- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71012
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
شۇنداق قىلىپ شانىياز بىلەن تەكەخان خېلى بىر پەس گەپ قىلىشماي مېڭىپ ، لېفىتكە چىقىپ تەتۇر كەيگەن كالاچتەك ئىككى تەرەپكە قاراپ تۇردى . لېفىت ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىشىغا تەكەخاننىڭ ساۋاقدىشى سەۋرىگۈل لېفىتتە كىرىپ كەلدى .ۋاي بۇ تەكەخانغۇ جېنىم ئادىشىم نەگە ماڭدىڭلار، تەكەخان ساۋاقدىشى بىلەن قاچارلىرىنى يېقىشىپ قوچاقلىشىپ كۆرۇشۇپ بولۇپ ،-نەگە باراتتۇق ، ماۋۇ بىزنىڭ ئەدەم تاپقان ئاۋرىچىلىقنى ئوڭشىغىلى ماڭغان .دەپ ئۆزىنىڭ كىلىش مەقسىتىنى قىسقىچە چۇشەندۇردى .سەۋرىگۈل تۇرۇپ كىتىپ يا بولمىسا كىلەر يەكشەنبە يەرمەنكە بازىرىغا ئېلىپ بىرىپ سېتىپلا ۋەتسەڭلار بولمىدىمۇ . ،-نىم دەيدىغانسەن ئاداش ، بۇ دىگەن شانىيازنىڭ خان ئاچىسىنىڭ پەردىسى ، ئۇ خېنىمنىڭ تويىغا ئۇچ كۇنلا قالدى. بۇ گەپ ئاقمايدۇ .ئەمما نەگىلا ئاپارساق قازاننىڭ قۇلىقى تۆت بولىۋاتىدۇ ئاداش . شانىياز تېشىدا كۇلۇمسىرەپ بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرسىمۇ ئىچىدە دەھشەت ئاچچىقى كەلدى .مەن بۇ ئشىنى يەڭ ئىچىدە ھېچكىم تۇيماستا بىر تەرەپ قىلۋېتەيلى دىسەم ،بۇ تەكەخان دىگەن مۇڭقۇي ھەممە ئادەمگە يېيىق قىلىۋېتەمدۇ نىمە . ۋاي تەكەخان مەنمۇ كۆرۇپ باقايچۇ ئاشۇ تۈمەن كويلۇق پەردەڭلار قېنى قولۇڭلىدا يوققۇ ؟ ھە ئەتتىگەندىن بۇيان ئون نەچچە يەرگە يۇدۇپ ئېلىپ كىرىپ ما ئەدەم ھېرىپ قالغانمىكى كيىنكى پەردە دۇكانلىرىغا پەردىنى ئەكىرمەيلا ماندا ماندا پەردە ئۇزارتالامسەن دەپلا قويىۋاتىدىغۇ ، ماشىننىڭ ئارقىدا قالدى . ئۆزىمىزنىڭ تويىدىمۇ بۇنچولا قىپ كەتمىگەن بۇ غوجام . ماقۇل ئاداش دىدى تەكەخان سەۋرىگۈل بىلەن خوشلۇشۇپ بىرەر كۇنى ئىنتىزاردا خوگو يىگەچ ئولتۇرۇپ ئەرلىرىمىزنىڭ غەيۋىتىنى تازا بىر قىلىشايلى .
ھىم دىدى ، شانىياز سەۋرىگۈل كەتكەندىن كىيىن ، خەپ تەكەخان ئۆيگە بىر بېرىپ باقىلى خوگۇ يەمسز موگومۇ بىر كۆرۇپ باقاي ھە .
ئۇلار تۆتىنچى قەۋەتتىكى پەردىخانىلارنى ئالا قويماي ئايلاندى. يەنىلا جاۋاپ ئوخشاش ئامال يوق ئۇزاتقىلى بولمايدۇ . ياكى نەدە بۇيرۇتقان بولساڭ شۇ يەرگە ئاپار .ئەبلەخ ئەمدى تويغا ئۇچ كۇن قالغاندا بۇنى كۆتۇرۇپ ئۆرۇمچىگە ئېلىپ چىقامدۇق . شانىيازلار سولغۇن ھالدا قايتىش ئۇچۇن لېفىتنىڭ يېنىغا كەلدى .لېفىت ئېچىلىپ بىر زىلۋا بويلۇق تەتەي شانىيازغا ئىللىق كۇلۇمسىرەپ نازلىنىپ تۇرۇپ سىلەرنىڭ پەردە تىكتۇرىدىغان ئىشڭلار بارمىتى . شانىياز ياق ياق بىز پەردە تىكتۇرمەيمىز .تەكەخان سىز تونۇمسىز ، بۇ تەتەي بىزگە بەك قىزغىنغۇ كىم بۇ ؟ تەكەخان سەل تۇرۇپ كىتىپ بايقى سىز ياردەملەشكەن تۈلكە جىن شۇكەن .ھە شۇنداقمىكەن . ،-شانىياز ئۆزىنىڭ راستىنلا بىر پەردە توغۇرلۇق باش ئاغرىتىدىغان ئىش بىلەن چۆگۇلەپ يۇرگەنلىكىنى تەتەيگە ئېيتتى . ،-ھە مۇنداق دىگىن دىدى تەتەي ئۇنداق بولسا مېنىڭ دۇكىنىمغا بېرىپ ئالدىرماي ماڭا سۆزلەپ بەرگىن مەنمۇ ئۇزۇن يىللىق پەردە دۇكىنى ئاچقان .بەلكىم ساڭا ياردىمىم يىتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .شۇنداق قىلىپ شانىيازلار تەتەيگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ دۇكىنىدا تەتەي كۆرسەتكەن كىرىسلۇغا چۆكتى ، تەتەي بىر ياقتىن ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ بىر ياقتىن قەغەز ئىستاكانغا قايناقسۇ قويۇپ ئۇلارنى ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى .تەكەخان ئىچمەيلا قويدى .ئۇنىڭ قالايماقان بىرنىمە يىسلا بىر نەرسىدىن گۇمانلانسىلا كانىيى پۇتۇن بولۇپ ئىشىشپ چىقاتتى .ئەمما شانىياز تۇزۇت قىلمايلا قايناقسۇنى ئىچىشكە باشلىدى .
تەتەي ئۇلارنىڭ سۆزىنى بىر قۇر ئاڭلاپ بولۇپ پەردە قېنى مەن شۇ پەردىنى بىر كۆرەي ، دىدى . شانىياز بىلەن تەكەخان پەردىنى سەن ئېلىپ چىق دىسە سەن ئېلىپ چىق دىيىشىپ قىزىرشىپ قالغىلى تاس قالدى. ئاخىردا تەتەي كۇلۇمسىرەپ تۇرۇپ ، ئەڭ ياخشىسى پەردىنى دوستۇڭلارنىڭ ھوجۇرسىغا ئېسىڭلار مەن سىلەر بىلەن تەڭ بېرىپ ئاشۇ ئۆينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ، پەردىلەرنى بىر كۆرۇپ باقاي دىدى .
قاسىملارنڭ ھوجۇرسى . ھوي قاسىم ئاخۇن مېھمان باشلاپ كەلدىم ، ئاداش ئشىكىڭلىنى ئېچىڭلا . نىماندا ئاچالمايسىلەر ئىشىكىڭلىنى ، يا بولغۇسى ئايالىڭىنى ئالدىراپ كىتىپ ئەكىرۋالدىڭلىما ئۆيڭلىگە ،كۇپكۇندۇزدە . ئالدىرمىساڭلىما ئۇچ كۇن قالدى شۇ قاسىم پىلۇموتتەك چىقىۋاتقان بۇ چاقچاقلارغا قانداق ئىنكاس قايتۇراي دەپ تۇرغاندا كۆزى تەتەيگە چۇشۇپ قالدى .ھە شانىياز ئاخۇن خوتۇننى ئىككى قىلۋالاي دەمسىلەر نىمە ، نەدىن تاپتىڭلار بۇ خېنەنلىك گۈزەلنى.
-يۇەنتۇڭدا ئۆتۇپ كىتىپ بارسام مېنى ئەپ قويساڭ دەپ ئالدىمغا كەپتىكەن . بوپتۇ موسۇلمان بول ، ئىمان ئېيتساڭ تەكەخاندىن سوراپ بېقىپ ئالسام ئالاي دىدىم. دىدى شانياز مۇرىسىدىكى پەردىلەرنى يەرگە قويغاچ . |
|