- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5933
- نادىر
- 1
- يازما
- 268
ئۆسۈش
18.66%
|
داۋامى
6- قىسمى: جان بىلەن ئوينۇشۇش
كۈز پەسلى دىھقاننىڭ مول- ھوسۇللۇق پەسلى، چۈنكى بۇ پەسىلدە ئۇنىڭ قولى پۇل كۆرىدۇ، چېھرىدىكى شاتلىقنى چىرايىدىكى يېقىملىق كۈلكىسى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. دىمىسىمۇ يىل بويى ئاپتاپتا كۆيۈپ، سوغوقتا توڭلاپ، تاپقان- تەرگىنىنىڭ مىۋىسى مۇشۇ پەسىلدە ئۇلارنىڭ قولىغا ئاران دىگەندە تېگىدىغان تۇرسا ئۇلار خوشال بولماي كىم خوشال بولسۇن؟! دىھقان ئۈچۈن ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈشتە مۇشۇ پەسىلدىنمۇ باياشاتلىق يەنە بىر پەسىل بولمىسا كېرەك.
2008- يىلى 10- ئاينىڭ 30- كۈنى كۇچار ناھىيە خانىقاتام بازىرىنىڭ بازار كۈنى ئىدى، بۇ بازار ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنىسى بازار كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەندىن بۇيان ھەر پەيشەنبە كۈنى قاينام- تاشقىنلىق بازار كەيپىياتىغا چۆمەتتى. بازار تىقما- تىقماق ئادەملەر توپى بىلەن پىخىلدايتتى.
بۇ بىر نەچچە ئاغىينىلەر باياشاتلىقنىڭ پەيزىدىن بەھرى ئېلىش مەقسىدىدە كۈندۈزىلا بازارنىڭ ئاۋات يېرىگە جايلاشقان «گۆھەر زىمىن رېستۇرانى» غا يىغىلىشىپ، ئىچىشتى. سورۇننىڭ ئومۇمى كەيپىياتىغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ بۇ سورۇنغا يىغىلىسىدىكى ئاساسى مەقسىدى ھاراق ئىچىشنىلا ئاساس قىلغانلىقى مەلۇملۇق ئىدى، چۈنكى سورۇندا نە بىر چاقچاق، نە ساز مۇزىكىدىن ئەسەر يوق ئىدى. پەقەت كىم ھاراقنى ئاز ياكى جىق ئىچكەنلىكى سورۇننىڭ ئاساسى تېمىسى ئىدى. ئۇلار بىر ھازا ئىچىشكەندىن كېيىن كەچ كىرەي دىگەندە «ئەتىرگۈل رېستۇرانى» غا يۆتكۈلۈشتى. بۇ رېستۇراندىمۇ يەنە ئىچىشۋازلىق كەچ كىرگىچە داۋاملاشتى....... كەچ كىردى، بازارغا ئەتىگەندىن بېرى پېتىشماي كەتكەن بازارچىلار كەچ قالغان بازارچىلارغا بازارنى بوشۇتۇپ بەرمەكچى بولۇشقاندەك بازاردىكى كىشىلەر توپى شالاڭشىپ قالغانىدى.
چوققا- بېشىغا بىر بوتۇلكىدىن كۆپرەك ھاراق ئىچىشكەن بۇ ئاغىنىلەر «ئەتىرگۈل رېستۇرانى» دىن بىر- بىرىنى يۆلۈشۈپ، دەلدەڭشىشىپ چىقىپ كەلدى، ئۇلار بازارنىڭ چوڭ دوقمۇشىدىن يېڭىتۇر كەنتىدىكى ئۆيلىرىگە قايرىلىپ، ئىگىز- پەس دەسسىشىپ پىيادە مېڭىپ، ئۇزۇن كەنتىگە قايرىلىدىغان دوقمۇشتىكى ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە قارشى يۆنۈلۈشكە كېتىۋاتقان نىياز مامۇت ئۇچرىدى. جىنايەتچى ئەنۋەر توختى چاقچاق قىلىۋاتقاندەكلا قالغان 4 نەپەر دوستلىرىغا:
ــــ مەن ئۇنى قورقۇتۇپ قوياي، ـــــ دىدى ۋە دوستلىرىنىڭ سۆزىنى كۈتمەستىنلا يېنىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ، خۇددى راست قىلىۋاتقاندەك نىياز مامۇتنىڭ گېلىغا پىچاقنى تەڭلىدى.
ئەنۋەر توختىنىڭ دوستلىرى بۇنى كۆرۈپ:
ــــ ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ تونۇمايدىغان ئادەمگە مۇشۇنداقمۇ چاقچاق قىلامسەن؟....ـــــ دىيىشىپ، ئۇنى دەرھال ئاجرىتىپ ئېلىپ ماڭدى.
ئۇلار ئالدىغا قاراپ مېڭىپ تۇرىشىغا تۇيۇقسىز نىياز مامۇت ئۇلارغا:
ــــ موتوسكىلىتىڭلار بولسا بىرىپ تۇرۇڭلار، مەن مىنىپ ئۆيگە كېتىۋالاي ـــ دىدى.
ئەنۋەر توختى:
ــــ نىمە دەيدۇ، ماۋۇ....ــــ دىگىنىچە ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپلا قولىدىكى پىچاقنى نىياز مامۇتنىڭ كۆكرەك قىسمىغا «گاچ!» قىلىپ تىقىۋېتىپ، ھىچ ئىش بولمىغاندەك دوستلىرى بىلەن يولىغا قاراپ كېتىۋەردى ۋە ئۆزىچە ماختىنىپ:
ــــ مەن ئۇنىڭغا پىچاق تىقىۋەتتىم، ـــــ دىدى. دوستلىرى:
ــــ پىچاقنى كۆرسىتە، كۆرۈپ باقايلى،ــــ دىدى.
ئەنۋەر توختى بىسى قانغا بويالغان پىچىقىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى. ئۇلار شۇ ماڭغانچە مەھەللىگە يىتىپ كەلدى.
ئۇلار مەھەللە دوقمۇشىدىكى بېليارتخانىنىڭ چىرىقىنىڭ ئوچۇقلىقىنى كۆرۈپ بىليارتخانىغا كىردى، ئۇلار كىرگەندە بىر نەچچە ياش- گۆدەكلەر بېلىيارت ئويناۋاتاتتى. ئەنۋەر توختى كىرىپلا ئۆزىچە خۇددى تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىۋەتكەن ئادەمدەك ماختىنىپ:
ــــ مەن بىر ئادەمگە پىچاق تىقىۋەتتىم،ــــ دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋارقىرىدى.
بۇ ۋاقىتتا ئەنۋەر توختىنىڭ بىللە كەلگەن ئاغىنىلىرى زادىلا خاتىرجەم بولالماي ئۆز- ئارا پىچىرلىشىپ، بېليارتخانىدىن چىقىپ، موتوسكىلىتلىق بايا ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇنغا باردى. يول بويىدا باياتىن پىچاق يىگەن ئادەم دۈم ياتاتتى، ئۇلار ئۇنى ئۆرۈپ- چۆرۈپ ۋارقىراپ باقتى، دۈم ياتقان كىشىدىن ھىچقانداق تىۋىش يوق ئىدى، كەلگەنلەردىن بىرەيلەن ئۇنىڭ بۇرنىغا قولىنى تۇتۇپ بېقىپ: «تىنىقمۇ يوق تۇرىدۇ» دىدى، «ئۆلۈپتۇ- دە» دىدى ئۇلار ئۇھسىنىپ.
ئۇلار بېلىيارتخانىغا قايتىپ كەلگەندە ئەنۋەر توختى بېلىيارتخانىدا كۆرۈنمىدى، ئۇلار سۈرۈشتۇرۇپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ ئەنۋەر توختىنى تاپتى ۋە:
ــــ بىز باياتىن سەن پىچاق تىقىۋەتكەن ئادەمنىڭ يېنىغا بېرىپ كەلدۇق، ئۇ ئادەم ئۆلۈپتۇ. سەن دەرھال ساقچىغا ئۆزۈڭنى مەلۇم قىل.... ـــــ دەپ ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتىشتى.
ئەنۋەر توختى بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ، يېنىدىن باياتىنقى قان يۇقى پىچىقىنى چىقىرىپ، ئۇلارغا قارىتىپ بىر- بىرلەپ تەڭلىدى ۋە زەھەرخەندىلىك بىلەن چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى:
ــــ باياتىن بېرى قايسىڭ مېنى كۆردۈڭ، قايسىڭ مېنى كۆردۈڭ؟ ئەگەر دەپ قويىدىغان بولساڭ كۆزۈڭنى ئويۇۋالىمەن! ــــ دېدى. ئۇلار قورقۇشۇپ بىر ئېغىزدىن:
ــــ بىز سىزنى كۆرمۈدۇق، بىز سىزنى كۆرمۈدۇق، ــــ دىيىشتى.
ئەنۋەر توختى ئۇلارنى باشلاپ، بېلىيارتخانىغا كىردى، بېليارتخانىدا بېليارت ئويناۋاتقان ئىككى ئادەم ۋە بېليارت ئىگىسى بار ئىدى. ئەنۋەر توختى پىچىقىنى ئۇلارغا تەڭلەپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى:
ــــ مېنىڭ قولۇمغا پىچاق ئېلىپ يۈرگىنىمنى قايسىڭ كۆردۈڭ؟ كۆرمۈدۈڭ، شۇنداقمۇ؟ گەپ قىلىشمامسەن؟ــــ دەپ ئۇلارغىمۇ تەھدىت سالدى.
ئۇلارمۇ قورقۇپ كىتىپ بىر ئېغىزدىن:
ــــ بىز كۆرمۈدۇق، بىز كۆرمۈدۇق،ــــ دىيىشتى.
بېلىيارتخانىدىكىلەر جىم- جىت ھالدا يۇۋاشلىق بىلەن يەرگە قارىشىپ تۇراتتى، بۇنى كۆرگەن ئەنۋەر توختى ئۆزىنى خۇددى غالىپ سەركەردىلەرگە ئوخشۇتۇپ ئاۋازىنى كەردى:
ــــ مەن بىر ئادەمگە پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈپ قويدۇم، ئەگەر ساقچىلارغا دەپ قويىدىغان بولۇشساڭ كۆزۈڭنى ئويۇۋالىمەن....!.
ئۇلارنىڭ قوينىڭ قوزىسىدەك يۇۋاش تۇرغان قىياپىتىدىن: «بۇلار ساقچىغا دەپ قويمايدىغان بولدى، ئەمدى مېنى ساقچىلار ھىچنىمە قىلالمايدۇ» دەپ ئويلىدى ئۇ. ئۇ مەست كاللىسىدا ئىشنى ناھايىتى ئاددى ئويلاپ بېخىرامان ھالدا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى، ئەنۋەر توختى ئەتىسى ئەتىگەندە ئۆيىدىكى ئۇخلاۋاتقان يېرىدىن قولغا چۈشتى.
جاۋاپكار ئۆزىگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىختىيارسىز چىرايلىرى پۈرۈشۈپ، كۆز چاناقلىرى لىققىدە ياشقا تولدى ھەم بىردىنلا ھۆڭرەپ يىغلاپ، تامنى مۇشتلاپ كەتتى، ئۇ بىر ھازا يىغلىۋالغاندىن كېيىن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ھېقىغداپ تۇرۇپ ئۆز- ئۆزىگە شىۋىرلىدى: «ھاراق ئىچمىسەم بوپتىكەن، مەن ئەسلى ھاراق ئىچمىسەم بوپتىكەن! مۇشۇ ئىشنىڭ ھەممىسىگە ھاراق سەۋەپچى...».
ئۇ 19 يىللىق قىسقىغىنە ئۆمۈر مۇساپىسىنىڭ بۇنچىلىك تېز ئاخىرلىشىپ كېتىشىگە زادىلا چىدىمايۋاتاتتى، بىردىن باشلاپ سانىغاندا 19 غىچە ساناشقا سىكونت ۋاقىت كۇپايە، 19 يىل! ئىنسان ئۈچۈن بۇ نىمە دىگەن قىسقا ھايات، نىمە دىگەن قىسقا ئۆمۈر- ھە! ئەمدىلىكتە بولسا ھاياتلىق ئۇنىڭغا باشقىدىن قىممەتلىك بىلىنمەكتە ئىدى، ئۇ بۇ قەبىھ ۋە ئېغىر جىنايەتنى سادىر قىلمىغان بولسا يەنە ئەللىك، ئاتمىش يىل ياشىشى مۈمكىن ئىدىغۇ؟ توي قىلغان، بالىلىق بولغان، نەۋرە- چەۋرىلىك بولغان، ھاياتنىڭ نى- نى مەئىشەتلىرىدىن بەھرى ئالغان بولاتتىغۇ! مانا قاراڭ، ئۆلگۈچىنىڭ 68 ياشلىق دادىسى، 65 ياشلىق ئانىسى، 3 بالىنى توققان ئايالى، چوڭى 10 ياشلىق، كىچىكى 2 ياشلىق 3 نەپەر پەرزەندلىرى تۇرمۇشتا يۆلەنچۈكسىز قالدى، مانا بۇ بۇ ۋەقەنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق تەرىپى. باشقىسىنى ئېيتمايلا تۇرايلى، ئۆلگۈچىنىڭ شۇ 2 ياشلىق پەرزەندى ئەقلىگە كەلگەندە ئەنۋەر توختى تەرىپىدىن بىھۇدە قەتلى قىلىنغان دادىسىنىڭ چىرايىنى ئەسلىيەلەرمۇ؟
كوللىگىيىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بۇ دىلونىڭ ۋەقەلىكى ھەممىمىزنى ئىختىيارسىز قىزىقتۇردى، چۈنكى بىز بۇندىن بۇرۇن نۇرغۇنلىغان جىنايى ئىشلار دىلوسىنى بېجىرىپ، كۆپنى كۆرگەن تەجىربىگە باي سوتچىلار بولساقمۇ، لىكىن بۇ دىلوغا ئوخشاش بىر- بىرى بىلەن تونۇشمايدىغان، ئارىدا ھىچقانداق ئۆچ- ئاداۋەت ۋە ھىچقانداق سۈركۈلۈش مەۋجۇت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا «قورقۇتۇپ قوياي» دەپ بېرىپ، باشقىلارنىڭ جېنى بىلەن بىھۇدە ئوينۇشۇپ سادىر بولغان دىلونى تۇنجى رەت كۆرۈشىمىز ئىدى. بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى ھاراق ئىچكەندىن كېيىنكى سادىر بولغان جىنايەت ئۇلار مەستلىكتە جېدەللەشكەن، مەستلىكتە ئىلگىرىكى زىددىيەتلىرى ئېسىگە كېلىپ قېلىپ، زىددىيەت قوغلۇشۇپ ۋە تەگىشىپ، ئۆز- ئارا ئۇرۇشۇپ- سوقۇشقان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش دىلولار ئىدى. ئەيىپلەشنامىنى مەيلى قايسىمىز قولىمىزغا ئالمايلى خۇددى دىيىشىۋالغاندەك بىر ئېغىزدىن: «توۋا!» دەپ كۈلەتتۇق.
نىھايەت، قانۇن رەھىمسىز، ئۇنىڭ جازاسىدىن ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان ھەرقانداق ئادەم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ئېغىر جازاسىغا ئۇچرايدۇ، ئېغىر بولغاندا قىلمىش سادىر قىلغۇچى ھاياتىدىن بىمەھەل ئايرىلىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا مۇددەتسىز ياكى مۇددەتلىك قاماققا مەھكۇم بولىدۇ. بۇ ۋەقە يازمىلىرىمىزنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىدە قەيت قىلىنغان ئاساسى تېمىنى رۆشەن گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ، بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى زادى نىمە؟ ئىناق بولغان جەمىيىتىمىزگە زادى قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كەلدى؟ ھەربىر ئوقۇرمەنلىرىمىزگە بۇ ھەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە ئاقىۋىتىنى دوپپىسىنى تىزىغا كەيدۈرۈپ قويۇپ تۇرۇپ سەگەكلىك بىلەن ئويلۇنۇپ كۆرۈشىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن.
داۋامى بار............ |
|