قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: abdulquddus

ئىسىم لوغىتى چىقماسلىققا نىمە سەۋەپ بولدى ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

3

دوست

2603

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9364
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 197
تۆھپە : 681
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-11 01:48:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ArpatKurban يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 23:15
ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتىكىن ئەپەندىم بىلەن كۆرشۈپ باقامس ...

ماۋۇ پىكىرنى قوللايمەن

0

تېما

0

دوست

19

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32073
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-12 00:18:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

4847

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   94.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7701
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 954
تۆھپە : 853
توردىكى ۋاقتى: 684
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-12 11:24:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلىكىم لۇغەت بازارغا سېلىنسا سېتىلماي قېلىشتىن ئەنسىرىگەندۇ

aaot=oghuztigin=和平之子

43

تېما

7

دوست

8398

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   67.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10330
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1498
تۆھپە : 1545
توردىكى ۋاقتى: 284
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 12:23:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇلقۇددۇس ئەفەندى:كىشى ئاتى سۆزلۈكلەرى چىقىرىش توغىسىدىكى يازمالارىڭىزنى كۆرۈپ قاتتىق ئېچىندىم،سىز دېگەن ئاۋۇ 2 لۇغەتنىمۇ كەمىنەڭىز تىل-يازۇق تىجارەتچىسى بولغاچقا كەسف ئېھتىياجى سەۋەبىدىن سېتىپ ئالغانتىم،خوش ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك؛ مەن چىقارغان بىر نەچچە كىتابلاردىكى تەجرىبەلەر ئاساسىدا سوزلىسەم ئادەتتە لۇغەت كىتاب تىراژىغا قارايدۇ،ئەڭ كۆپ بولسا 1-قېتىمدا جىقاراق بولسا 5000 دانە باسىدۇ،ئەگەر ھەقىقەتەن كاتتا ئەسەرلەر،ئىجتىماىي ئۆنۈمى ئالاھىدە كاتتا بولسا ،بىر ياكى بىر نەچچە قېتىم نەشرى بولسا ،بۇ نەشريات ۋە سىزگەمۇ بەلگەلىك ئىقتىسادىي ئۆنۈم يارىتىدۇ،ھازىرقى دەۋر 21-ئەسىر،ئۇچۇر دەۋرى،بىلىم ئىگىلىگى دەۋرى..........،ھەرقانداق يەردە ئىقتىسادىي ئۆنۈم 1-ئورۇنغا قويۇلىدۇ،مەنچە بولسا سىز تېخىمۇ تىرىشىشىش ئارقىلىق كىتابىڭىز دۆلەت ئىچىدە چىقىرىش ئىمكانىيەتى بولماسا نېمىشكە چەتئەللەردە ئۆز يازۇقىمىزدا ياكى شۇ يەردىكى ئاساسىي ئۇلۇس تىلىدا چىقارمايسىز؟ بەزى كىتابلار چەتئەلدە چىقىرىلىپ ئاندىن دۆلەت ئىچىدە چىقىرىلسىمۇ بولىۋېرەتتى،بۇ ئاساسلىقى سىزگە باغلىق بولۇشى مۇمكىن.دۆلەت ئىچىدە كىتاب نومۇرى)isbn( ساتىپ ئالماقلىق،تەكشۈرىش-تەھرىرلەش ھەم مەزمۇنىنى ئىزۋىت قىلىش،سەزگۈرلۈك.....دەگەندەك ئىشلار بىلەن ئاز دەگەندە 4-5 تۈمەن خىراجەت كەتەدۇ،ئەگەر ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭىز ياخشى بولسا ئوزىڭىز فۇل خەجلەپ،كىتاب تىراژىنى ئۆزىڭىز ھەل قىلساڭىزمۇ بولىدۇ،ئەگەر ئىمكان بولمىسا نەشرىيات سودىگەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ،ئۇلار مەبلەغ چىقارسا،پايدانى بەلگەلىك نىسبەتتە تەڭ بولۇشۇپ 5000 دانە كىتابنى 10000 دانە قىلىپ باسسىڭىزلەرمۇ تەننەرقىنى بەك يۇقۇرى قىلىۋەتمەي ئاۋام پۇخرا بولۇپمۇ تىل يازۇق خىزمەتچىلەرى ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار... قوبۇل قىلالىغادەك ھالەتتە نەشر قىلىش ئىمكانىيەتى بولماسمۇ؟يەنە بىرسى سىز بەلگەىلىك ھالەتت ئېلان-تەشۋىقات ئېلىپ بارساڭىز،ئۇرۇغ-تۇۋغقان،خۇلۇم قوشنا،ساۋاقداشلار،تونۇش-بىلىشلەر........دىنمۇ ئۆنۈملۇك پايدىلانساڭىز مۇنۇ كىتاب ئوراش-قاچىلاش،تەشۋىقاتى،كاتتا شەخسلەردىن بىرەسىنى تەكلىپ قىلىپ، تور ياكى كۆرگۈ ......لەردە ئانچە-مۇنچە تەشۋىق قىلساڭىز،نامىڭىز چىقىش بىلەن بىرگە يەنە بەلگەلىك ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىسىز،ئېسىڭىزدە بولسۇنكى "زىيالىي-بەزىدە باشقالاردەك ئىقتىسادىي ئۆنۈمنىلا قوغلاشسا بولمايدۇ،شۇڭا بەزىدە ئاخماقكلاردەك بولۇشقامۇ توغرا كېلىدۇ"بۇ مېنىڭ كۆڭۈل سۆزلەرىم،مەندەمۇ ھازىر 4-5 كىتاب ئارگىنالى بار، ئەمما بۇنى ھازىرچە نەشردىن چىقارمايمەن،شارائىت پىشىپ يېتىلسە ياكى چەتەلدە نەشر قىلىشنى ئويلۇشىۋاتىمەن،خەير ئامان بولۇڭ،ئوغۇل بالىدەك بولۇڭ! ئاتا-ئاناڭىز سىزنى ئوغۇل بالا دەپ تاپقان-تۇۋغقان،بۇ پەقەت سىزنىڭ بىر سادىق ئوقۇرمەنىڭىز ھە بىر زىيالىينىڭ كۆڭۈل سۆزى خالاس،ئامان بولۇڭ،خەير خوش
ئاخىرىدا سىز ۋە بارلىق ئۇيغۇرلارغا بىر كۇبلېت تازا(ساف=ساپ-ئەرەبچە)ئۆزۈم يازغان شېئىر بولماسىمۇ ئۆز تور ئاتىم باش ھەرفدىدىن باشلانغان شېئىرنى ئەرمۇغان قىلماقچىمەن.

ئالدىرىماڭ  بىرەر   ئىشقا،  چاغلار  كېتەرمىش،
ئالدىرىغان، بىر چاغدا ۋايساپ،ئۈن سالۇرمىش.
ئويلاڭكى-بۇ ئاجۇن شۇنداق، رەڭدار ئىكەنمىش،
تېڭىرقاش،ئىزدەنىش-چالىش...لار كەچمىش بولۇرمىش!

2

تېما

37

دوست

4905

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   96.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 1543
توردىكى ۋاقتى: 322
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 17:26:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulquddus تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-14 01:06  
ohuztigin يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 12:23
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇلقۇددۇس ئەفەندى:كىشى ئاتى سۆز ...


     ۋائەلەيكۇم ئەسسالام!
     ھۆرمەتلىك ئوغۇزتىگىن ئەپەندىم!
     ئىنشا ئاللاھ سالامەت ، ئوبدان تۇرىۋاتىدىغانسىز؟
     قىممەتلىك ئىنكاسىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.
     مەن كىتاپنى ئىنسانى ۋىجدانىم ، مىللىتىمگە ، جۈملىدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بولغان ئىلمىي مۇھەببىتىم بىلەن يازغان ئىدىم.  چۈنكى، ئىنسان بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەن ، مانا شۇنداق روھى پەزىلەت بىلەن ياشىمىسا ئۇنى ئادەم دەپ قارىماسلىق كېرەك. شان – شەرەپ، ئوردېن، مۇكاپات  قوغلۇشۇپ ئىش قىلىش ئەقلى – ھۇشى جايىدىكى ئىنسانغا ھەرگىزمۇ ياراشمايدۇ، ئەلبەتتە. تۇغۇلۇشۇمدىن رەھمەتلىك دادام – ئاپاملارنىڭ (جەنابىي ئاللاھ ئۇلارغا فىردەۋس جەننىتى ئاتا قىلغاي، ئامىن!) ھالال ئوزۇقلاندۇرىشى بىلەن يىتىلگەن بۇ پاك تۇيغۇلىرىم سەۋەپلىك ، باشقا جەھەتلەردىن تاشقىرى، ئىلىمدە بىرەر ياخشى ئىش قىلىش ئىستىگى ھەر قاچان روھلاندۇرۇپ تۇرىۋاتقاچقا، نۆۋەتتە مىللىتىمىزنىڭ تىل –يېزىق گۈزەللىگىدىكى تەڭداشسىز قىممەتلىك ئالاھىدىلىكلىرى ساپاسىز، سەۋىيىسىز كىشىلەرنىڭ «تەرجىمە» ئىشلىرى داۋامىدا «تاشقا ئۇرۇلغان گەۋھەر»دەك پارام –پارچە بولۇپ كېتىۋاتقاچقا ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىشنى زۆرۈر دەپ بىلىپ، ئاخىر يازمامدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدىكىدەك مانا شۇ «چەتئەل كىشى ئىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىش قوللانمىسى» ناملىق لۇغەتنى تەييارلىغان ئىدىم ۋە بۇسەۋەپىك نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرگە دۇچ كەلسەممۇ سەۋر قىلغان، چىدىغان ئىدىم.
     ئەمما بۇ لۇغەتنىڭ تەقدىرىنىڭ بۇ قەدەر پاجىئەلەرگە دۇچار بولىشىنى نىمە بىلەي؟
     كۆپ ئەپسۇسكى ۋە مەن قاتتىق ئېچىندىمكى (ھەم ئېچىنىۋاتىمەنكى)، «گۈھەر ياتىدۇ سايدا ، تۇنىمىساڭ نە پايدا» دېگەندەك، نەشرىياتتەك بىر ئالىي دەرىجىلىك ئىلمىي ئورگان بۇ خىل لۇغەتنىڭ ئىلمىي ، تارىخىي قىممىتىگە بۇ قەدەر ئەھمىيەتسىز قاراۋاتىدۇ. مۇنداق قىلىش ئىلىم ساھەسىگە ياراشمايدىغۇ؟!
     بۇنىڭغا ئەمدى نىمە دەي؟ بۇ زادى ئاق سۈت ئىمىپ چوڭ بولغان ئىلىم ئەھىللىرىدە بولىدىغان پەزىلەتمۇ؟
     خەيرىيەت، بۇ كىتاپنى سىز دېگەندەك بىر ئىش قىلاي، دېسەم، بىرىنچىدىن ئىقتىسادىم يوق. ئىككىنچىدىن ۋاختىممۇ يوق. چۈنكى، 32 يىل بوپتۇ، شۇ «قايسى تىل دۇنيا تىلى بولالايدۇ؟؟؟» ناملىق كىتاپنى يېزىۋاتقىلى. بۇ كىتاپ شۇ تاپتا 1800 بەتلىك بولۇپ ، جىددىي تەھرىرلىك باسقۇچىدا داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ ئىشنى ئەمدى توختۇتۇپ قويسام بولمايدۇ.
     مەلۇم بولغىنىدەك، ھېلىمۇ ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىگىدە ئىسىم - ناملار تەرجىمىسىنىڭ توغرا قىلىنماسلىغىدىن ئىبارەت زور بوشلۇقنىڭ مەۋجۇتلىغى سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان ئىسىم –ناملار خاتا ۋە قالايمىقان تەرجىمە قىلىنىپ ، ئۇيغۇر تىل – يېزىغىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئىلمىي ، تارىخىي ئەۋزەللىگى ۋە قىممىتى ئاز يوقۇتۇشلارغا دۇچ كەلمىدى. بۇ يامان ئاقىۋەتكە يانىلا سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋەرسەك بولماس...!!!
     شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى نەشرىيات توختامغا ئەمەل قىلىپ تېز تۇتۇپ نەشر قىلغىنى تۈزۈك(؟)
     ئاخىرىدا، شۇ قىممەتلىك تەكلىۋىڭىز ئۈچۈن تەكرار رەھمەت ئېيتىمەن، جەنابىي ئاللاھ تىنىڭىزنى سالامەت، ئىلمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلغاي، ئامىين!

2

تېما

37

دوست

4905

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   96.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 1543
توردىكى ۋاقتى: 322
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 18:08:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ohuztigin يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 12:23
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇلقۇددۇس ئەفەندى:كىشى ئاتى سۆز ...

ئەھمەتجان ئەپەندىمنىڭ تەرىپلىشىچە، نەشرىيات ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ھازىرقى مۇدىرى ئەركىن شېرىپ دېگەن كىشى ئىكەن ۋە بۇ كىشى ناھايىتى سەۋىيىلىك ، ياخشى ئادەم ئىكەن. ئىنشا ئاللاھ  شۇنداق بولغاي ۋە نەشرىيات ئۇيغۇر بۆلۈمى شۇ كىشىنىڭ ۋاستىسى بىلەن كونىلارنىڭ خاتالىقلىرىغا خاتىمە بىرىلىپ،  ئۇيغۇر ئىلىم دۇنياسىغا يېڭىچە تەرەققىيات، گۈللىنىش مەنزىرىسى ھەدىيە قىلغاي، ئامىن.
مەن ئەمدى شۇ كىشى بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشنى ئويلىۋاتىمەن. ئىنشا ئاللاھ بۇ كىشى بۇ ئىشنىڭ روياپقا چىقىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.....

1

تېما

0

دوست

1661

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   66.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26211
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 494
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 13:11:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ohuztigin يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 12:23
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇلقۇددۇس ئەفەندى:كىشى ئاتى سۆز ...

مېنىڭچە تەكلىپلىرىڭىزمۇ خېلى ئورۇنلۇق ، تىل-فونتىكىسى يېقىن دۆلەتلەر بولسا شۇ دۆلەتلەردە ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلدۇرسا ياكى شۇ دۆلەتنىڭ تىلىدا نەشىر قىلدۇرسىمۇ بولىدۇ ، بىلىم دىگەننى ئورتاق پايدىلانغۇلۇق ؛ ئەمما ئەسكەرتىش كېرەككى بۇ يەر دىگەن جۇڭگو ، يەنە كىلىپ شىنجاڭ ! بىرتال چىۋىن چىگرادىن كىرسىمۇ بەش ئەجدادىغىچە تەكشۈرۈرىدۇ ، رېنتىگىندىن ئۆتكۈزۈپ  ئاندىن كىرگۈزىدۇ ، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى نەشىر بۇيۇملىرىنىڭ چىگرادىن كىرگۈزۈلۈشكە رۇخسەت قىلىنىشىغا شەخسەن مېنىڭ كۆزۈم يەتمەيدۇ . ئۇيغۇر دىيارىدا يۇرتتىن يۇرتقا بارسىڭىزمۇ يېرىم يولدا تەكشۈرمىگەن كېنىشكىسى ، سۈرۈشتۈرمىگەن ئاتالمىش كارتىلار ، كۆرمىگەن يانفۇنلىرىڭىز قالمايدۇ

2

تېما

37

دوست

4905

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   96.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 1543
توردىكى ۋاقتى: 322
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 15:35:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Pishamshan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-14 13:11
مېنىڭچە تەكلىپلىرىڭىزمۇ خېلى ئورۇنلۇق ، تىل-فونتىكىس ...

توغرا ئېيتىسىز. دل شۇنداق بولغاچقا، بۇ لۇغەتنى بۇ يەردە نەشر قىلدۇرغاندىن كۆرە ۋەتەندە نەشر قىلدۇرغان كۆپ ياخشى. جۈملىدىن، بىز ئىسىم - ناملار تەرجىمىسىدە بىۋاستە چەتئەلچىسىدىن ئەمەس ،% 99 خەن تىلىدىكىسىدىن تەرجىمە قىلىمىز.  ئەمدى ئىسىم - ناملارنىڭ چەتئەلچىدىن خەن تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشىغا قارىساق ئەسلى تەلەپپۇزدىن بەكمۇ يىراق . شۇڭا بۇ خىل لۇغەتنىڭ ئەسلى ئوبىكتى ئۇيغۇر تەرجىمانلىرى ئىدى. شۇ جۈملىدىن بۇ لۇغەتنىڭ چەتئەللەردە ئانچە قىممىتى يوق دەپمۇ قارايمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )