بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jj2303 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-19 13:38
دەرس تەييارلىقى جەھەتتە بىر قانچە كەلىمە
(ئوقۇتقۇچىنىڭ تەييارلىقى ئىناۋەتسىزمۇ دىگەن تىمىغا)
بۇ تىمىنى يوللىغۇچىدىن شۇنى سوراپ باقسام، ئۆزىڭىز ئۈتىۋاتقان دەرسنى بىرىۋاتقىلى قانچىلىك بولدى؟ نىمە دەرس ئۆتىسىز؟ سىز ئۆتىۋاتقان دەرس مەزمۇنى پۈتۈنلەي ئۆز بىلىمىڭىزگە ئايلاندىمۇ؟ ئەمىسە مەن تۈۋەندە ئۈزەمنىڭ تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرۈپ قانداق شەرتلەر ھازىرلانغاندا دەرس تەييارلىقنى كومپىيوتىردا تەييارلىسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن. دەرس تەييارلىق قىلىش جەھەتتە تۈۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئوقۇتقۇچىلار مەۋجۇت. 1. ئىزچىل ئۆز قۇلى بىلەن ئەتراپلىق دەرس تەييارلايدىغانلار. بۇ خىلدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى كونا، ھەقىقىي پىشقان تالانتلىق ئوقۇتقۇچىلاردۇر، ئۇلار دەرس تەييارلىقنى يەنىلا ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆز قۇلىدا پۈتتۈرىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ تەشەببۇسى نىمە دىگەندە ئۇلار مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئۆز قۇلى بىلەن قىلىنغان دەرس تەييارلىققا ھېچنەرسە يەتمەيدۇ، ئوقۇتقۇچى دەرس تەييارلىغاچ شۇ دەرسنى ئۆز بىلىمىگە ئايلاندۇرمىسا، كىتاپنىڭ سىرتىغاچىقالمىسا ئوقۇغۇچىلارغا ئەتراپلىق بىلىم بىرىشى مۇمكىن ئەمەس. 2. دەرس تەييارلىقنى كونا دەرس تەييارلىق خاتىرىسىدىن قول بىلەن كۆچۈرۈپ ئىشلىتىدىغانلار. بۇلارنىڭ كۆمپىيوتېر سەۋىيىسى تۈۋەن بولغاچقا مۇشۇنداق ئەپلەپ-سەپلەپ دەرس تەييارلاشقا ئادەتلەنگەن،ئەگەر ئۇلارنىڭ سەۋىيىسى يەتكەن بولسىدى ھەرگىزمۇ « ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ» يۈرمىگەن بولاتتى، شۇنىڭ بىلەن دەرس تەييارلىق قىلىش جەھەتتە ئايرىلىدىغان تۈر ئىككى خىللابولغان بولاتتى. بولار نىمە دەيدۇ دېسىڭىز دەرس تەييارلاش پەقەت «ۋاقىت ئىسراپچىلىقى»خالاس. 3. دەرس تەييارلىقنى كومپىيوتىردا تەييارلايدىغانلار. بۇلارنىمۇ يەنە ئۆز ئىچىدىن ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ، بىرسى ئۆزى ئىزدىنىپ، كىتاپ، دەرستىن سىرتقى پايدىلىنىش ماتىرياللىرى ۋە كومپىيوتېر تورى قاتارلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ مۇستەققىل دەرستەييارلايدىغانلار بۇنداقلارنىڭ تەييارلىقىنى باشقا خىلدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەييارلىقىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قۇيۇشقا بولىدۇ، بىراق بولارمۇ 1-قېتىم شۇنداق ئىزدەنگىنى بىلەن 2-قېتىمدىن باشلاپ يەنىلا كۈچۈرۈپ- چاپلاشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالىدۇ؛ ئىككىنچى بىرسى بولسا توردىن باشقىلار تەييارلىغان دەرس تەييارلىقنى چۈشۈرۈپلا كۆچۈرۈپ-چاپلاش ماھارىتىنى ئىشىقا سېلىپ دەرس تەييارلىقىنى پۈتتۈرىدىغانلار. بولارنېمە دەيدۇ دېسىڭىز سىز دىگەندەكلا ئوقوغوچلارنىڭ تىزىملىكى، نەتىجىسى، ئارخپى... نى ئوقوتقوچى كومپيۇتېردا ئۇرۇپ تەييارلىشى كىرەك.ئوقوتوش پىلانى، خۇلاسىسى...نى ئوقوتقوچى كومپيۇتېردا ئۇرۇپ تەييارلىشى كىرەك.مەكتەپ ئىلمىي نەتىجە، پىلان، خۇلاسە،دوكلاتلارنى، قارار، ئىلتىماسلارنى، ئىشلەپتۈگەتكىلى بولمايدىغان ئارخىپلارنى كومپيۇتېردا ئۇرۇپ يوللىشى كىرەك. دەرستەييارلىقنى كومپىيوتېردا قىلسا نىمىشقا بولمىغۇدەك دەپ قارايدۇ، يەنى دەرس تەييارلىقى بىلەن ئوقوغوچلارنىڭ تىزىملىكى،نەتىجىسى، ئارخپى... مەكتەپ ئىلمىي نەتىجە، پىلان، خۇلاسە،دوكلاتلار، قارار،ئىلتىماسلارنىڭ پەرقىنى بىلەلمەيدىغانلار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسلىقى يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان(بولۇپمۇ قوشتىل ئوقۇتىشى يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن خىزمەتكە چىققانلار)، ئەتراپلىق پىداگوگىكا،پىسخولوگىيە، مىتودىكا تەربىيىسى كۆرمىگەن (يەنى غەيرىي سىفەن مەكتىۋىنى پۈتتۈرگەنلەر)، ئوقۇتقۇچىلار سېپىگە ھەر-خىل يوللار ئارقىلىق كىرىۋالغانلار(مۇشۇنداقلار كۆپ بولغاچقا مائارىپىمىزنىڭ سۈپىتى تۈۋەنلەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازىغا داغ تىگىۋاتىدۇ) بولۇپ، بۇلار ياكى دەرس تەييارلىقنى قولدا كۈچۈرۈپ ئىشلىتىدۇ ياكى قولدا كۈچۈرۈشنىمۇ تەس كۆرۈپ كومپىيوتىردا توردىنلا چۈشۈرۈپ ھەر يىلى شۇنى كۆچۈرۈپلا ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلاردۇر. بۇ ئۈچ خىل ئوقۇتقۇچىلارنى سېلىشتۇرساق 1-تۈردىكى(ئۆز قۇلى بىلەن ئەتراپلىق دەرس تەييارلايدىغانلار)ئوقۇتقۇچىلار بىلەن3-تۈرنىڭ 1- خىلىدىكىلەر (ئۆزى ئىزدىنىپ، كىتاپ، دەرستىن سىرتقى پايدىلىنىش ماتىرياللىرى ۋە كومپىيوتېر تورى قاتارلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ مۇستەققىل دەرستەييارلايدىغانلار) ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىلاردۇر، بولارنىڭ ئۆتكەن دەرسىنىڭ ئۆزلىشىشىمۇ يوقىرى بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سورىغانلىرى ئالدىدىمۇ دۇدۇقلاپ قالمايدۇ. بۇلارنىڭ ئارقىسىدىراق تۇرىدىغىنى بولسا 2-تۈردىكى (دەرستەييارلىقنى كونا دەرس تەييارلىق خاتىرىسىدىن قول بىلەن كۆچۈرۈپ ئىشلىتىدىغانلار)ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ بۇلار ھېچ بولمىسا دەرس تەييارلىقنى كۆچۈرۈش جەريانىداتەييارلىققا يىزىلغان خەتلەرنى بولسىمۇ ئوقۇپ، كاللىسىدا شۇ دەرس مەزمۇنىغا نېسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە چۈشەنچە پەيدا بولىدۇ-دە، ئوقۇغۇچىلارغا كىتابى بىلىملەرنى بولسىمۇيەتكۈزۈشكە كۈچى يىتىدۇ. ئەڭ ئارقىدا تۇرىدىغىنى بولسا 3-تۈرنىڭ 2-خىلىدىكى (توردىن باشقىلار تەييارلىغان دەرس تەييارلىقنى چۈشۈرۈپلا كۆچۈرۈپ-چاپلاش ماھارىتىنى ئىشىقا سېلىپ دەرس تەييارلىقىنى پۈتتۈرىدىغانلار) ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، بولارنىڭ سۈپىتى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بولغاچقا، بولار ياكى ئوقۇغۇچىلارغا ئەتراپلىق دەرس بىرەلمەيدۇ، ياكى مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئىناۋىتى بولمايدۇ، ياكى كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا ۋە ئۈزىگە(بۇنى سەل كىيىنچە ھېس قىلىدۇ) يۈزكىلەلمەيدۇ، ياكى . . . . (يەنە باشقىچە سۈپەتلەشكە تىلىم بارمىدى) ئۇنداقتا دەرس تەييالىقنى كومپىيوتېردا تەييارلاشقا زادى بولمامدۇ؟ مىنىڭچە ئەلۋەتتە بولىدۇ، قانداق ئوقۇتقۇچىلارتەييارلىسا بولىدۇ؟ شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغىلى 6 يىلدىن ئاشقانلار، مۇنداقچە ئىيتساق شۇ دەرسنى ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق تولۇق ئايلاندۇرۇپ ئۆتۈپ باققانلار (يەنى تولۇقسىز ئەدەبىيات،ماتىماتىكا دەرسلىرىنى تولۇق ئىككى قېتىم ئايلاندۇرۇپ ئۆتۈشكە 6 يىل كىتىدۇ . . ..)، شۇنداق بولغاندىلا زىرەك، ئۇششا مۇئەللىم بولسا پۈتۈن دەرسلەر ئۆز بىلىمىگەئەيلىنىپ بولغان بولىدۇ، شۇندىلا سىنىپتىكى 30-40 نەپەر ئوقۇغۇچىغا ئەۋلادلىرىمىزغا،مىللىتىمىزگە يۈز كىلەلۈگىدەك ئەتراپلىق بىلىم بىرەلەيدۇ. بۇنداق شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلار ئەڭ ياخشىسى ئۆز قۇلى بىلەن ئىزدىنىپ ئەتراپلىق دەرس تەييارلاشنى ئۆزىگە ئادەت قىىلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ كىيىنكى ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتى ئۆز-ئۆزىدىن رازى بولغان ھالەتتە، چەكسىز سۈيۈنۈش ئىچىدەئۆتىدۇ، ئوقۇتقۇچى بولغىنىدىن قەتئىي پۇشايمان قىلمايدۇ . ئەڭ ئاخىرىدا مىنىڭ تەشەببۇسۇم شۇكى ئەڭ ياخشىسى دەرس تەييارلىقنى ئۆز قولىڭىز بىلەن قەلەمنىڭ سىياسىدا پۈتتۈرۈڭ بۇنداق بولغاندا بىر تەرەپتىن ۋاقىتنى تىجەپ قالىسىز يەنە بىر تەرەپتىن دەرس مەزمۇنى ئۆز بىلىمىڭىزگە ئايلىنىدۇ. بەك كومپىيوتېردا قىلغۇڭىز كەپكەتسە Microsoft PowerPoint قا ئوخشاش يۇمشاق دىتاللاردىن پايدىلىنىپ ئوبرازلىق دەرس تەييارلاپ ئۆتسىڭىز بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز. مىنى سورىسىڭىز مەن 1994-يىلى خۇتەن سىفەننى پۈتتۈرۈپ شۇ يىلى 9-ئايدا باشلانغۇچ مەكتەپكە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان، 2001-يىلدىن باشلاپ تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ ماتىماتىكا دەرسىنى بىرىپ كىلىۋاتىمەن (2010-يىلدىن باشلاپ ئۇچۇر-تېخنىكادەرسىنىمۇ قوشۇپ ئۆتىۋاتىمەن) .
ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمەنكى يۇقارقىلار ئۈزۈمنىڭ كۆز-قارشى بولۇپ، مەزمۇن يۈزەكى بولۇپ قالغان بولىشى، مەن ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغاچقا بەزى سۆز-جۈملىلەر ماسلاشماي قالغان بولىشى مۇمكىن، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ بۇ تىمىنىڭ مېغىزىدىن بەھىرلىنىپ، شاكىلىنى چىقىرۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . |