- تىزىملاتقان
- 2013-3-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2475
- نادىر
- 0
- يازما
- 358
ئۆسۈش
15.83%
|
«ھېچ بولمىسا كەلگۈسىدە ئالىي مەلۇماتلىق لاياقەتلىك ئانا بولىمەن !»دەپ جاۋاپ بىرىپ كىتىپ قالغانىدىم .
ئەڭ ئالدى بىلەن بۇ ئاسپىرانىتنىڭ يۇقارقى بىر جۈملە سۆزى مىنى قاتتىق ئويلاندۇردى ،ئويلىغانسىرى قاتتىق ئەپسۇسلاندىم ،ئازاپلاندىم ،تەھرىر نىمە ئىش قىلغاندۇ مۇشۇ ئەسەرنى تەھرىرلىگەندە دەپ ئويلاپ قالدىم.
بىر ئاسپىىرانىت قىز قىلغىلى ئىش تاپالمىغاندا ،بەلكى ھىچ ئىش تاپالمىغاندا ئاندىن لايەقەتلىك ئانا بۇلامدۇ ؟ئەگەر بىرەر خىزمەت تېپىپ قالسا ،ھەتتا بىرەر ئورۇنغا باشلىق بولۇپ قالسا ئۇنداقتا بۇ ئاسپىرانىت ئانا بولماي خىزمەتچى ياكى باشلىق بۇلىدىكەن ،ئانا بۇلۇش قۇشۇمچە ياكى قىلغىلى ئىش تاپالمىغاندا قىلىدىغان ئىشمۇ ؟........نىمە دىيىشنىمۇ بىلمەيۋاتىمەن.......!
مەنچە ئوقۇش بولسۇن ،ئۆرلەپ ئوقۇش بولسۇن ،ئوغۇللار بولسا ئەڭ ئالدى بىلەن مۇكەممەل بىر ئائىلىگە باشلىق ،لايەقەتلىك دادابۇلۇشنى ،قىز بولسا ئەڭ ئالدى بىلەن لايەقەتلىك ئانا بۇلۇشنى ئۆزىگە نىشان قىلىپ بىلىم ئېلىشى ھەم شۇ يولدا ئىزدىنىشى كىرەكقۇ ؟ما ئاسپىرانىتقا ئوخشاش ھىچ بولمىسا ئالى مەلۇماتلىق ،لايەقەتلىك ئانا بۇلىمەن دەپ لايەقەتلىك ئانا بۇلۇشنى ھەممىنىڭ ئاخىرىغا تىزىپ قويسا ،ئويلاپ باقايلى بۇ يەردە ئىپپەتلىك ،ۋاپادار ئايال .كۈيۈمچان ،لايەقەتلىك ئانا دىگەندىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ ؟
ئەمدى تىمىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك توي قىلماي تۇرۇپ ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇۋاتقان قىزلار بىلىپ قېلىڭلاركى سىلەر ھەقىقەتەن قېرىپ كەتىىڭلار ،سىلەر ئاسپىرانىتلىقنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە 27-28كە كىرىپ قالىسىلەر ،سىلەر ئاسپىرانىت بولغاندىكىن ياخشىراق خىزمەت تاپمىغۇچە توي قىلغۇڭلار كەلمەيدۇ ،ياخشىراق بىرەر ئورۇننى تېپىپ بولغۇچە 30ياشقا كىرىپ قالىسىلەر ،بۇ ياش سىلەرنىڭ پەن -تېخنىكىدا ،ئىلىم پەندە نەزىرىيە جەھەتتە بىكتىلگەن ئەڭ ياخشى تۇغۇت مەزگىلىڭلاردىن ئۈتۈپ كەتكەن ۋاقىت ھىسابلىنىدۇ ،يەنە بىر جەھەتتىن بىز ئۇيغۇر ئەرلىرى قىزلارنىڭ ئىپپەت ،ئەخلاق مەسلىسىنى بىرنچى ئورۇنغا قۇيىمىز ،ئاسپىرانىت قىزلارنىڭ ھەممىسى 烟酒生غا ئايلىنىپ كەتمىگەن بولسىمۇ ،لىكىن شۇنداق يولدا ماڭغانلىرىنى يوق دىگىلى بولمايدۇ ،بۇنى مەن قارسىغا دىمىدىم ،چۈنكى مەنمۇ 2011-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە ئىككى يىل ئۈرۈمچىدە بىلىم ئاشۇرۇشتا ،شىنجاڭ ئونۋېرستىتى قورۇسى ئىچىدە 4ئاي پىراكتىكا قىلىش بىلەن بولدۇم بۇ جەرياندا كۆرگەنلىرىم ،ئاڭلىغانلىرىم ئاز ئەمەس ،قىسقىسى ئوغۇللاردا ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان ،بولۇپمۇ ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇغان ،يېشى بىر قەدەر چوڭ بولغان قىزلارغا نىسبەتەن قەتئىي ئىشەنىچ يوق ،ھەتتا ئۆزى بۇزۇقچىلىقتا ئۇچىغا چىققان ،نەچچە قىزنى ئالداپ ئىپپىتىنى يوق قىلغان نىجىسلارمۇ يەنىلا قىز ئالسام دەپ ئويلايدۇ ،...............يۇقارقى ئەھۋاللار ئاسپىرانىت قىزلارنىڭ ئاللىبۇرۇن قېرى قىزغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسپىرانىتلار ئۆزى بىلەن ئوخشاش مەلۇماتقا ئىگە ،توي قىلمىغانلانى تاللايدىكەن ،بۇنداقلارنى تېپىش دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك ئىش بولغاچقا يېشى تېخمۇ چوڭىيىپ كىتىدىكەن .يېشى 33كە يېقىنلاپ قالغان بولسىمۇ تېخچە ياتلىق بۇلالمايۋاتقان خىزمەتدىشىم بۇنىڭ دەلىلى ،بۇ خىزمەتدىشىم شۇنداق ئەخلاقلىق ،چىرايىمۇ خىلى كىلىشكەن ،ئارتۇق تەلپىمۇ يوق ،نەچچە يىگىت قىزىققان بولسىمۇ ،جۈرئەت قىلالمىدى ،قىز بالا يا بىر تاۋۇز ئەمەسكەن ،پىشىق توڭلۇقىنى بىلىپ بېقىپ پىششىق بولسا ئالىدىغان بولمىسا قايتۇرۋىتىدىغانغا .....!
قىسقىسى قىزلارنى تەربىيلەش ،ئالى مەلۇماتقا ئىگە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ،چۈنكى قىزلار كەلگۈسىدە ئانا بۇلىدۇ ،پەرزەنىت تەربىيلەيدۇ ،پەرزەنتىلەرئۈممەدنىڭ ۋەتەننىڭ ،مىللەتنىڭ ئۈمۈدى ،كەلگۈسىنىڭ قانداق بۇلىشى كىيىنكى ئەۋلاتلارغا باغلىق ،كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ قانداق بۇلىشى ئانىنىڭ شۇ ئەۋلاتنى قانداق تەربىيلىشگە باغلىق ،قۇربان بىرش رۇھىغا ئىگە ئىپپەتلىك ،ۋاپادار ،كۈيۈمچان بىر ئانا ئىرىنى مۇۋاپىققىيەتكە ،پەرزەنتىنى مۇۋاپىققىيەتكە ئىرىشتۈردۇ .ئەرلەر پاراۋۇز بولسا ،ئايال پاراۋۇزنىڭ شوپرى دەيدىغان گەپ بار .شۇنداق بولغانكەن قىزلارنى تەربىلەش كىرەك ،بىراق شۇ قىزلىرىمىزمۇ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيتىنى تۇنۇپ يىتىشى ،ئىپپىتىنى ساقلىشى ،ھايالىق بۇلىشى ،نۇزۇگۇمدەك روھنى ئۆزىىدە يىتىلدۈرىشى كىرەك .ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇش مەسلىسىگە كەلسەك مىنىڭچە قىزلىرىمىز ئاۋۋال توي قىلىپ ئاندىن ئۆرلەپ ئۇقۇشنى تاللىشى كىرەك .بۇنداق دىسەك قانداق ئەر بىزنى ئوقۇتۇشقا قۇشۇلىدۇ دىيشى مۇمكىن ،بۇنى بايقاش ،تالللىشىڭىز ئۆزىڭىزگە باغلىق ،مىنڭ بىر دوستۇممۇ ئايالىنى ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇتىۋاتىدۇ ،ئۆزى ئىشلەپ ،ئۆي ئىجارىسى ۋە ئايالىنىڭ بالىسىنى چىقىملىرىنى قامداۋاتىدۇ .ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە لايىقتۇر ...........! |
|