- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71012
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
تەتەي ساراي ئۆيدىكى پەردىگە قاراپ :
-بۇنداق پەردە كۆپ ئۇچۇرمايدۇ ، بۇ پەردىنىڭ ئايىغىدىن ئون بەش سانتا پۈكۇپ قويغان يېرى باركەن ، -ھە چۇشەندىم -دىدى شانىياز ، بۇ تەتەي بايىتن بىكارغا زوڭزايماپتىكەندە .ھەممىسى موشۇ تەكەخاننىڭ ھاڭگامىسى ، ۋاي تۆشۇك تەشكەن پەردىنى ئۇزارتىشقا بولمايدۇ ، تۆشۇكى بار تۇرسا دەپ كەتسە مەن پەردە دىگەننى چوقۇم بېشىدىن ئۇزارتىدىغان ئىشكەن دەپ ئويلاپ كاللامغا سىڭدۇرۋاپتىمەن ، مانا مۇنداق ئاياغ تەرىپىگىمۇ بىر قاراپ باققۇلۇقتى ئەمەسمۇ ،
-ئەسلىدە -دىدى تەتەي شانىيازغا قاراپ -ئاغىنەڭنىڭ ئۆلچىشىدە مەسەلە يوق ، بۇنىڭ ھەممسىى ئۆرۇمچىدىكى پەردىچىلەرنىڭ ئىشى ، قانداق ئىشكىن تاڭ بۇنداق ئۆرۇمچىدىن پەردە ئېلىپ كىلىپ يا قىسقا بولۇپ قالغان يابولمىسا ئۇزۇن بولۇپ قالغان ئىشلار بەك كۆپ ، يەتمىش سەكسەن پىرسەنىت ئۆرۇمچىدە پەردە بۇيرۇتقانلار دەل سىلەرگە ئوخشاش ئاۋارچىلىققا قېلىپ پەردە دۇكانلىرىغا ئاپپىردۇ ، نۇرغۇن پەردە دۇككانلىرى ئاۋارچىلىقتىن قورقۇپ ياكى پايدا ئاز بولغانلىقتىن رەت قىلىدۇ .
ھە ئەسلىدە قاىسم ئاخۇننىڭ پەردە ئۆلچىشىدە خاتالىق يوقكەندە ،ھەممىسى ئۆرۇمچىدىكى پەردىچىلەرنىڭ بىپەرۋالىقىدىن بولغان ئىشكەندە ، ئەمما تويغا ئۇچ كۇن قالغان تۇرسا ئۆرۇمچىگە چىقىپ زوكۇنلىشىىشقا كىمنىڭ چولىسى .
-ئۇنداقتا قانچە بولدىكەن ھىساپلاپ باقە
-ئۇچ پەردىنىڭ ھەممسىنىڭ لەپلىمىسى باركەن ، ئۇنىڭ لەپلىمىسىگە ئىشلەيدىغان ئىش بار ، يەنە ئايرىم توخماق ئورناتمىسا بولمايدۇ . مونۇ چاچا قىلساق ، سۆكۇپ ئوڭىشىساق ، يىغىپ كەلگەندە 730 سوم بولدىكەن .
-پۇتۇنلەپلا ۋەتمەمدۇق . -ياق بۇنى بىر ئادەم قىلمايدۇ ، سۆكۆش باشقا ئورنىتىش باشقا .-مەيلى ئەمىسە ،تەكەخان پۇلنى ساناڭلا ، بۇ بىزنىڭ خىنىمىز بولاپ كەتسۇن . تەكەخان سومكىسىدىن ئىككى مىڭ كوينى چىقىرىپ قاسىمنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى . -تەكەخان مەن سېنى پۇلنى تەتەيگە بەر داۋاتىمەن . - خىنا دىگەن خىنا ، ياردەم دىگەن ياردەم ، مەن توي كۇنى قولۇمنى بۇرنۇمغا تىقىپ دەپتەرگە پەردەڭلەرنىڭ رىمونىت ھەققى بىزدىن دەپ يازغۇزالمايمەن. ھەممە ئىش يولى بىلەن كەلمىسە بولمايدۇ .يېڭى كەلگەن كىلنچەك باغۇ دەپتەرنى تونۇيدۇ. شانىياز بىلەن قاسىم بىر بىرىگە قاراپ قاقاقلاپ كۇلۇشۇپ قويدى .شانىياز ئۆزىنىڭ گىپىنى يىرغان تەكەخانغا غۇچچىدە ئاچچىقى كەلدى . بىراق تەتەي ئۇلارغا قاراپ تۇراتتى . شۇنداق قىلىپ ئۇلار تەتەي بىلەن ئەتە كەچكىچە پۈتۇن ئىشنى پۇتتۇردىغانغا چىڭدىشىپ قاسىمنىڭ ھوجۇرسىدىن چىقتى . پەلەمپەيدىن چۇشۇپ كىتۋېتىپ شانىياز ئاستا تەكەخانغا دوق قىلدى . بۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئۆيدە سەن ئەر بولساڭ بولغۇدەك .تاماقنى مەن قىلىپ قاچىلارنى مەن يۇياي ، ئۆينى سۇپۇرۇپ ،كىرلارنى مەن ئېرىغداي . -ھوھوش ئۇنچۇلا دەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . سىز باغۇ يەنىلا تالانىڭ ئىشىنى قىلىۋىرىڭ .خىنىغا كەلگەندە مېنىڭ گىپىمنى ئاڭلاڭ .گەپكە كەلگەندە سىزگە تەڭ كىلەلمىسەممۇ ، كاللام سىزنىڭكىدەك ئىشلەپ كەتمىسىمۇ ئەمما خىنىنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقىنى بىلگۇچىلىكىم بار . |
|