قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4381|ئىنكاس: 59

بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى ئىزدىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

135

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27732
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 01:20:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ۋاھابىزىم بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى


(دوكتۇر بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش  ۋە ئىزدىنىش )   


     يېقىندا ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ، مىللىتىمىزنىڭ قەلىپ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ بىر يۈرۈش ماقالىلىرى توردا زور غۇل- غۇلا ۋە ئىنكاسلارنى قوزغىدى  . بۇ ئالىم ئاكىمىزنىڭ شۇنچە ئالدىراش ۋاختى ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يىراق قىرلاردىكى ۋەتەنداشلىرىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىشى ۋە شۇ جەمىيەتتە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم نازۇك مەسىلىلەردە ئىزدىنىش ۋە مۇلاھىزىلىرىنى ئۆز قېرىنداشلىرىغا سۇنىشى  كۆپچىلىكنىڭ بۇ ئالىمىمىزغا بولغان ھۆرمىتى ۋە قايىللىقىنى تېخىمۇ ئاشۇردى .
       ئەمدى  بۇ تېمىنى يېزىشتىكى مەخسەتكە كەلسەك، ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ ھەرقايسى تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان <سۈننى ئىسلامدىكى ۋاھابى ۋە سەلەفى  ھەركەتلىرى > دېگەن تېما ۋە ئۇنىڭدىكى ئىنكاسلارنى ئوقۇش جەريانىدا كۆپچىلىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىسلامدىكى پىرقە ۋە مەزھەب چۈشەنچىسىنىڭ تازا ئايدىڭ ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ ، بۇنىڭغا بىر قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم . بۇنىڭغا بىرلەشتۇرۇپ ۋاھابىزىمنىڭ قانداق بىر تارىخى دەۋىر شارائىت ئاستىدا مەيدانغا كەلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئىزدىنىش ۋە پىكىرلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى مەخسەت قىلدىم .
       ماقالىنىڭ بىرىنجى قىسمىدا ئىسلامدىكى پىرقە ۋە مەزھەبلەرنىڭ بۆلىنىشى توغرىسىدا ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ بىزگە تەمىنلىگەن رەسىمى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قىسقىچە توختىلىمەن . بايقىشىمچە رەسىمدە سېلىشتۇرۇش ۋە تارماقلارغا بۆلۈش جەھەتتە مەلۇم نۇخسانلار مەۋجۈت بولۇپ ، رەسىمدە كۆرسىتىلىشىچە ئىسلام ئالدى بىلەن سۈننى ، شىئە ۋە خاۋارىج دەپ ئۈچكە بۆلۈنگەن . بۇ بۆلۈشنى ئەقىدە جەھەتتىن بۆلۈنگەن دېيىشكە بولىدۇ . بۇنى ئىسلامدىكى پىرقىلەر دەپ چۈشۈنۈش مۇمكىن . خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك :<يەھۇدىلار 71پىرقىگە بۆلۈندى ئۇلارنىڭ بىرى جەننەتتە 70 دەۋزاختا بولىدۇ . خىرىستىيانلار 72 پىرقىگە بۆلۈندى ئۇلارنىڭ بىرى جەننەتتە 71دەۋزاختا بولىدۇ . جىنىم ئۆز ئىلكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئۈممىتىم 73 پىرقىگە بۆلىنىدۇ ، ئۇنىڭ بىرى جەننەتتە 72سى دەۋزاختا بولىدۇ > دېگەندە ساھابىلار :< ئۇلار كىملەر؟> دەپ سورايدۇ . رەسۇلۇللاھ :< ئۇلار ئەھلى سۇننە ۋە ئەلجەمائە > دەپ جاۋاپ بېرىدۇ . بۇ يەردىكى <ئەھلى سۇننە> نى ئۆلىمالار  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا گەپ-سۆز ، ئىش-ھەركەت ۋە ئەقىدە-ئېتقات جەھەتتىن ئەگەشكەنلەر دەپ تەرىپلەيدۇ. <ئەلجەمائە> نى بولسا ساھابىلەر ۋە ئۇندىن كېيىنكى مۇسۇلمان ئالىم ئۆلىمالار ۋە شۇلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭغان ھەق يولدىكى كىشىلەر دەپ تەرىپلەيدۇ . يىغىنچاقلىغاندا < ئەھلى سۇننە ۋە ئەلجەمائە > دېگەن  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ، ساھابىلارنىڭ ۋە ئۇندىن كېيىنكى سەلەف سالىھلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ . بۇ مەزمۇن كېيىنكى مەزمۇنلار بىلەن باغلىنىشلىق بولغاچقا قىستۇرۇپ قويدۇم . پۇرسەت بولسا <ئەھلى سۇننە ۋە ئەلجەمائە> نىڭ ئەقىدىسىنى ئايرىم تېما قىلىپ يوللايمەن .
       گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك ھەدىستە زىكىر قىلىنغان ئازغۇن پىرقىلەر دىندىكى ئاساسى ئەقىدە مەسىلىلىرىدە خاتالاشقان بولۇپ ھەقىقەتەن  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي بىر-بىرلەپ مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى . ئەڭ ئالدى بىلەن مەيدانغا كەلگىنى <خاۋارىج>لار بولۇپ ئۇلار قانۇنلۇق سايلانغان مۇسۇلمانلار خەلىپىسىگە ئاساسسىز قارشى چىقىپ مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى بۇزىدۇ . ئەقىدە جەھەتتە قۇرئاندىكى بەزى سۈرە ۋە ھۆكۈملەرنى ئىنكار قىلىش ، گۇناھى كەبىر ئۆتكۈزگەنلەرنى كۇفۇرغا چىقىرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە خاتالىشىدۇ . كېيىن يەنە < قەدەرىييە > دەپ تەقدىرنى ئىنكار قىلغۇچىلار ، < مۇئتەزىلە > دەپ ئاللاھ نىڭ ئىسىم - سۈپەتلىرىنى ئايرىغۇچىلار مەيدانغا كېلىدۇ . شۇنداقلا يەنە باتىنىييە ، ئىبازىييە ، جەھمىييە ،  ...... دېگەندەك نۇرغۇن پىرقىلەر بارلىققا كەلگەن بولۇپ ، ئەينى زامان ئۆلىمالىرىمىز يۇقارقىدەك ئىسىملارنى قويۇش ئارقىلىق ئۇ پىرقىلەرنى بىر- بىرىدىن پەرىقلەندۈرۈش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇلارغا رەددىيە بېرىشنى مەخسەت قىلغان .دېگەندەك بۇ پىرقىلەرنىڭ كۆپ قىسمى شۇ زاماندا ئۆلىمالارنىڭ ئۇلارغا ۋاختىدا رەت قايتۇرىشى ۋە يېتەكلىشى نەتىجىسىدە ئەقىدىلىرى توغۇرلىنىپ مەۋجۇتلىقىنى يوقاتغان بولسا ، بىر قىسمى تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن تا بۈگۈنگىچە ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالغان . بۇنىڭغا شىئەلەرنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ . شىئە پىرقىسى دەسلەپتە بىر تۈركۈم  مۇسۇلمانلارنىڭ   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاتلىرىنى ئالاھىدە چوڭ كۆرۇش ۋە ئۇلۇغلاشتىن شەكىللەنگەن بولۇپ شىئە سۆزنىڭ ھىمايە قىلغۇچى ، ئەگەشكۈچى دېگەن مەنالىرى بار .كېيىنچە ئۇلار خەلىپىلىكنىڭ پەيغەمبەر ئەۋلادىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆتەشكە بولمايدىغانلىقىنى داۋا قىلغان ،ۋاھالەنكى بۇ ھەقتە قۇرئان ياكى ھەدىستە ھېچ بىر بايان يوقتۇر . ھەتتاكى بىر قىسىملىرى ئەلىنى ( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ) پەيغەمبەرلىك ماقامىغا كۆتىرىشكەن . كۆپۈنچىسى ھازىرقى قولىمىزدىكى قۇرئان كەمتۈك ئەسلى ئۆزگەرگەن دەپ ئېتىقات قىلىدۇ . بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولغانلار دوكتۇر ئابدۇل ئەزىزنىڭ بۇ ھەقتىكى يازمىسىدىن پايدىلانسا بولىدۇ .
      دېمەك ئىسلام كاتىگورىيىسىنى ئەقىدە جەھەتتىن تۈرگە ئايرىش توغرا كەلسە ئۇنى ئۈچ ئەمەس يۇقارقىدەك نۇرغۇن تۈرلەرگە بۆلۈش مۇمكىن . ئەمما ئىسلامدىكى توغرا ئەقىدە ھەدىستە كۆرسىتىلگەن ئەھلى سۇننە ۋە ئەلجەمائە ئەقىدىسى بولۇپ بۇ زاماننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگەرمەيدۇ . چۇنكى ئۇ ئەقىل ئۈستىگە قۇرۇلغان بولماستىن ئىلاھى ۋەھى ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر . كىمكى بۇ ئەقىدىدىن چەتنەيدىكىن ئىسلامدىن چەتنىگەن بولىدۇ .
       ئەمدى رەسىمنىڭ تۆۋەنكى تەرىپىگە قارايدىغان بولساق سۈننى ۋە شىئە پىرقىلىرىنىڭ تۈرلەرگە بۆلىنىشى بولۇپ ، بۇ ئىسلام فىقھىسى ( ئىسلام قانۇنچىلىقى ) نى ئۆلچەم قىلىپ تۈرلەرگە بۆلگەن .  بۇنى مەزھەب دەيمىز . ئۇنداقتا مەزھەب دېگەن نېمە؟ بۇ  ئەرەپچە سۆز بولۇپ كۆز قاراش ياكى يول دېگەن مەنىلىرى بار . بۇيەردە بىر قىسىم مۇجتەھىد مۇسۇلمان ئۆلىمالارنىڭ فىقھى مەسىلىلەردە تۇتقان يولى ۋە كۆز قارىشىنى كۆرسىتىدۇ . مەزھەبنىڭ شەكىللىنىشىگە كەلسەك ، ئىسلام شەرىئىتى مۇسۇلمانلارغا تۇرمۇشتىكى ئىبادەت ، مۇئامىلات ، ھەق-ھوقوق قاتارلىق جەھەتلەردە قۇرئان ۋە ھەدىس ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان  كۆرسەتمىلەرنى ئۈگەتكەن بولۇپ ، ئۆلىمالار بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەردە بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ ئەمما تارماق مەسىلىلەردە ھۆكۈم ئېلىش ئۇسۇلى ، كەلتۇرگەن دەلىل - ئىسپاتلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى قاتارلىق بىر قاتار سەۋەپلەردىن ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلاردا بولغان  . <سۈننى> لەرنىڭ ئىسلام قانۇنچىلىقىدا مەشھۇر بولغان ئاساسلىق كۆز قاراش تۆت خىل بولۇپ بۇلارنىڭ ساھىبىلىرىغا ھەنەفى ، شافىئى ، مالىكى ۋە ھەنبەلى دەپ نام  بېرىلگەن. تۆۋەندە بىر نەچچە مىسال ئېلىش ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈشكە تىرىشىمەن  ئىنشا ئاللاھ  .
  1-مىسال : قۇرئاندىكى <سۈرە مائىدە> نىڭ ئالتىنجى ئايىتىدە :< ئى مۆئمىلەر ! ( سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ ) ناماز ( ئوقۇماقچى بولۇپ ) تۇرغىنىڭلاردا ، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار  ، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلارغىچە يۇيۇڭلار ، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار ، پۇتۇڭلارنى ھۇشۇقۇڭلارغىچە يۇيۇڭلار > دېگەن بايان بار بولۇپ ئۆلىمالار بۇنىڭدىن نامازنىڭ ئادا بولۇش شەرتلىرىدىن بىرى تاھارەت ئېلىش ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن . شۇنداقلا يەنە تاھارەتنىڭ ئادا بولىشى ئۈچۈن يۈزنى يۇيۇش، قولنى جەينەككىچە يۇيۇش ، باشقا مەسىھ قىلىش ۋە پۇتنى ھوشۇققىچە يۇيۇش شەرىت ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن . ئەمما ئايەتتىكى قولۇڭلارنى جەينەككىچە ، پۇتۇڭلارنى ھوشۇققىچە يۇيۇڭلار دېگەن مەزمۇنغا قارىتا جەينەك بىلەن ھوشۇق يۇيۇش دائىرىسىگە كىرىش كىرمەسلىكتە ئىختىلاپلاشقان ، بىر گۇرۇپتىكىلەر يۇيۇش دائىرسىگە كىرىدۇ يۇيمىسا تاھارەت كامىل بولمايدۇ دەپ قارىغان . يەنە بىر مەزھەپتىكىلەر يۇيۇش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ دەپ قارىغان . شۇنداقلا يەنە نىيەتنىڭ تاھارەتنىڭ شەرتى ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا ، تاھارەت ئېلىشتا ئايەتتە زىكىر قىلىنغان تەرتىپنىڭ ۋاجىپ ياكى ئەمەسلىكى قاتارلىق تارماق مەسىلىلەردە كۆز قارشى ئوخشاش بولمىغان .
2- مىسال : ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسى نامازنىڭ بالاغەتكە يەتكەن ، ئەقلى -ھۇشى جايىدا ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرىز ئىكەنلىكىدە كۆز قارشى بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ ، ئەمما بالاغەتكە يېتىش يېشى ۋە ئەقلى -ھۇشى جايىدا بولۇشنىڭ ئۆلچىمى توغرىسىدا ئىختىلاپلاشقان . مەزھەبلەرنىڭ كۆز قارىشى ۋە ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن قۇرئان ۋە ھەدىستىكى دەلىلىنى ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن يازمىدىم .
   دېمەك ئىسلام قانۇنچىلىقىنى ئاساس قىلىپ تۈرلەرگە بۆلۈش  ئەقىدىنى ئاساس قىلىپ تۈرگە بۆلۈشتىن پەرىقلىق بولۇپ ، يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان ئىسلام قانۇنچىلىقىدىكى كۆز قاراشنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن شەكىللەنگەن تۆت مەزھەبنىڭ ھەممىسى ئەھلى سۇننە ئەقىدىسى ئاستىدىكى تارماقلاردۇر . ئۇيغۇر تىلىدا بىرقىسىم دىنى ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمە قىلىنماي شۇ پىتى قوللىنىشى چۈشەنچىمىزدە نۇخسانلىق پەيدا قىلىپ تەپەككۈرىمىزنى خاتا يولغا باشلاپ قويىۋاتىدۇ . مىسالەن : ھەنەفى ياكى مالىكى مەزھەبلىرى بىلەن شىئە ياكى خاۋارىج مەزھەبلىرىنى ئوخشاش < مەزھەب > ئاتالغۇسىدا ئاتاش ۋە ئۇلارنى ئوخشاش ئورۇندا قويۇش چۇشەنچىدە چوڭ بىر خاتالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ يۇقىردا دەپ ئۆتكەندەك بىرسى ئەقىدىنىڭ ئاساسلىق مەسىلىلىرىدە ئىختىلاپلاشقان بولۇپ ئۇنى مەن يازمامدا پىرقە دەپ ئالدىم . كېيىنكىسى ئىسلام قانۇنچىلىقىدىكى تارماق مەسىلىلەردە ئىختىلاپلاشقان بولۇپ ئۇنى مەزھەب دەپ قوللاندىم . بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدا چوقۇم پەرىقلىق چۈشەنچە بولىشى لازىم دەپ قارايمەن .
    ئىسلامدىكى پىرقە ۋە مەزھەبلەر توغرىسىدا مۇشۇنچىلىك توختىلىپ تۇرىلى ، ماقالىنىڭ ئىككىنجى قىسمىدا ۋاھابىزم ۋە سەلەفىلەرنىڭ پەرقى ، ئۇلارنىڭ قانداق بىر تارىخى دەۋىردە كېلىپ چىققانلىقى ، ئۇلارنىڭ ئىددىيەسى ۋە ئۇلارنىڭ ئېلىپ بارغان بىر قاتار ھەركەتلىرى  ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىمەن . تېمىغا كىرىشتىن بۇرۇن ۋاھابىزم ۋە سەلەفى ئىسمى نېمە ئۈچۈن مەزكۇر رەسىمگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكى ئۈستىدە ئىككى ئېغىز سۆز قىستۇرۇپ ئۆتەي .   ۋاھابىزىم ياكى سەلەفىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى تارىختىن بۇيان بىرە ئۆلىما ئۇلار ئەھلى سۇننەنىڭ سىرتىدا دېمىگەن بولۇپ ،  ئۇلار ئەقىدە جەھەتتە سۇننى مۇسۇلمانلارغا تەۋە . فىقھى جەھەتتىن بولسا ۋاھابىلار ھەنبەلى مەزھەبنىڭ كۆز قاراشىنى كۈشلەندۈرگەن بولۇپ ، سەلەفىلەر توغرىسىدا ئايرىم چۈشەنچە بېرىمەن . دېمەك ۋاھابىلار ئەقىدىدە سۈننىلەرگە فىقھى جەھەتتىن ھەنبەلىلەرگە تەۋە بولۇپ ئايرىم بىر پىرقە ياكى مەزھەب شەكىللەندۇرمىگەن . شۇڭا ئايرىم زىكىر قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن .
      ئەمدى بىز ۋاھابىزىمنىڭ  مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇل ۋاھھاب ( ئابدۇل ۋاھھابنىڭ ئوغلى مۇھەممەد) قا نىسبەت بېرىلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇ كىشىنىڭ قانداق بىر تارىخى دەۋىردە ياشىغانلىقى ، نېمە ئىدىيەدە ئىكەنلىكى ۋە ھاياتىدا قانداق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى تارىخ بەتلىرىدىن ئاختۇرۇپ باقايلى . مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇل ۋاھھابنىڭ ياشىغان دەۋرى ئوسمانىلار خىلافەتلىكىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ ، ئۇ چاغدا ئوسمانىلار ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتلەدىن  ئاجىزلىشىشقا قاراپ ماڭغان ، جەمىيەتتە چىرىكلەشكەن سوپىئىزىم ئەۋىج ئالغان بولۇپ ، مۇسۇلمانلار خۇراپاتلىق ، بىدئەتلىك ، شۇنداقلا بۇ دۇنيانى تاشلاپ پەقەت ئۇ دۇنيانىلا قولغا كەلتۈرۈش بىلەن مەشغۇل بولغان ئىدى . بۇ ئەھۋال ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا تېخىمۇ ئەۋىج ئالغان بولۇپ قەبرىستانلىقلاردا ئەرۋاھلاردىن مەدەت تىلەش ، ھاجەت سوراش ۋە ئۇلارغا قۇربانلىق قىلىشنى ماڭدامدا بىر ئۇچراتقىلى بولاتتى . مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇل ۋاھھاب مانا مۇشۇنداق بىر تارىخى شارائىتتا يىتىلگەن بولۇپ ، ئۇ ھەر تەرەپتە ئىلىم ئۈگۈنۈش جەريانىدا ئۆزىدە توغرا ئەقىدە يېتىلدۈرپ ، يۇرتىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن كىشىلەرنى ساغلام بولغان تەۋھىد ئەقىدىسى( پەقەت بىرلا ئاللاھ قا شېرىكسىز ئىبادەت قىلىش ) قا دەۋەت قىلىدۇ . بۇ ھەقتە <دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى بىرلىكى > نىڭ رەئىسى يۈسۈف قارزاۋى مۇنداق دەيدۇ :< ۋاھابىزىم  مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇل ۋاھھابقا نىسبەت بېرىلىدىغان بولۇپ ، مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇل ۋاھھاب ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا كىشىلەرنى ساغلام بولغان قۇرئان ۋە ھەدىس ئەقىدىسىگە قايتۇرۇش يولىدا  شېرىك ، بىدئەت ۋە خۇراپاتلىققا جەڭ ئېلان قىلغان كىشىدۇر . ئۇ ئاساس سالغان دەۋەت بىلەن ھازىرقى يېڭى سەئۇدىيە دۆلىتى قۇرۇلغان . ئۇ ھەنبەلى مەزھەبكە تەۋە بۇلۇپ ، ئەمەلىيەتتە ۋاھابىزىم مەۋجۇت ئەمەس . كىمكى ئىمام ھەنبەلىنى ھۆرمەتلىسە ئىمام  مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇل ۋاھھابنىمۇ ھۆرمەتلىشى كېرەك >   يۈسۈف قارزاۋى يەنە ئۆزىنىڭ < ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەك > دېگەن كىتابىدا :<  مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇل ۋاھھابنىڭ قارىشىچە ئەقىدىدە تەۋھىدنى شېرىك ئېتىقاتلاردىن ؛ تەۋھىد مەنبەسىنى بۇلغىغان ، سۈزۈك تەۋھىدنى دۈغلاشتۇرغان خۇراپاتلاردىن ھىمايە قىلىش ئەڭ ئاۋال قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئىدى . ئۇ بۇ ھەقتە نۇرغۇن كىتاپ ۋە رىسالىلەرنى يازغان . شېرىك كۆرىنىشلىرىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن نەزەرىۋى ۋە ئەمەلى ھۇجۇملارنى قوزغىغان .> دەپ بايان قىلغان . بۇ ھەقتە يەنە يېقىنقى زامان ئىسلام ئويغىنىش ھەركىتىنىڭ داھىلىرىدىن بىرى بولغان سەييىد قۇتۇپمۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان بولۇپ ئۇ : <  مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇل ۋاھھاب تەۋھىد شۇئارىنى كۆتىرىپ چىقتى . ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى تولىمۇ توغرا ئىدى . چۇنكى بۇ زات قەبرىلەرگە ئىبادەت قىلىدىغان ، ھاجەتنى ئاللاھ تىن ئەمەس ئەرۋاھتىن تىلەيدىغان بىر مۇھىتتا يېتىلگەن ئىدى . ئۇنىڭ  ئىسلاھات ھەركىتى ئۈممەتنى ئۇيقىدىن ئويغىتىدىغان ھەقىقى بىر سېگنال بولدى  > دېگەن  ئىدى .
     ئەمدى سەلەفىلەرگە كەلسەك سەلەفى سۆزىنىڭ  ئۆتكەنكىلەر ، ئەجداتلار دېگەندەك مەنالىرى بار بولۇپ ، بۇ ھەقتە شەيىخ سالىھ ئەلفەۋزان مۇنداق دەيدۇ :< سەلەفىلەر ئىسلامىيەتنىڭ ئاۋۋالقى دەۋىرلىرىدە ياشىغان ، ئاللاھ نىڭ كىتابى رەسۇلۇللاھ نىڭ سۇننىتىگە مەھكەم ئېسىلغان مۇھاجىر -ئەنسارلار  ۋە  ئۇلارغا ئەگەشكەن بىر تۈركۈم ئىيمان ئېيتقان  كىشىلەردىن  تەركىپ تاپقان جامائەتنى كۆرسىتىدۇ . > دېمەك بۇ يۇقاردا دېيىلگەن < ئەھلى سۈننە ۋە ئەلجەمائە > نىڭ پىروگىراممىسى  بىلەن بىردەك بولۇپ ، مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇل ۋاھھابنىڭ دەۋەتتكى ئاساسلىق يولىمۇ ئەقىدە-ئېتىقات  ئەمەللەردە رەسۇلۇللاھنىڭ ، ساھابىلانىڭ ۋە ئۇندىن كېيىنكى سەلەف سالىھلارنىڭ يولىنى تۇتۇشقا بۇيرۇش ئىدى . ئۇنىڭ كىتابىنى ئوقىغان ھەرقانداق بىرى بۇنى ھېس قىلالايدۇ . ۋاھابى ئاتالغۇسىنى بولسا ئەينى ۋاقىتتىكى شەيىخنىڭ ئىسلاھات ھەركىتىگە قارشى تۇردىغان بىرتۈركۈم مۇتەئەسسىپ سوپىلار قويىۋالغان بولۇپ ، بۇ ئىسلاھات ھەركىتىنى كىشىلەرگە يامان كۆرسىتىشنى مەخسەت قىلغان ئىدى . ئەمەلىيەتتە ۋاھابىزىم بىلەن سەلەفىلەر بىر نەرسىنىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشى بولۇپ ، بۇ ئىسلاھات ھەركىتىگە قارشى تۇرغۇچىلار بۇنى ۋاھابىزىم دېسە ، بۇ ئسلاھات ھەركىتىنى ئېلىپ بارغۇچى ۋە ئەگەشكۈچىلەر بىز ئەجداتلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭغۇچى دېگەن مەنىدە ئۆزلىرىنى سەلەفىلەر دەپ ئاتىغان . ئەگەر پەرقى بار دېيىلسە ۋاھابى ھەركىتى ئەرەبىستان دىيارىدا ھەنبەلى مەزھەب ( فىقھى كۆز قاراش )  بويىچە ئېلىپ بېرىلغان بولسا ، سەلەفى ھەركىتى باشقا مۇسۇلمان ئەللىرىدە شۇ يەرنىڭ يەرلىك مەزھەبلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان بولدى . مېنىڭچە بۇ سەلەفى ئاتالغۇسىمۇ ئارتۇقچە بىر ئاتالغۇ بولۇپ بىر ئىيمان ئېيتقان كىشى ئۈچۈن مۇسۇلمانلىق ئەڭ چوڭ شەرەپ ۋە ئەڭ ياخشى ئاتالغۇ ئىدى . ئەپسۇس دەۋرىمىزدە ئىسلامغا يېڭى ئاتالغۇ ۋە يېڭى ماركىلار ھەقىقەتەن كۆپ چاپلاندى . بەزىلىرى دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن چاپلانسا ، بەزىلىرى ئۆز ئىچىمىزدىن ئاكتىپلىق بىلەن چاپلاندى . بۇ ئاخىرى مۇسۇلمانلارغا بۆلگۈنچىلىك ئېلىپ كېلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچىنى زور دەرىجىدە خوراتتى .
        بۇلارغا ئادىللىق بىلەن باھا بەرگىنىمىزدە  ۋاھابى ياكى سەلەفى ھەركەتلىرىنىڭ مەخسەت نىشانى توغرا بولغان بولسىمۇ ، بىر تۈركۈم قارغۇلارچە ئىلىمسىز ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش جەريانىدىكى بەزى ئۇسسۇللىرى ھەقىقەتەن چېكىدىن ئىشىپ كەتكەن . مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا شەكىلگە ئەھمىيەت بېرىپ ماھىيەتكە ئېتىبار بەرمىگەن  .  دەۋەت ئىشلىرىدا قۇرئان كەرىم بىزگە ئۈگەتكەن تەدرىجىلىكنى ئاساس قىلماي بىتئەت ۋە خۇراپاتلىقنى  بىر قېتىمدا ئۆزگەرتىشكە  ئۇرۇنغان . نەتىجىدە ئام خەلق ئارىسىدا زىددىيەت تۇغۇلۇپ پىكرى ۋە ئەمەلى توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن . ئەمما ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا بۇ يەنىلا بىر غەلبە قىلغان ئىسلاھات ھەركىتى بولۇپ ، خۇددى سەييىد قۇتۇپ ئېيتقاندەك بۇ بىر ئۈممەتنى ئۇيقىدىن ئويغىتىدىغان ھەقىقى بىر سېگنال بولغان  . دىننى تون قىلىۋالغان خۇراپاتلىق ۋە بىتئەتلەرگە قارشى چىقىپ ئەنئەنە بىلەن دىنى ئىبادەتلىرىنى ئايرىشقا تۈرتكە بولغان . شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى مەنبەسىگە بولغان ئىزدىنىشىنى ۋە قايتىشىنى كۈچەيتكەن .
        ماقالىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا  ۋاھابى ياكى سەلەفى ھەكىتىنىڭ دىيارىمىزغا قاچاندىن باشلاپ كىرگەنلىكى  ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا نېمىلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا ئۆز چۈشەنچىمنى بايان قىلىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۈمۈد قىلىمەن .
      دىيارىمىزنىڭ 20 - ئەسىر ئالدى - كەينىدىكى ئومۇمى ئىجتىمائىي دىنى كەيپىياتى ئەتراپتىكى باشقا مۇسۇلمان ئەللەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ ، بىدئەتچىلىك ۋە خۇراپاتلىقنىڭ ناھايىتى ئەۋىج ئالغانلىقىنى  ، مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ مەسچىتنى تاشلاپ خانىقاغا يۈگىرەيدىغانلىقىنى ، ئىبادەتنى ئاللاھ قا ئەمەس مازارلارغا قىلىدىغانلىقىنى ، پەيغەمبەرگە ئەمەس ئىشانلارغا ئەگىشىدىغانلىقىنى نۇشرىۋاننىڭ < ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى > دېگەن كىتابىدىن شۇنداقلا  20- ئەسىرنىڭ بېشىدىكى قەشقەرگە ئائىت بىر قىسىم سۈرەتلەردىن كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس . ئۇستاز مۇھەممەت يۈسۈپنىڭ بايان قىلىشىچە مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇل ۋاھھابنىڭ تەۋھىد دەۋىتى دىيارىمىزغا 30- يىللاردىن بۇرۇنلا كىرگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى سابىت داموللامدۇر .  سابىت داموللامنىڭ < ئەقىدىلەر جەۋھىرى > دېگەن كىتابى بۇنىڭغا دەلىل بولالايدۇ . كېيىن ئىجتىمائىي ۋە سىياسى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئىسلاھات بىر مەزگىل توختاپ قالغان بولسىمۇ  1980- يىللىرىدىن كېيىن خوتەندە مەرھۇم مۇھەممەت ئابدۇللاھ مەخسۇماجىم ، ئابدۇللاھ روزى داموللاجىم قاتارلىق ئۆلىمالار ،  قەشقەردە ئابلىمىت داموللام باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم دىن سۆيەر زاتلار ، ئۈرۈمچىدە ئابدۇرىشىت مەخسۇماجىم  باشلىق ئىخلاسمەن كىشىلەر بۇ دەۋەتنى قايتىدىن جانلاندۇرغان ۋە ئوموملاشتۇرغان . بۇنىڭ تۈرۈتكىسىدە ئومومى مۇسۇلمان ئاممىسىدا بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا دىنغا بولغان ئىنتىلىش ۋە ئىزدىنىش كۈچەيگەن بولۇپ شۇ دەۋىردىن باشلاپ يۇرتىمىزدا يېڭى بىر  ئىسلامى ئويغۇنۇش ۋە ئىسلاھات دەۋرى باشلانغان دېيىشكە بولىدۇ .
       بۇ دەۋەتنىڭ تەسىرى بىلەن ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ ئىبادەتنى نوقۇل ھالدا تەقلىد قىلىپ ئېلىپ بېرىشتىن ، ئىبادەتنى قۇرئان ۋە ھەدىستىكى دەلىللەر بويىچە ئېلىپ بېرىشنى ئىستەيدىغان بولغان . ئەتراپىدىكى خۇراپات ۋە بىدئەت دەپ قارىغان نەرسىلەرگە قارشى تۇرغان . بۇ مۇسۇلمانلارنى ئىسلام ئەنئەنىسى بىلەن قايتىدىن باغلىنىش ھاسىل قىلىشقا ئېلىپ باردى. شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت بىلەن دىننى پەرقلەندۈرۈۋېلىشىغا  ياردەم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ دىنىي نەرسىلەر ئەمەس، مەدەنىيەتكە ئائىت نەرسىلەر ئىكەنلىكى بايقالدى .  بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بولسىمۇ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەر كېلىپ چىقىپ مۇسۇلمان جامائىتى ئوتتۇرسىدا بىر قاتار زىدىيەتلەرمۇ پەيدا بولدى . مىسال ئالىدىغان بولساق :
    مىللىتىمىزدە ئۇزۇندىن بۇيان نىكاھ ئىشىدا نىكاھتىن كېيىن قىز-ئوغۇلغا ناننى تۇز سۈيىگە چىلاپ يېگۈزىدىغان بىر ئادەت بار بولۇپ ، ئىسلاھات ھەركىتىگە ئەگەشكۈچى ياشلار بۇ ئىشنىڭ دىنىمىزدا يوق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى كۆتۈرۈپ چىقىشتى . چۈنكى نىكاھ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىر دىنى رەسمىيەت بولۇپ ، ئۇ قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆتكۈزىلەتتى . ئەمما بۇ رەسمىيەتنى ئۇزۇندىن بۇيان ئۆتەپ كېلىۋاتقان يۇرت چوڭلىرى دەماللىققا ياشلارنىڭ بۇ پىكىرىنى قوبۇل قىلالماي ئارىدا سۈركىلىشلەر پەيدا بولدى . شۇنداقلا يەنە ئۆلۈمدىن كېيىن نەزىر-چىراق قىلىش ، تۇپراق بېشىدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق بىر قاتار ئىشلاردىمۇ يۇقارقىدەك سۈركىلىشلەر بولغان بولۇپ ، بۇلار ئاساسەن دىنى يوسۇن بىلەن ئەنئەنىۋىلىشىپ كەتكەن دىنى ئۆرۈپ - ئادەتلەرنى بىر-بىرىدىن پەرىقلەندۇرۇش ۋە ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئىدى . يەنە بىر تۈركۈم زىدىيەتلەرمۇ مەيدانغا كەلگەن بولۇپ بۇ مەزھەپلەر ئوتتۇرسىدىكى كۆز قاراشنىڭ ئوخشىماسلىقىغا بېرىپ تاقىلاتتى . يۇرتىمىز مۇسۇلمانلىرى دەۋىرلەردىن بۇيان دىنى ھۆكۈم مەسىلىلىرىدە ھەنەفى مەزھەبنى تۇتۇپ ماڭغان بولۇپ ، ئىسلاھات ھەركىتى ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇل ۋاھھابنىڭ تەۋھىدنى ساپلاشتۇرۇش ئىددىيەسى بىلەن بىرلىكتە فىقھى جەھەتتە ھەنبەلى مەزھەبنىڭ كۆز قاراشلىرىمۇ دىيارىمىزغا سىىڭىپ كىرىشكە باشلىدى . بىر مەزگىللىك <<بوران -چاپقۇندىن >>  كېيىنكى كىشىلەرنىڭ دىنى ئاڭ - سەۋىيىسى چىكىنگەن ، مەزھەب چۈشەنچىسى تۆۋەن ، ئالىم - ئۆلىمالىرىمىز   ئىنتايىن ئاز قالغان مانا مۇشۇنداق پەيىتتە باشقا بىر مەزھەب كۆز قارىشىنىڭ دىيارىمىزغا كىرىشى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پىتنىلەرگە سەۋەپ بولدى . بۇنىڭدا كۆپچىلىك  كىشىلىرىمىزگە ئاساسەن تونۇشلۇق بولغان مەسىلدىن بىر قانچىنى مېسالغا ئېلىشقا بولىدۇ :
     ھەنەفى مەزھەب ئالىملىرى كۆز قارىشىدا نامازدا <سۈرە فاتىھە > دىن كېيىن < ئامىن > سۆزىنى مەخپى دەيدىغان بولۇپ ، يۇرتىمىز مۇسۇلمانلىرىمۇ شۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى . كېيىن ھەنبەلى مەزھەپ كۆز قارشىنىڭ كىرىشى بىلەن بىر تۈركۈم ياشلار < ئامىن > سۆزىنى ئۈنلۈك دەيدىغان ،   نامازدا < رەفىئەت > قىلىدىغان ئىشلار پەيدا بولدى . بۇ < يېڭىلىق >نى قوبۇل قىلالمىغانلار ۋاھابىلار دىننى ئۆزگەرتتى ، يېڭى دىن بەرپا قىلدى دەپ ئەيىپلەشتى .  بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار نۇرغۇن بولۇپ يۇقۇردا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك بۇنى مەزھەبلەرنىڭ تارماق مەسىلىلەردىكى كۆزقارشىنىڭ ئوخشىماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى . ئەلۋەتتە ھەر مەزھەبنىڭ بۇ مەسىلىلەردە قۇرئان ھەدىستىن كەلتۈرگەن ئۆزىگە تۇشلۇق دەلىللىرى بار بولۇپ ، نوقۇل ھالدا مېنىڭ توغرا سېنىڭ خاتا دېيىشكە بولمايدۇ . دىنىمىزنىڭ ئاساسى مەسىلىلەردىكى ھۆكمى ئېنىق بولۇپ تارماق تارماق مەسىلىلەردە ئىختىلاپنىڭ مەۋجۈت بولىشى بىر تەرەپتىن ئومومى مۇسۇلمانلارغا رەھمەت ۋە كەڭچىللىك بولۇپ ، دىنىمىزنىڭ ھەرزامان ، ھەرماكانغا مۇۋاپىق كېلىشنىڭ بىر دەلىلى دېيىشكە بولىدۇ .
          دېمەك بىر قىسىم ياشلىرىمىزنىڭ كىچىك مەسىلىلەرنى چوڭايتىۋىلىشى ، دىنىمىزدا ئاۋۋال قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىشلارنى قايرىپ قويۇپ كېيىنكى ئىشلارنى ئالدىغا قويىۋىلىشى ، مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك - ئىتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ۋاجىپلىقىنى ئۇنتىغان ھالدا تارماق مەسىلىلەردە تالاش - تارتىش قىلىپ بىرلىكنى بۇزىشى نۇرغۇن يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى . بۇلارغا  ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا بىزدىكى بىلىمسىزلىك سەۋەپ بولدى . ئەمەلىيەتتە خاتالىقنى مەلۇم  بىر تەرەپكە  يۈكلەپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ . چۈنكى كۆپچىلىك خەلقى ئسلام دىنىغا ئېتقات قىىدىغان دىيارىمىزغا ئوخشاش بىر ماكاندا مانا مۇشۇنداق ئىختىلاپى مەسىلىلەرنى دەل ۋاختىدا  بىر تەرەپ قىلىدىغان ، خەلقنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن نوپۇزلۇق بىر ئىسلام جەمىيىتى ياكى ئورگىنىنىڭ بولماسلىقى ( بولغان تەغدىردىمۇ كارغا كەلمەسلىكى )  مۇشنىڭغا ئوخشاش ئايىغى تۈگمەس ئىختىلافى مەسىلىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ . ئاخىرىدا بۇ توقۇنۇش بىر تۈركۈم ئاشقۇن كۈشلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ .
    ئەمدى بۇ ئىسلاھاتنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن بىرقىسىم ئەمەلى بولغان ئىجابى ۋە سەلبى تەرەپلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ باقاي . ئىجابى تەرەپتىن  ئومومەن  قىلىپ قىلىپ ئېيتقاندا  بۇ ھەركەت تۇرمۇشىمىزدىكى بىر قىسىم خۇراپات ۋە بىدئەتلەرگە قارشى تۇرۇپ  ئەقىدىمىزنى ساپلاشتۇرۇشقا تۈرۈتكە بولدى . مازارلىقلاردا ئاممىۋى شەكىلدە تەشكىللىنىپ قۇربانلىق قىلىدىغان ، تۇغ - ئەلەم ئېسىپ ئۇ ئورۇننى دۇئا - ئىبادەتكە خاسلاشتۇرىدىغان ، ئىسرىق سالىدىغان ، قاپاق كۆيدۈرىدىغان بىر قاتار ئىشلارنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى ۋە قىسمەن يوقاتتى . بىر مەزگىل ئەۋىج ئالغان باخشى -داخان ، پالچى - رەمچىگە ئوخشاش ئالدامچىلارغا قاتتىق زەربە بەردى .  ئىبادەتتە سوپى ئىشانلارغا قول بېرىپ ئەگىشىشتىن چەكلەپ ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە بۇيرىدى . بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم جان باقتى سوپى - ئىشانلارنىڭ كۈچ ۋە ئىمتىيازىنى چەكلىدى . تەركى دۇنيالىققا قارشى تۇرۇپ مۇسۇلمانلارنى ئككى دۇنيا ئۈچۈن تەڭ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈردى .
    ئەمدى سەلبى تەرىپنى سۆزلىسەك ئىسلاھات ھەركىتى جەريانىدا  قىسمەن ئۇسۇل ۋە ۋاستىلاردا كەتكۈزۈپ قويۇپ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا زىدىيەت پەيدا قىلىپ قويدى . دىنىمىزنىڭ بىزگىچە يېتىپ كىلىشىگە ۋاستە بولغان پىشقەدەم چوڭلارنىڭ ئەمگەكلىرىنى يوققا چىقىرىپ ، ياشلار بىلەن چوڭلار ئوتتۇرسىغا توساق قۇرۇپ قويدى . يۇقۇردا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك يەنە بىر قىسىم ئاشقۇن كۈشلەر مەيدانغا كېلىپ ئۇلار يېڭى مارىپ ۋە پەن تېخنىكىغا قىززىقمىدى ياكى قارشى تۇردى . ئاياللارنى جەمىيەتتىن ئايرىپ تۈرلۈك بىلىم ئىلىشتىن چەكلىدى . ئەۋلاد تەربىيىسىگە بىر تەرەپلىمە قاراپ بالىلارنى پەقەپ دىنى مەدىرىسلەردىلا ئوقۇتۇش بىلەن چەكلەندى. كىشىلەرنى چامى يەتمەيدىغان ئىشلارغا قىززىقتۇرۇپ ئۇنىڭ نەتىجىسى بىلەن ھېساپلاشمىدى .
        يازمىنىڭ ئاخىرىنى ئىلاۋە ئورنىدا ئەركىن سىدىق ئەپەندىم ماقالىسىدا تىلغا ئالغان دوكتۇر ياسىر قازىنىڭ سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىماقچقمەن . دكتۇر  ياسىر قازى  ئىنتايىن ئوبىكتىپ  بىر مىسال ئالغان بولۇپ ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ :<  ئىسلام دىنىنى بىر ئۆي بىناسىغا ئوخشاتساق، ئىسلام دىنىنىڭ تېئولوگىيىسى، شەرىئەت قانۇنلىرى، ۋە ئاساسىي پرىنسىپلىرى قاتارلىقلار ئۇ ئۆينىڭ ئۇلى بىلەن بىنانىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئاساسىي گەۋدىسىگە ئوخشايدۇ. ئەمدى بۇ ئۆيدىكى بىر ياتاق ئۆيدە سىزنىڭ بىر بالىڭىز سىزنىڭ ئاتا-بوۋىڭىزدىن قالغان بىر كارىۋاتتاياتىدۇ، دەيلى. بۇ كارىۋاتنى بىر قانچە ئەۋلاد ئىشلىتىپ كەلگەن بولغاچقا، ئۇھازىرقى زامانغا ماسلاشماي قالدى. شۇنىڭ بىلەن بالىڭىز سىزدىن ئۇ كارىۋاتنى ھازىرقى زاماندا ئىشلەنگەن بىر يېڭى كارىۋاتقا ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.ھەمدە «ئەگەر ئالماشتۇرۇپ بەرمىسەڭ، مەن ئۆيدىن چىقىپ كېتىمەن»، دەپ سىزگە شەرت قويدى. بۇ خۇددى بەزىلەرنىڭ «ئىسلام دىنى ھازىرقى زامانغا ماسلاشمايدىكەن، شۇڭامەن ئۇنىڭغا كىرمەيمەن»، ياكى بەزىلەرنىڭ «ئىسلام دىنى ھازىرقى زامانغا ماسلاشماي قالدى، شۇڭا مەن ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتىمەن»،دېگىنى بىلەن ئوخشاش. ئەگەر بالىڭىزغابىر يېڭى كارىۋات ئېلىپ بەرسىڭىز، ئۇ كارىۋات ھەرگىزمۇ ئۆينىڭ ئۇلى بىلەن گەۋدىسىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ھەرگىز ئۇنىڭلىق بىلەن ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدۇ. ئۆينىڭ ئۇلى بىلەن گەۋدىسى شۇ پېتى تۇرۇۋېرىدۇ. ئۆينىڭ ئىچىدىكى بىر كارىۋاتلا ئالمىشىدۇ،خالاس. >  بۇ مىسال مەلۇم جەھەتتىن كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشتىكى پىكىر يولى ۋە تاللىغان ۋاستىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى يورىتىپ بەرگەن بولۇپ، چوڭ جەھەتتىن بۇ كىشىلەر ئىككى گوروھقا ئايرىلغان . بىرىنجى گوروھتىكى كىشىلەر بۇ مەسىلىگە ناھايىتى ئەنسىرەش ۋە ئېھتىيات ئىچىدە مۇئامىلە قىلىپ كۆپۈنچە ھاللاردا ئەسلى ھالەتنى ساقلاپ قىلىشنى تاللىغان . تەدرىجى ھالدا دىننىڭ  ئەسلى مەنبەسىدىن چەتنەپ كېتىشىدىن قورققان . خۇددى مىسالدىكى بالىغا كارۋىتىنى ئالماشتۇرۇپ بەرسە ، ئۇ يەنە ئۆزنىڭ بالىسىغا ئىشكاپنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن . مۇشۇ بويىچە داۋاملىشىپ ئالماشتۇرۇلغاندا تۈرۈككە خەۋىپ يېتىدۇ دەپ پەرەز قىلغان . سەلەفىلەرنىڭ تۇتقان بولىدىن قارىغاندا بۇلار  بىرىنجى گوروھتىكى كىشىلەرنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ دېيىشكە بولىدۇ .  ئىككىنجى گوروھتىكى كىشىلەر بىر قەدەر يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان كىشىلەر بولۇپ ، دىندا يولغا قويغان دائىرى ئىچىدە ئاسانلاشتۇرۇشنى تاللىغان كىشىلەردۇر . خۇددى مىسالدىكىدەك ئۇلار بالىغا كارۋاتنى ئالماشتۇرۇپ بىرىش بەدىلىگە ئۇنى ئۆيدە تۇتۇپ قېلىشنى تاللىغان كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . مەسىلىنىڭ تېخىمۇ روشەنرەك بولىشى ئۈچۈن بۇ ئىككى گوروھقا  ئىككى دۆلەتنى تىپىك  مىسال قىلىشقا بولىدۇ . بىرىنجى گوروھقا ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلىتى مىسال بولۇپ ، بۇ دۆلەت ھازىرقى دۇنيادىكى بىردىن - بىر شەرىئەت قانۇنىنى دۆلەتنىڭ ئاساسى قانۇنى قىلغان دۆلەت بولىشىغا قارىماي ياشلارنىڭ غەرىپ پەرەس بولۇپ كېتىشى شۇنداقلا جەمىيەتتە نۇرغۇن ئىسلامغا يات ئىشلارنىڭ ئەۋىج ئېلىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ . گەرچە دۆلەت دىنى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىشتا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولغاندەك تۇرسىمۇ ئەمما ياش ئەۋلاتلارنى تەربىلەشتە نۇرغۇن كامچىللىقلارنىڭ بارلىقى چىقىپ تۇرىدۇ . ئەمدى ئىككىنجى گوروھتىكىلەرگە تۈركىيەنى مىسال قىلىش مۇمكىن بولۇپ ، تۈركىيەگە تۇنجى بارغان ھەرقانداق كىشى ئالدى بىلەن ئۆزىنى كىنولاردا كۆرگەن ياۋرۇپانىڭ مەلۇم بىر شەھىرىگە كەپ قالغاندەك تۇيغىغا كېلىپ قالىدۇ . سىنچىلاپ بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن كوچىلاردىكى ئېگىز مۇنارلىق ، يوغان گۈمبەزلىك  ھەيۋەت مەسچىتلەرنى ۋە مەسچىتكە ماڭغان كىشىلەرنى كۆرۇپ ئاندىن ئۆزىنىڭ بىر مۇسۇلمان يۇرتىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈرىدۇ .
      دېمەك بۇ ئككى دۆلەتنىڭ ھەر ئىككىسى دىننى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتا مەلۇم نۇخسانلاردىن خالى بولالمىغان بولۇپ ، قايسى ئىشلاردا چىڭ تۇرۇش قايسى ئىشلاردا ئاسانلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشنى ياخشى ھەل قىلالمىغاندەك تۇرىدۇ . بۇ يازمىنىڭ مەخسىتىمۇ بۇلارنى ئايرىش ئەمەس ئەلۋەتتە . بىراق بۇ مەسىلە ھەقىقەتەن ئەركىن سىدىق ئەپەندىم ئېيتقاندەك ئۆزىمىزنى قاچۇرىشقا بولمايدىغان ۋاختىدا ھەل قىلىش تېگىشلىك بىر مەسىلە بولۇپ قالدى . بۇ ئەلۋەتتە بارلىق ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ بىر يەرگە باش ئەكىلىشى دىيارىمىزدا نوپۇزلۇق دىنى ئورگانلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىش نەتىجىسىدە روياپقا چىققۇسى ئىنشا ئاللاھ .

0930002hsy80k2yh58i078_png_thumb.png

4

تېما

4

دوست

1601

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   60.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23502
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 534
توردىكى ۋاقتى: 153
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-14 12:33:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭمۇ پۈتەي دەپ قالغانتى بۇ تېما ھەققىدىكى  تەسىرات ماقالەم
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

3

دوست

3655

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16842
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1110
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-14 13:05:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە خېلى چۈشىنىشلىك بوپتۇ

0

تېما

36

دوست

2910

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-14 13:07:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن، ئىلمىڭىزنى، زىھنىڭىزنى تىخىمۇ زىيادە قىلسۇن ۋاھابى تەلىماتىنىڭ بىزگە ئىلىپ كەلگەن ئىجابى ۋە سەلبى تەرەپلىرنى ناھايىتى ياخشى ئىخچام چۇشەندۇرۇپسىز كوز قارشىمىز، تەھلىللىرمىز ئوخشاشكەن،  ئاللا رەھمەت قىلسۇن شۇنداقتىمۇ مەن تىمامنى داۋاملاشتۇرىۋىرەي،  ئامان بولۇڭ.

1

تېما

1

دوست

573

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   14.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27551
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 164
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-14 13:28:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ.ھەممىمىز ئەقىدە مەسىلىرىنى ئىنىق بىلىۋالساق،تەۋھىدىمىز مۇستەھكەم بولساق تالاش تارتىشىدىغان ھىچنىمە يوق.ئۈشبۇ ماقالىدە دىيىلگەنىدەك فىققى مەسىلىلەردە كەڭچىلىك بار،ئەمما ئەقىدە مەسىلىلىرىدە يوق.ئىمان بەزىدەبىر ئىغىز گەپ بىلەنمۇ چىكىتىدۇ،،،

1

تېما

2

دوست

2976

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   32.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9483
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 130
تۆھپە : 806
توردىكى ۋاقتى: 403
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-14 14:05:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى ئىلگىرى يوللانغان مۇناسىۋەتلىك ماقالىلارنىڭ خۇلاسىسى دىسىكمۇ بولغادەك ، ياخشى يېزىلىپتۇ .

0

تېما

0

دوست

32

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   10.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27747
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-14 14:23:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇ تىما ناھايتى ياخشى چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ يېزىلىپتۇ، ئەسلىدىمۇ ۋاھابىزىم دەيدىغان بىر مەزھەپ يوق ئىدى . بۇنى دىنىمىزنىڭ ئەسلى ماھىيتىنى چۈشەنمەيدىغان قۇرئان ھەدىستىن چوتلا خەۋرى يوق ئۆزىنى مۇسۇلمان چاغلايدىغانلا قويىۋالغان بىر ئاتالغۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزۋاختىدا  بۇمەسىلىلەر يۇقۇردىكى تىمىدا چۈشەندۈرۈلگەندەك مەسىچىتلەردە ئۈلۈمالار جامائەتلەرگە توغرا چۈشەندۈرمىدى.ئەكىسچە ئۇلار دىگەن ۋاخابى ئۇنداقچى مۇنداقچى دەپ بىلجىرلىغاچقا جامائەتنىڭ كاللىسىدا بۇبىر باشقا مەزھەپ ئوخشايدۇ دەپ چۈشۈنۈپ قېلىپ بۇگۈنكىدەك ئۇقۇشماسلىق ۋە ئىختىلاپلار مەيدانغا كەلدى.

2

تېما

1

دوست

1272

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17701
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 386
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-14 15:20:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورۇن ئىگىلەپ قوياي...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )