كۈنلىرى مۇقامغا تەشنا يۈرەكلەرنى سۇغاردىڭىز مۇ ئىنىقلام ياق ؟شۇنداقمۇ.
سىز مەن مىللىي كارخانىچى دەپ داۋراڭ سالغىنىڭىزدا شۇ نامرات بىچارە ئۇيغۇر باللىرى ئۈچۈن 4مۇچەنلىك بىر تال دەپتەر تەقدىم قىلىپ باقتىڭىز مۇ ؟
سىز مەن خەلىق كادىرلىرى خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمە دىگىنىڭىزدە شۇ بىچارە نامرات دىھقانلارنى كۆرگىنىڭىزدە نىم قىلدىڭىز قانداق خىزمەت قىلدىڭىز دىسە مەن سۈكۈت قىلدىم يۇقىرغا مەلۇم قىپ قۇيدۇم تۇرمۇشىغا ئىقتىسادى ياردەم قىلدىغان بۇلدۇق دىيەلەيسىز لىكىن ياردەم قىلمىغانلىقىنى ئۈزىڭىز مۇ ئىتراپ قىلسىز؟
ئۇيلاڭ سىزنىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئەتكەن چايلىرنى ئىچىڭىزمۇ ؟ئازساندىكىلەر ھەئە لىكىن كۆپ ساندىكىلەر ياق ؟ھەم باللىرىمۇ ئىچىپ باقمىغان ئەتكەنچاينىڭ نىمىلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن؟سىز يەنىلام ئۈزىڭىزنى ئۇيغۇر چاغلايسىز مانا؟
سىز ئىلى دەريالىرنى تۇرپان كارىزلىرنى مەھمۇت بۇۋامنىڭ قەبرىللىرنى كەزدىڭىزمۇ ؟تەكلىماكاننىڭ دەردى تۈكۈلىدىغان چەت ياقا خوتەن گە بېرىپ تەكلىماكاننىڭ توپراقلىرىنى ئالقانلىرىڭىزدا ئۇينىتىپ باقتىڭىزمۇ؟
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ.سۇتۇق بۇغراخاننىڭ .مەھمۇت بۇۋامنىڭ .ئەخمەتچان ئەپەندىمنىڭ.
لۇتپۇللا نىڭ .مەمەتئېلىي ئەپەندىم .ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ.ئىش ئىزلىرنى باللىرىڭىزغا ھىكايە قىلىپ سۆزلەپ بەردىڭىزمۇ؟ياق سىز خۇشال قۇزابىلەن بۆرە .چۈمۈشباش دادا .قاتارلىقلارنىڭ ھىكايىللىرنى ئېلىپ بەردىڭىز شۇنداققۇ سىز يەنىلام ئۇيغۇر مەن دەپ داۋراڭ سالامسىز؟
چىن تۈمۇر باتۇرنىچۇ يەنىلام ياق .ئاۋتىمەن شۇنداققۇ ؟باللىرىڭىز چەتئەلچە ھىندىچە ناخشىلارنى ئاڭلىغاندا گىتتارلارنى چالغىنىدا ئۇلارغا مۇقامنى ئاڭلىتىپ ھىسقىلدۇرالىدىڭىزمۇ؟تەمبۇر دۇتتار لارنى زاماننىڭ كەينىدە قالغان سازغا چىقىرىپ ئۇلارغا چېلىپ بەرمىدىڭىز ھەم مۇڭىنى ئاڭلىتىپمۇ قۇيمىدىڭىز ؟ئۇلار ئۈزىنى ئۇيغۇردەپ بىلسە ھىسقىلسا ئەلۋەتتە مۇڭىنى بىلەلەيتى؟
سىز ئۇلارغا قاتار چاينى كۆرىيە تۈركىيە فىلىملىرىنى كۈرسىتىشنى ئۈگەتتىڭىز ؟لىكىن ئۇيغۇرۇمنىڭ ئۆملۈك ئىناقلىق بۇلغان نۇرۇزنى ئۈگەتتىڭىزمۇ ياق؟ئۇيغۇردەپ باق تىڭىز ئۈزىڭىزنى تىلۋىزۇرلاردىكى نۇرۇزلارنى كۆردىڭىز لىكىن باللىرىڭىزنى ئەگەشتۈرۈپ بىرقىتىممۇ نۇرۇزغا بېرىپ باقمىدىڭىز ؟سىز يەنىلام ئۇيغۇرمەن دەپ داۋراڭ سالامسىز؟سىز قىزلىرىڭىزنىڭ يېرىم يالڭاش كىيىم كىيگىنىنى كۆرگىنىڭىزدە پەخىرلىنەمسىز نۇمۇسمۇ ؟ئەگەر نۇمۇسقىلسىڭىز ئەلۋەتتە زىيالىي داڭلىق ئەرباپ تۇرۇپ يېرىم يالڭاشلىقنى مەدىنيەت دەپ قارىماي ئەكىچە نۈزۈگۇم دەك رىزىۋانگۈلدەك ئۇيغۇر قىزلىرىمىزدىن پەخىرلىنىپ يازا بۇلغىيتىڭىز ؟سىزنىڭ يېزىشىڭىزچە ئۇلار مەدىنيەتسىزلىكتىن تارىخ بېتىگە يېزىلىپ تىللەردا داستان بۇپ كەپتۇدە ھەي؟دەتلەرگە داۋا بارمۇ ؟ئۈزىنى ئۇيغۇردەپ داۋراڭ سالغانلار مىللەتنىڭ ئەيىبىنى ئېچىپ خەخلەرگە ئۇيۇن قىپ بەرمەي بىرمىللىتىم ئانداق مانداق دەپ ئۇلتاماي ئاۋال ئۈزىڭىز ئۇيغۇردەك ياشاپ بېقىڭ ؟ئۇيغۇر ئۈچۈن بىر خىزمەت قىلىپ بېقىڭ؟
مەنبە :ئۈزەم سىلەر گە يارىمىغان بۇلسا تەكلىپ پىكىر بىرەرسىلەر |