- تىزىملاتقان
- 2013-9-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3325
- نادىر
- 0
- يازما
- 136
ئۆسۈش
44.17%
|
ilqi62 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 12:05
مەن يۇقارقى تىمىدا ئىلغار تەرەققى قىلغان دۆلەت ۋە رايۇ ...
قىرىندىشىم ئەينەك بولمىسا يۈزىڭىزدىكى داغنى قانداق كۆرىسىز؟مىنىڭچە قارىسام سىزمۇ مىللى مائارىپىمىزغا خىلى كۆڭۆل بۆلىدىغاندەك تۇرىسىز.لىكىن بىز كىمدىن ،نىمىنى ئۈگىنىمىز؟قۇدۇقنىڭ ئىچىگە كىرىۋىلىپ دۇنيا مۇشۇ دەپلا يۈرىمىزمۇ؟ياكى قەدىمقى زاماندا ئۆتكەن ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ داستانىنى دەستەك قىلىپ بىز ئۆز ۋاختىدا مۇنداق خەلقتۇق. پالانى كەشپىياتنى بىز ئىجات قىلغان ،دۇنيا مەدىنىيىتىگە مۇنداق تۆھپە قوشقاندەپلا ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ماختاپ،كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى ئالداپلا يۈرەمدۇق؟شۇ ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان ئالىملىرىمىز بىزنىڭ ھازىرقى ھالىمىزغا قاراپ ، نۇرغۇن ئىلغار ئىدىيەدىكى ، نادىر تىمىلارنى يوللاپ بىرىۋاتسا ،رەخمەت ئىيتماق يوق ،ئەكسىنچە بىزگە ماس كەلمەيدۇ،ئۇلار كىم ،بىزكىم دەپ يەنە كونا مۇقامغا ئۇسۇل ئويناپ ، خانلەيلۇننى بولىشىغا توۋلاپ ، جاھان خەلقى نەدە بىزنەدە بىلمەي يۈرىۋىرەمدۇق؟ ئۇنداق قىلمايلى. كۆرگەن كۆرگىنىنى قىلىدۇ،كۆرمىگەن نىمىنى قىلىدۇ.بىلىۋالايلى.كۆرۈپ تۇرايلى ، مەيلى ئىشلىتەلەيلى ،مەيلى ئىشلىتەلمەيلى ،بىر كۆرگەن ئەلا. جاھاننىمۇ چۈشىنىپ قالىمىز.خەقلەرنىڭ نىمە ئۈچۈن ئىلغارلىشىپ ، دۇنيانىڭ غوجىسى بولالىغىنىنى بىلەيلى.بولمىسا خەق نىمە دىسە شۇنىڭغا ئىشىنىپ ،نىمە قىل دىسە شۇنى قىلىپ ،ئىدىيىسى قاتمال ،ماشىنا ئادەمگە ئيلىنىپ قالمامدۇ؟ ئاللا بىزنى تەڭ ياراتقان،ھىچ كىشى ئاللا ئالدىدا يۇقۇرى -تۆۋەن ھىساپلانمايدۇ.پەقەت بىلىم -ئىختىدار ئالدىدىلا پەرقلىنىدۇ.شۇڭا ئۈگىنەيلى ، بىلىم ئالايلى.‹‹قۇرئا كەرىم››دىمۇ ‹‹ئۈگەن ،ئۈگەن››دىگەن.يەنە ‹‹بىلىم چىندا بولسىمۇ بىرىپ ئۈگەن ››دىگەنگەپمۇ بار.ھالا بۈگۈنكى كۈندە بىزگە كۈيىنىدىغان ،بىزگە ئىتىۋار قىلىدىغان،بىزنىڭ غىمىمىزنى يەپ شۇنچە جىددى ۋاختىلىرىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ، ئۆزخەلقىغە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ،نۇرغۇن تەتقىقاتلاردىن ،تەجرىبىلەردىن ئۆتكەن ، ئەڭ يىڭى بىلىملەردىن ، دەل ۋاختىدا ، ئەينەن ، تەرجىمە قىلىپ ،ئانا تىلىمىزدا خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرىۋاتىدۇ.قانچىلىك رەخمەت ئىيتساقمۇ ئازلىق قىلىدۇ.
|
|