- تىزىملاتقان
- 2014-1-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 160
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
53.33%
|
مېنىڭ بىلىشىمچە ، دىيارىمىزدا ۋاھابىزىم ئېقىمىغا ھەممىدىن بەك ئەگىشىدىغانلار تۆۋەن سەۋىيدىكى ياكى باشلانغۇچ سەۋىيىدىكى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن بولغان ئوقىمىغان
قارا تۈرۈك كىشىلەر بەك ئەگىشىدىكەن. سەل ئوقۇمۇشلۇق ،ئىلىم ئۆگەنگەن كىشىلەر بولسا ئاساسەن ئەگەشمەي،قۇرئانغا،ھەدىسكە ،پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىدىكەن.ئۇلارنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرى شۇنداق تەرتىپلىك، خاتىرجەم ،ئەتراپدىكى كىشىلەرنى يېتەكلەپ كىتەلەيدىكەن،ئۇلار ئاساسەن شۇندق ئىناق ئىتىپاق ،پىكىر ئىدىيسى بىر يەردىن چىقىدىكەن. سەل ۋاھابى ئېقىمىدىكىلەر بولسا
مەھەللە كەنتلەردا ،مۇسۇلمان ئۇيغۇر جامائىتىنى ئىككىگە ئايرىپ ،پالانى ئىمامنىڭ ئارقىدا ناماز ئوقىسا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئارقىدا ناماز ئوقىغان ئادەم كاپىر دەپ پىكىر ئىختىلاپى ئىدىيە ئىختىلاپى چىقىرىدىكەن،گەرچە ئاشۇ ئىمام 30يىل ھەتتا ئۇنىڭدىن دىمۇ ئارتۇق مۇشۇ مەھەللىدە ئىماملىق قىلىپ نۇرغۇن تالىپلارنى يىتلدۈرۈپ ،30پارا قۇرئاننى تولۇق يادىلىيالايدىغان قارىلارنى يېتىشتۈرگەن بولسىمۇ ،ئۇنىڭ بىلەن كارى يوق كىچىككىنە خاتالىغىنى تۇتىۋېلىپ ئۇلارنى خەلققە جامائەتكە يامان كۆرسىتىپ ،ئۆزىنىڭ تۈنۈگۈن بۈگۈن ھەققە قايتقان مۇسۇلمان ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇپ ،ئۆزىدىن ياشتا ،ھۆرمەتتە،
ئەقىلدە نەچچە ھەسسە چوڭ ئىمانلارنى تىللايدىكەن. يەنە تېخى تۇرمۇشى شۇنداق نامرات، تېرىغان يېرىنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىگى يوق بەزەنلىرى ئۆزىنىڭ شۇنداق نامراتلىقىغا
باقماي توختىماي بالا تاپىدىغان،باللىرىنىڭ ئالدى مەكتەپكە كىرگۈدەك بولسا گۇڭسەنداڭنىڭ مەكتىپىدە ئوقىسا بولمايدۇ دەپ ، باللىرىنى ئوقۇتماي قارىلىققا بېرىدىغان
ھۆكىمەتنىڭ تەكشۈرۈپ كەلسە تۇتۇلۇپ قىلىپ ئۆزىگىمۇ ئىش تېپىپ ،مەھەللىدىكىلەرگىمۇ
ئىش تېپىپ يۈرىيدىغان ،ئاخىردا بىچارە بالىسى يا بۇ دۇنيالىق ئىلىمدە يوق ياكى بۇ دۇنيالىق ئىلىدە يوق قارا قورساق چوڭ بولىۋاتقان ،ئاقىۋەتتە باللىرىنىڭ پىسخىكىدا مەسلە كۆرىلىپ جەمىيەتتە كەيىپ ساپاغا بېرىلىۋاتقان،گەپ جىق ،بۇلارنى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئەھۋاللار، ئىچىمدىن چىقارغىنىم يوق.
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ئاجىز مۇسۇلماندىن كۈچلۈك مۇسۇلمان ياخشى. مۇسۇلمان ئىلىم ئېلىپ ئېتىقادنى مۇستەھكەم قىلغاندىلا ،بىز قىلالمىغان ،ياكى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان
ئىشلار ئاستا -ئاستا ھەل بولىدۇ.
|
|