- تىزىملاتقان
- 2014-12-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 142
- نادىر
- 0
- يازما
- 7
ئۆسۈش
47.33%
|
مىنىڭچە، ئابدۇلقۇددۇس ئەپندىنىڭ ئەمگىكىگە ئاپىرىن ئېيتىش كىرەك!... ئانا تىلىمىزنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئاجىزلاپ بېرىشى بىزنىڭ لۇغەت تۈزمىسەكمۇ بولىدىغانلىقىمىزدىن، ياكى ئون نەچچە يىل شۇ ساھەدە تىرىشىپ-تىرمىشىپ كىلىۋاتقان تۆھپىكارلىرىمىزنى تىللاپ، خەلىق ئالەمگە سازايى قىلىشقا يول قويىدىغانلىقىمىزدىن دىرەك بەرمەيدۇ. ئەينى چاغدىكى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ دۇنيا تىلىغا ئايلىنىشى» بەلكىم تىلىمىز تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، نۇرغۇن يازمىلارنىڭ قالدۇرۇلغانلىقى، ھەمدە تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ باشقا تىللارغا قارىغاندا ياخشىلىقى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ ئوتتۇرىغا چىققان بولىشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە ئاساسسىز گەپ بولمايدۇ. قايسىبىر ئارخولوگنىڭ:«دۇنيا تارىخنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئىنگىلىزتىلى بىلىدىغان ئادەم ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان ئادەم كىرەك»، دىيىشىمۇ تارىخى ئىسپاتلارنى كۆزدە تۇتقانلىقى ئېنىق. «دۇنيا تىلىغا ئايلىنىش» ئارزۇسىنى بەلكىم خەقلەر ئەمەس، ئۆزىمىز دەل مۇشۇنداق بىر-بىرىمىزنى زاڭلىق قىلىپ، ئەمگىكىنى چەتكە قېقىپ، ئۆزىمىزنىڭ قىلغىنىمىزنىڭ تايىنى يوق يۈرگەنلىكىمىز...سەۋەبىدىن كۆپۈككە ئايلانغان، ياكى باشقىلاردەك تىرىشمىغانلىقىمىز كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىسىم تەرجىمە قىلىشقا كەلسەك، بۇ ئەرزىيدىغان ئىش، مەسلەن مەن بىر چەت ئەل تىلى ئۈگەنگۈچىسى، نۇرغۇن چەتئەل تىلى ئۈگۈنگۈچىلىرى تىزراق ئالغا بېسىش، شۇ تىل مەدەنىيتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۆزىگە چەتئەلچە ئىسىم قويىشۋالىدىكەن، ئەمما شۇنچە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى چەتئەلچە ئىسىممۇ قويمىدىم، چۈنكى مەن نۇرغۇن ئىسىم بىلگىنىم بىلەن، ئۇ ئىسىملارنىڭ مەنىسىنى، قانداق ئادەملەرگە ماس كىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. يەنە مەسلەن، ئۇيغۇرچە «ئەركىن» دىگەن ئىسىمنى ھەرخىل يېزىقلاردا ئىپادىلىگىلى بولىدۇ، ئەمما خەق ئۇنىڭ نىمە مەنا ئاڭلىتىدىغانلىقىنى بىلمىسە، قۇرۇق شەكىل دەپ قارىسا، بۇ يىتەرلىك ئەمەس دەپ ئويلايمەن. بۇ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بەك مۇھىم!
ئابدۇلقۇددۇس ئەپەندى، ئەمگىكىڭىزنى داۋاملاشتۇرغايسىز، بۇ ھامان مىللەت ئۈچۈن ئۆلمەس تۆھپە بولۇپ قېلىشى مۇقەررەر، ئىنشائاللاھ كىيىنچە ئىلىكتىرونلۇق لۇغەت قىلىپمۇ ئىشلەشكە ئۈلگۈرەرمىز!
مۆھتىرەم ئوغۇزخان، سىز بۇ لۇغەتكە ئىنتايىن زور قارشىلىق بىلدۈرۈپسىز، ئويلاپ قالىدىم، شۇنداق چوڭ بىر ئىشقا تىل تەككۈزەلىگەن يەردە، ئەتە-ئۆگۈن نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈدەك بىر ئەسەرنى مەيدانغا كەلتۈرىشىڭىزگە قاتتىق ئىشەندىم! كەمىنىڭىزنىڭ بۇ سۆزلىرىگىمۇ نەشتەردەك سۆزلىرىڭىز بىلەن رەدىيە بەرمەسىتن، چۇقۇم شۇ زور ئۇتۇق قازانغان ئەسىرىڭىزنىڭ تىراژىغا مەن ئۈچۈن ئايرىم بىر سان قۇشۇپ قويىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، رەھمەت سىزگە!
سۆزۈم توغرىمۇ ياكى خاتامۇ بىلمەيمەن! قالغىننى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە قويدۇم! |
|