- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 68761
- نادىر
- 7
- يازما
- 3076
ئۆسۈش
0%
|
شانىياز بۇ ئاي بۇ كۇنلەردە بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى . سەۋەبى ئۇنىڭ ئالدىنقى ئەسىردىن ئېشىپ قالغان ئاغىنىسى قاسىم تۇيۇقسىزلا ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپ توي قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى . توي دىگەن ئۇيغۇرنىڭ چوڭ ئىشى تورسا ،شۇنىڭدىن باشلاپ شانىياز ئاغىنىسى قاسىمنىڭ بۇ توي ئىىشغا جىددى قارىدى .چۇنكى دەپ ئويلايتتى شانىياز بىزمۇ توي قىلىپ باققاندە توي قىلارغا يېققىن توي قىلغۇچىنىڭ پىسىخىك بېسىمى ئېشىپ قولى ئىشقا بارمايدىغان ، ئەمما ئىش چاشتەك توللاپ كىتىدىغان ۋاقتى . شۇڭا شانىياز بىكار بولسىلا ئاغىنىسى قاسىمغا تىلفۇن سوقۇپ قىلىشقۇدەك ئشىلار بارمۇ دەپ سوراپ تۇرىدىغان بولدى .
قاسىممۇ تۇزۇت قىلماي ھېلى گىلەمنى ئۆيگە ئاپىرايلى دىسە ، ھېلى ئۆرۇمچىدىن تۇشۇپ كىلىىنگەن ماللارنى بەشىنچى قەۋەتكە ئېلىپ چىقىشقا چاقىراتتى .ھەتتا بەزىدە ھېچ ئىش بولمىسىمۇ شانىيازنى چاقىرىپ قۇرۇق پاراڭ سېلىپ ئانچە مۇنچە تاماق يەيلى دەپ تۇرۋالاتتى .ئاغزىدا چىرايىدا تەمكىنلىك بولسىمۇ شۇنداق بولىۋالسىمۇ شانىياز ئۇنى روھى ھالىتىنى چوڭقۇر چۇشۇنەتتى . بولغۇسى خاتۇنى بىلەن كۆرۇشكەندە ئېغىرراق بولۇشنى ئىسىگە سېلشىنى ئۇنۇتمايتتى .يۇرۇش دىگەن يۇرۇش ئۇ چاغدا ئۆزىنى سېخى سۈلكەتلىك كۆرسەتسە بولۇۋىرىدۇ ، ئەمما توي قىلىش دىگەن ئىقتسات سۇدەك ئاقىدىغان گەپ ، قىزچان نىمە ئالىدۇ ، سەن نىمە ئالىسەن ، قايسى بىر ئۇيغۇر تويىنى كۇچىنىڭ يىتىشىچە ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە قىلىشنى ئويلىمىسۇن . ئەمما توي قىلىشنىڭ ئالدىدا قىز بىلەن يىگىت ئەمدى رىئاللىققا چوڭقۇر شۇڭغۇپ سىز نىمە ئالىسىز ، مەن نىمە ئالىمەن دىيشىپ بىر بىىرىنىڭ كۆزىگە مەقسەتلىك تىكىلىشىدىغان ئىش . ئالاي دىسە بازارادا مال كاممۇ .مانا قاسىملارمۇ يىگىتنىڭ كۈيۆلىك پەتەڭگىسىدىن باشلاپ ئالغىلى تۇرغان ئۆيىنى توشقازدى ئاخىرى .بۈگۈن چۇشتە شانىياز ياسىلىۋاتقان ھوجرا ئۆيگە جىدەلنىڭ ئۈستىگىلا كىرىپ قالدى .
-ھەي بۇ پەردە نىم بولغىنى بۇ ؟سىز زادى قانداق ئۆلچىگەن . -بۇ قاسىمنىڭ بولغۇسى خاتۇنى ھاجىگۈلنىڭ ئاۋازى .شانىيازغا خېلى تۇنۇش بولۇپ قالغاچقا ئىشىكنى ئاچماي تۇرۇپلا بىلۋالدى
-ئۆھۆ شانىياز يالغان ھۆتىلىپ ھوجرىغا كىرىپ كەلدى .نىم بولدى نىم بولدى ، خانلىرىم .قىلغىلى بولمايدىغان نىمە ئىش بار بۇدۇنيادا ، نىمانچە سۆرىنچىلىك ، ماۋۇ ئاغىنىڭىزدىن سورىڭا قىلغان ئىشىنى كۆڭلۇم ھەجەپ يېرىم بولدى . ئۈرۈمچىدىن تۇمەن كويغا ئالغان پەردىلەر ئىدى بۈگۈن كەلگەن ماۋۇ پەردىلەر ، ماۋۇ ئاغىنىڭىز قانداق ئۆلچىدىكىن تاڭ ، پەردىلەر كالتە بولۇپ قاپتۇ .شانىياز شۇنداق قاراپ بېقىۋىدى ، پەردىلەر راستىنلا ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ ئىشتىنىدەك ئوشۇقنىڭ ئۇستىدە تۇراتتى .كېرەك يوق كېرەك يوق ، بىزنىڭ تەكەخانمۇ پەردىمىز قىسقىراپ قاپتۇ دەپ بىرنىمىلەرنى قىلىپ ئۇزارتقان .بۇ ئىشنى ماڭا تاپشۇرۇڭلار مەنلا ئوڭشىتىۋېتىمەن .
ئۆزلە قانداق ئۆلچىگەن ئاداش ، قورساق ئاچ ۋاقىتتا ئۆلچەپ قويغانمۇ يا ، - قانداق بوپ قالدىكىنتاڭ مەنمۇ خېلى كۆڭۈل قويۇپ ئۆلچىگەن ،-ھە كېرەك يوق كېرەك يوق مەن بۇ پەردىلەرنى ئالغاچ كىتەي ، تەكەخان بىزنىڭ پەردىلەرنى ئوڭشىغان پەردىچى بىلەن ئاقىلەشسۇن ، -شۇنداق قىلىپ شانىياز ھەممە ئۆيىنىڭ پەردىسىنى بىر سۇمالغا قاچىلاپ ماشىنىسىنىڭ ئارقىسىغا سېلىپ ئاۋۋال ئىدارىسىگە ئاندىن ئۆيىگە قايتتى . شانىياز ئۆيگە كىلىشىگە مىزىلىك سۇيۇقئاشنىڭ پۇرۇقنى پۇراپلا پەردىنىڭ ئىشىنى پۇتۇنلەي ئىسىدىن چىقاردى
. ناماز شامنى ئوقۇپلا سۇيۇقئاشقا ئولتۇردى . تەكەخان ئىككىنچى قاچا سۇيۇقئاشنى شانىيازغا سۇنغاچ غوتۇلداپ قويدى ، شۇ قاسىمنىڭ تويىمۇ بوپ كىتەر ، يا بۇ ئادەم ئۆيگە كىرمىگەن .لالما ئىتتەك شۇنىڭ مۇرجىقىدىلا يۇرگەن . شانىياز تەكەخانغا ھومۇيۇپ قاراپ ،-ئىششىڭنى قىلە قانى چوڭ سەن نىمىنى بىلىسەن . ھە راست ئۇلارنىڭ پەردىسى كالتە بوپ قاپتىكەن . مەن تەكەخان ئوڭشىيالايدۇ دەپ ئەپ كەلدىم .ماشىنىنىڭ كەينىدە قالدى .
-ۋىييەي نىمە دەيدىغانسىز .مەن قانداق ئوڭشىغىدەكمەن ؟ - ھېي قانى چوڭ ، ئا ۋاقتىدىمۇ بىزنىڭ ئۆينىڭ پەردىسىنى بىرىم بىرىم قىلىپ ئۇزارتىپ كەلگەندەك قىلغانتىڭغۇ ؟ - ۋاي ۋۇي ماۋۇ ئەدەم نىم دەيدىغاندۇ ئەمدى . ئۇ دىگەن مۇنداق چازا قىسىدىغان پەردە تۇرسا ، تىكىشىدىن سۆكسىلا ئىش پۇتۇدۇ ، ھازىر دىگەن تويلاردا تۆشۇك تىىشپ توخماققا ئۆتكىزىدىغان پەردىلەر مودا تۇرسا ، ھە پەردىسى قانداقكەن ؟ -- ھە ھە ھە ، شۇ تۆشۇگى بادەك تۇرامدۇ نىمە ، توخماختىن چىقارغاندەك قىلغان شانىياز سەل دودۇقلاپ قالغان بولسىمۇ تىزلا ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى . نىمە قىلساق قىلىپ ئاۋۋال بىر پەردىچى كەسىپ ئەھلىنى تاپمامدۇق ، تۇمەن كەيلىك پەردىمىش . -ساراڭ بولدىڭىزمۇ سىز نىمە دەپ بۇ پەردىنى كۆتۇرۇپ كىلىسىز ، ئىككىسى قانداق قىلسا قىلمامدۇ ؟ - ھېي ماۋۇ خاتۇن ساراڭمۇ سەن ،ئاغىنەم تۇرسا ، ئىككىسى قىر يېغى چىقىپ سوقۇشۇۋاتسا ياردەم قىلمايمەنمۇ ئەمدى . تەكەخان شانىيازنىڭ كىيىنكى گەپلىرىنى ئاڭلاشقا تاقىتى قالماي ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ پەردىلەرنىڭ زادى چازا قىسىدىغان ياكى تۆشۇك تىشىلگەن پەردە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى ئاللىبۇرۇن پەسكە چۇشۇپ كەتكەن ئىدى .(داۋامى بار )
|
|