- تىزىملاتقان
- 2014-1-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 203
- نادىر
- 0
- يازما
- 9
ئۆسۈش
67.67%
|
دېھقانلارنىڭ نامرات بولىشى مۇقەررەر
ئۇيغۇر تور بەتلىرىمىزدە دېھقانلار توغۇرلۇق ئەسەرلەر،ئىنكاسلار خېلى كۆپ.بىز دېھقانلارنىڭ نامراتلىقى،ئىجتىمائى ئورنىنىڭ تۆۋەنلىكىگە ناھايىتى ھېسداشلىق قىلىمىز،زاماننى شۇ ئەمگەكچان كىشىلەرگە ئادىل مۇئامىلە قىلمىدى دەپ ئۇلار ئۈچۈن جەمىئەتتىن قاخشايمىز.بۇنى توغرا چۈشۈنۈشكە بولىدۇ،چۈنكى ئۇيغۇرلار خېلى بۇرۇنلا دېھقانچىلىق جەمئىتىگە كىرگەن،قەدىمكى زامانلاردا دېھقانچىلىق جەمئىيىتى نىسبەتەن ئىلغار بولغاچقا بىز ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ كەلگەن.نۇرغان ئۆرۇپ-ئادەت،مەدەنىيەتلىرىمىز دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش جەريانىدا شەكىللەنگەن،نۇرغۇنلىرىمىز ئۇيغۇرلانىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى دېھقانلار ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ دەپ قارايمىز.يەنە كىلىپ دېھقانلار مىللىتىمىزنىڭ نوپوسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدۇ،ئۆزىمىز دېھقان بولمىساقمۇ ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن تۇققانلىرىمىز دېھقان،بىز ئۇلاردىن ئايرىلالمايمىز،ئۇلارنى ياخشى كۆرىمىز.شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ جاپاكەش لىكىن ھال كۈنىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىگە قاراپ سەۋەبنى جەمىئەتتىن ئىزدەيمىز.مىنىڭچە دېھقانلارغا ئىچ ئاغرىتساق بولىدۇ،لىكىن جەمىئەتتىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنى يوق.ياخشى كۆرۈش،ئىچ ئاغرىتىش پەقەت بىرخىل ھېسسىيات،ئەگەر ئىلمى مۇھاكىمە قىلىدىغان بولساق،دېھقانلارنىڭ نامرات بولىشى مۇقەررەرلىك،ھازىرقى ئەۋلاد دېھقانلىرىمىزنىڭ ئۆزى بىر پاجىئە. بۇ سۆزلەرنى كۆرۈپ ئاچچىقلانماڭ ئاۋۋال تەھلىلىمنى ئاڭلاپ بېقىڭ.
1.ئۇيغۇرلاردا دېھقانلارنىڭ ئىگىلىگەن نوپوسى ناھايىتى كوپ،كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاز. خوتەننى ئېلىپ ئېيتساق،كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان تېرىلغۇ يەر 2موغا يەتمەيدۇ،نوپوسنىڭ 80%تىن كۆپرەكى دېھقان(شىمالى شىنجاڭ،ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا تېرىلغۇ يەر بۇنىڭدىن كۆپ.لىكىن يەنىلا باي بولغۇدەك كۆپ ئەمەس).بىر ئادەم 2مو كەلمەيدىغان يەرنى ھەرقانچە تېرىسىمۇ باي بولالمايدۇ.تېرىلغۇ يەرنى بەك كۆپەيتىش مۈمكىن ئەمەس،ئۇنداقتا ھۆكۈمەت ئاشلىقنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرسىچۇ؟بەزىلەر" ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتتى ئاشلىقنىڭ باھاسى قاچان ئۆسەر" دەيدۇ،بۇمۇ مۈمكىن ئەمەس.چۈنكى ئاشلىقنىڭ باھاسى نىسبەتەن تۇراقلىق بولىدۇ،ئۇنىڭ باھاسىنىڭ كۆپلەپ ئۆسۈشى مۈمكىن ئەمەس.نىمە ئۈچۈن؟چۈنكى تاۋارنىڭ باھاسىنى بازارنىڭ ئىھتىياجى ۋە تەمىناتى بەلگۈلەيدۇ.ئاشلىقمۇ تاۋار،ئۇنىڭ باھاسىنى دېھقاننىڭ جاپاسى ياكى ھۆكۈمەت بەلگىلىمەيدۇ،بازار بەلگۈلەيدۇ.ئاشلىق بازىرى خەلقئارالىق بازار،ئاشلىق تەمىنلىگۈچىلەر يەرشارادىكى بارلىق دېھقانلار،دىمەك بىزنىڭ دېھقانلىرىمىز بىرنەچچە مو يەر ،كەتمەن- تىشاڭ بىلەن ئامرىكىنىڭ نەچچە مىڭ گىكتار يېرى بار كومبايىن ھەيدەيدىغان دېھقانلىرى بىلەن رىقابەتلىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشلىققا نىسپەتەن بازار ئىھتىياجى كىشىلەرنىڭ ئاشلىق يىيىش ئىھتىياجى بولۇپ بۇ خىل ئىھتىياج نىسپەتەن تۇراقلىق بولىدۇ،ھازىرقىدەك تەمىنات ئىھتىياجدىن كۆپ ئەھۋال ئاستىدا ئاشلىق باھاسى كۆپلەپ ئۆسمەيدۇ.شۇڭا بىزنىڭ دېھقانلىرىمىز باي بولالمايدۇ.بۇ بىز ئۇيغۇرلار دېھقانلىرىغىلا خاس ئەمەس،جۇڭگۇ ۋەياكى يەرشارىدىكى دېھقانلارنىڭ ھەممىسى نامرات.ئامرىكىنىڭ دېھقانلىرىمۇ نامراتمۇ؟نامرات ئەمەس،ئامرىكىدا "دېھقان " يوق.دېھقانلارنىڭ نامرات بولىشىدىكى گەپ دېھقاندا ئەمەس،بەلكى دېھقانچىلىقتىن ئىبارەت بۇ كەسىپتە.ئىنسانىيەت جەمىئىتى تەرەققى قىلىپ بۈگۈنگە كەلگەندە دېھقانچىلىق كەسپى قالاق كەسىپلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ بولدى،پات-ئارىدا شاللىنىدۇ.
2.دېھقانلار ئەمەلىيەتتە جەمىئەتنىڭ شاللىشىغا دۇچار بولدى.يوقۇلۇپ كىتىش گىردابىدا. مىنىڭ بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەب تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە دېھقانلارنىڭ نوپوسى ناھايىتى ئاز،يېزا ئىگىلىك سانائەتلىشىپ بولغان.مەسىلەن:ئامرىكىدىكى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ نوپوسى ئۇمۇمى نوپوسنىڭ 2%گە يەتمەيدۇ ھەم تېخىمۇ ئازلاپ كېتىپ بارىدۇ.ھەتتا ئۇلار ئاللىقاچان "دېھقان" ئەمەس بەلكى كارخانىچى-خوجايىن.يەر ئىگىلىرى تېرىلغۇ ئىشلىرىنى زامانىۋى يېزا-ئىگىلىك شىركەتلىرىگە بۆلۈپ ھۆددە بىرىدۇ.بۇ شىركەتلەر ئىلغار يېزا-ئىگىلىك تېخنىكىلىرى ،باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىدۇ ، ئېغىر ئىشلارنى ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر قىلىدۇ،شۇڭا ئىش ئۈنۈمى يۇقۇرى، بىزنىڭ دېھقانلىرىمىزدەك جاپا تارتمىسىمۇ ،ئەرزان ساتسىمۇ باي بولاۋىرىدۇ.لىكىن 200يىلنىڭ ئالدىدا ئامرىكا نوپوسىنىڭ 90%تىن كۆپرەكى دېھقان ئىدى.ئامرىكا 200يىل سەرىپ قىلىپ دېھقانلارنى جاپادىن قۇتۇلدۇردى،ياق توغرىسى دېھقانلارنى يوقاتتى.بۇ خىل تەرەققىيات بىزگىمۇ كىلىدۇ.
3.ئۇنداقتا قانداق قىلىش كىرەك،قانداق قىلغاندا دېھقانلىرىمىزنى بېيىتقىلى بولىدۇ؟ مەن يۇقاردا دەپ ئۆتكەندەك زامانىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆزى بىر پاجىئە،ئۇلارنى تۈپتىن باي قىلغىلى،ئىجتىمائى ئورنىنى لىككىدە كۆتەرگىلى بولمايدۇ.لىكىن ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەلادلىرىنى باي قىلىش مۈمكىن.تېلىۋۇزۇر-ئاخباراتلاردا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان "بېيىغان دېھقانلار"غا قاراپ باقساق ھېچقايسىسى دېھقانچىلىق قىلىپ باي بولغان ئەمەس،باشقا تىجارەت ھېچ بولمىسا بورداقچىلىق قىلىپ باي بولغان.شۇڭا دېھقانلار ياشراق بىلىملىكرەك بولسا دەرھال كۈچىنىڭ يېتىشىچە كەسىپ ئالماشتۇرۇپ باي بولىشى ھېچ بولمىسا پەرزەنتلىرىنى ياخشىراق ئوقۇتۇپ،ئۇلارنىڭ دېھقانچىلىقتىن قۇتۇلالىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بىېرىشى كىرەك.دېھقانلار قانداق قىلغاندا باي بولىدۇ؟دېھقانلار يەردىن قۇتۇلغاندا باي بولىدۇ.دېھقانلار يەردىن قۇتۇلۇپ بارلىق يەر ئاز بىر قىسىم "دېھقانلارنىڭ" قولىغا يېغىلغاندىلا،سانائەتلەشتۈرگىلى،يەر تېرىپ باي بولغىلى بولىدۇ.
4.دېھقانلارنى تاشلىۋىتەمدۇق؟
ياق،دېھقانلارنى ھەرگىزمۇ تاشلىۋىتىشكە بولمايدۇ،بىز ئۇلارغا تېخىمۇ ئوبدان مۇئامىلە قىلىشىمىز،قولىمىزدىن كىلىشىچە ياخشىلىق قىلىشىمىز كىرەك . قانداق ياردەم؟سىياسىيون بولساق مۇئاپىق سىياسەت يۈرگۈزەيلى،كارخانىچى بولساق جىقراق خىزمەت ئورنى يارىتايلى،مائارىپچى بولساق يېزا مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلەيلى،ئىستىمالچى بولساق ئوخشاش شارائىتتا دېھقاننىڭ مېلىنى ئالايلى.بولۇپمۇ ھۆكۈمەت ئۇلارنى تاشلىۋەتسە بولمايدۇ.ھۆكۈمەت مالىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا مۇئاپىق پاراۋانلىق قىلىشى،مائارىپنى زىرىكمەي چىڭ تۇتىشى،دېھقان بالىلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش يۈكىنى يىنىكلىتىپ ئۇلارنىڭ نورمال ئوقۇيالىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى،ئەڭ مۇھىمى تىرىشىپ ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىغا،يىڭى خىزمەت ئۇرۇنلىرىنىڭ پەيدا بولىشىغا تۈرتكە بولىشى كىرەك. بولمىسا دېھقان بالىلىرى ئوقۇپ چىقىپ ئىش تاپالمىسا "دېھقان بالىسى كادىر بولماس"دەپ دادىسىنىڭ ئېتىزلىقىغا قايتىپ كىتىدۇ.
5.ئۇيغۇر جەمىئىتى دۇنيانىڭ خېلىلا ئارقىدا قاپتىمىز!
ئىنسانىيەت جەمىئىتى ئوۋچىلىق،دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق،سانائەت قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈرۇپ ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويماقتا،ھازىر دەل سانائەت دەۋرى ئاخىرقى باسقۇچى بىلەن ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ئۆتۈشمىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ،ئۇيغۇر جەمىئىتىچۇ؟بىز تېخى دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىقتىن چىقىپ بولالمىدۇق،بىر ئەسىرلەر بۇرۇن لۇتپۇللا مۇتەللىپ "بۇ مىنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى" دىگەن شىئېرىنى يېزىپ ئۇيغۇر جەمىئىتىنىڭ سانائەتلىشىشىگە بولغان تەقەززاسىنى ئىپادىلىگەن،بىز ھازىرغىچە سانائەت دەۋرىنى كۆرمەي تۇرۇپلا ئۇچۇر دەۋرىگە كىرىپلاۋاتىمىز.كاللىمىزنى ئەمدى بولسىمۇ سىلكىمىسەك بولماس.ئەمدى تىرىشمىساق دېھقانچىلىقتىن ئاجرىساق قىلغىلى ئىش تاپالمايمىز،مىللەت سۈپىتىدە شاللىنىمىز.مىللەتنىڭ تەقدىرىنى قانداقتۇر بىر غايىۋى نەرسىلەرگە باغلىۋالماي،ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە تەرەققىياتىمىزغا باغلىساق!تەرەققىياتنىڭ ئاساسى مائارىپ.
|
|