تەرجىمە قىلغۇچى:مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
تەرجىمە ھەققىدە ئىزاھات: ئەسلى ماقالىدىكى پەۋقۇلئاددە مۇرەككەپ جۈملىلەر،ئابىستىراكىت يېڭى پىكىرلەر بۇ ماقالىنىڭ تەرجىمىسىگە قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى.بۇ بىرجەھەتتىن ئاپتۇرنىڭ تەپەككۇرىدىكى چۇڭقۇرلۇقنى ئاشكارىلىسا،يەنە بىرجەھەتتىن ماقالە ئاپتۇرىنىڭ تىل ۋە تەپەككۇر مۇھىتىنى سەمىمىزگە سالىدۇ.ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈش جەريانىدا « مۇرەككەپلەشكەن تەپەككۇرنى ئاددىي، ئاممىباپ قىلىپ ئىپادىلەش»پىرىنسىپىدا تۇرۇپ ئويلاشقان بولساقمۇ ، قىسمەن جۈملىلەرنى تەرجىمىگە سادىقلىق بىلەن مۇرەككەپ تۈزۈشكە توغرا كەلدى.بۇ ھەقتە كەتكۈزگەن تەرەپلەر بولۇشى مۇمكىن. ئۇستازلارنىڭ ۋە دوستلارنىڭ سەمىمىي تۈزىتىپ بېرىشىنى قارىشى ئالىمىز.
گەپنىڭ پوسكاللىسى مۇشۇ ئىكەن: قىزىقارلىق،ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە سېلىشتۇرما پەلسەپە تەتقىقاتى مۇنداق ئىككى قاتلامنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
بىرى،«ئۇبيېكىت ئىزدەش»قاتلىمى،
سېلىشتۇرما پەلسەپە دېگەن بۇ ئاتالغۇ تارمەنىدە، يەنە كەڭ مەنىدە قوللىنىلىدۇ.تارمەنىدە مۇنداق ئىككى تەرەپكە قارىتىلغان:بىرىنچى،ئىلگىرى بۇ سۆزپەقەت ئوخشىمىغان يىلتىزغا ئىگە مىللەتلەر،مەدەنىيەتلەر،جوغراپىيلىك رايۇن ئەنئەنىسى ئوخشاش بولمىغان ئىدىيە ئەنئەنىسى ياكى پەلسەپە ئەنئەنىسى(مەسىلەن:غەرب ئەنئەنىسى،جۇڭگو ئەنئەنىسى،ھىندىستان ئەنئەنىسى ۋەھاكازالار)دىكى ئوخشاش بولمىغان پىكىر يولى ۋە كۆزقاراشلارنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشقا قارىتىلاتتى.ئىككىنىچى،سېلىشتۇرما پەلسەپە نامىدىكى خىزمەتلەر بەزىدە چۇڭقۇرلاپ پەلسەپىۋى پىكىر يۈرگۈزۈش ئەمەس،تارىخى تەسۋىرلەش خارەكتېرىدىكى تەكشۈرۈشلەر بىلەنلا چەكلىنەتتى.مىسالەن،تارىخى پاكىتلارنى تەسۋىرلەش خارەكتېرلىك سېلىشتۇرۇپ بىرقىسىم يۈزەكى ھادىسىلەردىكى پەرق ۋە ئوخشاشلىقنى بېكىتىشتە يا تېگىش قىلىنمايتتى،ۋە يا ئايىغى چىقمايتتى.بۇ ئەھۋال كۆپىنچە مەخسۇس خەنزۇشۇناسلىق،تارىخشۇناسلىق،دىنشۇناسلىق،ئەدەبىيات ياكى ئاسىيا تەتقىقاتىدىكى ئالىملارنىڭ«سېلىشتۇرما پەلسەپە»تەتقىقاتى خىزمىتىدە سادىر بولاتتى.يۇقىرىقى ئىككى نۇقتىنى باغلاپ تۇرىدىغىنى بولسا،جۇڭگو پەلسەپىسىنى تەتقىق قىلغاندا سېلىشتۇرما پەلسەپە جۇڭگو پەلسەپىسى تەتقىقاتىدا «قۇشۇمچە مەھسۇلات»دەپ قارىلاتتى.يەنى،بۇ تەتقىقات نەزەرىيسى بىلەن باشقا پەلسەپە ئەنئەنىلىرىدە ئوخشاش كۆزقاراشلار كۆرۈلسە«جۇڭگونىڭكىنى ئاساس»قىلىش مەيدانى بويىچە«سېلىشتۇرۇش»ئېلىپ بېرىلاتتى.بۇنداق كەڭ مەزمۇنغا قارىتا ئۇ خىلدىكى تارىخى تەسۋىرلەش خارەكتېرلىك ئۇزۇنىسىغا كۆزىتىش ئېلىپ بارغاندا، ئەدەبىيات،تارىخ،پەلسەپە،دىن ئارىلىشىپ كېلەتتى،پەلسەپىۋى يېشىمى ۋە پەلسەپە مەسلىسىنىڭ مەقسەت-تەلىپى ئاساس قىلىنماي،مۇناسىۋەتلىك پەلسەپە ماتېرىياللىرىغا چۇڭقۇرلاپ كۆزىتىش ئېلىپ بېرىلاتتى.
21-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن بۇيان، پەلسەپىدە ئورۇنلۇق مىتود ئارقىلىق سېلىشتۇرما پەلسەپىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىش خەلقئارا پەلسەپە ساھەسىدە قەد كۆتىرىپ تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى ۋە تۆۋەندىكى مەزمۇن مەنىسىدىن چىقىش قىلغاندا، ئۇمۇمىيلىققا ئىگە پەلسەپە ئىزدىنىشىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى.يەنى،ئوخشاش بولمىغان پەلسەپە ئەنئەنىسى،ئوخشاش بولمىغان مىتودولوگىيلىك ئۇسلۇبقا يۆنەلگەن پىكىر يولى،ئۇسۇل،كۆزىتىش،كۆزقاراش ھەم ئۇقۇم خارەكتېرلىك،شەرھىي خارەكتېرلىك مەنبەلەر شۇنداقلا تەنقىدى ئويلىنىش ئارقىلىق ئۆز-ئارا ئۆگىنىش،پەلسەپىدىكى يۈرۈشلۈك قىزىقارلىق ۋە ئەھمىيەتلىك مەسلىلەردە بىر-بىرىنى تۇلۇقلىغان ھالدا ئىجادىي تۆھپىلەرنى قوشتى.بۇ مەنىدىكى سېلىشتۇرما پەلسەپە تەتقىقاتى بىرجەھەتتىن تەنقىدنى ئويلاش ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى تەكىتلىسە،يەنە بىرجەھەتتىن بۇخىل مەقسەتنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئۆز-ئارا ئۆگىنىش ھەم پەلسەپە ئىشلىرىغا بىرلىكتە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈندۇر. تەنقىدنى ئويلىشىدىغان ۋە ئىجادىيلىقى بولغان سېلىشتۇرما پەلسەپە تەتقىقات سىتراتىگىيسىنى تەكىتلەپ يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلەرنى«ئىجادىيلىق ئېنگامىنتى»(ئۇچرىشىشچانلىق)سۆزى بىلەن بەلگىلىيەلەيمىز.بۇ خىل مەنىدىكى سېلىشتۇرما پەلسەپە تەتقىقاتى، ئوخشاش بولىمىغان مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بىلەن باغلانغان ئوخشاش بولمىغان ئەنئەنىدىكى پىكىر-كۆزقاراشلار بىلەنلا چەكلەنمەستىن،ئوخشاش بولمىغان ئۇسلۇب،مىتودولوگىيە يۆنىلىشىنى بەلگە قىلغان پەلسەپە ئەنئەنىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان پىكىر-كۆزقاراشلارنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.كېيىنكىسى مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن ھالقىپ كېتىشى مۇمكىن. كەڭ دائىرىلىك چۈشەنچىدىكى ئانالىزپەلسەپىسى ۋە چوڭ قۇرۇقلۇق پەلسەپىسى ئارىسىدىكى سېلىشتۇرما تەتقىقات بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. شۇڭا،بۇ خىل سېلىشتۇرما تەتقىقات تېخىمۇ ئۇمۇمىيلىققا ئىگە ھەم ئوخشاش بولمىغان مىللىي ئەنئەنىدىكى ئوخشاش بولمىغان پەلسەپىۋى ئىدىيەنى تەكشۈرۈش بىلەنلا چەكلەنمەيدىغان ۋە ئۆلۈك دەلىللەش ياكى نۇقۇل تارىخىي تەسۋىرلەش قەدىمىدىلا توختاپ قالمايدىغان بولۇپ، مەلۇم ئەنئەنىدىكى زىيادە تاردائىرىچىلىكنى كېڭەيتىشكە ياردىمى بولىدۇ. ئەمما،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەدەبىيات،تارىخ،پەلسەپە،دىنغا تەڭ ئېسىلىۋېلىشتىن چىقىپ مەخسۇس پەلسەپە تەتقىقاتىغىلا كىرىشىشتەك بەزى زىيادە كەڭ دائىرىگە ئېسىلىۋالغان تەرەپلەرنى«تارايتىدۇ».يۇقىرىقى بايانلاردىكىدەك سېلىشتۇرما پەلسەپە تەتقىقاتى سېلىشتۇرما دىنشۇناسلىق،سېلىشتۇرما تارىخشۇناسلىق ۋە سېلىشتۇرما ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن خارەكتېر،مەقسەت،مىتود جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ ياكى پەرقلىنىدۇ.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇكى،بۇ خىل ئىجادىيلىققا ئىگە ئۇچرىشىشچان سېلىشتۇرما پەلسەپە تەتقىقاتى تارىخى تەسۋىرلەش خىزمىتىدىكى مۇناسىۋەت ۋە زۆرۈرىيەتلەرنى ئىنكار قىلمايدۇ ياكى نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ،بۇ خىل تارىخى تەسۋىرلەش خىزمىتىنى سېلىشتۇرما تەتقىقاتنىڭ سىرتىغا قويمايدۇ ھەم تەتقىقاتچىنىڭ ئىلمىي قىزىقىشى،تەربىيلىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى،تەتقىقات ۋەزىپىسىنىڭ خارەكتېرى قاتارلىق ئۆمۈرلۈك ياكى مەزگىللىك تارىخى ماتېرىيال توپلاش،تەسۋىرلەش ياكى تەھقىقلەش ئەھۋالاتلىرىنى ئىنكار قىلمايدۇ. بۇ خىزمەت بىرجەھەتتىن ئىزدىنىۋاتقان تۈرگە ماتېرىيال يىغىش خىزمىتى ياكى باسقۇچلۇق خىزمەت،سېلىشتۇرما پەلسەپە تەتقىقاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋە زۆرۈر.يەنە بىرجەھەتتىن،سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇمۇمىي گەۋدىسىدىن ياكى نۇقتىلىق مەسلىلەردىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تارىخى تەسۋىرلەش بىلەنلا تۈگەللەنمەستىن ئوخشاش بولمىغان پىكىر يولى،كۆزقاراشلارئۈستىدە شەرھىيلەش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش،بۈگۈنىمىزدە يولۇققان پەلسەپىۋى مەسلىلەرنى چۈشەندۈرۈش ۋە قانداق بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئاكتىۋال ئىجادىي تۆھپىلەرنى يارىتىدۇ.
ئۇمۇمەن ئېيتقاندا، قىزىقارلىق،ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە سېلىشتۇرما پەلسەپە تەتقىقاتى مۇنداق ئىككى قاتلامنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. بىرى،«ئۇبيېكىت ئىزدەش»قاتلىمى،
ئۇبيېكىت ئىزدەش قاتلىمىدا،مەلۇم مەسلىدە مۇھاكىمىگە چېتىشلىق بىرقانچە ئوخشاش بولمىغان پىكىر،كۆزقاراشلارنى ئورتاق مۇلاھىزە قىلىپ، كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان پەلسەپە مەسلىسىدە قانداق قىلىپ ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى تۇلۇقلاش ئاساسىدا يېشىمگە ئېرىشىپ ئىجادىي تۆھپە قوشۇش كېرەكلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىش چىقىش نۇقتىسى بولىدۇ. قارىماققا ئەسلىدە مۇناسىۋەتسىز بولغان ئوخشىمىغان كۆزقاراشلاردىن مۇناسىۋەتلىك يەكۈنگە ئېرىشىلىپ،ئەينى پەلسەپە مەسلىسى ياكى تېمىسى ئۈستىدە كۆزقاراش،نۇقتىئىنەزەرلەردە ئۆتۈشۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مۇۋاپىق ئېلمىنتلار ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ مەقسەتكە يېتىش مۇمكىن.
مېتا پەلسەپە ئۈستىدە ئىزدىنىشتە بولسا ،سېلىشتۇرما پەلسەپە تەتقىقاتى ئوخشاش بولمىغان ئەنئەنىدىكى پەلسەپە تەتقىقات ئۇسلۇب ياكى يۆنىلىشىدىكى ماھىيەتلىك نۇقتىئىنەزەر ياكى ئۇقۇم،شەرھىيلەش خارەكتېرلىك مەنبەلەر(ئوخشاش بولمىغان مەۋقەلەرمۇناسىۋىتىنىڭ مېتودولوگىيلىك يېتەكلەش پىرىنسىپى ھەم ئۇنىڭ مۇۋاپىقلىق شەرتىگە ئوخشاش) مۇناسىۋىتىگە چېتىشلىق مېتاپەلسەپە،مېتامىتودۇلوگىيە مەسلىلىرىگە قارىتا ئېنىق،ئۇمۇمىيەتلىك،سېستىمىلىق ھالدا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئىزدىنىدۇ. پەلسەپە تەتقىقاتىدىكى سېلىشتۇرما پەلسەپە مېتودىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ـــ يۇقىرىقى ئىككى قاتلامدىكى ئۇمۇمىيلىق مەنىسىدىكى پەلسەپىۋى مىتودقا ئىگە سېلىشتۇرما پەلسەپە تەتقىقاتىدۇر.