- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3416
- نادىر
- 0
- يازما
- 283
ئۆسۈش
47.2%
|
mahbusman يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 11:16
ئەگەر قانۇن نۇقتىسىدىن ئېيتساق،قانۇن تەرىپىدىن تېخ ...
گەپلىرىڭلا مىنىڭچە تامامەن ئورۇنلۇق!.
مەنمۇ بۇ ئۆمرىدە دەۋا قىلىپلا ئۆتىدىغان كىشىلەرنى خېلى كۆرگەنمەن.بىزنىڭ مەھەللىدە(بىزنىڭ ئۆيدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە)ئولتۇرىدىغان بىرئۇششاق تىجارەت قىلىدىغان خوشنىمىز بارئىدى،نەچچە يىلىنىڭ ئالدىدا بۇ كىشىنىڭ ئۆيى(ئاددىلا سېلىنغان 3ئېتىزدەك ئۆي ئىدى) بىر ئولتۇراق رايۇن قۇرۇلۇشىغا توغرا كەپ قالدى،شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىنىڭ ئۆيىنى چېقىپ ئورنىغا بىاندىن 150كۇۋادىرات(50كۇۋادىراتلىق ئۆيدىن ئۈچ يۈرۈش)لىق ئۆي، 100مىڭ يۈەندەك نەق پۇل تۆلەم بىرىدىغانغا ئۇقتۇرۇش قىلىندى.لېكىن بۇ كىشى بۇ تۆلەمگە قەتئى قوشۇلمىدى،ئەممائەتراپتىكى بارلىق ئاھالىلەر(200دەك ئاھالە) ئاللىبۇرۇن تۆلەمگە رازى بولۇشۇپ ئويلىرىنى چېقىپ بىكارلاپ بىرىپ بولغان ئىدى.ئارىلىقتىن بىرمەزگىلى ئۆتكەندە ئۇنىڭغا يەنە نەھىيە مەركىزىنىڭ سەل چەترەك يېرىدىن400كۇۋادىراتلىق ئۆيلۈك يەر بىلەن تۆلەم پۈلىغا يەنە 30مىڭ يۈەن قوشۇپ جەمى تۆلەم پۇلىنى 130مىڭ يۈئەنگە چىقىرىپ بەردى ،بۇكىشى يەنىلا قوشۇلمىدى. ئارىلىقتىن بىريىلدەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ بۇكىشىنى ھېچكىم قايىل قىلالمىدى. شۇنىڭ بىلەن قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەمۇرى ئورۇنلار قارار چىقىرىپ بۇكىشىنىڭ ئۆيىنى چاقماي بىنالارنى بۇكىشىنىڭ ئۆيىگە تاقاشمايدىغان قىلىپ قايتا لاھىيەلەپ قۇرۇلۇشنى قىلىۋەردى، بۇكىشىنىڭ ھېلىقى ئۈچ ئېتىز ئۆيى 6قەۋەتلىك نۇرغۇن بىنالارنىڭ ئارىسىدا يىل بويى كۈن نۇرى چۈشمەي قېلىۋەردى(بۇ ئۆي بىر بىنانىڭ تۈۋىدە ھېلىمۇ بار). بۇكىشى ئەمدى بۇئەلەمگە چىدىماي ئەرىز قىلغىلى تۇرغىلى بىر نەچچە يىل بولدى،يېقىندا ئاڭلىسام بۇكىشى بېيجىڭ ئۈرۈمچىلەردىن كەلمەي ئەرىز قىلىپ يۈرەرمىش،ئەرىز قىلىۋېرىپ بارلىق ئىختىزادى تۈگەپ قاق-سەنەم بوپ كەتكەنمىش.
بۇ كىشى بىلەن پاراڭلىشىپ قالسىڭىز تىللىمايدىغان ئادىمى يوق،خەلىق قۇرۇلتىيىنىڭ شۇ تۈرگە مەسئۇل بولغان مۇئاۋىن مۇدىرى،قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى،يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى،ئاھالىلەر كومتىتىنىڭ مۇدىرىدىن تارتىپ ئىشقىلىپ تىللىمايدىغان ئادىمى پەقەت يوق. |
|