- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71012
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
شانىياز چۇشتىن كىيىن تازا بىر ئۇخلىۋالاي دەپ ئەمدى يېتىشىغا قاسىمدىن تېلفۇن كەلدى . ھېلقى تەتەي ھېلىغىچە يوق ئاداش سىلىدە تېلفۇن نومۇرى بارمۇ ؟ -تۆنۇگۇن بارتى بىراق تەكەخان ھە بولدى ، سىلەمۇ قىززىقكەنسلە ئاداش ، پەردە ئۆزلەنىڭ بولغاندىن كىيىن بالدۇرراق كوش قىلىپ تېلفۇن نومۇرى دىگەنلەرنى ئالغۇلۇقتى ئەمەسمۇ ؟-ھازىر ھاجىگۇل ئۆينى بېشىغا كىيىپ پەردىنىڭ جىدىلىنى قىلۋاتىدۇ ، ئاداش بىر يەڭگىل بولۇپ ئاشۇ تەتەينى تېپىپ كەلمىسلىرى بولمايدۇ دەيمەن . -كەچلەرگىچە كەپ قالار .شانىياز تېلفۇندا ھاجىگۇلنىڭ سەت چىقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى . -بوپتىلا مەن تېپىپ كىلەي ئۇ تەتەينى . بەلكىم تەكەخان كەلگۇچە بۇ ئىشلارمۇ تۇگەپ ئۆيگە بۇرۇن قايتىپ كەلسەم ھېچنىمە كۆرمىگەندەك ئولتۇرارمەن شۇ . شانىياز شۇنداق خىياللار بىلەن چاپىنىنىڭ يېڭىنى سېپىپ ئۆيدىن ئالدىراش چىقتى .ماشىنا بىلەن يۇەنتۇڭغا يىتىپ بارغاندا كۇن غەرىپكە قىيىسىيىپ خېلى بىر يەرگە بىرىپ قالغان ئىدى . شانىياز تەكەخانغا بەرگەن ئۆيدىن چىقماسلىق ۋەدىسىنى ئويلاپ بۇرۇختۇم بولغان ھالدا لېفىتكە چىقىپ تۆتىنچى قەۋەتتىكى پەردە بازىرىغا قەدەم باستى .
شانىياز تەتەينىڭ پەردە دۇكىنىغا كىرىپ ، خۇددى بايراقتەك قەپقىزىل كۆينەك كەيگەن ئاق سۇزۇك پەردىچى تەتەيگە قاراپلا تەكەخاننىمۇ ، تەكەخانغا بەرگەن ۋەدىسى ئۇچۇن پەيدا بولغان بۇرۇختۇملۇقنىمۇ ئۇنۇتتى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسغا شەيىخ مۇسلىمىدىدىن سەئىد شىرازىنىڭ ئۇچۇرىسا ناۋادا ئاي يۇزلۇك خۇلقى بەلەن ، بىلەكتىن قولتۇقلا چىراقنى ئۆچۇر دىگەن مىسرالىرى لەيلەپ يۇرەتتى .-كەل دىدى تەتەي خۇددى ئۇنىڭ كىلىشىنى ئالدىن پەرەز قىلغاندەكلا .كىرىسلوغا ئولتار ، چاي ئىچەمسەن قەھۋەمۇ ،-گۇزەللەر قولىدىن سۇ ئىچىشمۇ بىر بەخىت .نىمە بىلەن سۇغارساڭ مەيلى ، دىدى شانىياز .شانىياز شۇ تاپتا تىلىنىڭ ئۇزۇراپ قىلۋاتقانلىقىنى غۇۋا ھىس قىلدى . -قەھۋە ئىچكىن . ساپ قەھۋە مېنىڭ بىلىرۇمدە ماڭا ئۇچۇرىغان ئۇيغۇرلار ئانچە قەھۋە ئىچىپ كەتمەيدۇ .-بىلسەڭ گۇل يۇزلۇكۇم (مېي نۈي ) قەھۋەنى مۇسۇلمانلار ئىجات قىلغان . مانا ماۋۇ قولۇمدىكى ساراي ئۆينىڭ پەردىسى كۆرۇپ باققىن ، شانىياز پەردىنى قولى بىلەن تۇتماقچى بولۇپ تۇيۇقسىز تەتەينىڭ ئۇزۇن ئەمما سوغۇق ، يۇمشاق ئەمما ئورۇق بارماقلىرىغا تىگىپ كەتتى . شۇ تاپتا شانىياز گويا توك سوقىۋەتكەندەك بىر سىزىم ئىچىدە كۆز ئالدىدىكى بۇ پەردىچى پەرىنىڭ قىرچىن تالدەك بويىنى ، لەمجىندە ئاتقان پاختىدەك يۇمشاق لېۋەن بەدىنىنى سىكونىت ئىچىدە ئويلاپ بولدى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسى قۇپقۇرۇپ بولۇپ ، كاللسىنىڭ بىر يەرلىردە پەيدا بولىۋاتقان گۇناھ تۇيغۇسىمۇ ئۇنچىلىك كۇچىيىپ كىتەلمىدى. شانىيازنىڭ غەليانچى كۆزلىرى پەردىچىنىڭ تىنىق كۆلدەك كۆزلىرى بىلەن دەقىقە ئۇچرىشىپ قالدى . پەردىچى تاتلىق كۇلۇمىسرەيتتى .شانىيازغا گويا ۋاقىت كەينىگە يېنىپ ئۆزىنىڭ ۋاقىت كارىدورىدىن ئۆتۇپ 20 يېشىغا بېرىپ قالغاندەك نە ئۆي ، نە خوتۇن ، نە ئوغلى ئەمەتجان ھەممە ھەممىسى ئسىىدىن كۆتۇرۇلگەندەك قىلاتتى . بىراق شانىياز پەقەتلا بىر نەرسىنى ئۇنتىيالمىدى . بۇ ئۇنتۇيالمىغان نەرسە ئۇنىڭغا كىچىك ۋاقىتلىردا بۇۋىسى دەپ بەرگەن -بالام ئاللا تائالا بىزنى كۆرۇپ تۇرىدۇ ، كىچە كۇندۇز كۆرۇپ تۇرىدۇ .ھەتتا بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى ئويلىرىمىزنىمۇ ھەر ۋاقىت بىلىدۇ ، دىگەن سۆزلىرى ئىدى . مانا موشۇ سۆزنى شانىياز دائىم تەكرار ئەسلەيتتى .ھەم ئاللاھنىڭ كۆرۇپ تۇرىدىغانلىقىغا كۆڭلىدە ھېچقانداق گۇمانى يوق ئىدى . بايقى قوللارنىڭ تىگىشىپ قېلىشىدىن پەيدا بولغان چېقىن شانىيازنىڭ ھىسيات رومكىسىنى بىراقلا دوڭغايتىپ خۇددى يانار تاغ تاشقاندەك تومۇر تومۇرلىرىدا بىر خىل ياۋايى قىزغىنلىقنى پەيدا قىلغان ئىدى . ئەمما ئاشۇ پارتىلىغان يانار تاغنىڭمۇ تىگىدە بىر خىل كۆمۇلگەن گۇناھ تۇيغۇسى شانىيازنى سۇس غىدىقلايتتى . پەردىچى تاتلىق كۇلۇمسىرەپ ئۇنىڭغا ئۆزى دەملىگەن قەھۋەنى سۇندى . شانىياز قەھۋەنى قولىغا ئالغۇچە بۇ يۇمشاق ئەمما سوغۇق قوللارغا يەنە بىر قېتىم كالامپايلارچە تىگىپ كەتتى .بەلكىم ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئېڭى بۇخىل تاسادىپىلىقنى سادىر قىلىشقا بۇيرۇق بەرگەندۇ . بەلكىم شانىيازنىڭ راستىنلا ھەممىنى قايرىپ قويۇپ ئۇنىڭ قولىنى يەنە بىر قېتىم تىگىشكەن باھانىدا سىلىغۇسى كەلگەندۇ . بۇ دۇنيادا سەتەڭ ئاياللارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۇتۇۋىلىش نۆۋىتىنىڭ بىزنىڭ ھىكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى شانىيازغا كەلگەنلىكىنى قارىمامدىغان .
بىر قېتىم تاسادىپى تىكىلىشىپ قاراشقاندىن كىيىنلا قىسقىغىنا ئوننەچچە مىنۇتتا بىر قانچە قېتىم كۆزلەر بىر بىرىگە تىكىلىشپ قالدى . ئەسلىدە شانىيازنى شانىياز قىلىپ تۇرغان تەكەخان كەنتۇق ، بۇگۇن بۇ سورۇندا تەكەخان يوق ، شانىياز پەرىدىخانىنىڭ ئىچىدە كۆزى بىلەن سۇزۇپ ئوينىغىلى تۇردى . تەتەي ھېلى شانىيازغا قەھۋە جىقلايمەن دەپ توقسان گىرادوس ئىگىلىپ سەرەمجانلىرىنى كەڭ كۇشادە كۆرسەتسە ھېلى ساغرىسىنى پوسكايتىپ شانىيازغا تەتۇر قاراپ ئالدىدىكى كومپۇيۇتۇرغا ئىڭىشەتتى . ئەمدى شانىياز ئۆزىنىڭ ھازىرغىچە بولغان كاللسىدىكى تەجرىبىلەرنى ئەرەختەن پەرەختەن قىلىپ ئايال دىگەن ئۇقۇمغا باشقىدىن تەبىر بىرىشكە توغرا كەلگەندەك بولۇپ قالدى . شۇ تاپتا پەردىچىنىڭ شاگىرتى بولمىغان بولسا بۇ پەردىخانىنىڭ پەردىسى يېپىلىپ قالامتۇ نىمە ، بۇ بىزنىڭ باش قەھرىمانىمىزنىڭ ئىمانىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش بولغاچقا قالايماقان پەرەز قىلغۇمىز يوق ئەلۋەتتە .
نازۇ كەرەشمىلەردىن كاللسىى ئايلانغان شانىياز تەتەينىڭ ياردەمچىسىنىڭ تەتەيگە قاراپ ماشنا چاقىرايمۇ دىگەنلىكىگە قارىتا كۆزىنى قىىسپ قويغانلىقىنى كۆرمىدى . شانىياز بىلەن تەتەي ھاھا تىي تىي قىلىپ نىمىلەرنى دىيىشكەنكىن تاڭ بىرنىمىلەرنى دەپ قاسىملارنىڭ ھوجۇرسىغا قاراپ ماڭدى . |
|