- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71012
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-3 15:00
ھاسىراپ ھۆمۇدەپ بەشىنچى قەۋەتكە يىتىپ چىققان تەكەخان ئىشىكتىن كىرىپلا يۇغان ئىنچىكە ۋاقىراشقا باشلىدى . سىز كاللىڭىزدىن كىتىپىسىز ، بۇ تۆشۇك تەشكەن ،توخماققا ئۆتكۇزىدىغان پەردىكەن ، بۇنى قانداقمۇ ئۇزارتقىلى بولسۇن . تېخى بىز قىلالايمىز دەپ پەردىلەرنى يىغىشتۇرۇپ كەلگەنلىكىدىن ئۆرگىلەي ، موشۇ سەۋەپتىن تويغا سۇغاقچىلىق چۇشسە سىز مەسئول بولالامىسز .پەردىنى قىزنىڭ قانچىلىك ئىسەنكىرەپ تاللايدىغانلىقىنى سىز بىلەمسىز ؟
-قورۇق گىپىڭنى قوي ، سەن ياپەردىچى بولمىساڭ ئۇزارتقىلى بولمايدىغانلىقىنى سەن نەدىن بىلەتتىڭ . ئاۋۇ پەردىچى ئاچاڭغا تىلفۇن سوقە شۇ بىر نىمە دەپ باقسۇن .
-دىسەم دىمىسەم شۇ ، بۇدىگەن تۆشۇك ئېچىپ توخماققا ئۆتكۇزىدىغان پەردە ئىكەن .
- مەن سېنى تېلفۇن سوق دەۋاتىمەن ھېي بىلەرمەن گۇي ، ھېلى بىكار دەسسەپ مىجىقىڭنى چىقىرۋەتمەي يەنە . تەكەخان شانىيازنىڭ كۆزىدىكى بىلىنەر بىلىنمەس غەزەپنى ھىس قىلىپ يەتتى . ۋە پەس ئاۋازدا ،- مەندىن ئالامدىكىنە ئاچچىقىنى دىگىنىچە ھېلقى پەردىچى تونىشىغا تىلفۇن سوققىلى باشلىدى . تېلفۇندا تۆشۇك تەشكەن پەردە بولسا ئۇنى ئۇزارتقىلى بولمايدۇ دىگەن جاۋاپنى ئالدى .
بۇ قېتىم پەردىنى ئۇزارتىمەن دەپ مەيدىسگە ئۇرمايدىغان ئىشكەنتۇق .ئەمدى راستىنلا تەكەخان دىگەندەك ئۇزارتالماي قالسا ئاغىنەمنىڭ تويىغا بىرەر كۆڭۇلىسزلىك تېپىلىپ قالارمۇ ؟ ئويلىغانسېرى شانىيازنىڭ ئىچى پۇشتى 。 بىزنىڭ باش قەھرىمانىمىز شانىيازنىڭ ئىچى پۇشسىلا ئايالى تەكەخاننى ھېلى ئۇ ئىشقا ھېلى بۇ ئىشقا بۇيرۇپ دىگىنىدەك قىلالمىسا تىللاپ سوراققا تارتىپ كىتەتتى . ئىلگىرىكى ئىچ پۇشۇقلىرى بۇگۇنگە ياماقمۇ بولالمايتتى .ماڭ تەرەت سۇيى تەييار قىل، مەن خۇپتەننى ئوقۇيمەن . تەكەخان داۋاملىق ئۆزى تەرەت سۈيى تەييارلايدىغان شانىيازنىڭ بۇگۇن نىمە ئۇچۇن ئۆزىگە تەرەت سۈيى تەييارلىتىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلگەچكە شاققىدە تەرەت سۇيى تەييارلىدى ، مەن ساڭا ئالتىنچى ئاينىڭ تەرەت سۇيىنى تەييارلا دىمىدىم ،ئون بىرىنچى ئاينىڭ تەرەت سۇيىنى تەييارلا داۋاتىمەن مۇڭقۇي خوتۇن .
-ۋاي سوغاق بولۇپ قاپتۇمۇ ، مانا ھازىر چۆگۇن ھازىلا قاينايدۇ ،-ئەكىلا ۋاي ،ھېچ بىر ئىش كۆڭۇلدىكىدەك ئەمەس بۇ گۇينىڭ ، شانىياز خوتۇنىغا مۇنداقلا دىگەن گەپ بىلەن يەنە پەردىنى ئويلاپ ئىچى داۋاملىق پۇشتى ، بىسمىللاھ ئەي رەببىم تەرەت ئېلىش بىلەن مېنىڭ ئىچى پۇشۇقۇمنى يوق قىلغىن ، تەرەت ئېلىش بىلەن مېنىڭ كۆڭلۇمگە يورۇقلۇق ئاتا قىلىغىن . ماۋۇ پەردىنىڭ ئىشىدا ماڭا ئوڭۇشلۇق بەرگىن ................................
خۇپتەندىن كىيىن شانىياز تەكەخانغا ناۋات چاي ئىچىكىسى بارلىقىنى ئېيتتى . تەكەخان شاپاشلاپ يۇرۇپ ۋاي چەنلۇڭ غۇجام ناۋات چاي ھازىرلا تەييار ،دەپ ساز قىلىپ يۇرۇپ ناۋات چاينى تەييار قىلدى .كىم سېنى ئاق ناۋات سالسۇن دەپتۇ ھاي ساراڭ كەمپىر ،ئۆزەڭ ئىچ بۇ نىمەڭنى ، ئۆتكەندە ئىراننىڭ زەپىرى ئارىلاشتۇرغان سېرىق ناۋاتتىن دەملىمەمسەن . شۇنداق قىلىپ ئىراننىڭ سېرىق ناۋىتىدىن دەملەنگەن چايمۇ تەييار بولدى . تەكەخان ئەسلىدە كەچلىك تاماقنى يىمەي ئورۇقلاۋاتقان بولسىمۇ ئاق ناۋاتتىن دەملەنگەن چاي زايە بولمىسىۇن دەپ ئۆزى ئىچىشكە باشلىدى .شانىياز تەكەخاننىڭ ئىچىپ بولاي دىگەن ئاق ناۋات چېيىغا قارىغىنىچە شەيتىنى تۇتۇپ كۇلۇۋەتتى . ئەسلىدە ناۋات دىگەن بۇ نەرسە ئورۇقلايدىغانلار يېققىن يولايدىغان نەرسە ئەمەس ، چۇنكى بەزەن تەتقىقاتلاردا دىيىلىشىچە ناۋات、 پۇتۇنلەي بەدەنگە شۇمۇرلۇپ كىتەمىش .
ئەتىسىى شانىياز بىلەن تەكەخان ئىدارىسىدىن رۇخسەت سوراپ كوچىمۇ كوچا يۇرۇپ ھېلقى سۇمالغا قاچىلانغان مالىنى ھەر بىر پەردىچىگە كۆرسىتىشكە باشلىدى . جاۋاپ ئوخشاش ئامال يوق ئۇزارتقىلى بولمايدۇ . قومۇلدىكى ئون نەچچە پەردە دۇكىنىغا كىرىپ جۇلىقى چىققان شانىيازغا ئەڭ ئېغىر كەلگىنى يەنىلا ماشىنا توختىدىغان جاينى تاپالماسلىق بولدى . |
|