- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7546
- نادىر
- 12
- يازما
- 376
ئۆسۈش
100%
|
مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن، مەيلى ئامېرىكان بولسۇن، مەيلى رۇس ياكى خەنزۇ ياكى خۇيزۇ ياكى ئاق تەنلىك ياكى قارا تەنلىك بولسۇن ھەممىمىز ئەڭ ئاۋۋال ئىنسان ، ئىنسان بولۇش دېگەن ئەڭ ئاۋۋال باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش دېگەنلىك. يۈزەكى قاراش بىلەن سىرتقا قاراپ،باشقىلارنى كەمسىتىش قەتئىي بولمايدۇ دەپ قارايمەن.
==============
سالام Elise،
ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە قەدەم تەشىرىپ قىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشەنچىلىرىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت. بۇ ماقالىڭىزدىكى مەزمۇنلار ھەقىقەتەن كۆپ قىسىم شىنجاڭدا ياشاپ باققان ئامېرىكىلىقلارنىڭ پىكىرى بىلەن ئوخشاشلىقى كۆپ بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن. مېنىڭ نۇرغۇن شىنجاڭغا بارغان ئامېرىكىلىق دوستلىرىممۇ مۇشۇنداقراق پىكىرلەرنى قىلغان ئىدى، ئەمدى سىزنىڭ بۇ پىكىرلىرىڭىزنىڭ ماقالە سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ خۇرسەن بولدۇم.
پۈتۈن ماقالىدىكى يۇقىرىدا مەن نەقىل ئالغان مەزمۇن ماڭا ئەڭ يارىغان مەزمۇن بولدى، بۇ قارىشىڭىزغا پۈتۈنلەي قوشۇلىمەن. ئەمما ئۇيغۇر مىللىتى باشتىن كەچۈرگەن بىر قىسىم تارىخىي ۋەقەلەر ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان ئەھۋالنى نەزەرگە ئىلىپ تەھلىل قىلىپ باقساق، سىز ئېيتقان توغرا كۆز قاراشنىڭ ئومۇملاشماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئازراق ھېس قىلىپ يىتەلەيسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ھوللىۋۇد كېنولىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن سەلىبىي تەسىرلىرى ھەقىقەتەن ئېغىر. مەنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا ۋە ئامېرىكىلىقلارغا بولغان بىر قىسىم خاتا قاراشلىرىنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بىر ئامېرىكىلىق بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئامېرىكىلىقلار ۋە ئامېرىكا مەدەنيىتى ئۈستىدە كۆپرەك يېزىپ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ توغرا قاراشتا بولۇشىغا ھەسسە قوشۇشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقىلى 5 يىل بولدى ھەم بۇ جەرياندا كېنولاردا تەسۋىرلەنگەن كۆپ قىسىم ئىشلارنىڭ ئەمەليەتتە ئامېرىكا رېئاللىقى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن پەقەت ۋايومىڭ شىتاتى ۋە سىزنىڭ يۇرتىڭىز ئوكلاھوما شىتاتىغا قوشنا تېكساس شىتاتىدا ياشاپ باقتىم، باشقا جايلاردا ئوخشىماسلىقلار بولسىمۇ، ئەمما چوڭ جەھەتتىن بۇ جايلاردىكى ئامېرىكىلىقلار باشقا جايلاردىكى ئامېرىكىلقلاردىن مەدەنىيەت جەھەتتىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، ئامېرىكىلقلار ئىچىدە ھەقىقەتەنمۇ مەلۇم مىللەت ياكى گۇرۇپپا ئادەملەرنى ئوخشىماسلىقلىرى ئۈچۈن كەمسىتىدىغان ياكى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىدىغان ئەھۋاللار ھەقىقەتەن ناھايتى ئازكەن. بۇ تەرىپى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ. بەلكىم، ئۇيغۇرلارنىڭ سىرتقى دۇنياغا بولغان چۈشەنچىلىرىنىڭ داۋاملىق ئېشىپ بىرىشى بىلەن بۇمۇ بوپ قالار. داۋاملىق ماقالىلەرنى يوللاپ تۇرغايسىز.
|
|