- تىزىملاتقان
- 2012-7-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3093
- نادىر
- 0
- يازما
- 240
ئۆسۈش
36.43%
|
kanjebatur يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 14:34
مېنىڭچە ياشلارنىڭ راھەت تۇرمۇشقا ئىنتىلىشى بىر ياخشى ...
قىرىندىشىم ،پىكىرىڭىز قىسمەن توغرا ،لىكىن ئادەمدە غايە،ئارزۇ بولۇش بىلەن مەڭگۈ قانائەتلەنمەسلىك پىسخىكىسى ئىككىسى ئىككى ئىش . ھازىرقى ياشلاردا ئاتا-ئانىلار ياراتقان بايلىقتىن ھۆزۇرلىنىش، راھەتلىنىش ئېڭى پەۋقۇللادە ئۈستۈن ،ئۆزى بايلىق ۋە كېلەچەك يارىتىش ئىستىگە ۋە ئىرا دىسى بولسا ئىنتايىن كامچىل (ئاز بىر قىسىم كەسىپتە نەتىجە قازانغان ياشلاردىن باشقىلارنى كۆزدە تۇتىۋاتىمەن ) . ياشلىرىمىزدا ھەتتا ئۆزىمۇ قورقۇپ كەتكۇدەك ئارزۇ غايىلەرنى قىلالايدىغان جۈرئەت بولغاندا ئاندىن كېلەچەك يارىتالايدۇ .دۇنيادىكى ھەرقانداق باي دۆلەت ۋە بايلار نەچچە ئەۋلات ئەنە ئاشۇنداق يۈكسەك غايە ،ئارزۇلارنى قەلبىگە پۈككەن ياشلارنىڭ تىرىشچانلىغى بەدىلىگە پەيدا بولغان .ياخشى تۇرمۇش ئۆزلىگىدىن كەلمەيدۇ ،پەقەت تىرىشچانلىق ۋە ئىختىساتچانلىقتىن بارا-بارا شەكىللىنىدۇ .يۈرتىمىزغا نىسبەتەن ئىيتساقمۇ ،70-80-يىللاردىكى ياشلارنىڭ ئاددى-ساددا تۇرمۇش كۆچۈرۈش بەدىلىگە ،بۈگۈنكى خېلى باياشات تۇرمۇش سەۋىيىمىز شەكىللەنگەن .ھازىرقى ياشلار بۇندىن 20-30يىل كىيىنكى ياشلار ئۈچۈن تېخممۇ باياشات بولغان جەمىيەت يارىتىپ بىرىشى ،ئەڭ بولمىغان شۇنداق گۈزەل بىر جەمىيەتنىڭ پەيدا بولىشىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشى كېرەك .شۇندىلا مىللەت ۋە تارىخ داۋاملىشىدۇ ......................... |
|