- تىزىملاتقان
- 2013-3-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2689
- نادىر
- 0
- يازما
- 368
ئۆسۈش
22.97%
|
چۇقۇم تۇلۇق ئوقۇڭ
ئوقۇتقۇچىنىڭ تەييارلىقى ئىناۋەتسىزمۇ دىگەن تىمىنى مەن بىلەن بىر ناھىيىدە خىزمەت قىلىدىغان بىر خىزمەتدىشىمىز يازغان ،بۇ خىزمەتدىشىمىزنىڭ كومپىيوتىردىكى ئىقتىدارى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ ،دەرىسلىك دىتال تۈزۈشلا ئەمەس تۈرلۈك سودا ۋە ئارخىپ يۇمشاق دىتاللىرىنىمۇ تۈزۈپ بازارغا سالدى ھەم ئەمەلى ئۈنۈم ياراتتى .بۇ يەردە مەنچە دەرسنى كومپوتىردا تەييارلاش كىرەكمۇ ياكى قولدا يېزىش كىرەكمۇ دىگەن مەسلە تالاش تارتىش قىلنىۋىتىپتۇ ،كومپىيۇتېرچىلار كومپىيوتىردا تەييارلاش دىگەننى قوللىسا ،كومپىيوتىر ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغانلار قول يېزىش كىرەك دىگەن پىكىردە ئوخشايدۇ ،ئەمدى تىما ئىگىسى يەنى بىزنىڭ ناھىيگە نىسبەتەن ئېيتقاندا قولدا يېزىشمۇ ،كومپىيوتىردا تەييارلاشمۇ ھەر ئىككلىسى بىر شەكىل ،توغرا بىز ئۈتىدىغان دەرىسلىرىمىزنى بىر قېتىم كومپيوتىردا ئەستايىدىل تەييالىۋالساق ،دەرسلىك ئۆزگەرمىسلا كىيىنكى يىلى كۈچۈرۈپ چاپلاپ ئىشلىتىمىز ،قولدا يازغان تىزسنىمۇ كونا تىزىستىن كۈچۈرۈپ ياكى ئەپلەپ سەپلەپ تەييارلايمىز ،دەرس ئۆتكەندە بولسا ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىمىز ،دەرسنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا قاراپ يىتەكلەش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ دەرىس ئۈتىمىز ،بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بەلكىم بىزنى ھەقىقەتەن مەسئۇلىيەتىسز ئوقۇتقۇچىلاركەن دەپ قارشىڭلار مۇمكىن ،توغرا بىزنىڭ بىر سائەتلىك دەرىسنى مەيلى كومپىوتىردا تەييارلىساقمۇ ،قولدا يازساقمۇ شۇ سائەتلىك دەرىسنىڭ نىشانى مۇھىم ،قيىن نوقتىسى ،ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ،ئوقۇتۇش ۋاستىسى ئۈستىدە ئەتىراپىق ئىزدىنىپ تەييارلىغۇمىز بار ھەم شۇنداق تەييارلىغۇدەك قابىليەتمۇ بىزدە بار ،لىكىن بىزدە ئەڭ ئاز دىگەندە ھەپتىسىگە 20سائەت دەرس بار ،ئۇنىڭدىن باشقا سىنىپ مۇدىرلىق ۋەزىپىمىز بار ،ھەپتىدە تەييارلايدىغان ،سىياسى ئۆگىنىش خاتىرسى ،كەسپى ئۆگىنىش خاتىرسى،قوشتىل ئۆگىنىش خاتىرسى ،پىئونىرلار پائالىيەت خاتىرسى ،سەككىزدە يۈرۈشلەشكەن ئۆيلەرنىڭ ئارىيەت ئېلىش خاتىرسى ،ئىشلىتىش خاتىرسى ،ئوقۇغۇچىلار سۆھبەت خاتىرسى ،ئائىلە باشلىقى بىلەن بولغان سۆھبەت خاتىرسى ،ھەپتىلىك پىلان ،خۇلاسە ماتىريالى ،سىنىپ مۇدىرلىق قوللانمىسى قاتارلىق بىر تالاي قۇشۇمچە ماتىرياللار ،يەنە ئائىلە تاپشۇرقى ،يانداشما مەشىق تاپشۇرقى ،ئۆلچەملىك تاپشۇرۇق دىگەندەك بىر تالاي تاپشۇرۇق ،مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر مۇئەللىم بىر ھەپتىدە ئىشلەپ تۈگىتىشى كىرەك ،كەنىت دەرىجىلىك مەكتەپلەردە 6سىنپقا بەش ھەتتا ئۈچ ئوقۇتقۇچى بار ،كۈلكىلىك يىرى بۇ مەكتەپلەردە ئەڭ ئاز دىگەندە ئىككى بولمىسا ئۈچ باشلىق بار ،باشلىقلارنىڭ ھەپتىلىك دەرىس سائىتى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 10سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك ،قالغان بىچارە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەپتىسىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 36سائەت ،ئەڭ ئاز بولغاندا 28سائەت دەرسى بار ،36سائەت دەرسنى قانداق بىر ھەپتىدە ئۆتكىلى بۇلىدۇ ،دىيشىڭىز مۇمكىن ،بۇنىڭغىمۇ ئامال بار ،تەنتەربىيە دەرسىنى 1-2يىللىققا بىر سائەتتە3-4-يىللىققا بىر سائەتتە ،5-6-يىللىققا بىر سائەتتە جۈپلەپ ئۈتىمىز ،لىكىن تەييارلىقنى يەنى دەرىس تىزسنى چۇقۇم ئايرىم قىلىمىز ،كادىرلار ئىدارىسغا بارسىڭىز ئىشتات تۇلۇق ،ئەمسە بۇ ئىشتاتلار نەگە كەتتى،ھەربىر يېىزىدا ئوقۇتۇش رايۇنى مائارىپ ئشىخانىسدا 10نەپەردىن كۆپرەك كادىر بار ،بۇ كادىرلارنىڭ ۋەزىپىسى بار ئارخىپ ،قۇشۇمچە خىزمەتلەردىن بۇ كادىرلارمۇ زىرىكىپ كىتىدۇ ،ھەر مەكتەپتە ،مەكتەپ مۇدىرى ،ئىلمى مۇدىر ،پارتىكوم شۇجىسى بار ،مەن ئىشلەۋاتقان يىزىنى مىسالغا ئالساق 143نەپەر ئوقۇتقۇچى بار بۇلۇپ ،بۇلاردىن 42نەپەر ئوقۇتقۇچى باشلىق ياكى ئارخپچى ،7نەپەر ئوقۇتقۇچى 40يىل ئىشلىگەن بولسىمۇ يېشى توشمىغانلىقتىن دەرىس ئۈتۈشكە ئامالسىز ،دەرۋازا باقىدۇ ياكى چىقىپ -كىرىپ دىگەندەك كۈن ئۆتكۈزىدۇ ،3-5كىچە ئوقۇتقۇچى يۇقىرىدن تەكشۈرۈش ياكى ئىشتات ئېنىقلاش ئىشى بولۇپ قالسا شۇ كۈنىلا مەكتەپلەردە پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ ،ئۇنداقلارنى ئوقۇغۇچىلار ئەمەس بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارمۇ كۈرۈپ باقمىغان ،ھەريىلى 5-7-گىچە ئوقۇتقۇچى تۈرلۈك تەربىيلىنىش ۋەزىپىللىرىنى ئادا قىلىدۇ ،شۇنداق قىلىپ 60نەپەر ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى پۈتۈنلەي ئادا قىلمايدۇ ياكى ئىنتايىن ئاز ئادا قىلىدۇ ،شۇنداق قىلىپ يېزىمىزدىكى 73سىنىپقا 80نەپەر ئەتىراپىدا ئوقۇتقۇچى ئېشىپ قالىدۇ ،مەركىزى مەكتەپكە تەكشۈرۈش كۆپ كىلىدىغان بولغاچقا بۇ يەردە سىنىپى يوق ئوقۇتقۇچىدىن 6-7سى بار يەنى 16سىنىپقا 23ئوقۇتقۇچى بار قالغان كەنىت دەرىجىلىك مەكتەپلەردە بىر سىنىپقا بىردىنمۇ ئوقۇتقۇچى توغرا كەلمەيدۇ ،چۈنكى بۇ 80ئوقۇتقۇچىنىڭ بەزسى تۇغۇت دەم ئېلىشىدا ،بەزسى ئاغرىپ قالغان ........ئەھۋال مانا مۇشۇنداق ،مانا بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ،مانا بۇ مارالبېشى مائارىپىنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالى ،بىز تەربىيللىنىشكە كۆپ بارغان ،ھەپتىسگە 10سائەت ،15سائەت دەرس بىردىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپمىز ئېغىر دەپ قاقشىغىنىنى ئاڭلاپ ،ئۆز ھالىمىزغا ئېچىنىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدۇق ،بىز قاچانمۇ ھەپتىسىگە 15سائەت دەرىس ئۆتكۈدەك ھالەتكە يىتەرمىز دەپ ئاھ ئۇرغان ئىدۇق .2014-يىلى 3-ئايدىن بۇرۇن باشقا ئورۇندا ۋاقىتلىق ئىشلەۋاتقان بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىش ئورنىغا قايىتش كىرەك دىسىمۇ بىراق ھازىرغىچە كەلمىگەنلەر بار ،ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇلار تىجارەت قىلىۋاتقان بولغاچقا بۇ ئۇقتۇرۇشنى كۆرمىگەن ئوخشايدۇ ،يەتكۈزگۈچىلەر پەقەت ئىشلەۋاتقانلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان ئوخشايدۇ .
ئەھۋال يۇقارقىدەك بولغاچقا بىز قانداق قىلغاندا تىزىس ماتىرياللارنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە پۈتتۈرۈپ باشلىقلارغا يارتىپ ئىش ئۈنۈم مائاشىمىزنى تۇلۇق ئالالايمىز ،قانداق قىلىپ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تىلىدىن قۇتۇلۇپ قالالايمىز دەپ ئويلايمىز ،سىز مىڭ تەييارلىق قىلىپ دەرسىنى ئوقۇغۇچىغا ئىزىپ ئىچۈرۋەتسىڭىزمۇ يۇقىرى تەكشۈردىغىنى ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىم ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتى ئەمەس بەلكى سىزنىڭ بىرىدىغان پەنلەرنىڭ دەرىس تەييارلىقى ئىككى ھەپتە بۇرۇن تەييارلاندىمۇ يوق شۇلا ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى ئېلىپ قويسا ،بىرەر ئوقۇغۇچى ئاغرىپ قېلىپ سان ئالغان كۈنى يەنى يۇقىردىن تەكشۈرۈپ كەلگەن كۈنى مەكتەپكە كەلمىسە سىنىپ مۇدىرىدىن جەرىمانە ئېلىپ قويسا بولدى .ئوقۇتۇش سۈپتىنىڭ كۈندىن -كۈنگە چۈشۈپ كىتىۋاتقانلىقىنى مۇلازھىزە قىلىپ كۆپچىلىك ئوقۇتقۇچىلار كۆز يېشى قىلىشىپ كەتتى،ئۆزلىرىنىڭ رۇلىنى جارى قىلدۇرالمايۋاتقانلىقىدىن ئېچىنىپ ياش تۆككەن ئوقۇتقۇچىلار ئىنتايىن كۆپ ،ئەجىبا بىز سەھرادىكى ئوقۇتقۇچىلار كۈن ئۆتسە ،پۇل كەلسە دەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ ،ئەجىبا بىز ھەممىمىز ھىچقانداق ئالى مەكتەپ تەربىيسى ئالمىغان ،ئۇقۇغۇچىنى ئالداپلا كۈن ئۆتكۈزدىغان ئوقۇتقۇچىمۇ ؟تېخى تۈۋەنگە چېنىقىشقا ئوقۇتقۇچى چۈشۈرەمىش ،ئۇ ئوقۇتقۇچىلار چېنىققىلى ئەمەس دەم ئالغىلى چۈشىدۇ ،ئىش ئۇرنىدىن سۈيلىسە چېىنىقققىلى چۈشكەن ،چۈشكەن يىرىگە كەلسە يوق ،تەكشۈرۈپ كەلسە ئاسماندىن چۈشكەندەكلا بىر تال تىزىسنى قولتىقىغا قىسىپ پەيدا بۇلىدۇ ،تەكشۈرگىلى كەلگەنلەرمۇ ۋاي جاپا تارتتىڭىز يەنە ئازراق چىداڭ دەپ تەسەللى بىردۇ ،ئۇ ئوقۇتقۇچى بولسا ئۆزىنىڭ بۇ يېزىغا مىچرى چۈشۈپ قالغانلىقىنى يەنىمۇ ئۇزۇنراق تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ خونى ئالىدۇ .......تەڭسىزلىك ھەي تەڭسىزلىك ،ما مارالبېشى مائارىپىنى بىر تەكشۈرۈپ بېقىڭلار ،باشلىقلار باشلىغان يەرگە ئەمەس ،ئۈزۈڭلار خالىغان مەكتەپكە بېرىپ تەكشۈرۈپ بېقىڭلار ،ئاۋۋال خەۋەر قىلىۋىتىپ ئەمەس تۇيۇقىسز كىلىپ تەكشۈرۈپ بېقىڭلار ،ئەگەر بۇ ئەھۋال يالغان بولسا قۇلۇم كۆكسۈمدە بۇنداق ۋىجدان ئازابى تارتىۋالىدىغان خىزمىتىمدىن بىكار قىلىۋىتىڭلار ... |
|